بەخىتسىزلىك ئۆزۈڭلارنىڭ شورى
ئەگەر تارىخى دەۋرلەر ئۆزلىرىنى باشقا دەۋرلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئالاھىدە خاراكتىرلىق سۈپەتلىرى بىلەن تونۇلۇپ ، ئۇلارغا نام بىرىشكە توغرا كەلسە ، بۇ دەۋرگە كەشپىيات ۋە ئىجادلار دەۋرى ، ئېلكترون دەۋرى ، ياۋروپالىقلارنىڭ ئۈستۈنلۈك دەۋرى دىيىشلىرىمىز مۇمكىن . ھازىر كۈنىگە يىڭىدىن قانچىلىك نەرسىلەرنىڭ كەشىپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى سىتاتىستىكا قىلىشمۇ بىر قىيىن ئەھۋال ، بىلىمنىڭ يىڭىلىنىشى ، تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى . . .
بىزنىڭ قارىشىمىزچە ، ئىجاد ۋە كەشپىياتلارنىڭ غايىسى زەئىپلىك ۋە جاھىللىقنىڭ ئىنسانىيەت ھاياتىغا كەلتۈرگەن زورلۇق ۋە قىيىنچىلىقلارنى يىڭىش ، دۇنيادا تېپىلغان تەبىئەت قۇۋۋەتلىرىدىن ۋە چەكسىز كائىناتقا چېچىلغان ئىنىرگىيە مەنبەلىرىدىن ۋە خەزىنىلەردىن پايدىلىنىپ ، بۇ قۇۋۋەتلەرنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلماي ، ياخشى يوللارغا قوللىنىشتۇر .
كونا دەۋرلەردە ئادەملەر بارماقچى بولغان يېرىگە پىيادە مېڭىپ باراتتى . كىيىن ئاللاھ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىشنى ئادەملەرنىڭ ئەقلىگە سالدى . ئىنسانلار چاقلىق ھارۋىلارنى ۋە نەسىللىك ئاتلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى . ئەمما بۇلار يەنىلا ئىھتىياجلارنى قامدىيالمايۋاتاتتى . ئاندىن كىيىن پاراۋۇز كەشىپ قىلىندى ۋە كەشپىيات يارىتىشتا زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى . ئارقىدىنلا پويىز ، ماشىنا ، پاراخوت ۋە ئايروپىلان . . . ئىجاد قىلىنغان بۇ ۋاستىلەر ياخشى يوللارغا قوللىنىلسا ، ئىنسانلار بۇ ئارقىلىق پايدىلىق ۋە گۈزەل غايىلەردە بىر يەردىن يەنە بىىر يەرگە بارىدۇ . مىڭبىر جاپادا يۆتكەيدىغان يۈكلىرىنى بۇ ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ باشقا كۆزلىگەن نىشانىغا توشۇيدۇ ۋە نۇرغۇن ۋاقتىنى ۋە ئىنىرگىيىسىنى تېجەپ قالىدۇ . ئىنسانلارنىڭ توغرا يوللاردىن پايدىلىنىپ ، پايدىلىق ۋە ئۈستۈن غايىلەردە قوللانغان باشقا زامانىۋى ۋاستىلىرىنىمۇ بۇنىڭغا قىياس قىلىش مۇمكىن .
كەشىپ قىلىنغان جانسىز قاتتىق جىسىملارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ گۇناھى يوق . ئۇلار ئىنسان دىگەن مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىرادىسىگە ، ئەقلىگە ۋە ئەخلاقىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇردۇر . ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياخشى -يامان دەپ باھا بىرەلمەيمىز . پەقەت ئىنسانلارنىڭ ياخشى -يامان يوللاردا قوللىنىشىغا باغلىق بولۇپ ، ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى دەپ تەرپلىنىدىغان بۇ ۋاستىلەر ئىنسانلارنىڭ يامان يوللاردا قوللىنىشى ، پاك تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن يامان بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا گۇناھ ۋەستە ۋە كەشپىياتتا ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنى قوللانغان شەخىس ۋە غايىلەردە .
ئىجاد قىلىنغان بۇ سايمانلارغا ، ئۆيلەرنى ۋە شەھەر يېزىلارنى بومباردىمان قىلغان ئايرۇپىلانلارغا ، ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز بىچارە يولۇچىلار كېمىسىنى ۋە تىجارەت پاراخوتلىرىنى سۇغا غەرق قىلغان سۇ ئاستى مىنالىرىغا ، ئەسلى -ۋەسلى بولمىغان يالغان سۆزلەر ، ئەخلاقسىز چاكىنا پىروگراممىلارنى تارقىتىدىغان ئاپپاراتلارغا ۋە نەشرىيات ۋاستىلىرىغا . . . يامان كۆزى بىلەن قارايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغان كىشىلەرگە <بەخىتسىزلىك ئۆزۈڭلارنىڭ شورى > دەيمەن .
تەبىئەت بىلىملىرى ئىنسانلارغا ماددىي كۈچ بېغىشلايدۇ . لېكىن ماددىي كۈچ -قۇۋۋەتنىڭ قەيەردە ، قانداق قوللىنىلىشىنى ئۆگەتمەيدۇ . چۈنكى ، بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس . ئۇ خۇددى سەرەڭگىگە ئوخشايدۇ . سەرەڭگە سىزگە ئوت يېقىپ بىرىدۇ ، سىز بۇ ئوت بىلەن بىر ئۆينى ئىگىلىرى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتەلىگىنىڭىزدەك ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە تاماق پىشۇرالايسىز ۋە ئىسسىنالايسىز . مانا بۇ چوڭ پەرق .
|