قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 12487|ئىنكاس: 75

[بوزقىر] گوركىيدىكى جانباقتىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرۋايىم پەلەك

48

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 900
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 7487
تۆھپە : 3929
توردىكى ۋاقتى: 3129
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 11:16:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 گوركىيدىكى جانباقتىلىق   

دى ما
 بوزقىر تەرجىمىسى   

        ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا سوۋېت ئتتىپاقىنىڭ سولۇۋېتىس ئارىلىدىكى ئەمگەك بېلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدا مارزاكوف ئىسىملىك جىنايەتچى ئارالدىن ئوڭۇشلۇق قېچىپ چىقىپ،ئەنگىلىيىدە تەرجىمىھال خاراكتىرلىك كىتاب-«دوۋزاق ئارىلىدا»نى نەشىر قىلدۇردى.بۇ كىتاب ياۋروپادا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.بۇنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى سېياسىي جەھەتتىن ئىشەنىچىلىك ھەم دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بىر يازغۇچىنى ئارالغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ،ئۇنىڭ قەلىمى بېلەن«سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەشۇ چەت ئەل نەشىر ئەفكارى»نىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايماقچى بولۇپ،گوركىيغا نەزىرىنى تىكتى.  
         1929- يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى گوركى كېلىنىنى ئېلىپ، دۆلەتلىك زوڭتۇڭ مۇھاپىزەت ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا سولۇۋىېتس ئارىلىغا كەلدى.تۈرمە نازارەت دائىرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن ،ئارالنىڭ مۇھىتى ھەمدە كۆزگە چېلىقىدىغانلىكى ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىى بىر باشتىن پەردازلاپ چىقىلدى. جۇلدۇر كېپەن جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ،بىرزېنىت چېدىرلارغا ئورۇنلاشتۇردى.يىراقتىن قارىماققا،خۇددى بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەت دۆۋىسىگە ئوخشايىتتى.مەيلى نېمىلا دېمەيلى گوركىي ئۇ يەردىن مەسىلە بايقىماي قالمىدى.ئۇزۇن ئورۇندۇقلاردا يېتىشىپ ئارام ئېلىۋاتقان جىنايەتچىلەر قېتىرقىنىپ گېزىت كۆرىۋاتقاندەك قىلسىمۇ ئەمما،ھەممە گېزىتلەر تەتۈر ھالەتتە تۇتۇلغانىدى.بۇنىڭدىكى مەقسەت ‹‹پۇرولېتارىيات سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى››(لېنىن)گە بۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساقتىلىقىنى بىشارەتلەش ئىدى.ئەپسۇسكى،گوركىي ئۈن-تىنسىز ھالەتتە ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ تەتۈر تۇتۇلغان گېزىتلەرنى ئوڭشاپ قويدى. 
      دەل شۇ چاغدا تۈرمە باشقۇرۇش دائىرلىرى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.بالىلارنى بېقىش-تەربىيلەش سانىتورىيىسىدىكى 14ياشلىق بىر ئوغۇل بالا رەڭگارەڭ قارشى ئېلىش سېپىدىن بۆسۈپ چىقىپ ،چۈچۈك تىلى بېلەن«گوركىيبۇ يەردىكى سىز كۆرۈۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى يالغان.ئىشنىڭ ئەسلىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟مەن سىزگە ئېيتىپ بېرەيمۇ؟»دەيدۇ.بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن گوركىي ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېتىپ،ھېلىقى ئوغۇل بالىنىڭ دېگەنلىرىنى قاق يېرىم سائەت ئۆزى يالغۇز ئاڭلايدۇ.بۇ بالا تۈرمە نازارەت قىلىش ئورنىدىكى ئاچارچىلىق،سۈيقەسىت،ئۇرۇش ۋە رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ ھەم ئورۇق ھەم ئىگىز بوۋايغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بېرىدۇ. ھەم ئورۇق ھەم ئىگىز بوۋاي لاپاستىن چىققاندا يۈرزىلىرىنى ياش يۇقى بىر ئالغانىدى. 
     مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ راسىت ئىشلارنى ئاڭلىغانلىقى،لاپاستىن كۆزى ياش ھالەتتە چىققانلىقى  قانداقلا بولمىسۇن مەلۇم راسىت خەۋەرلەرنىڭ ئازاپ تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان بۇ ئورۇق ھەم ئىگىز ئادەمگە تەسىر قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.ئەمما،ھەقىقەتنى بىلگەنلىك ھەقىقەتنى قوغدىغانلىققا باراۋەر ئەمەس.موسكۋاغا قايىتقاندىن كېيىن ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەردە بورانقۇش ۋە دېڭىز قارلىغىچى دېگەن نامدا ماقالە ئېلان قىلىپ،سولۇۋېتىس ئارىلىدىكى خەلقنىڭ تېرورلۇق ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ،ئۇ يەردىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى ، ياخشى ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.ۋەھالەنكى،كىشىنى تېخىمۇ ئازاپلايدىغىنى ،بۇ ئىنقىلابى دېڭىز قارلىغىچى ئۇچۇپ كېتىشى بېلەن تەڭلا دېڭىز قارلىغىچى بېلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھېلىقى 14ياشلىق ئوغۇل بالا ئېتىپ تاشلانغانىدى.ئەجىبا ئۇ خۇددى ئادۋۇكاتلاردەك جاۋابكارنى ھېمايىسىگە ئېلىشنى بىلمەسمىدى؟ يوقسۇ،ئۇنىڭ گېزىتلەرنى ئوڭشاپ قويغانلىقى، شىكايەتچىدىن باشقىلارنى يىراقلاشتۇرغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ دىكتاتۇرا تۈزىمىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ،خالاس.بەلكىم ئۇ ئۇ بالىنى قوغداپ قېلىشقا ئامال قىلالمىغاندۇ ياكى راسىت سۆزلىگەن ئەشۇ بالىنى قوغداپ قېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغاندۇ.  
     دېمەك،ئۇ بالا ئۆلدى ،ئەمما گوركىي ھايات قالدى.ھايات قالغان گوركىي تېخىمۇ كۆپ يالغان گەپلەرنى قىلمىسا،تېخىمۇ كۆپ يالغان يازمىلارنى يازمىسا بولمايىتتى.چۈنكى، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسەت كۆلى كېرمىل سارىيىنىڭ تېمىغا قويۇلمىسا تېخىمۇ بولمايىتتى.ۋەھالەنكى،1929-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇياش نۇرىنى سېپىپ تۇرغان سولۇۋېتىس ئارىلىدىكى ئەشۇ بالىنىڭ روھى يەتكەن يۈكسەكلىك «پۈتۈن دۇنيا پۇرولتارلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى» يەتكەن يۈكسەكلىكتىن  نەچچە ھەسسە يۇقۇرى پەللىدە تۇراتتى.بالا ئېغىزىدا دېگەن ھەقىقى گېپى بېلەن ئۆز كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزغان بولسا گوركى سېياھ بېلەن يازغان يالغان گەپلىرى بېلەن ۋىجدانى ۋە پاكلىقىنى بۇلغىغان ئىدى.
            ئالتە يىلدىن كېيىن ،رومىن.روللان ئىسىملىك بىر يازغۇچى سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلدى ھەم «موسىكۋا خاتىرلىرى»دېگەن كۈندىلىك خاتىرىسىنى يازدى.ۋەھالەنكى،كېيىنكىلەرگە تاپىلىغان بۇ كىتاب ئاپتور ئالەمدىن ئۆتۈپ 50يىلدىن كېيىن ئاندىن نەشىر قىلىندى.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن «كېچىككەن ھەققانىيەتنى ھەققانىيەت دېگىلى بولماىس» دېگەن تەغدىردىمۇ ،بۇ كىتابتىن بىز چوڭ تازىلاشتىن قېپ قالغان نۇرغۇن قان داغلىرىنى كۆرەلەيمىز: بىر باي دېھقاننىڭ ئوغلى ئائىلە تەركىبى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا بارلىق ئۇنۋېرسىتېت ۋە زاۋۇدلارنىڭ دەرۋازىلىرى ئۇنىڭغا تاقىلىپ قالىدۇ.روللاننىڭ ئايالى ماشا بۇنداق ئادەتلەنگەن كەمسىتىشنى ئىدىيىسى قوبۇل تاپمىغاچقا گوركىدىن سورايدۇ.ئەمما،گوركى ئۇنىڭدىن ئەكسىنچە مۇنداق سورايدۇ:«مۇبادا تاللاشقا دۇچ كەلگىنىڭىزدە ، سىز قايسىسىنى تالايىتتىڭىز؟ئاز سانلىقلارنى قۇربان قىلىشنىمۇ ياكى كۆپ سانلىقلارنى قۇربان قىلىشنىمۇ؟»
       ماشا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:«مۇبادا ئاز سانلىق بولغىنىدا،ئاز سانلىقنىئەمما،بۇنداق ئەھۋالدا گېتلىرنىڭ گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ مۇتلەق ئاز سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان يەھۇدىيلارغا شۇنچە ئۆچ بولۇشىغا قارىتا بىزدە قانداق ھوقۇق بولسۇن؟»   
    نىھايەت،روللاننىڭ مۆتىدىل پوزىتسىيىسى جىدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  زور بىر تۈركۈم داڭلىق شەخىسلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىدى.شۇ كىتابتا ئۇ ئۆزىنى ئاقلاپ مۇنداق يازغانىدى: «مېنىڭ قوغداۋاتقىنىم سىتالىن ئەمەس،بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىدۇر،مەيلى كىم ئۇنىڭ ئەلباشى بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر.» 
      بۇنى گوركىينىڭ «ئاز سانلىقنى قۇربان قىلىش » ئىدىيسى بېلەن بىردەكلىككە ئىگە دېمەي بولمايدۇ.شۇنچە يىللاردىن بېرى بىز پۈتۈن سەپ بويىچە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى،ئۇزۇن مەزگىللىك قۇربان بېرىش،دۆلەت ئۈچۈن قۇربان بېرىش دېگەنلەرنى تولا ئاڭلاۋېرىپ قولىقىمىز پىشىپ قالدى.كونكىرىتنى ئادىمىيلىكتىن ئايرىلىپ قالغان «سوۋېت ئىتتىپاقى»ياكى باشقىلار پەقەت ۋە پەقەت لۇغەتلەردىكى بىر ئىسىملا بولۇپ قالدى، خالاس. كېيىنكى تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر ھاكىمىيەت ئۆزىنى ياشناتقان زېمىنغا،شۇ زېمىندا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان كونكىرىتنى ئادەملىرىگە،ئۇلارنىڭ شات-قايغۇلىرىغا،ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ئابرويىغا ،شەرەپ-نومۇس تۇيغۇسىغا ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن قانداقتۇر «ئۇزۇن مەزگىللىك نىشان»،«ئومۇمىيلىق قارىشى»دېگەنلەر ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ.شۇ ھاكىمىيەتمۇ خۇددى قەغەز ئۆيگە ئوخشاش ھامان بىر كۈنى غۇلاپ چۈشمەي قالمايدۇ.فىرانسىيە قەبرىستانلىقىدىكى رومىن.روللاننىڭ قۇربان قىلىش بەدىلىگە قوغدالغان «سوۋېت ئىتتىپاقى»نىڭ قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە گۇمران بولغانلىقىنى ئاڭلىسا قانداقراق تەسىراتتا بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دەپ بولغىلى بولماس.بۇنىڭغا جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇنداق بىر قەدىمىي سۆزى بېلەن جاۋاپ قايتۇرۇش كۇپايە: رومىن. روللاننىڭ ئۆز قايغۇسىغا چولىسى تەگمىگەن بولسا،كېيىنكىلەر ئۇنىڭ قايغۇسىنى قىلىدۇ،كېيىنكىلەر بۇ قايغۇدىن ئۆرنەك ئالمىسا، ئۇندىن كېيىنكىلەر ئۇنىڭ قايغۇسىنى يەنە تەكرارلايدۇ،خالاس.

 

  

«تاللانغان فېليەتونلار»ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى

250

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1269
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8340
تۆھپە : 4853
توردىكى ۋاقتى: 1815
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-14

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 14:27:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق جانباقتىلار قەدەمدە ئونغۇ جاھاندا ..
قۇتلان تېلفۇنلىرى

234

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4076
تۆھپە : 2350
توردىكى ۋاقتى: 4592
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-13

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 23:43:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار ئوخشۇشۇپ كىتىدىكەن . گوركى روسىيەنىڭ مەشھور يازغۇچىسىلا بولۇپ قالماي، خەلقارادا زور تەسىرگە ئىگە ئەرباپ ئىدى . ھەل قىلغۇچ مىنۇتلاردا خەلق مەيدانىدا تۇرماي جانباقتىلىق قىلىپ ئۆز شەنىنى بۇلغىدى . ئەگەر ئۇ كىشى رېئاللىقنى ئۆز پېتى يازغان بولسا ھەرگىز كاللىسى كەتمەيىتتى ، ماقالىسى ئېلان قىلىنمايىتتى ، ھۆكۆمەتنىڭ ئەتىۋارلىشىدىن ئايرىلىپ قالاتتى شۇ . ئەمما خەلقنىڭ تېخىمۇ چوڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشەتتى .
         دولىتىمىزدە خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلۇپ ، كوممۇنىزىم شامىلىنىڭ تەسىرىدە ، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەپ ، تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلغان غەرىپ دۆلەتلىرىگە يېتىشىۋېلىش ھەتتا ئۇلاردىن ئۆتۈپ كىتىش خام- خىيالى بىلەن ئورمانلارنى ۋەيران قىلىپ ، چۆل - باياۋانلارنى بۇزۇپ ، سۇنئى ئاپەت پەيدا قىلىپ ، كېچە - كۈندۇز ئىشلەپ ، ئەمگەكچىلەر ئاچلىق ، ئېغىر ئەمگەك زەربىسىدىن يىقىلىۋاتقان مەزگىللەردە « جەننەت دىگەن نەدىكەن ، كۆكتە ئەمەس يەردىكەن ؛ نەدە گۇڭشې قۇرۇلسا ، جەننەت دىگەن شەدىكەن » دەپ داستان توقۇغان ، دېھقانلار تېرىقچىلىقنى تاشلاپ ، ئىشچىلار زاۋۇتنى توختۇتۇپ ، ئوقۇغۇچىلار دەرس تاشلاپ پېشقەدەم ئنقىلاپچىلار ، زىيالىلارنى تارتىپ چىقىرىپ، يېزىلاردا دادۈيجاڭغىچە ، ئىدارە ئورگانلاردا بۆلۈم باشلىقلىرىغىچە كاپتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار دەپ قالپاق كەيگۈزۇپ پىپەن - كۈرەش قىلىۋاتقان ، ئاخىرى ئىككى پەيگە ئايرىلىپ نەيزە سانچىشىۋاتقان ، ئارمىيىنىڭ ئوق - دورىلىرىنى بۇلاپ بىر - بىرىنى ئوققا تۇتۇپ ئادەم ئۆلتۈرىۋاتقان ......  دۆلەت ۋە خەلققە زور بالايى ئاپەت كەلتۈرگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى » مەزگىلىدە « سىيا بولسا دېڭىز -ئوكيان ، قەلەم بولسا دەرەخ - ئورمان ، قەغەز بولسا زېمىن -ئاسمان ، يېزىپ بولماس شەنىڭگە داستان » دەپ مەدېھە - داستانلارنى توقۇغانلارمۇ دەل بىزنىڭ مەشھور ، داڭلىق يازغۇچى - شائېرلىرىمىز ئەمەسمۇ ؟ بۇ خىل كىشىلەرنى جانباقتىلىق قىلدىلا دېسەك ، بۇ نام يېنىك بوپ قالارمۇ ؟ پۇرسەتپەرەسلىك ۋە سىياسى غەرەزمۇ يوشۇرۇنغانمىدۇ ؟ « يۇيۇلماس ئار- نومۇسلار » نى قايتا ئۇبدان ئوقۇپ باقايلىچۇ ! !!

پەرۋايىم پەلەك

48

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 900
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 7487
تۆھپە : 3929
توردىكى ۋاقتى: 3129
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 09:52:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزۈپسىز توغراق ئەپەندى.
يازغانغىلا ھېساپ ئەمەس،ئېلان قىلغانغىلا ھېساپ ئەمەس، مۇكاپات ئالغانغىلا ھېساپ ئەمەس،ژۇرناللارنىڭ رەڭلىك مۇقاۋىسىغا  رەڭلىك رەسىمىنى باستۇرۇپ ،تېلېۋېزورلاردا ۋەزخانلىق قىلغانلىق  تېخىمۇ ھېساپ ئەمەسكەن.كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىدىن تارتىپ ئەدەبىيات مۇھىتىغىچە ساختا شۆھرەتپەرەسلىك ۋە ماددىي مەنپەئەت قىغزغىنلىقى قاپلاپ كەتكەن ،مودا بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۇقۇرقىلارغا پۇل خەجلەش،مۇناسىۋەت تورى قۇرۇش ، ھەتتا چاپانچىلىق، گۇپپاڭچىلىق يولى بېلەنمۇ ئېرىشكىلى بولىدىغان بولۇپ قالدى.
    ئالدىنقى يىلى ئۇچتۇرپانغا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلىگىلى چۈشۈپ ئاچاتاغ دېگەن يەردە ئاپتوز ساقلاۋېتىپ ،تۇتيۇقسىز تەرىتىم قىستاپ كەتتى. بىر ئاممىۋى ئوبۇرنىغا كىرسەم.رايونىمىزدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىدىغان بىر يەرلىك ژۇرنال شۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا بويۇن قىسىپ تۇرۇپتۇ.ئۇنى بىرسى تەرەت قىلىپ بولغۇچىلارنىڭ قوڭىنى سۈرتۈشىگە قويۇپ قويغان بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم.پەسكە قارىسام شۇ ژۇرنالنىڭ رەڭلىك مۇقاۋىسىغا رەسىمى بېسىلغان،دائىم تېلېۋېزورلاردا ۋەزخانلىق قىلىپ، مۇكاپات سەھنىلىرىدىن چۈشمەيدىغان ئاتالمىش بىر ئەدىبنىڭ رەسىمى پوق-سۈيدۈككە مىلىنىپ تۇرۇپتۇ.
  مۇبادا شۇ ژۇرنال راسىت سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىپ ئەل كۆڭلىگە ياقىدىغان بىرەر پارچە ئەسەر ئېلان قىلالغان بولسا ۋە ياكى پوققا مىلىپ ياتقان شۇ ئاتالمىش يازغۇچى ئۆمرىدە بىرەر قېتىم ئەدەبىياتنىڭ قانداق پەن ئىكەنلىكىنىڭ ماھىيىتىگە چۆكەلىگەن،شۇنداق ئەسەردىن بىرەرنى ئېلان قىلالىغان بولسا پوق-سۈيدۈك ئارىسىدا قالماس بولغىيدى،دەپ ئويلاپ قالدىم.

ئومۇمەن،تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك ،ئۆز ۋىجدانىغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئەسەر يارىتىپ، ئۆلمەس ئابىدە تىكلىيەلىگەن يازغۇچى بەك ئازكەن.

پەرۋايىم پەلەك

48

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 900
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 7487
تۆھپە : 3929
توردىكى ۋاقتى: 3129
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 12:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ مۇشۇ باغداش تورىغا يوللانغان « بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى>> دېگەن تېمىنى ئالايلى ، مۇشۇ تېمىنىڭ ئېلان قىلىنغىلىمۇ ئىككى ئاي بولۇپ قالدى،174مىڭ803ئادەم مۇشۇ تېمىنى كۆرگەن بولسىمۇ ،161قېتىم ئىنكاس چۈشكەن بولسىمۇ ئەمما خەلقىمىز ھۆرمەت تەختىگە ئېلىپ كۆتۈرىۋاتقان ، چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ ،ئۇلارغا شۇنچە شان-شەرەپلەرنى بېرىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىيلىرىدىن كىملەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە دادىللىق بېلەن پىكىر قاتناشتۇرۇپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىپ بېقىپتۇ؟  مۇشۇنداق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۆرگەندە بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ؛جامائەت سورۇنلىرىدا ئۆزىنىڭ زېيالىيلىقىنى پەش قىلىپ گىدىيىپ ئولتۇرۇشىدىغان؛يازغان توم-توم كىتابلىرى بېلەن پەخىرلىنىپ يۈرۈشكەن،يىغىن ھەم مۇكاپات تاماسىدا ئاستىرىتتىن يەڭ سودىسى قىلىشىۋاتقان ؛ھەتتا پايتەخىتتىكى بىرەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ، بىرەر تەربىيلەش كۇرىسلىرىغا قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەر بولسا خوتۇنىنى سولاپ بېرىشتىن ، ئايال بولسا ھېلىقى يېرىنى بېرىۋېتىشتىنمۇ يانمايدىغان ئاتالمىش ئەشۇ زېيالىيلارغا نېمە دېگۈلۈك؟ئۇلارنىڭ يازمىلىرىدا تەسۋىرلىگەن ھەققانىيەت ئىدىيىسى قېنى؟ئۇلارنىڭ جائەت سورۇنلىرىدا ،تېلېۋىزىيە ۋە باشقا تەربىغاتلاردا بازغار سېلىۋاتقان گۈزەللىكنى مەدھىلەپ ۋە رەزىللىكنى سۆكۈشتىكى چىرايلىق نىقاپلىرى نەگە كەتتى؟يا بۇ ئوتتۇرغا چۈشۈپ ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىدىغانغا باش كېتىدىغان ئىش بولمىسا؟ ھەتتا باش كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ نېمە بوپتۇ؟ئەجىبا ئۇلار ئۆزىنىڭ شۇنچە زور نوپۇزى، تەسىر دائىرىسىگە تايىنىپ مۇشۇ ئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىققان بولسا بۇ چاغقىچە نەتىجىسى چىقماسمىتى؟
   مەن ئۇزۇن يىللىق كۈزىتىش،سېلىشتۇرما تەتقىقىتات ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىزدە ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، تەۋپىق ، ل.مۇتەللىپتەك ئەلنىڭ سۈيىدە ئېقىپ ئوتىدا كۈيىدىغان ، ئەلنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلىيالايدىغان ،ھەق يولىداجېنىنى سېلىپ بېرىشكىمۇ رازى بولىدىغان زىيالىيدىن مۇشۇ زاماندا بىرسىمۇ يوقكەن! شۇڭا نىيىتىگە ھارام ئارىلىشىپ قالمىغان ساپ نىيەتلىك يول باشچىلار بولمىغاچقىلا  بىزنىڭ  ئەشۇنداق كىچىككىنە ئىشلىرىمىزنىڭمۇ ئىگىسى چىقمايدىكەن.
     ئەلنىڭ سۈيىدە ئېقىپ ئوتىدا كۈيىدىغان ، ئەلنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلىيالايدىغان ،ھەق يولىداجېنىنى سېلىپ بېرىشكىمۇ رازى بولىدىغان زىيالىيلارىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىلمەسلىك ؛ ئۇلارنىڭ پاجىئەسىگە سەۋەب بولىۋاتقان ئاسىي-مۇناپىقلارنى يەر بېلەن يەكسان قىلىپ،ئۇلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە يىتىم قالدۇرۇشنى ھەتتا ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغىمۇ ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمەسلىكنى بىلمەسلىك ؛ ئەلنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلىيالايدىغان ،ھەق يولىداجېنىنى سېلىپ بېرىشكىمۇ رازى بولىدىغان زىيالىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئۆزىنىڭ بېشىغا ھەتتا بىر پۈتۈن قەۋىمنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەت دەپ قاراپ، ئۇلارنى ھېماتىغا ئېلىش،ئاسراش،كۆيۈنۈشنى بىلمەسلىك  دەل ئەشۇنداق ھەققانىيەتتىن قورقىدىغان ساقتا زىيالىيلارغا ياشاش ئىمكانىيىتى ھەتتا ساقتا پەلسەپە سېتىپ، ساقتا كىتاب يېزىپ ئاۋامنى ئالداش بەدىلىگە ئۆزىنى سەمرىتىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.شۇڭا مۇشۇنداق مۇھىتتا  « بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى>> غا قۇلاق سالىدىغان زىيالىيدىن بىرسىنىڭمۇ چىقماسلىقى تەبىئىي.شۇنداق تۇرۇپ قەلىمى بېلەن قەلبى ئوخشىمايدىغان ئەشۇنداق جانباقتى نان كۈچۈكلىرىنى نېمىشقا ھۆرمەتلەيمىز؟ ئۇلارنىڭ ساقتىلىق بېلەن تولغان ئەسەرلىرىنى نېمىشقا تالىشىپ يۈرۈپ سېتىۋالىمىز؟ئۇلار بېلەن تونۇشىۋېلىشنى، ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇشنى، ئۇلار بېلەن بىللە رەسىملەرگە چۈشىۋېلىشنى نومۇس بىلمەستىن بەلكى نېمىدەپ شەرەپ بىلىمىز؟

تېمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ،گوركىي سىتالىننىڭ ئۆزىنى قەتلى قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ يالغان سۆزلەپ نېمىگە ئېرىشتى؟دەرۋەقە يالغان سۆزلەپ ھايات قالغانغا تۇشلۇق نېمە خۇۋلۇق كۆردى؟نام-نىشانىنى بۇلغاپ لەنەتكە قالغاننى ئاز دەپ پاسپورتى يىغىۋېلىندى، بىر ئۆمۈر كەينىگە چۈشكەن پايلاقچىدىن،نازارەت قىلىشتىن قۇتۇلالماي ۋەھىمە ئىچىدىلا ئۆتۈپ كېيىنكى ھاياتىنى غېرىپلىق، ئازاپ ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرمىدىمۇ؟،

31

تېما

0

دوست

3076

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2064
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 785
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 523
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 12:59:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ يازمىنى قايسى كۈنى ئەلكۈيى تورىدا كۆرۈپ، بىر ئىنكاس يوللاپ قويۇپ، بىردەمدىن كېيىن قارىسام، ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق. توۋا بۇ يازما كىمنىڭ بىر يېرىگە پۇتلاشقان بولغىيدى دەپ قالدىم.

ستالىننىڭ ئىملاسى

-- «ئۇنى-بۇنى ئوقۇش خاتىرىلىرى»نىڭ داۋامى

ستالىن ئۆز ۋاقتىدا ماكسىم گوركىنىڭ «قىز ۋە ئەزرائىل» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ھېكايىسىنى ئوقۇپ، شۇ ھېكايە توغرىسىدا تەستىق يازغانىكەن، «پراۋدا» گېزىتى تەستىق سۆزىنى ئېلان قىلماقچى بوپتۇ، لېكىن تەستىق سۆزىدە «ليۇبىت» دېگەن سۆزنىڭ بىر ھەرپى كەم ئىكەن، تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر قانداق قىلىشنى بىلەلمەي بېشى قېتىپ تۇرغاندا، ئىلىم-بىلىمدە ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن، ئالىي مەلۇماتلىق ئالىم دەپ ھېسابلانغان بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىرمۇنچە نەزەرىيە سۆزلەپ، ستالىننىڭ ئىنشا-ئىملاسىنىڭ چوڭقۇر ماھىيىتىنى ئىسپاتلاپتۇ، پرولېتارىياتچە ليۇبىت (يەنى مۇھەببەت) چىرىپ كەتكەن بۇرژۇئازىيىچە ليۇبىتكە ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئىنشادىمۇ، يەنى ئىملادىمۇ پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە! دەپتۇ ۋە بۇ مۇھاكىمىسىنى نەزەرىيىۋى ماقالە قىلىپ يېزىپتۇ.
تەستىقنامە ۋە ئالىمنىڭ نەزەرىيىۋى ماقالىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان گېزىتنىڭ سىگنال نۇسخىسى ستالىننىڭ كۆزدىن كەچۈرىشىگە سۇنۇلغانىكەن، ستالىن: «قاپاق باش كالۋا! بۇ ئىملا خاتالىقى! ئى. ستالىن» دەپ تەستىق ساپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە شۇ ئالىمنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. ھەر ھالدا «چاپان ياپىمەن» دەپ ئارقىسىدىن پالاقلاپ يۈرۈپ، ئاخىر «تېپىك يەپ قالغان»لىقىدا شەك بولمىسا كېرەك.
ئۇ ئالىمنىڭ نېمە مۇددىئا بىلەن شۇنداق قىلغانلىقى بىزگە نامەلۇم. مەلۇم بولغىنى، ئۇنىڭ چاكىنىلىقىدۇر. كىشىلەر ئۇنداقلارغا «غالچا»، «تەخسىكەش»، ««ھارامزادە»، «ناكەس» دەپ نام بېرىشتى. ئۇنداقلارنىڭ مەيدانى يوق، ھە دېگەندىلا خۇشامەت، تەخسىكەشلىك قىلىدۇ. ناتوغرا يوللار بىلەن مەنسەبدارلارنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋالىدۇ، ئۇلارنى شالىنى ئاققۇزۇپ تۇرۇپ ماختايدۇ، نومۇس ۋە ئىزا دېگەننى بىلمەيدۇ، مۇناپىقلىق بەدىلىگە بىرەر-يېرىم مەنسەپكە ئېرىشىۋالىدۇ، ئۆمرى خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن ئۆتىدۇ. ئۇلار چاكىنىلىق ۋە مەككارلىققا ماھىر كېلىدۇ، «غوجائاكىسى كېچىنى كۈندۈز دېسە، ئاي بىلەن يۇلتۇزنى كۆردۈم» دېيىشكە ھەرۋاقت تەييار تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈنى قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىش بىلەن ئۆتىدۇ، ۋىجدانسىزلىق بىلەن كۈچۈكلىنىدۇ. غەرەزلىك ھالدا «خوش تەقسىر» دەپ تۇرىدۇ، ھوقۇقلۇقلارنىڭ تاپىنىنى يالاپ، يامانغا يانتاياق بولىدۇ. بەزى جايلاردا چېرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشى، ئەمەلدارلارنىڭ بۇلغىنىپ كېتىشى، ئەدلىيەدىكى ئادالەتسىزلىك، ھۆكۈمەت سورۇنلىرىدىكى غەبلەت باستىلىق – ئەنە شۇنداق رەزگىلەرنىڭ گۇپپاڭچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
چېرىكلىشىشتە ۋايىغا يەتكەن مەنسەبدار ئۇنسۇرلارنىڭ يېنىدا ھامان بىر قىسىم رەزگى ئادەملەر بولىدۇ. رەزگىلەر بۇزۇقلارنى تۇغ-شەددە قىلىپ تۇرىدۇ. چىرىك ئۇنسۇرلار تېنىم قۇۋۋەت تاپسۇن دەپ ئادەم سۈتى ئىچمەكچى بوپ قالسا، رەزگىلەر ئۆزىنىڭ سۈت ئېمىۋاتقان بالىسىنى دەرھال ئەمچەكتىن ئايرىپ، خوتۇنىنىڭ سۈتىنى چېرىك ئۇنسۇرغا ھىممەت قىلىپ ئاپىرىپ بېرىدۇ. چېرىك ئۇنسۇر مىجەزىم ياخشى ئەمەس دەپ بولغىچە، داۋا-شىپا بولىدىغان ئېسىل دورىلارنى تەق قىلىپ بولىدۇ. چېرىك ئۇنسۇرنىڭ خوتۇن-بالاۋاقىسى ياكى دوست-بۇرادەرلىرى ئۇنى يوقلاپ كېلىپ قالىدىغان بولسا، بۇ رەزگىلەر ئۈچۈن ھېيت-بايرام بولىدۇ. رەزگىلەرنىڭ نەزىرىدە قانۇن-ئىنتىزام دېگەن نەرسە يوق. پاھىشەلەر نومۇسىنى قايرىپ قويۇپ ئىپپىتىنى ساتقانغا ئوخشاش، رەزگى ئادەملەر قانۇن-ئىنتىزام، ئادىمىيلىك-غورۇر دېگەننى چۆرۈپ تاشلاپ، شەرمەندىلەرچە نەپ-پايدا سودىسى ۋە نەپسى ئاۋارىچىلىقى بىلەن بولىدۇ.

قەيەردە نامەرتلەر يامراپ كەتكەن، ناكەسلەر نۇسرەت تاپقان، رەزگىلەر كۆپىيىپ كەتكەن بولسا، شۇ يەردە ئىمان-ئېتىقات، قانۇن-پىرىنسىپ، ھەق-ناھەق دەيدىغان نەرسە يوق بولىدۇ. «ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم»، «زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ» دېگەندەك ئىشلار بولىدۇ.

(«گېزىت-ژۇرناللاردىن تەرمىلەر» ناملىق ھەپتىلىك گېزىتتىكى «بىلىمنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىدىغان خۇشامەتچى بولما» ناملىق ئەسەرنى ئوقۇشتىن خاتىرە)


http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=377

31

تېما

0

دوست

3076

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2064
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 785
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 523
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 13:03:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟



زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى، دېگەن گەپنى كانت دېگەنمۇ ياكى روسىيەلىك بىر يازغۇچى دېگەنمۇ، ئىش قىلىپ، بىرسى شۇنداق دېگەن ئىكەن. لېكىن، بۇ گەپ ھازىرقى جۇڭگو جەمئىيىتىگە ماس كېلەمدۇ؟ ھازىرقى زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟
گەپنى زىيالىي قانداق بولۇشى كېرەك، دېگەندىن باشلايلى. زىيالىي دېگەن شۇنداق بولۇش كېرەككى، ئۇنىڭ مول بىلىمى، ئۆتكۈر تەپەككۇرى بولۇشى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقالىشى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئۆزى سەگەك بولۇشى، جەمئىيەتتە گاڭگىراش ۋە ئەسەبىيلىك بولغاندىمۇ، تەمكىن ۋە ئويغاق بولۇشى، ۋىجدانىغا سادىق بولۇپ، ھەققانىيەت ۋە نام-ئاتاق ئالدىدا توغرا تاللاپ، خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن پاي-پېتەك بولماسلىقى، جەمئىيەتنى باشقۇرغۇچىلارنى تەنقىت ئارقىلىق سەگىتىپ تۇرۇشى، جەمئىيەتتىكى ناھەق ئىشلاردىن پەيدا بولىدىغان كرېزستىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرالىشى كېرەك.
زىيالىيدا جەمئىيەتنى تەنقىت قىلىش روھى بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، زىيالىي دېگەن ئۆزىنىمۇ تەنقىت قىلالىشى، ئۆزىدىكى يېتەرسىز تەرەپلەرنى ئېتىراپ قىلىش جاسارىتى بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرالايدۇ.
ئەنە شۇنداق زىيالىيلارنى ئەل-ئاۋام چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارغا ئىشىنىدۇ. ئەنە
شۇنداق زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى بولالايدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىرقى زىيالىيلارغا قارايدىغان بولساق، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتتىن گەپ ئاچماي تۇرايلى، ئەقەللىيىسى ئۇلار ئۆزىنى بىلەلمەي قېلىشتى، ئۆزلىرىنى ھەممىنى بىلىدىغان ئەۋلىيا ساناپ، ئەل-ئاۋامنى ئەخمەق-كالۋا دەپ قاراشتى. نەپ-پايدا ئۈچۈن، يامانغا يانتاياق بولۇپ، سېپى ئۆزىدىن غالچا بولدى. تاراتقۇلاردا سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، مۇتەخەسسىس، پروفېسسور دېگەندەك نام-ئاتاقلار بىلەن ئۆزى تەۋە تەبىقىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن گەپ ساتتى، ھەق-ناھەقنى، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئاۋام-پۇقرانى تۇزاققا دەسسىتىپ، زىيانغا ئىتتىردى.

بۇنداقلار ئاز دەمسىلەر؟
شۇنداق زىيالىي، مۇتەخەسسىسلەردىن سوراپ باقاي، دەۋاتقان گەپلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېيەلەمسىلەر؟ توردا – بلوگدا ئېلان قىلغان ماقالەڭلاردا ئاۋام ئۈچۈن گەپ قىلدۇق دەپ، مەيدەڭلارغا ئۇرالامسىلەر؟ ۋىجدان تارازاڭلار تەڭپۇڭمۇ ياكى كىمدىن كۆپ نەپ يەتسە، شۇ تەرەپكە ئېغىپ كەتتىمۇ؟
«سەن تاش سانىساڭ، خەلق قۇم سانايدۇ» دەيدىغان گەپ بار. ئەل-ئاۋامغا ئاسىيلىق قىلغانلارنى ئەل-ئاۋاممۇ تۈكۈرۈپ تاشلايدۇ. تورلاردا زىيالىيلارنى نېمە دەپتۇ دېمەمسىز، زىيالىينى زەيپانە، پروفېسسورنى پەسەندى، مۇتەخەسسىسنى كۆتەرمىچى دەپتۇدەك. مانا بۇ ئەل-ئاۋامنىڭ زىيالىيلارغا بەرگەن جاۋابى.
زىيالىيلارغا بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرام مەسخىرە ۋە تىل-ئاھانەتكە ئايلانغاندا، زىيالىيلار يەنىلا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟

مەنبە: سىنا تورى
ئاپتور: گو مۇخۇا
تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان

http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=446

پەرۋايىم پەلەك

48

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 900
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 7487
تۆھپە : 3929
توردىكى ۋاقتى: 3129
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 13:07:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت tarim، تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ياخشى ئىنكاستىن بىرنى يوللاپسىز.

پەرۋايىم پەلەك

48

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 900
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 7487
تۆھپە : 3929
توردىكى ۋاقتى: 3129
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 13:31:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ل.مۇتەللىپ بېلەن «ئاتقاندا تاڭ>>ناملىق مەشھۇر شېئىرىنىڭ ئاپتورى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە بىر سىنىپتا ئوقۇپتىكەن ھەم يېقىن ئۆتۈپتىكەن.
ل.مۇتەللىپ ناھايتى ياش كەتتى، ئاران 23ياش ئۆمۈر كۆرەلىدى.نېمىشقىدۇر «ئاتقاندا تاڭ>>ناملىق مەشھۇر شېئىرىنى يېزىپ داڭق چىقارغان  شۇ شائىرنى بولسا مەندىن باشقا ھەممە ئادەم ئۇنتۇپ كەتتىمىكىن دەيمەن.سۆرەتلىرى، ئەسەرلىرى مەتبۇئاتلاردا يوق، ھەتتا 80-يىللارنىڭ باللىرى پۈتۈنلەي تونۇمايدىكەن.ئەمما ل.مۇتەللىپنى ھازىرمۇ خەلق خاتىرىسىدە مەھكەم ساقلاپ ئەسەرلىرىنى يادلاۋېتىپتۇ. 
 
   ئەمەلىيەتتە، ئاجايىپ جەڭگىۋار كەچمىشلەرگە ۋە باي قىسمەتلەرگە ئىگە  «ئاتقاندا تاڭ>>ناملىق مەشھۇر شېئىرىنىڭ ئاپتورى تاڭ ئاتقان ھۉر زاماندىمۇ زۇلنەت سىتەملىرىدىن قۇتۇتۇلالماي مەدەنىيەت زورئىنقىلابىدا ئائىلە بويىچە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ۋە قاتتىق نەزەربەنىت قىلىنغان. ھايات بىحەتەرلىكى  تاڭ ئاتقان زامانلاردىمۇ قىلنىڭ ئۅستىدە قالعان .

پەرۋايىم پەلەك

48

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 900
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 7487
تۆھپە : 3929
توردىكى ۋاقتى: 3129
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 17:39:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇزۇن يىللىق كۈزىتىش،سېلىشتۇرما تەتقىقىتات ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىزدە ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، تەۋپىق ، ل.مۇتەللىپتەك ئەلنىڭ سۈيىدە ئېقىپ ئوتىدا كۈيىدىغان ، ئەلنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلىيالايدىغان ،ھەق يولىداجېنىنى سېلىپ بېرىشكىمۇ رازى بولىدىغان زىيالىيدىن مۇشۇ زاماندا بىرسىمۇ يوقكەن! شۇڭا نىيىتىگە ھارام ئارىلىشىپ قالمىغان ساپ نىيەتلىك يول باشچىلار بولمىغاچقىلا  بىزنىڭ  ئەشۇنداق كىچىككىنە ئىشلىرىمىزنىڭمۇ ئىگىسى چىقمايدىكەن.
     ئەلنىڭ سۈيىدە ئېقىپ ئوتىدا كۈيىدىغان ، ئەلنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلىيالايدىغان ،ھەق يولىداجېنىنى سېلىپ بېرىشتىنمۇ ئايانمايدىغان زىيالىيلارىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىلمەسلىك ؛ ئۇلارنىڭ پاجىئەسىگە سەۋەب بولىۋاتقان ئاسىي-مۇناپىقلارنى يەر بېلەن يەكسان قىلىپ،ئۇلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە يىتىم قالدۇرۇشنى ھەتتا ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغىمۇ ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمەسلىكنى بىلمەسلىك ؛ ئەلنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلىيالايدىغان ،ھەق يولىداجېنىنى سېلىپ  بېرىشتىنمۇ ئايانمايدىغان زىيالىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئۆزىنىڭ بېشىغا ھەتتا بىر پۈتۈن قەۋىمنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەت دەپ قاراپ، ئۇلارنى ھېماتىغا ئېلىش،ئاسراش،كۆيۈنۈشنى بىلمەسلىك  ئەكسىچىەئۇلارنى مەسخىرە قىلىش،خۇددى قارىسى يۇقۇپ قالىدىغاندەك قېچىش،يىتىم قويۇش دەل ئەشۇنداق ھەققانىيەتتىن قورقىدىغان ساقتا زىيالىيلارغا ياشاش ئىمكانىيىتى ھەتتا ساقتا پەلسەپە سېتىپ، ساقتا كىتاب يېزىپ ئاۋامنى ئالداش بەدىلىگە ئۆزىنى سەمرىتىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.شۇڭا مۇشۇنداق مۇھىتتا  « بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى>> غا قۇلاق سالىدىغان زىيالىيدىن بىرسىنىڭمۇ چىقماسلىقى تەبىئىي.شۇنداق تۇرۇپ قەلىمى بېلەن قەلبى ئوخشىمايدىغان ئەشۇنداق جانباقتى نان كۈچۈكلىرىنى نېمىشقا ھۆرمەتلەيمىز؟ ئۇلارنىڭ ساقتىلىق بېلەن تولغان ئەسەرلىرىنى نېمىشقا تالىشىپ يۈرۈپ سېتىۋالىمىز؟ئۇلار بېلەن تونۇشىۋېلىشنى، ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇشنى، ئۇلار بېلەن بىللە رەسىملەرگە چۈشىۋېلىشنى نومۇس بىلمەستىن بەلكى نېمىدەپ شەرەپ بىلىمىز؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )