- تىزىملاتقان
- 2016-5-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 719
- نادىر
- 1
- يازما
- 34
ئۆسۈش
43.8%
|
ئەسلى ماۋزۇ: جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي رىقابىتى جەنۇبىي دېڭىزدا ئەمەس
خوجا ھاشىم تەرجىمىسى
«جۇڭگو ۋە دۇنياغا نەزەر» بولسا چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى جۇڭگو ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەھرىرلەيدىغان مەزگىللىك نەشىر قىلىنىدىغان ژۇرنال بولۇپ، ئاپتورلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭو تەرەققىياتىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھۆكۈمەت، كەسىپ، ۋە ئىلمىي سەرخىللىدۇر. مەزكۇر ژۇرنال دۇنياۋىي نەزەر، كەسپ تەدبىرىنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلىپ، ھازىرقى جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلىك كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىدۇ. بولۇپمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇمۇمىي ۋەزىيەت خارەكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنىڭ قارار يۆنىلىشى ھەققىدە كەسپىي تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇ ساننىڭ ئاساسىي تېمىسى: جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ قايسىسىنى ئاۋۋال تۇمان قاپلايدۇ؟
ئىسلاھات-ئۆزگەرتىش رىقابىتى؟
لى داۋكۈي
چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى جۇڭگو ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى، سۇمرۇغ خەلقئارا ئەقىل ئامبىرى باش مەسلىھەتچىسى
ئىلاۋە: جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي رىقابىتى جەنۇبىي دېڭىزدا ئەمەس، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالاشتۇرۇلىشىدىمۇ ئەمەس، TPP(تىنچ ئوكيان ھالقىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى)مۇ ئەمەس، بەلكى كىمنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى مەسىلىلىرىنى نېگىزىدىن ھەل قىلالىشىدا. زامانىۋى بازار ئىگىلىكى ئاللىقاچان كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىنىپ، جۇڭگو سىياسىي ئىقتىسادى ئىدىئولوگىيەسىنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى بولۇپ قالدى، ئەمما چوقۇم بىر تۈزۈلمە پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىنچىكە كونترول قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. بۇ نۇقتىدا گېرمانىيە پېشۋا ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتىكى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ قانۇن ئاساسىي تولىمۇ ئاجىز، جامائەت پىكرى، ئەخلاق، سىياسىي، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قانۇن-تۈزۈمنىڭ يۈرگۈزىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. بۇ جەمئىيەتنى بىر ئاساسىي «لەنگەر»ىدىن ئايرىماقتا. بۇ نۇقتىدا ئامېرىكىنى ئۇستاز تۇتىشىمىز كېرەك. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى سەرخىللار چوقۇم يۈكسەك غايىنى ھازىرلىشى كېرەك، شۇندىلا جەمئىيەتتە ئاممىۋى ئىشەنچ قۇرغىلى ۋە نېگىزىدىن ئۇنىڭ چىرىمەسلىكىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا سىنگاپوردىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
بۈگۈنكى دۇنيادا ھەرقايسى ئاساسلىق مەدەنىيەت گەۋدىلىرىنىڭ ھەممىسى قالايمىقانچىلىق ۋە كىرزىسكە دۇچ كەلمەكتە.
ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئاساسلىق مەدەنىيەت سېستىمىلىرى بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشماقتا ، كىم ئاۋۋال ئىسلاھات ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كىرزىستىن قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ؟ بۇ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغۇچى كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ھەتتاكى بۇ ئەسىردە دۇنيا مەدەنىيىتنىڭ لېدىرى بولالايدۇ.
بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇشۇنداق. جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي رىقابىتى جەنۇبىي دېڭىزدا ئەمەس، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالاشتۇرۇلىشىدىمۇ ئەمەس، TPP(تىنچ ئوكيان ھالقىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى)مۇ ئەمەس، بەلكى كىمنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى مەسىلىلىرىنى نېگىزىدىن ھەل قىلالىشىدا.
نۆۋەتتىكى ئامېرىكىدا قالايمىقانچىلىق تولىمۇ ئېغىر: پرېزىدېنت سايلىمى باشقىچە سۈرەنلىك بولىشى، كوچا ۋە مەكتەپلەردىكى كوللېكتىپ قارشىلىقنىڭ توختىماي يۈز بېرىشى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئۆتكەن 30 يىل جەريانىدىكى يەرشارىلىشىشنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن زەربىسىدۇر. ئامېرىكا چوقۇم بىر قاتار ئاساسىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمى ئورنىتىپ، يەرشارىلىشىش مۇساپىسى جەريانىدا ئېسىنى يوقاتقان ئىجتىمائىي توپنى مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. بۇ ئېنىقلا يەرشارىلىشىش مۇساپىسى جەريانىدا نەپكە ئېرىشكەن بىر توپ كىشىلەرنىڭ؛ بولۇپمۇ ۋول كوچىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ باج ھەسسە قوشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكا فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ %75 باج مەنبەسى شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىن كېلىدۇ. ئەمما دەل مۇشۇ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى بولسا ئامېرىكىدىكى كىرىم پەرقىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىجتىمائىي كىرىم پەرقىنىڭ تۇراقلاشتۇرغۇچىسى ئەمەس. ۋول كوچىسى زەردارلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولسا كاپىتالنىڭ قىممەت ئارتىشى بولۇپ، ئۇنىڭ باج نىسبىتى ئارانلا %15. ئەكسىچە، ئەمگەك ئارقىلىق ئېرىشكەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنىڭ باج نىسبىتى بولسا %25-%30 ئەتراپىدا ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى. مانا بۇ ئىجتىمائىي ئاۋامنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقىنى قوزغايدىغان بىۋاسىتە ئامىلدۇر. يۈكسەك ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق روھىغا چوقۇنىدىغان ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ بىر تەرىپىدە بىل گەيتىس، جوبس قاتارلىق تالانتلىق كارخانىچىلار، يەنە بىر تەرىپىدە، كوچىلاردا سەرگەردان بولىۋاتقان، ئۇرۇغ تۇغقانلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپى مەۋجۇت. بۇ تۆۋەن كىشىلەر توپى كۆپىنچە ھاللاردا رەسمىي خىزمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچكەنلىكى، زەھەر چەككەنلىكى سەۋەبلىك كۆپىنچە ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بېكىتكەن قان تەكشۈرتۈش تەلىپىدىن ئۆتەلمەيدۇ. ھۆكۈمەت چوقۇم بۇ ئاجىز ئىجتىمائىي كىشىلەر توپىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە داۋالاش مەسئۇلىيىىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ نېگىزلىك ئەۋزەللىكى بولسا قانۇن ئېڭى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن. سايلام ئەھۋالى قانچە شاۋقۇن-سۈرەنلىك بولسۇن، ئاممىنىڭ قارشىلىقى قانچىكى كۈچلۈك بولسۇن، تەپتىش ئورگانلىرى ئارىلاشسىلا جەمئىيەتنىڭ ھەرساھەسى ئاساسەن سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مانا بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنىڭ ئاساسى ئۇلى ھېسابلىنىدۇ.
ياۋروپانىڭ ئەھۋالى ئامېرىكىنىڭ ئەكسىچە، يەنى زىيادە يۇقىرى پاراۋانلىق. ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە چىقىمى ئادەتتە GDP نىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت چىقىمىنىڭ يېرىمى ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا سەرپ قىلىندۇ. ياۋروپانىڭ ئاساسىي گەۋدىسى(گېرمانىيەدىن باشقا) كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈم ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا موھتاج. پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىي تۆۋەن پەللىدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ يەنىلا يىمىرىلمەي مۇستەھكەم تۇرىشىنىڭ نېگىزلىك سەۋەبى بولسا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا سولچىل باش مىنىستىر سىكرودېر ئىلگىرى سۈرگەن، ئوڭچىللار چوقۇنىدىغان بىر تالاي ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىسلاھاتىدۇر.
كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئادەتتە «شەكلەن سول ئەمەلەن ئوڭ» ياكى«ياكى شەكلەن ئوڭ ئەمەلەن سول» لىققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى ئامېرىكا ئەسەبىي ئوڭچىل شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر پرېزىدېنت (مەسىلەن: ترۇمپ) نىڭ گاڭگۇڭلۇق بىلەن سولچىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئاجىز توپلارنى يۆلەپ، ئاساسىي ئىجتىمائىي كاپالەتنى مۇكەممەللەشتۈرىشىگە، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى پەسەيتىشىگە موھتاج. ئەمما ياۋروپا ئەينى ۋاقىتتىكى گېرمانىيەچە سولچىللارنىڭ تەختكە چىقىپ، كەڭ ئاۋام رايىغا تايىنىپ ئوڭچىلچە ئىسلاھات ئېلىپ برىشىغا موھتاج. بۇ دەل ئەينى يىلى سىكرودېر ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ سىياسىي لوگىكىسىدۇر.
جۇڭگونىڭ ئۆزىگە نەزەر سالغىنىمىزدا مەسىلىلەرنىڭ قاتمۇ-قات ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۈگۈن بىز مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، تەپەككۇرىمىزنى يېڭىلاپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى 30 يىلغا ئوخشىمايدىغان يېڭى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. بۇ يېڭى ئىدىيە كەم دېگەندە تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1- زامانىۋى بازار ئىگىلىكىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كونترول قىلىش. بۇ نۇقتىدا گېرمانىيە پېشۋادۇر. زامانىۋى بازار ئىگىلىكى ئاللىقاچان كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىنىپ، جۇڭگو سىياسىي ئىقتىسادى ئىدىئولوگىيەسىنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى بولۇپ قالدى، ئەمما چوقۇم بىر تۈزۈلمە پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىنچىكە كونترول قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. بۇ نۇقتىدا گېرمانىيە ۋە سىنگاپورنىڭ تەجرىبىسى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ. داۋالاش تۈزۈمى جەھەتتە، ھەم دورا زاۋۇتى، دوختۇر، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى بازار مېخانىزىمى تەرىپىدىن قوزغىتىلىشى ھەم بازارنىڭ ھەممىنى ئالدىغا سېلىۋېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك، چوقۇم ھۆكۈمەت ئىنچىكىلىك بىلەن بىر قاتار تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئېتىبار خارەكتېرلىك ئاساسىي داۋالاش بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك. ئۆي-مۈلۈكچىلىك بازىرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئېچىش سودىگىرىدىن تارتىپ خوجىلىق باشقۇرۇش، ئاھالە، نىمكەش ئۆي سودىسى قاتارلىق ئاساسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى بازار ئىگىلىكىدۇر. ئەمما ھۆكۈمەتنىىڭ تەڭشىشى چوقۇم ئەتراپلىق بولىشى كېرەك. ھەم ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ ئېھتىياجىغا كاپالەت قىلىشى ھەم ئۆي مۈلۈك باھاسىنىڭ تۇراقسىز بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
2- قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە تۈزۈلمىسى چوقۇم بىخ سۈرۈش كېرەك. بۇ نۇقتىدا ئامېرىكا ئۇستاز ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق چوڭ ئىجتىمائىي زىددىيەت، ئاق تەنلىكلەرنىڭ قارا تەنلىكلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە قارشى تۇرۇشىدىن، قارا تەنلىكلەرنىڭ يەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئادىل بولمىغان ھۆكۈمگە ئۇچرىشىدىن كېيىنكى قالايمىقانچىلىققىچە، ۋول كوچىسىنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىدىن تارتىپ، گورې بىلەن كىچىك بۇشنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى جېدىلىگىچە بولغان بارلىق چوڭ-كىچىك ئىشلاردا قانۇن قاتلىمىغا ئۆرلەپ، تەپتىش ئورگانلىرى ئارىلاشسىلا كۆپىنچە ئامما قوبۇل قىلىدۇ. نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ قانۇن ئاساسىي تولىمۇ ئاجىز، جامائەت پىكرى، ئەخلاق، سىياسىي، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قانۇن-تۈزۈمنىڭ يۈرگۈزىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. بۇ جەمئىيەتنى بىر ئاساسىي «لەنگەر»ىدىن ئايرىماقتا. شىياڭگاڭ جەمئىيىتىدە ئالدىنقى ئىككى يىلدا يۈز بەرگەن تېراگېدىيەنىڭ سەۋەبىمۇ دەل قانۇن-تۈزۈم ئاممىۋى ئېڭىنىڭ يوقىلىشى بولۇپ، ئاشكارا قانۇنغا خىلاپ بولغان ھەرىكەت ۋە شەخسلەرنى جازالاش يېتەرسىز بولماقتا.
3- چوقۇم بىر توپ يۈكسەك غايىلىك، چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان، ئىرادىلىك ھۆكۈمران سەرخىللىرى بەرپا قىلىنىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدا سىنگاپور ئۇستاز ھېسابلىنىدۇ. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى سەرخىللار چوقۇم يۈكسەك غايىنى ھازىرلىشى كېرەك، شۇندىلا جەمئىيەتتە ئاممىۋى ئىشەنچ قۇرغىلى ۋە نېگىزىدىن ئۇنىڭ چىرىمەسلىكىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ غايىلىك سەرخىللار چوقۇم ھەم چەكلىمىگە ئۇچراپ تۇرىشى ھەم ئىلھاملاندۇرۇلۇپ تۇرىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئېرىشىدىغان شەخسىي مەنپەئەتى بىردەك بولىشى لازىم. «غايىنى سۆزلەش» ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەت سىجىل ھالدا بىر توپ سەرخىللارنى جۇغلاش مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، تۈزۈلمىنىڭ چەكلىمىسى ۋە ئىلھاملاندۇرىشىغا تايىنىپمۇ بىر توپ غايىلىك ھۆكۈمران سەرخىللارنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس. غايىلىك بولۇش، چەكلىمىگە ئۇچراش، ئىلھاملاندۇرۇلۇش ئەسلا بىر-بىرىگە زىت ئەمەس.
ئەگەر جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى يۇقىرىقى ئۈچ جەھەتتىن ئەمەلىي ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلىسە، جۇڭگو ھېچقانچە ھەرەجسىزلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىمۇ دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چاقىرىق كۈچىمۇ دۇنيا مىقياسىدا يەنە بىر پەللە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ. جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىمۇ تەڭلا ئۆرلەيدۇ. نەتىجىدە جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى رىقابەت ئەھۋالىدىمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
مەنبە : سۇمرۇغ تورى خەلقئارا ئەقىل ئامبىرى http://pit.ifeng.com/a/20160518/48792069_0.shtml
بۇ مېنىڭ باغداش تورى ئۈچۈن قىلغان مەخسۇس تەرجىمەم. رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.
|
|