قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2289|ئىنكاس: 15

قاقاقلىۋېلىڭ!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

0

دوست

3806

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  177
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 945
تۆھپە : 523
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 10:52:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر توپ ئەسكەر دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قاپتۇ . ئوفىتسىر ئەسكەرلەرگە :
ئەسكەرلىرىم ،باتۇرراق بولۇڭلار !ھايات قالىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئىككى قولىمىزغا تايىنىشىمىز كېرەك ،چۈشەندىڭلارمۇ ؟-دەپتۇ .
چۈشەندۇق ،- دىيىشكىنىچە دۈشمەنلەر گە تەسلىم بولۇپتۇ . 
.......................................
توي كېچىسى يىگىت قىزدىن سوراپتۇ :
سىز بۇرۇن مەندىن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ ؟
قىز بۇ سۇئالنى ئاڭلاپ جىم بولۇپ قاپتۇ . يىگىت قىزنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەندىن كېيىن :
خاپا بولماڭ مۇنداقلا سوراپ قويغان .
قىز :نىمىگە خاپا بولاتتىم ،مەن تېخى ساناپ بولالمىدىم .
......................................
تەبىئەت دەرسى ئۆتىدىغان مۇئەللىم بىر ئوقۇغۇچىدىن : 
پۇتۇڭغان قانداق ئاياق كىيىۋالدىڭ ؟ -دەپ سوراپتۇ .
ئوقۇغۇچى : خۇرۇم ئاياغ.
قېنى دەپ باقە خۇرۇم نەدىن كەلگەن ؟ -سوراپتۇ مۇئەللىم .
ئوقۇغۇچى: ...  ...
سېنى خۇرۇم بىلەن تەمىنلىگەن زادى قايسى ھايۋان دەۋاتىمەن ؟- دەپ قايتىلاپ سوراپتۇ مۇئەللىم .
ئوقۇغۇچى دەرھاللا :دادام ،دەپتۇ.
..........................
               
بىر مەسىت ئېھتىياتسىزلىقتىن بىنانىڭ ئۈچۈنچى قەۋېتىدىن چۈشۈپ كېتىپ ،ئەتىراپىغا بىر دەمدىلا ئادەم توپلىشىپ كېتىپتۇ .ساقچى توپ ئارىسىغا كېرىپ سوراپتۇ؟
نېمە ئىش بولدى ؟
بىلمىدىم ، مېنىڭمۇ ھازىرلا بۇ يەرگە كېلىشىم ،-دەپتۇ مەسىت . 
.....................................
بىر كۇنى بىر بوۋاي تۇققان يوقلاپ غۇلجىغا بېرىپ ، تۇققىنىنىڭ ئويىنى تاپالماي ، كوچىدا كېتىپ بېرىپ ، بىر نەچچە ياش بالىلار يولنىڭ بويىدا پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان يەرگە كېلىپ قاپتۇ ، بوۋاي بۇ ياش بالىلاردىن سوراپ باقاي دەپ ، تۇققىنىنىڭ ئادىرسىنى سورىسا ، بۇ ياش بالىللارنىڭ ئىچىدىن بىرسى ، بوۋاينى ئەخماق قىلىش ئۇچۇن --- سىلى سورىغان جاينى مەن بىلىمەن ، مەن دەپ بىرىشتىن ئىلگىرى سىلىدىن بىر تېپىشماقنى سورايمەن ، دەپ بىرەلىسە سىلە سورىغان جايغا ئاپىرىپ قويىمەن --- دەپتۇ ، بوۋاي --- بولىدۇ سوراڭ ---- دىسە ، ياش بالا تېپىشماقنى باشلاپتۇ :
--- ئالدىدا بىر چاقى بار ، كەينىدە ئىككى چاقى بار ، تۇز يەردە كېتىپ بېرىپلا ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ ، ئۇ نىمە ؟
--- ئايرۇپىلان .
---ئايرۇپىلان ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، شۇ نەنىڭ ئايرۇپىلانى ؟ ئامىركىنىڭمۇ ، گىرمانىيەنىڭمۇ ، ياپۇنىيەنىڭمۇ ، جۇڭگونىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن .
--- ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن .
--- ئۇنداق بولسا يەنە بىرنى سوراي ، ئىككى تۇمۇر رېلىسنىڭ ئۇستىدە ئۇزۇن بىر نەرسە نۇرغۇن يۇكنى ئېلىپ ماڭىدۇ ، ئۇنىمە ؟
--- پويىزغۇ .
---پويىز  ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، شۇ نەنىڭ پويىزى ؟ ئامىركىنىڭمۇ ، گىرمانىيەنىڭمۇ ، ياپۇنىيەنىڭمۇ ، جۇڭگونىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن .
--- ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن .--- دەپ بولۇپ بوۋاي بۇ بالىنىڭ ئۆزىنى كولدىرلىتىۋاتقانلىغىنى سېزىپ ئاچچىغى كەپتۇدە ياندۇرۇپ ئۇ ياشتىن سوراپتۇ :
--- مەن سەندىن بىر تېپىشماق سوراپ باقاي ، سەن جاۋاپ بىرەلەمسەن قېنى ؟
--- سورىسىلا .
--- سەن بىلەن ماڭا ئوخشاش ئادەم ، چېچىنى ئۇزۇن قويىۋالىدۇ ، قېشىغا ئانچە مۇنچە ئوسما قويىۋالىدۇ ، قولىغا خېنە قويىدۇ ، ئويدە بولسا تاماق ئېتىدۇ ، كىر قات يۇيىدۇ  ، ئۇنىمە ؟
--- ئايال كىشىغۇ .
--- ئايال كىشى ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، مەن ئاناڭمۇ ، ئاچاڭمۇ ، سىڭلىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن ...... .
.....................................
ئانا خۇشنىسىگە  قىزى ھەققىدە قاخشاشقا باشلاپتۇ:بۇ زاماننىڭ باللىرى بەك بالدۇر يولدىن چىكەتتى .قاراڭ تېخى ئەمدى 16ياشقا كىرگەن تۇرۇپ ئۇغۇل دوستىن بىرنى تېپىۋاپتۇ.بۇگۇنمۇ يەنە ئۇغۇل دوستى بىلەن باغچىغا بارىمەن دەپ  ئانىسىنىڭ 32ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇنىنىمۇ   ئۇنتۇپ قالغىنىنى بۇ بالىنىڭ!
.........................
ساۋاتسىز بىر مۇماي نەۋرىسى بىلەن تېلىۋېزور كۆرۇپتۇ.بۇ ۋاقىتتا ئىكراندا  ئافرىقىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلىق توغرىسىدا نەق مەيدان خەۋەرى بىرىۋېتىپتىكەن.
موماي:ئاۋۇ كىشىلەر كىم بۇلىدۇ بالام؟ ئۇلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
نەۋرىسى:ئۇلار ئافرىقىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەركەن ،يىگىلى تاماقىمۇ يوقكەن ئۇبىچارىلەرنىڭ.
موماي:نىمە !يىگىلى تاماق يوق...؟ ئالدامچىلار ...ئەمىسە ئۇلار نەدىكى پۇلغا چېچىنى بۇدۇر قىلدۇرىدۇ.
نەۋرىسى:......
.......................
بىر ئايال ئۇزىنى بەك دۆت،ھىس قىلىش ئىختىدارى  تۇۋەن دەپ قاراپ .دۇختۇرنى ئىزلەپ بېرىپ ئۇنىڭدىن ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان دۇرا ياساپ  بىرىشنى ئۇتۇنۇپتۇ.
دۇختۇر ئۇنىڭ 5مىڭ يۇئەن پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن،ئۇنىڭغا بىر ھەپتىلىك دۇرا بىرىپتۇ.
بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ ئايال دۇختۇرنى ئىزلەپ كىلىپ دورىنىڭ ئۇنىمى بولمىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ.دۇختۇر ئۇنىڭغا دورا مىقتارىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىپ بىر ئايلىق دۇرا بىرىپتۇ .بىر ئايدىن كېيىن ئۇ يەنە دۇختۇرنى ئىزلەپ كېلىپ :دوختۇر مېنىڭچە سىز مىنى ئالداپسىز ! سىزنىڭ ئۇ دۇرىڭىزنىڭ قەتئى ئۇنىمى يوقكەن دەپتۇ.
دۇختۇر :بۇ دورا سىزگە پايدا قىلغاندەك قىلىدۇ .ھىس قىلىش ئىختىدارىڭىز ئەسلىگە كېلىۋېتىپتۇ!
.....................
كېچىدە بىر ماشىنا قاتناش ساقچىسى تەرىپىدىن  تۇسۇپ قېلىنىپ تەكشۇرلۇپتۇ.
ساقچى:سىز نىمىشقا كىچىدە ماشىنىنىڭ   چىرىغىنى  ياندۇرماي يول يۇرىسىز ؟
شوپۇر:كەچۇرۇڭ باشلىق !ماشىنام تۇنۇگۇن  بىر ماشىنا بىلەن سۇقۇشۇپ كېتىپ ئالدى چىرىغى بۇزۇلۇپ كەتكەن.
ساقچى:مەن سىزنىڭ پىراۋىڭىزنى كۆرۇپ باقاي.
شوپۇر:پىراۋام تېخى چىقمىغان.
ساقچى:ياخشىغۇ !بىراقلا ئىككى تۇرلۇك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپسىز .مەن سىزنى قاماپ قويسام بۇلغۇدەك.
شوپۇرنىڭ ئايالى:باشلىق ، باشلىق توختاپ تۇرۇڭ!ئۇنىڭ گەپلىرىگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ ،ئۇ يالغان ئېيتىۋاتىدۇ.بايا ئۇ  كۆپرەك ئىچىپ قويغان شۇڭا قالايمىقان سۆزلەۋاتىدۇ!  
1271409364_78398200.jpg
ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىگە ئامال تېپىلىدۇ!

16

تېما

0

دوست

8126

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2335
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1665
تۆھپە : 1367
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 14:33:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇرەتتىكى ئاۋۇ قىزچاقنىڭ كۆرۇۋاتقىنى ئۇيغۇرچە گېزىتمۇ نىمە ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

6218

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3420
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1275
تۆھپە : 1036
توردىكى ۋاقتى: 863
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 15:27:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدانلا قاقاقلىۋالدىم       

15

تېما

0

دوست

3806

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  177
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 945
تۆھپە : 523
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 17:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا يۈز بېشى!
تەتۈر تۇتىىۋالغان ئۇيغۇرچە گېزىت.
ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىگە ئامال تېپىلىدۇ!

29

تېما

3

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   48.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3149
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7066
تۆھپە : 4197
توردىكى ۋاقتى: 563
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 18:33:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى yuzbexiدە2011-11-30 14:33يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سۇرەتتىكى ئاۋۇ قىزچاقنىڭ كۆرۇۋاتقىنى ئۇيغۇرچە گېزىتمۇ نىمە ؟  

قىزچاققا گىزىتنى سىز بەرگەنمۇ يا ؟

1

تېما

0

دوست

3097

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  233
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 738
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 11:51:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ قىززىق ئىكەن ، بۈگۈنكى ھاردۇقۇم ئوبدانلا چىقىپ قالدى .

0

تېما

4

دوست

685

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28469
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 13:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

impiria سالونى

7

تېما

1

دوست

1693

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9092
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 118
تۆھپە : 460
توردىكى ۋاقتى: 276
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 17:54:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مىكىيان بولمىغاندىكىن قاقاقلىمىدىم. ھى ھىھ ىھىھىھىھىھىى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )