- تىزىملاتقان
- 2013-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2682
- نادىر
- 0
- يازما
- 77
ئۆسۈش
  22.73%
|
ئەسلى ئاپتۇرى يارغۇل
ئەسەر ياخشى يېزىلغاچقا باغداشتىكى دۇسلارنىمۇ ئۇقۇپ باقسۇن دەپ fb دىن كۈچۈرۈپ كەلدىم
ئايالىمنىڭ تەخەللۇسى يۇق
ئۇنى ئاساسەن ھېچكىم تۇنۇمايدۇ
ئۇ مەندەك داپ چالالمىغاچقا
ئەسەر تەرجىمە قىلالمىغاچقا
پاراڭ سالالمىغاچقا
ھېچكىم ئۇنى ئىزلەپ يۈرمەيدۇ
ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ
ئۇ ئۇششاق _چۈششەك ئىشلارغا بەنىت
مەسىلەن مەن ئىنسانىيەت ئۈچۈن غەم يەۋاتقاندا
ئۇ پايپىقىمنى يۇيۇۋاتقان بۇلۇدۇ
پەرزەنىت تەربىيسى ھەققىدە ۋەز قىلۋاتقىنىمدا
ئۇ ئۇغلۇمنى ئىمىتىۋاتقان بۇلۇدۇ
ۋەتامىنلارنى تەتقىق قىلۋاتقىنىمدا
ئۇمىۋە ئاقلاۋاتقان بۇلۇدۇ
گەرچە ئۇ شائىرلىقىمدىن قىلچە نەپ ئېلىپ باقمىغان بۇلسىمۇ
باشقىلارغا يۇلدىشىم شائىردەپ پەخىرلىنىدۇ
شائىر كىم
ئۇ رىئالىققا كۈنەلىگۈچى
داتلاشقان ئەنئەنىلەرگە
چاينىلىپ كەتكەن ئىبارىلەرگە قارشى چىققۇچى
دىمەك مەن بۈگۈن ئۇيغۇر خەلىق ماقال -تەمسىللىرىدىكى خۇتۇننى ماختىغان بىرىنجى ئەخمەقكە
قارشى چىقىپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن
بۇ ئارقىلىق يە ئەخمەق سانىلىمەن يا شائىر
ئايالىم سۇرىدى بۈگۈن نىمىلەرنى قىلدىڭىز؟
مەن دىدىم بىر تۇپ ئاكا ئۇكىلارغا ساپ سەنئەت ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم
ھېلىقى ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ پۈتكۈزدۈم
ئىككى پارچە شىئىر يازدىم
ئالدىنقى قېتىم چالغان داپنىڭ پۇلىنى ئالدىم
سۇدىگەر ئاغىنەمنىڭ تۇيىغا باردىم
ئۇھ ھەجەپمۇ ھاردىم!سىزچۇ ؟دىدىم
مەن بۈگۈن كىرلىرىڭىز بىلەن گۇناھلىرىمنى يۇدۇم
سۈپۈرگە بىلەن رۇھىمنى تازلىدىم
قەلبىم بىلەن ئۇغلۇمنىڭ تىلىنى ئۈگەندىم
مىھرىم بىلەن يۇلىڭىزغا قارىدىم
سۆزلىرىمنى ئاسمانغا يەتكۈزدۈم
مەن بۈگۈن ھەجەپ خۇشال ياشىدىم دىدى
شۇنداق
ئايالىمنىڭ تەخەللۇسى يۇق
ئۇنى ئاساسەن ھېچكىم تۇنۇمايدۇ
ئۇ مەندەك ئىقتىدارلىق بۇلمىغاچقا
ھېچكىم ئۇنى ئىزلەپ كەلمەيدۇ
پەرىشتىلەردىن باشقا
|
|