داۋۇت ئوغلۇنىڭ ئىستىپا بېرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ خوجا ھاشىم تەرجىمىسى
تۈركىيە باش مىنىستىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى رەئىسى داۋۇت ئوغلۇ 5- ماي ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئەنقەرەدە مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا داۋۇت ئوغلۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 22-ماي كۈنى ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئۆزىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە رەئىسى سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن داۋۇت ئوغلۇنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئۆزلىكىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
داۋۇت ئوغلۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئىستىپا بېرىشىم تاللاش بولماستىن بەلكى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش، مەن پرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن بۇ قارارنى چىقاردىم.
يېقىندىن بۇيان تۈركىيە پىرېزدېنتى ۋە باش مىنىستىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك مىش-مىش گەپلەر كۆپىيىپ قالدى.
ئەردوغان ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىپ، تۈركىيەنى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەتتىن پرېزىدېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەتكە ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالماقچى بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرى داۋۇت ئوغلۇنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان ۋە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە داۋۇت ئوغلۇنىڭ ھوقۇقى تەدرىجىي تارتىۋېلىنىپ، تەسىرى ئاجىزلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە، داۋۇت ئوغلۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى. 3- ماي ئۇنىڭ «ھەرقانداق مەرتىۋىدىن ئىستىپا بېرىشتىن ئىككىلىنىپ قالمايدىغانلىقى»نى ئاشكارا جاكارلىشى تاراتقۇلار تەرىپىدىن ۋاز كېچىش قارارنامىسى دەپ چۈشەندرۈلدى.
5-مايدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، داۋۇت ئوغلۇ ئۆزىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، بۇنىڭ «ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى» ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۆزىنىڭ پارتىيەدىن چېكىنمەيدىغانلىقى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسىلىق ئورنىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك سەھەر» گېزىتى مەخسۇس سىتونىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، داۋۇت ئوغلۇنىڭ ئىستىپا بېرىشى باش مىنىستىرنىڭ ئىز باسارىنىڭ چوقۇم پرېزىدېنتنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ سىياسىي رېئاللىقىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ،دېدى. ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: داۋۇت ئوغلۇ چوقۇم تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي رېئاللىقىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. مەزكۇر ئەسىرنىڭ باشلانمىسىدىكى ئەردوغانچە زومىگەر باش مىنىستىرلىق دەۋرى كەلمەسكە كەتتى. ئەردوغان ھازىر پرېزىدېنت ۋە باش مىنىستىردىن ئىبارەت ئىككى رەھبەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولىشىنى بىر خىل ئېغىر تەھدىت دەپ چۈشىنىدۇ.
داۋۇت ئوغلۇنىڭ ئىستىپا بېرىشى تۈركىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتى ، بولۇپمۇ سۈرىيە مۇساپىرلىرى كىرزىسىنى ھەل قىلىش كېلىشىمنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا زور سوغۇقچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. داۋۇت ئوغلۇ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنامىنى ئىمزالىشىدىكى ھالقىلىق شەخس، ئەمما ئەردوغان بۇ كېلىشىمنامىگە ئىزچىل قىزىقماي كەلدى. «چىكاگو مۇنبەر گېزىتى» باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەردوغان مەزكۇر كېلىشىمنامىگە بىر خىل يىلمان مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ مەيدانى ياۋروپانىڭ ئالدىدىكى چوڭ بىر توسالغۇ بولۇپ قالدى،ئەگەر مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە بەلكىم ھەممە ئىش خېمىرىغا يېنىپ كېتىشى مۇمكىن». مەزكۇر كېلىشىمنامە تۈركىيەدىن ئەدلىيە ئادىللىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق تۈركىيە ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپاغا ۋىزىسىز كىرىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.ياۋروپانىڭ بۇ تەلەپلىرى ئېنىقكى، ئەردوغاننىڭ سىياسەتلىرىگە نۇرغۇنلىغان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
داۋۇت ئوغلۇنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ پاي، پۇل-مۇئامىلە، زايوم بازارلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. ئىستانبۇل «يەر شارى ئاكسىيەسى»نىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى كۇلكېن مۇنداق دېدى: سىياسىي مۇھىتنىڭ تۇراقسىزلىقى ئىقتىسادى داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. تۈركىيە سىياسى سەھنە پاراخوتى نامەلۇم ئوكيانغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. ھېچ بولمىغاندا كەلگۈسى ئىككى ئايدا مۇشۇنداق.
مەنبە: شىنخۇا تورى http://news.xinhuanet.com/world/2016-05/07/c_128965436.htm
بۇ مېنىڭ باغداش تورى ئۈچۈن قىلغان مەخسۇس تەرجىمەم، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
|