- تىزىملاتقان
- 2011-9-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8575
- نادىر
- 0
- يازما
- 380
ئۆسۈش
  71.5%
|
بىركۈنى دوستۇم بىلەن ئىكككىمىز كەچلىك بازار غا چىقىپ ئۆپكە يەيلى دەپ بىر 50،60 ياشلاردا بار ئانىمىزنىڭ ئۈستىلىدە ئولتۇرغان ئىدۇق ، يېنىمىزدا بىزدىن بۇرۇنراق كەلگەن بىز دىمەتلىك ئىككى ياش ئولتۇراتتى .
ئۇلار يەپ بۇلۇپ بىرى : مەن بىرىۋەتتىم ئاداش ..... دەپ ماڭدى . ئارقىدىن ئايال توۋلىدى : يىگىتلەر پۇل تۆلىۋىتەمسىلەر !!! مەن تۆلىۋەتتىم دىگىنى كەينىگە يېنىپ : كەچۈرسىلە ئاچا ھە .....دەپ 10 يۈئەننى بىرىپ كىتىپ قالدى .. ئايالمۇ ئۈندىمىدى .
100 گىرادۇس ئىسسىقنى ھېس قىلالىغان ئىنسان 1000 گىرادۇس ئىسسىققا قول تىقمايدۇ ، 100 گىرادۇستا نېمە بۇلۇپ كىتىدىغىنىنى بىلگەن ئىنسان 1000 گىرادۇستا قانداق بۇلىدىغىنىنى تەسەۋۇر قىلالايدۇ ، شۇڭا مەن جەمىيىتىمىزدە بۇلىۋاتقان يىنىك ھىساپلىغان بىرلا ئىشنى مىسال كەلتۈردۈم.
شۇنداق بۇ ئادەتتىكى ئىش ....شۇنداق ۋىجداننى مۇشۇنداقلا پەسكەشلىكنىڭ ئىتلىرىغا تالىتىۋېتىش ئادەتتىكى ئىش......بۇنىڭغا نېمە بولماقچى ئىدى ، ئاسمان گۆمتۈرلەمتى، يەر يىمىرىلىپ كىتەرمىدى .......
ئەمما يەنە بىر قەلبىمىزدىكى چەكسىز دۇنيادا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بۇلىدۇ ، ئادىمىيلىك زىمىنى گۆمتۈرلۈپ ، ئەخلاق ئاسمىنى ئۆرۈلۈپ ، ۋىجدان شەھرى يەر بىلەن يەكسان بۇلىدۇ ، ئەمما بۇنى بىلىم، ئەخلاق، ۋىجدان دىسە بېشى ئاغىرىيدىغان ھېسسىز ، مەنىۋىيەتنىڭ پار - پۇرلىرىغا ئورىنىۋالغان يالاڭ تۆشلەر ، قانداق ھېس قىلسۇن ،قانداقمۇ ھېس قىلالىسۇن !
بىلىم مەرىپەتتە بارچە خەلىققە ئۈلگە بۇلۇپ قەشقىرى << بۇخارا >> يەنى << بىلىم - مەرىپەت شەھرى >> دەپ ئاتالغان ، ئەخلاقتىن تون كىيىپ ، ۋىجداندىن قېلىچ سۇقۇپ ھەققانىيەتنىڭ گۈلدۈر مامىدەك ئاۋازىنى ياڭرىتىپ دۇنياغا << شىر >> دەپ نامى تارالغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە جان ئەمەس ھەتتا 10 يۈئەننىڭ ئالدىدا مەردانە تۇرالماي لاتىدەك ئىگىلىپ كەتكەن << شىر >> ئارىسلانلىرىغا قاراپ كىممۇ ئۇھسىنمىسۇن ..............
مەنبە : قەلبىم . |
|