روسىيەلىكلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى مۇشۇنچىلىكلا قالدى
خوجا ھاشىم تەرجىمىسى
ئامېرىكا-ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە بولغان ئىمبارگوسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ،رۇسىيە ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز پەسكە سىيرىلىپ ماڭدى. ھازىر رۇسىيەلىكلەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇل بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتىدۇ.
رۇسىيە پۇل-مۇئامىلە تورىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئايلىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 450 دوللاردىن چۈشۈپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغان.
«رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى تەننەرخى جۇڭگولۇقلاردىنمۇ تۆۋەن»؛ رۇسىيە زاپاس ساقلاش بانكىسىنىڭ باش ئانالىزچىسى مىخائىل ماتوفنىكوف مۇشۇنداق بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 433 دوللار بولۇپ، سېرۋىيە، رۇمىنىيە، پولشا ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن تۆۋەن ئىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ رۇسىيەدە زاۋۇت تەسىس قىلغان كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ سىرتقا مەھسۇلات ئېكىسپورت قىلىشىغا ياكى ئېكىسپورتنى كېڭەيتىشىگە سەۋەب بولغان. مەسىلەن، كىروۋ كەمپۈت زاۋۇتى ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، ۋە ياپونىيەگە مال ئېكىسپورت قىلىشقا باشلىغان؛ سانكىت پېتىربۇرگ ماشىنا زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان زامانىۋى ماشىنىلار مىسىرغا سېتىلىشقا باشلىغان.
بۇنىڭدىن ئاۋۋالقى رۇبلىنىڭ دوللارغا بولغان ئايرىۋاشلاش نىسبىتىنىڭ ئېغىر چۈشۈپ كېتىشى بولسا، رۇسىيەلىكلەرنىڭ مائاشىنىڭ جىددىي تۆۋەنلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ئىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان ئايرىۋاشلاش نىسبىتى ئاساسەن مۇقىملاشتى. ئېنىقكى،ھازىر باشقا سەۋەبلەر كىرىمنىڭ تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
رۇسىيە ئىقتىسادى 2015-يىلى ئاۋغۇستتا تۆۋەن نۇقتىغا يەتكەن ئىدى. ئەمما ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئېشىش 98-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرزىستىن كېيىنكى ئەڭ ناچار سەۋىيەدە بولغان. ماتوفنىكوفنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، رۇسىيە ھازىر جىددىي ئۆزگىرىشنى كۈتىۋېلىۋېتىپتۇ. مۇۋاپىق ياشتىكى ئەمگەك كۈچى جىددىي كېمىيىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ پېنسىيە يېشى چېكى بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىپتۇ.
رۇسىيە بولسا دۇنيادىكى پېىنسىيە يېشى چېكى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەرلەرنىڭ پېنسىيە يېشى 60 ياش، ئاياللارنىڭ 55 ياش ئىكەن. ئەمما ئەمەلىي ئىجرادا تەخمىنەن ئۈچتىن بىر كىشى بالدۇر پېنسىيەگە چىقىدىكەن.
11-ماي رۇسىيە دۆلەتلىك دۇماسى قانۇن ماقۇللاپ، 2017-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ پېنسىيە يېشى چېكىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.
كۆرۈۋالالايمىزكى،رۇسىيەدە ئەمگەك كۈچى قىزىل رەقىمى تولىمۇ روشەن بولماقتا، بۇ ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر يوچۇق بولىدۇ. ماتوفنىكوف تولۇقلاپ يەنە مۇنداق دېدى: ئەمگەك كۈچى ئامىلىدىن باشقا يەنە، كوزۇرلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى، پېرىۋوت نىسبىتى، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى بولسا 6933 يۈەن (تەخمىنەن 1060دوللار) ئىكەن. جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي كىرىمى 10 يىل جەريانىدا %150 كۆپەيگەن. ئەمما بەزى ئىقتىسادشۇناشلارنىڭ قارىشىچە، دەل مۇشۇ سەۋەب جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدىكەن.
رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئوخشاش ئاۋازلار مەۋجۇت بولۇپ، رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىكى كىرزىس جەريانىدا مائاشنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ، 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە مائاشنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەيدىغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىپ، 2018-2019 يىللىرى تولۇقلىما بېرىش مۆلچەرلىنىۋېتىپتۇ. رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىكى مىنىستىرى ئالىكىس ئولكايېۋ، بۇ تەدبىرلەر دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ھالسىزلىقتىن قۇتۇلىشى ۋە GDP نىڭ ئېشىشىنىڭ 2019-يىلىدىن بۇرۇن %4.5 كە يېتىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ، دېگەن.
مەنبە: سۇمرۇغ تورى خەلقئارا ئەقىل ئامبىرى
http://pit.ifeng.com/a/20160521/48816534_0.shtml
|