ئالتۇننىڭ ئۆسۈش بازىرى ئەمدى باشلىنىدۇ FX168 تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى
ABS گۇرۇھى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بۇ يىل ئالتۇننىڭ باھاسى ھەر ئۇنسىيەسى 1400 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەندى، دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئورگان يەنە ، بۇلتۇر 12- ئايدا ئالتۇن ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا تەگكەن، گەرچە قىسقا مەزگىللىك چۈشۈشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن 1200 ئامېرىكا دوللىرى نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ، چوڭ سودا يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، ئالتۇن يېڭى بىر ئۆسۈش بازىرىغا كىرگەن، ھەم بۇ ئەمدى باشلىنىشى ،دېدى.
ABS مۇندا قارايدۇ: يەرشارىدىكى ئاساسلىق پۇللارنىڭ ئۆرلىشى ھەم كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مەنفى ئۆسۈم نىسبىتىنى قوللىنىشى ئالتۇننى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.ئۇنىڭدىن باشقا ، مەيلى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بولسۇن ياكى جۇڭگوغا ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئالتۇنىدا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولدى، بۇ ئەھۋال يىل ئاخىرىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ 1400 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. گەرچە بۇ يىل يىل بېشىدا ئالتۇننىڭ باھاسىدا چوڭ ئۆسۈش كۆرۈلگەن بولسىمۇ ، لېكىن نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قولىدىكى ئالتۇن سەپلىمىسى يەنىلا نۆل، چوڭ خەتەرگە يولۇققان ئەھۋال ئاستىدا مال مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.
|