مۇنبەردىكى قۇمۇللۇق مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ياردەم سورايمىز!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركەتىھۇ!
مۇنداق گەپ ئىدى قېرىنداشلار، بىر ئەر-ئايال قېرىندىشىمىز قۇمۇلغا ھىجرەت قىلماقچى بولغان ئىدى. ئۇلار قۇمۇلنىڭ ئوي-چۇققۇرىنى بىلمەيدۇ. ئاتايىتىن كىرا قىلىپ بېرىپ ئەھۋال ئېگەللەيمىز دېسە كىرا، ياتاق، تاماق دېگەنلەرگە پالان پۇل كېتىدىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ تۇرمۇش بويۇملىرى ۋە شۈبھىدىن خالىي، خىمىيىۋىي تەركىۋى يوق ئۆزىمىزنىڭ ئىشەنچلىك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتماقچى. شۇڭا ئۇلارغا مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاۋات بازاردىن 20 كۇۋادرات مېتىر ئەتراپىدا دۇكان، 50 كۇۋادرات مېتىر ئەتراپىدىكى ئۆي لازىم. ئالدى بىلەن بۇ قېرىنداشلىرىمىز يۇرتۇڭلارغا بېرىپ يۇقىرىدىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا ئىستىقبالى قانداق بولىدىغانلىقى، ئەگەر مۇۋاپىق بولسا دۇكان ۋە ئۆينىڭ ئىجارىسىنىڭ قانچە پۇل ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى اللە رىزالىقى ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىزدىنىپ خەۋەر بەرگەن بولساڭلار قۇمۇلدىكى ئېمانى كامىل ئەنسار قېرىنداشلاردىن تولىمۇ خۇرسەن بولار ئىدۇق!
ئەسكەرتىش: بىز مۇسۇلمانلار يالغان گەپ قىلمايمىز ھەم بىر-بىرىمىزگە ئاسان ئىشىنىمىز. دېمەكچى، گول كېلىمىز! مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسقا چاقچاق ئارىلاشتۇرماسلىقىنى، ئىشەنچلىك بولمىغا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزمەسلىكىنى اللەنىڭ نامى بىلەن ئۆتۈنۈپ سوايمىز!!!... |