- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18420
- نادىر
- 0
- يازما
- 1591
ئۆسۈش
  21.05%
|
مەنبە: news.ifeng.com2011-11-08 03:40شىنخۇا تورى
تېھران 7-چىسلا تېلىگراممىسى:ئىران مۇتەخەسسىسلەر يىغىنىنىڭ ئەزاسى،دىنىي شەخس سەيىد ئەخمەد خاتەمى 7-چىسلا خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا دائىر دوكلاتىغا رەددىيە بېرىپ ،بۇ دوكلاتنى ‹‹ساختا ›› دېدى.
خاتەمى شۇ كۈندىكى قۇربان ھېيت نامىزىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ۋاقىتتا خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسىنى تەنقىدلەپ،بۇ ئورگان ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى تۇرۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالدى دېدى.ئۇ خەلقئارا ئاتوم ئېىرگىيىسى ئورگىنىنى‹‹ساختا ھۈججەتنى ئېلان قىلماسلىققا،بۇ ئورگاننىڭ ئىناۋىتىنى بۇزماسلىققا››چاقىرىق قىلدى.
گەرچە خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا دائىر ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ ،ئەمما ئاخبارات ۋاستىلىرى مەزكۇر دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ئېھتىمال ئاراننىڭ مەخپىي يادرو قوراللىرىنى ياسىغانلىقىغا چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ خەۋەر بەرگەن.ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى سالىش 5-چىسلا ئىپادە بىلدۈرۈپ،يېقىندىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر قىلغان خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئەيىپلەيدىغانلىقىغا دائىر ھۈججەتلەر ‹ئاساسسىز ساختا››دېگەن.
ئامانو بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چوڭ يىغىنىدا ئىراننى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىپ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان.ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى پىرىس بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىرانغا قورال كۈچى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ‹‹بارغانسىرى چوڭىيىۋاتقانلىقىنى››ئېيتقان.
مەنبە - نۇر تورى |
|