قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 717|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

توشقان زادى نەگە كەتتى-قىزىقارلىق ھېكايە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

77

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68979
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
474747副本44.jpg

توشقان زادى نەگە كەتتى
ئەنۋەر . ئەردەشىر

        بۈگۈن بىزنى مەكتەپتىن دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بەرگەن ئىدى ، نەچچە كۈندىن بېرى مەۋسۇملۇق ئىمتىھانلارنى بىرىپ سەل چارچارپ قالغاچقىمىكىن ، مەنىلىك بىر ئىشلارنى قىلىپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇشنى ئويلىدىم ، كىچىكىمدىن ئوۋغا چىقىشقا بەك ئامراقلىقىمدىن بولسا كېرەك سىرىتقا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاپ كىرىشنى ئويلاشتىم ، يۇلغۇننىڭ كۆتىكىدىن چوماقتىن بىرنى ياساپ تاڭ سەھەردىلا ئوۋغا يۇرۈش قىلىپ كەتتىم. ئەتراپتىكى ئورمانلارنى تۇلۇق ئارلاپ چىقىسام بىرمۇ توشقان كۆرۈنمەيتى ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ يىراق بولغان ئورمانلارغا قاراپ يول ئالدىم ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئېتىزنىڭ قىرىدا بىدە يەۋاتقان بۇدۇرۇققىنا كەلگەن بىر توشقاننى كۈرۈپ قالدىم- دە پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا يىنىك دەسسەپ توشقانغا يېقىنلاشتىم ، ئارلىقىمىز خېلىلا يېقىنلاپ قالغان ئىدى ، بىراق توشقان مىنى كۆرمىدىمۇ ياكى كۆزگە ئىلمىدىمۇ ؟! ھېچ ئىش بولمىغاندەك بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ بىدىنى تېخىمۇ مۇڭلىنىپ يىيىشكە باشلىدى ، سەل ئاچچىغىم كىلىپ چۇماقنى ئېتىۋىتەي دىدىم-يۇ ، بىراق يەنىلا ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ ئىككى تىزىمنى يەرگە قويۇپ ئاستا ئۆمىلەپ كىلىپ تېخىمۇ يېقىنلاشتىم ، ئارلىقىمىزدىكى ئېتىزنىڭ قىرى سەل ئىگىز بولغاچقىمىكىن توشقان يەنىلا مىنىڭ كەلگەنلىكىمنى تۇيىمىدى . ئارلىقىمىزدا پەقەت بىر قەدەملا قالدى، چاپىنىمىمنى ئاستا سالدىم-دە ، توشقاننى يۆگەپلا باسۇرۇۋالدىم « ھە.. ئادەمنى كۆزگە ئىلمىغانغا تويە ئەمدى.. » دەپ چاپاننىڭ ئۈستىدىن توشقاننىڭ بېشىغا يىنىك قىلىپ ئىككىنى ئۇرۇپ قويدۇم . چاپاننىڭ ئاستىدىن قۇلۇمنى سېلىپ توشقاننى تۇتاي دەپ تۇرسام قەيەردىن قاچتىكىن بىلمىدىم «پاتراققىدە» قېچىپ چىقىپ كەتتى ، چاپىنىمنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قارىسام ، ئەسلىدە چاپاننىڭ قولتۇقى يىرتىلىپ كەتكەن ئىكەن ئەمەسمۇ ، شۇ يەردىن قېچىپتۇ ، چاپاننى تاشلىۋىتىپ چۇمىقىمنى ئېلىپ توشقاننىڭ كەينىدىن قوغلىدىم ،توشقان مىنى ئەخمەق قىلۋاتقاندەك ، مەن قانچە تېز قوغلىغانسېرى ئۇ تېخىمۇ تىز قاچتى، مەن ھېرىپ قېلىپ ئولتۇرىۋالسام ئۇ كۆز ئالدىمدىلا مىنى قارىتىپ قۇيۇپ ئوت-چۆپ يەپ تۇردى . يەنە قوغلىسام يەنە قاچتى ، مەن توشقاننىڭ بۇ قىلغىنىغا ئۇنى چۇقۇم تۇتۇش نىيىتىگە كەلدىم-دە ، توختىماي قوغلاۋەردىم . قانچىلىك يۈگۈرگىنىم ئىسىمدە يوق توشقان قېچىپ مەن قوغلاپ بىر ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدۇق ، توشقان دەرۋازىنىڭ ئارلىقىدىن قىسىلىپ كىرىپ كەتتى ، كەينىدىن قوغلاپ دەرۋازىنىڭ يېنىغا كەلگەندە دەرۋازىۋەن مىنى كىرگۈزمىدى ، جىدەل قىلدىم بىراق ئۇ زادىلا ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىدى ، ئىشىك ئالدىدا يېرىم كۈن ئولتۇردۇم،  چۈش بولغاندا بىر راھىب ئىشىكىنى ئاچتى ، ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشكە ۋاختى يەتمىگەنمۇ بىلمىدىم ، چېچى ئازراق ئۈسۈپ قالغان ، بوي ئىگىزلىكى 1 مىتىر 70 سانتىمىتىر ئەتراپىدا چىقارمىكىن ئىشقىلىپ مەن بىلەن كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيتتى ، بىر يەردە كۆرگەندەك قىلدىم-يۇ ، بىراق ئېنىق ئىسىمگە ئالالمىدىم .
       مەن ئالدى بىلەن قاتتىق ئاچچىقلانغان ھالدا گەپ باشلىدىم :
    - مىنىڭ بىر توشقىنىم باياتىن سىلەرنىڭ ئىبادەتخاناڭلارغا كىرىپ كەتتى ، كەينىدىن كىرەي دىسەم بۇ دەرۋازىۋەن مىنى كىرگۈزمىدى ....
ئۇ تەمكىنلىك بىلەن ماڭا سالام قىلىۋەتكەندىن كىيىن گەپ باشلىدى :
     - تەقسىر ، بىز سىلىنىڭ توشقانلىرىنى كۆرمىدۇق .
      - كۆرمىدۇق؟ ئېنىقلا مۇشۇ يەرگە كىرىپ كەتكەن تۇرسا كۆرمىدۇق دەيسىلەرغۇ ، مەن كىرىپ ئۆزۈم ئاختۇرىمەن.
     -  تەقسىر، ئىبادەتخانامغا خالىغانچە كىرسىڭىز بولمايدۇ .
    -  ئىبادەتخانامغا؟ بۇ يەر سىىنىڭما ؟ سەن كىم ؟
     -  مەن يىشو
     -  نىمە؟ يىشو ؟ سەن ئادەم چېلىۋاتامسەن قانداق ؟ يىشو دىگەننىڭ كارتون فىلىمىنى كۆپ كۆرگەنمەن ، ئۇ دىگەن پاكار ، مىنىڭ كىچىك ئۇكامچىلىك بار تۇرسا، قانداقسىگە سەن يىشو بولىسەن .
    - ھاھا ھا ...  ۋوي تەقسىر ، سىز ئۇ كىنونى قاچان كۆرگەن ؟ بىز ئۇ كىنونى ئىشلىگىلى ئون نەچچە يىل بولدى مەن تېخىچە شۇنداق كىچىك ھالىتىمدە تۇرىۋىرەمتىم ، مەنمۇ چوڭ بولدۇم .
ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئىشەنگەندەك بولدۇم ، بىراق يەنىلا ئۇنى سىناپ باققۇم كەلدى .
     - ئەگەر سەن راستىنلا ئەقىللىق يىشو بولساڭ مىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاب بىرەلەمسەن .
      - بولىدۇ، كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە جاۋاب بىرىمەن .
مەن بىر ھازا ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن سورىدىم:
    - يىشو بۇرادەر ، ئەمىسە باشلاپ كەتتىم .. بىر قۇشنىڭ ئىسمىغا يەنە بىر يۇرتنىڭ ئىسمىنى قوشساڭ بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بولىدۇ ، سەن بۇنى تاپالامسەن .
يىشو بىردەم تۇرىۋالغاندىن كىيىن چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ تىلى بىلەن ئىككى نامسىز بارمىقىنى يۆلدەپ بېشىنىڭ ئوتتۇرسىدىن بىر سىيرىپ ئىككى قولىنى كىرىشتۈرۈپ بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن جاۋابىنى ئېيىتتى :
-تەقسىر ، قۇشنىڭ ئىسمى بولسا ئاسماندا ئىگىز ئۇچىدىغان «سا» دەپ بىر قۇش بار ،يۇرتنىڭ ئىسمى بولسا سىلەرنىڭ تەرەپتە «نىيە» دەپ بىر يۇرت بار ، بۇ ئىككىسىنى قوشقاندا دەل سىلىنىڭ مەلىدىكى ھېلىقى چىرايلىق قىزچاقنىڭ  ئىسمى «سانىيە» بولىدۇ ...
   ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىنى ياخشى بىلىپلا قالماي يەنە بىزنىڭ يۇتلارنىمۇ خېلى پىششىق بىلدىغان ئوخشايدۇ .
    - تەخسىر، گەپلىرى تۈگىگەن بولسا چىقىپ كەتسىلە ، مىنىڭ ئارام ئالىدىغان ۋاختىم كەلدى .
قالغان ئىشلارنى دەرۋازىۋەنگە بۇيرۇپ قۇيۇپ ئارامغا ماڭدى ، مەن كۈچۈمنىىڭ بارىچە يۈگىرەپ كىلىپ ئۇلارنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي ئىبادەتخانا ئىچىگە ئېتىلىپ كىرىپ ، ھەممە يەرنى ئىزدەپمۇ توشقاننى تاپالمىدىم ، سانغۇنغا ئەرىز قىلماقچى بولدۇم –دە ، سانغۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەرزىمنى ئېيتتىم ، بىراق ئۇمۇ بىر يولسىز ئاداشكەن «ئەگەر سەن شىنيوۋېيمىننى ئېلىشىپ يېڭەلىسەڭ ، مەن سىنىڭ توشقىنىڭنىڭ قەيەردە ئىكەنلىىنى ئېيتىپ بىرىمەن » دىدى .
شىنيوۋېيمىنغا بىر قاراپ ، ئۆزۈمگە بىر قاراپ سەل قورقتىم، بىراق يەنىلا چاندۇرماي دېدىم :
    -  ئەلۋەتتە بولىدۇ ، ئەمىسە مۇسابىقىلىشەيلى.
مەيدان تەييار بولدى، ئىككى تەرەپ مۇسابىقە مەيدانىغا كىردۇق ، قۇلۇمغا ياپوننىڭ ئەگمەك ئورغاقتەك قىلىچىدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ قويدى .
    - ماڭا بۇ «چىرايلىق» قىلىچنىڭ ھاجىتى يوق پەقەت مۇشۇ چۇمىقىم بولسىلا كۇپايە - دىدىم قۇلۇمدىكى چۇماقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ .
مۇسابىقە باشلاندى ، كەسكىن ئېلىشىۋاتىمىز ، ئۇ مىنىڭ ئىھتىياتسىزلىقمدىن پايدىلنىپ قىلىچ بىلەن قۇلىقىمنىڭ يۇمشىقىنى كىسىپ يەرگە چۈشۈرىۋەتتى ، ھەيران قالارلىقى قۇلاقنىڭ يۇمشىقىدا قان بولمامدۇ ياكى قورقانجىلىقتا قېنىم باشقا ئەزالىرىمغا تاراپ كەتتىمۇ  پەقەتلا قان چىقمىدى ، لىكىن يەردە تۇرغان قۇلقىمنىڭ يۇمشىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۇم قاتتىق يېرىم بولدى ، ھەم سەل ئاچىغىم كىلىپ  بوينۇمدىكى شارپامنى بېشىمغا چىگىپ ئۆزۇمنى رامبودەك ھىس قىلدىم ، تىلۋۇزۇردىن كۈرۈپ ئۈگىنىۋالغان چىڭلۇڭنىڭ گۇمپىللىرىنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ قۇلىغا تىپپ قىلىچىنى چۈشۈرۈۋەتتىم-دە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ چۇماق بىلەن مىڭىسىگە ئۇرۇپ ئايلاندۇرىۋەتتىم ، ئەتراپتىكى ھەممىسى گەرچە سەل قورقۇپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن ماڭا ناھايتى قايىل بولۇپ كەتتى .
    - ھە سانغۇن جاناپلىرى شىنيوۋېيمىننىمۇ ئۇرۇپ يىقىتىپ بولدۇم ، ئەمدىغۇ توشقاننىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەلا .
    - توشقىنىڭ بىزدە ئەمەس، ئۇنى بايا جىڭۋۇ سارىيدىكلەر ئېلىپ كەتتى – دېدى ئۇ تەپ تارماستىن .
ئۇلارنىڭ بۇنداق ئەخمەق قىلىۋىرىشلىرى قاتتىق ئىچىمگە ئۈتۈپ كەتتى ، ئاسمانغا چىقىپ كىتەي دىسەم ئىگىز كەلدى ، يەرگە كىرىپ كىتەي دىسەم قاتتىق كەلدى ، سانغۇننىڭ مەيدىسىگە چۈشەي دەپ قالغان بۇرتىغا ئېسىلىپ ئۈلىۋالماقچى بولدۇم، بىراق ئۇ مەندىن پاكار بولغاچقا ئېسىلسام پۇتۇم يەرگە تىگىپ قالدى . شۇنداقتىمۇ نىيىتىمدىن يانماي ئىككى پۇتۇمنى يىغىپ ئېسىلدىم بىراق سانغۇننىڭ بۇرتى يۇلۇنۇپ كىتىپ يەنىلا مەخسىتىمگە يىتەلمىدىم ، ئاخىرى چىدىماي ئىبادەتخانىدىن بېشىمنى ساڭگىلىتىپ قايتىپ چىقىپ يەنىلا ۋاز كەچكۇم كەلمەي جىڭۋۇ سارىيىغا توشقاننى ئىزدەپ بارماقچى بولدۇم.
   ماڭا ، ماڭا ..  دەرۋازىسى قىزىل رەڭدە سىرلانغان ، دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يوغان ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى قۇيۇلغان بىر جاينىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدىم ، دەرۋازا ئۈستىگە «جىڭۋۇ سارىيى» دەپ يېزىلغان ئىكەن ، شۇندىلا راسىت جىڭۋۇ سارىيى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم ، بىراق بۇ يەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، ئەمما كەلگەن ئىكەنمەن چۇقۇم كىرشىم كىرەك ، شەپەرەڭ پالىۋاننىڭ كىنوسىدىن ئۈگىنىۋالغان ماھارىتىم بىلەن ساراينىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ كىردىم ،ھويلىغا چۈشۈپ ئوڭ تەرەپتىكى بىر ئۆيدىن «گوم ، گوم» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، كىرىپ قاراپ باقماقچى بولدۇم ، كۆزلىرىمگە ئايان بولدىكى بۇ دەل چېن جىننىڭ قۇم خالتا مۇشتلاۋاتقان ھەركىتىنىڭ ئاۋازى ئىدى ، مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ توشقىنىمنى كۆرگەن - كۆرمىگەنلىكىنى سورىماقچى بولۇپ كەينى تەرەپتىن مۇرىسىگە يىنىك ئۇردۇم ، ئۇ مىنى ئۆزىنى قەسلەيدۇ دەپ قالغان بولسا كېرەك ، كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قۇلۇمنى كەينىگە تولغاپ پۇتۇمدىن چەمەك ئۇرۇپ يەرگە دۇم يىقىتتى ، ھەركىتى ھەقىقەتەن تېز ئىدى ،
   - نىمە ئادەمسەن ؟ بۇيەرگە قانداق كىردىڭ ؟
  - چىن جىن ئاكا ، خا ..خا.. خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز . مەن ئەسلىدە توشقىنىمنى ئىزدەپ كىرگەن – دىدىم مەن كىكەچلەپ جىددىيلەشكەن ھالدا .
   - ھە، توشقان ؟ مانا ئالغىن ، بۇ ئەسلىدە سىنىڭ توشقىنىڭمىدى – دەپلا توشقاننىڭ تىرىسدىن تىكىلگەن بوكىس پەلىيىنى ئالدىمغا تاشلاپ بەردى ، كۆڭلۇم قاتتىق يېرىم بولۇپ كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلىرىم سىرغىشقا باشلىدى.
     - ئۇنداقتا توشقاننىڭ گۆشىچۇ ؟ گۆشىنى بولسىمۇ ئېلىپ كىتەي .
  -  توشقاننىڭ گۆشىنى ئاشخانا ئۆيگە ئېسىپ قويغان ، بايا سەي قورۇپ يەي دەپ قارىسام باجى دىگەن ئاچپاقا ئوغۇرلاپ كىتىپتۇ .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئېغىر كەلدى . ئاخىرى بولماي بۇ قېتىم چۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىپ سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولدۇم ، قارلىق تاغلاردىن ئېشىپ نەچچە قېتىم ئۇچىغا چىقىپ بولاي دىگەندە پەسكە سىيرىلىپ چۈشۈپ كىتىپ مىڭ تەسلىكتە چىقتىم ، كۆزۇمنى يۇمۇپ ئىككى قولۇمنى كەڭ ئېچىپ ئۆزۇمنى ئاتتىقىنىمنى بىلىمەن بىر چاغدا كۆزۇمنى ئاچسام ، رەڭگارەڭ ئېچىلغان گۈللەر بىلەن پۇركەنگەن بىر گۈزەل تاغقا كىلىپ قاپتىمەن ، ئەمدى ھۇشۇمنى بىلىپ ئورنۇمدىن ئاستا تۇراي دىيىشىمگە بىر توپ مايمۇنەكلەر چۇرقىرشىپ كىلىپ ئەتراپىمنى قورشىۋالدى ، شۇ ئەسنادا قەيەردىن پەيدا بولدىكىن باشقا مايمۇنلاردىن پەرىقلىندىغان ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مايمۇنلارنىڭ چىرايلىقى دىيىشكە بولىدۇ ، قولىدا بىر نەچچە شاپتۇل ،ئالمىلارنى كۈتۈرگەن ھالدا يىتىپ كەلدى ، ئۇنى كۆرۇپ باشقا مايمۇنلار «شاھىمىز كەلدى ، شاھىمىز » دىيىشىپ ئورۇن بوشاتتى ، شۇندىلا ئۇنىڭ سۇن ۋۇ كۇڭ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇردۇم .
ئۇ قوللىرىنى ھە دەپ قاشلىۋەتكەندىن كىيىن سۆز باشلىدى :  
  - ئېيتقىنا ئىنىم ،سەن ئۇ تاغدىن تۇيۇقسىز يىقىلىپ كەتتىڭمۇ  ياكى ساڭا ئېغىر كەلگۈدەك بىرەر ئىش بولۇپ ئۈلىۋالماقچى بولدۇڭمۇ ؟  
      مەن بولغان ئىشلارنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردىم ، سۇن ۋۇكۇڭ سۆزۇمنى ئاڭلاپلا غايىپ بولدى ، بىردەمدىن كىيىنلا باجىنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ ئالدىمغا ئەكەپتۇ ،
مەن باجىنىڭ يوغان قورساق سەت تەلەتىنى كۆرۈپ ئاچچىقلىنىپ ؛
   -  ۋۇ،،تويمايدىغان چوشقا ، نىمىشقا توشقىنمنى يەۋەتتىڭ ؟ يىسەڭمۇ بەرىبىر بىر توشقانغا تويامتىڭ سەن ئاچپاقا ؟ توشقىنىمنى قايتۇرۇپ بەر..... – دەپ جىدەل قىلدىم
     - ھې ھې ھې،، ، ئۇكام ئۇ توشقىنىڭ بەك تاتلىقكەن ، يەنە بارمۇ سەندە ، بۇداقىنى ھەرگىز بىكارغا يىمەيمەن – دىدى ئۇ تەپ تەرتماستىن سەت ھىجىيىپ .
     مۇشۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزۇن جاڭجاللاشقاندىن كىيىن، سۇن ۋۇكۇڭ ماڭا يۈز نەچچە توشقان تۇتۇپ ، بىر توشقان فىرمىسى قۇرۇپ بىردىغان بولدى ، ھەمدە چىمەن تاغدا قېلىپ مايمۇنلار پادىشاھلىقىغا تەڭ ھۈكىمىران بولۇشنى ئېيتتى ، بىراق مەن يەنىلا ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چىرايلىقچە رەت قىلدىم :
   - رەھمەت ۋۇكۇڭ ئاكا ، ياخشى كۆڭلۈڭ تىگىل بولدى ، بىز ئوخشىمايمىز ھەممىمىزنىڭ تۇتقان يولىمىز ئايرىم ، سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ مايمۇن پادىشاھلىقىنى قىلىۋەر ،مەنمۇ يۇرتۇمغا قايتىپ ئاتا- ئانامغا ھەمراھ بولۇپ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇراي !  ھە راس مۇمكىن بولسا مۇشۇ قۇلىقىمنىڭ يۇمشىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرگەن بولساڭ تولىمۇ خۇشال بولۇپ كەتكەن بولاتتىم .
  - ھە چاتاق يوق ، ماڭا نىسبەتەن ئاسان ئىشلارغۇ ئۇ دەپ بىر پۈۋلەپلا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەردى . تۇلىمۇ غەلىتە ھىس قىلىپ بۇ راسمىدۇ دىگەندەك قۇلىقىمنىڭ يۈمشىقىنى تارتىپ باقسام راسلا ئاجراپ كەتمىدى .

     ئۇلارغا رەھمىتىمنى ئېيتىپ ، ئۆزئارا قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كىيىن  يولۇمغا راۋان بولدۇم ، ئۇلار ھەممىسى ماڭا كۆزى قىيمىغان ھالدا قاراپ قالغان بولسا كېرەك ، خوشلۇشۇپ بولۇپ كەينىمگە قارىمىغاچقا ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن ، ئىشقىلىپ منىڭچە چۇقۇم ياخشى تەسىر بەردىم دەپ ئويلىدۇم .  

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى
uyghuray

0

تېما

2

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62901
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:55 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ ، تېخىمۇ تىرىشىڭ

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2902
توردىكى ۋاقتى: 937
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:02 |ئايرىم كۆرۈش
  تېخى ئويغانماپسىزدە ؟ كىيىنكى قىسىملىرىنى بەھۇزۇر داۋاملاشتۇرۇڭ قېنى..........

0

تېما

0

دوست

77

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68979
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
يەر
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:03 |ئايرىم كۆرۈش
albax يوللىغان ۋاقتى  2016-5-25 18:02
تېخى ئويغانماپسىزدە ؟ كىيىنكى قىسىملىرىنى بەھۇزۇر دا ...

دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ ، تېخىمۇ ئېنىقراق دىسىڭىز بوپتىكەن !
uyghuray

0

تېما

0

دوست

77

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68979
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:04 |ئايرىم كۆرۈش
manarsa يوللىغان ۋاقتى  2016-5-25 17:55
ياخشى چىقىپتۇ ، تېخىمۇ تىرىشىڭ

رەھمەت ، چۇقۇم تىرىشىمەن !

0

تېما

2

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62901
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:09 |ئايرىم كۆرۈش
ardaxir يوللىغان ۋاقتى  2016-5-25 21:03
دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ ، تېخىمۇ ئېنىقر ...

ھىكايىڭىز بەك كارتونلاشقان ئىكەن . سىزنى چۈشىڭىزنى يازغان دەپ قاراپ مۇشۇنداق ئىنكاس يىزىپتۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )