قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 596|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئېتبارغا ئېلىنمىغان سۆيگۈ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

593

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   18.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  65680
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-29 18:39:24 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

ئېتبارغا ئېلىنمىغان سۆيگۈ

(ھىكايە)

ئۇنىڭ ئۇخلاش كىيمىنىڭ ئۈستىگىلا كىيۋالغان بۇ مامۇق چاپىنى بۇ تۈن نىسپىدىكى سۈڭەكتىن ئۆتكىدەك قەھرىتان قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرىغا دالدا بولالمىغان ئىدى. قانداقتۇر ئاچچىق ئەلەم- ھەسرەتتىنمۇ ياكى ئاچچىق سۇغۇقنىڭ رەھىمسىزلەرچە بۇ ناتىۋانغا نەشتەردەكسانجىلشىدىنمۇ ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرى كۆكەرگەن،كۆزلىرى نۇرسۇزلانغان ئىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ نەگەبېرشىنى بىلمەيىتتى، بۇنچە كىچىدە ئاتا-ئانىسى يىراق يۇرتتا  قالغان بۇ ناتىۋان ئۈچۈن شۇنچە كەچ بولشىغاباقماي ئادەملەر ناگاندە ئۈتۈپ تۇرغان بۇ كوچىدا گوياكى بۇ شەھەردە ،بۇ دۇنياداپەقەت ھېچقانداق ئىنسان مەۋجۇت ئەمەستەك،پەقەت ئۆزىدىن ئىبارەت بىر نىمجانئاجىزەلا باردەك بىلىنمەكتە ئىدى. قانچىلىك ماڭغىننى، نەگە كىلىپ قالغىننىمۇ ئۆزىھەم بىلمەيتتى,پەقەت پات-پاتئۇچرايدىغان،نە ئىچ ئاغرىتقىننى،نە مەسخىرە قىلغىننى بىلگىلى بولمايدىغان كۆزلەرئەمدى ئۇچىرمايىتتى.
ئۇنىڭ ھەسرەتكەتولغان يۈركىگە مانا بۈگۈن ھەقىقى مۇز قاتتى،ئۇنىڭ ئاجىز تەنلىرى  بۇ دەھشەتلىك رەھىمسىز سۇغۇققا تەسلىمبولدى،شۇنداق ئۇرۇققىنە بۇ جانسىز تەن يەرگە شۇنداق قاتتىق چۈشتىكى نەچچە كۈنئىلگىرى چۈشكەن قارنىڭ ئېرىگەن سۈيىدىن قاتقان مۇز  چاك-چاك ئاجراپ كەتتى.
-ۋاي بالام شۇنچەكەچ بوپ كەتكەندە كىتىمەن دىمەي قۇنۇپ قېلىڭلا،ئۇچقۇنئايمۇ گۈلچىنئايغا قىيالمايكەتمەيمەن دەۋاتىدۇ ،بالام،داداش قۇنۇپ قالسۇنمۇ يە سىلەرنى  ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەتسۇنمۇ؟
-ياق، ياقكەتمەيمىز، مەن بۈگۈن گۈلچىنئاي ئاچام بىلەن ئۇخلايمە.
قىزىنىڭ بۇنچەقىلغان ئۇماق قىلىقلىرىغا مەسلىكى كەلگەن ھېكمەت قىزنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ھەم كەچمۇبوپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئايالىغا قارىدى دە-گۈلزىبا سىز قېپ قېلىڭ مەن سىلەرنىئالغىلى ئەتە كىلەي دېدى-دە:چوڭ ئاپىڭىزنى خاپا قىمماڭ ھە!دەپ قۇيۇپ

قېيىنئانىسىنىڭ شۇنچە چىڭ تۇتشلىرىگە ئۇنىماي ئۆيگە قايتىۋاتقان ھېكمەت كۆز ئالدىدا بىرسىنىڭيىقىلغانلىقنى كۆردى- دە يۈركى سەل ئەنسىزچىلىك ئىچىدە سۇقۇشقا باشلىدى. كۆڭلىدەبۇنچە كىچىدە ئۆيگە قايىتماي سوغۇقتا ئېچىپ مەس بولۇپ قالغان زابويدۇ يە دەپئويلاپمۇ ئۈلگۈردى.يەنە ئۆز-ئۆزىگە :نىملابولمىسۇن خۇدانىڭ بىر بەندىسى دە بىر كۈنلەردە ئىنساپمۇ تېپىپ قالا،بۇ سوغۇقتا مۇزلاپ قالمىسۇن دىگىنچە ماشىنىنى يولنىڭ چېتىدە توختاتتى دە يۈگۈرۈپ دىگۈدەكيىتىپ كىلىپ سەل تۇرۇپ قالدى،بەلكىم ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلشىدا قەلبى ئۇنى:《ھەي ھېكمەت ئۆزۈڭچە ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەي تۇرۇپ خەقنى ھاراقكەشكە چىقىرىپ كىتىپقالغان بولساڭ بۇ ناتىۋانغا قانچە ئۇۋال بولغان بولاتتى ھە》 دەۋاتقان بولشى ياكىبۇ نۇرسىز ،جىيەكلىرى كۆكرىپ رەڭگنى يۇقاتقان كۆزلەرنى قانداقتۇر بىر يەردەكۆرگەندەك تۇنۇش بىلنىشى لىكىن قەيەردە ،قاچان كۆرگەنلىكىنى ئەسكە ئالاممايگاڭگىراپ قالغىنى سەۋەپ بولغان بولشى مومكىن.
ئۇ ئەتراپقاقاردى،يولدى ھېچكىم كۆرۈنمەيىتتى،ئۇ بۇ نىمجان تەننى يۇلۇپ ئالدى دە،ماشىنىغاسېلىپ شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، دىجورنى دوختۇر :سىزرەسمىيەت ئۈتەپ كىلىڭ ،دەپ قۇيۇپلا سىستىرالار بىلەن  بۇ ناتىۋاننىجىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى.
ھېكمەت ئۆزى ئىگەبۇلۇپ كەلگەن بۇ ئايالنى بۇ يەردە قۇيۇپ كەتسە بولمايىتتى،شۇڭا ئۇ كۈتۈش زالىدادوختۇرنىڭ چىقىشنى ساقلىدى.
ئاردىن قانچىلىكۋاقىت ئۆتتىكىن سىستىرا قىزنىڭ :سىزنى دوختۇر چاقىرىدۇ،دەپ بېشىغا نوقۇشىدىن -ھە،ھە ئۇخلاپ قاپتىمەندە دەپ ئاستا ئۇيقۇسىنى ئاچقان ھېكمەت سىستىرا قىزنىڭ ئۆزىنى خېلى كۆپ قېتىم چاقىرغىننى ھىس قىلدى.
ئاستا ئورنىدىنتۇرغان ھېكمەت دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرشى بىلەن دوختۇر ئاچچىقلاپ قالدى:قاراڭئۇكام،قارسام بىر ئوبدان بالىدەك كۈرنىسىز،بىر ئايالغىمۇ شۇنداققىلامسىز، قارىغاندا ئائىلىگە ئىگىمۇ بولمايدىغان ئوخشايسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىقات ئىكەن،بەدەنگە ئوزۇقلۇق يىتىشمەپتۇ،بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىقتۇق، بىرەر كىسەللىكئەھۋال بايقالمىدى، قارىغاندا ئائىلدە كۆپ زۇلۇمغا ئۇچىراپ قاغاندەك تۇرىدۇ،سىلەرياشلارنى زە،-دوختۇر ئېغىر تېنىپ قويدى.
ئەمدى چىقىپئايالىڭىزنى كۆرسىڭىز بولىدۇ،ئىسىڭىزدە بولسۇن ئايالىڭىز ياخشى ئوزۇقلىنىش بىلەنبىرگە كۆڭلى خۇش تۇرۇشقا مۇھتاج، بولمىسا بالىڭىزغىمۇ زىينى چوڭ.
ھېكمەت ئۇيقۇسىزلىقتىنمۇ ياكى بۇ گەپ -سۆزلىرى كەسكىن ،دادىسى دىمەتلىك دوختۇرغا ئارتۇق گەپ قىلغۇسىكەلمىدمۇ  ماقۇل دىگەندەك بېشنى لىڭىشتىپ قۇيۇپ ئايال ياتقان بالنىسقا كىردى.
ئايال گەرچە سەلئەسلىگە كەلگەندەك كۆرۈنسىمۇ قانداقتۇر ياداڭغۇ چىرايى،نۇرسىز كۆزلىرىدىن بىرخىلتۇرمۇشنىڭ ئەلەملىرى تۆكلىپ تۇراتتى.لىكىن ھىكمەتكە بۇ كۆزلەر تۇنۇشتەك تۇيغۇلارنىبىرەتتى،لىكىن بۇرۇنقىدەك ئەسلىيەلمەيىتتى.
ھېكمەت كارۋاتقا بېشىنى قۇيۇپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، تۇيۇقسىز يان تىلفۇنىنىڭ سايرىشى ھېكمەتنى ھەم بۇناتىۋاننى تەڭ ئويغاتقاندى، تىلفۇندىن:ئەسسالامۇئەلەيكۇم دادوي، چۈشتە سىزنى تاماققا ساقلايمىز ،تاماققا ئۈلگۈرۈپ كىلدىغانسىز,دىگەن تاتلىق ئاۋاز ئاڭلاندى.
ماقۇل ،تىلفۇننى ئاپىڭىزغا بېرىڭ قىزىم ، دېدى ھىكمەت.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاخشام ئۆيگە بېرىپ بولدۇم دەپ تىلفۇنمۇ قىپ قويمىدىڭىز ،تىلفۇن قىلايدىسەم ئۆيدىكلە ئېرى كىتىپ بولغىچە تىلفۇن قىلغىننى دەپ قاممىسۇن دەپ قىسقا ئۇچۇريوللىسام قايتۇرمىدىڭىز ئەنسىرەپ تۈزۈكمۇ ئۇخلىيالمىدىم.
ھېكمەت كىچىدىن بولغان ئىشلارنى بىر قۇر گۈلزىباغا چۈشەندۈردى،گەرچە گۈلزىبا ھېكمەتكە ئىشەنسىمۇكۆڭلىدە قانداقتۇر بىر چىگىش خىيال ئۇنى خاتىرجەمسىزلەندۈرەتتى،ئۆزىمۇ بىلمەيدىغانخىياللار بىردەمدە كاللىسىدىن ھەرخىل شەكىللەردە ئۆتتى،لىكىن نىم دېيىشنى بىلمەيتۇرۇپ قالدى.
گۈلزىبا!?، گۈلزىبا ھوشىنى يىغىشقا تىرشىتى،نىمە ئىش بولسا ئېيتىۋېرىڭ.
سىز چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ ئۇچقۇنئاينى ئېلىپ شەھەرلىك خەلىق دوختۇرخانىسىغىلا كىلىڭ،قالغىننى سىز كەلگەندە دېيشەيلى. ھېكمەت تىلفۇننى قۇيۋېتىپ بالنىس ئۆيىگەكىردى،ئايالمۇ ئويغىنىپ خىيال ئىلكىدە ياتاتتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قانداقراق تۇرسىز؟-ھېكمەت ئايالغا كۈلۈپ قاردى.
ئايال ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى،يۈرىكى ئۆرتىنىپ بوغزىغا قاپلىشىپ قالغاندەك بولدى،قانداقتۇر بىرئازاپ يۈركىنى غاجىلايىتتى،ئايال كۆزنى باشقا ياققا ئەپ قاچتى,ئەگەرگەپ قىلىپ قالسىلا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىشى ،كۆزلىرىگە پاتماي قالغانياشلىرى تۆكۈلۈپ كىتىشى ئېنىق ئېدى،شۇڭا ئۇ ھېچنىمە دىمىدى,ھەتتاكىئۆزىنىڭ بۇيەرگە قانداق كەپ قالغىننى سوراشقا،بۇ شەپقەتچىگە رەھمەت ئېيتىشقىمۇجۈرئەت قىلالمىدى.
مەن سىزگە چىقىپ سۇيۇق سەلەڭ بىر نەرسە ئەپ كىرەي،ھە راس،سىزنىڭ بىرە يېقىنلىرىڭىزنىڭ تىلفۇن نۇمرىياكى ئادرىسىنى دەپ بەرسىڭىز خەۋەر قىلىپ قۇياي. بايىقى سالامى ،بۇ گەپلىرى جاۋاپسىز قالغان ھېكمەت بەلكىم ئەر زاتىغا تارتىنىپ گەپ قىلالمايۋاتقان چېغى دەپ ئويلىدى دە:بىردەمدىن كىيىن ئايالىم كىلىدۇ،شۇ چاغدا باشقالازىمەتلىك نەرسىلەر بولسا دەسىز ،دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
ئايالىم دىگەنسۆز بۇ ناتىۋاننىڭ يۈركىگە قانداقتۇر بىر چۈشنىكسىز ئاچچىق تۇيغۇ پەيدا قىلدى.
ئۇنىڭ كۆزلىرىدېرىزىدىن ھالقىپ ئون يىل ئاۋالقى شاتلىققا تولغان ئىلىم ماكانىغا چۈشتى.
گۈلشەن ،بۈگۈن ئەمما سىزنى سەت خوش قىلۋېتىمەن جۇما;
ۋاي مېڭڭە،سىزما!؟نىمىش قىلىپ؟!
بۈگۈن مەن يادقايېزىشتا  سەكسەندىن يۇقرى ئېلىۋېتىدىغانئوخشايمە،ھا ھا……
ۋاي مېڭڭە ساراڭ،بۇنىڭ مەن بىلەن نىمە ئالاقىسى.
گۈلشەن، بۈگۈنبىزنىڭ سىنىپنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ پۇتبۇل مۇسابىقسى باكەن ،بامامسە؟!ھېكمەتمۇئوينايدۇ جۇمۇ!!!قىزلانىڭ تەڭلا كۈلشىدىنگۈلشەن ئوتقاشتەك قىزىرىپ كەتتى.
گۈلشەن، تۇغۇلغانكۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن،ھا ھا……سىزگە دەھشەت بىر سوۋغات تەييارلىغان ئەمما،سىزئالاسىزمۇ!!؟ھا ھا……
بۈگۈن مىنىڭتۇغۇلغان كۈنۈم ئەمەس،ھەقىچان تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىلۋېلىش ئۈچۈن ئويناۋاتقانئويۇنلىرىڭىز دۇ بۇ.
گۈلشەن……
بۇنداق  كۆڭۈل ئىزھارلار ئارلىشىپ كەتكەن يۇمىرىستىك چاخچاقلار ئۈزۈلمەيىتتى.
تولۇق ئوتتۇرىغاكەلگەندىن بۇيان قانداقتۇر بۇ شوخ ساۋاقدىشىنىڭ چاخچاقلىرى بىلەن گۈلشەننىكۈلدۈرگىنى كۈلدۈرگەن ئىدىكى بىرەر قېتىم كۆڭلىنى رەنجىتكىنى يوق ئىدى،دىمىسىمۇ بۇھېكمەت ئۆزى شوخ،پائاليەتلەردە ئاكتىپ ئىدى،بىراق دەرسلەردە ئانچە تىرشىپ كەتمەيىتتى،بولۇپمۇ ئىنگىلىزتىلى دەرسىدە يادقا يېزىشتا ھەر قېتىم قايتا يېزىشقا قالاتتى،سىنىپتائىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ :ھېكمىت بۈگۈن سەن يەنەياخشى يازالماپسەن،قاندا قىلسام بۇلار،قانداق قىلسام ياخشى ئۈگنەرسە !؟-دېگنىدەكئاھلىرىغا :دەرسىنى گۈلشەن ئۆتۈپ باقسۇنمۇ يە !؟دىگەندەكپۈتۈن سىنىپتىكلەرنى ،ھەتتا ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسىنىمۇكۈلدۈرۋېتىدىغان،گۈلشەننى قاتتىق خىجىل قىلدىغان گەپلەرنى قىلاتتى.
ئەمىليەتتە تۇلۇق ئوتتۇردەك ئۈگنىش بېسمى زىيادە يۇقرى مۇھىتتا ھېكمەتنىڭ بۇنداق چاخچاقلىرى باشقاساۋاقداشلىرىنىڭ روھى بېسمىنى يىنىكلىتەتتى. بەلكىم ھېكمەتنىڭ بۇنداق يۇمرىستىك تەرپى ھەم پائاليەتچان ،ساۋاقداشلىرى بىلەن دوستانلىقىدىنمۇ ھەممىسى ئۇنى قەۋەتلاياخشى كۈرەتتى. بارا -بارا گۈلشەنمۇ ھېكمەتنىڭ چاخچاقلىرىغا كۆنۈپ قالدى بولغاي بۇرۇنقىدەك قىزارمايدىغان، تېرىكمەس بوپ قالغان ئىدى.
مەيلى ئۇقۇتقۇچىلار بولسۇن ۋە ياكى ساۋاقداشلار بولسۇن ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇراسىنپىنىڭ بۇ تۇنجى قارا ئوقۇغۇچىللىرى ئۆز-ئارا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىملەرنى قالدۇرۇپمانا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈردىغان دەقىقىلەر يىتىپ كەلمەكتە ئىدى،ھېكمەت ئەنە ئاشۇنداقشوخ ئىدى ،لىكىن قانداقتۇر بۇ دەقىقىلەردە ئۇنىڭ شوخلۇقتىن سەكرەپ تۇردىغانيۈركىگە ئېغىر تۈگمەن تېشى ئارتىلغاندەك بوپ قالغان ئىدى.بۇ شوخ يىگىت قانداقتۇرئېغىر-بېسىق ،كەمسۆز بوپ قالغان ئىدى،مانا بۇ ئشقى مۇھەببەت بولسا كىرەك.
ئالى مەكتەپئىمتاھانىمۇ ئاخىرلاشتى،ئۇقۇتقۇچىلار ،ساۋاقداشلار بىر-بىرىگە قىيالمىغان ھالدايولغا چىقىشنىڭ تەييارلىقنى قىلىشماقتا ئىدى،ھېكمەت مانا ئەمدى گۈلشەنگە چاخچاقئەمەس،بىرە -ئىككى ئېغىز گەپنى جۈرئەتلىك قىلالماس بوپ قالغان ئىدى،شۇڭا ئۇ بىركىچە كىرپىك قاقماي گۈلشەنگە بىر پارچە خەت يازدى.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم گۈلشەن:
مەن ئادەتتەسىزنى تىرىكتۈرۈپ يۈرگىنىمنى بىلىمەن ،لىكىن بۇ مىنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىمئىدى. مۇشۇ دەقىقىدە سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيقالدىم،ھېلمۇ ئىسىڭىزدىمۇ ،بىز تەييارلىققا يېڭلا كەلگەندە چامادىنىڭىزنىڭ چاقى سۇنۇپكىتىپتىكەن سىز شۇنداقتىمۇ تەستە سۆرەپ مېڭىپتىكەنسىز مەن چاخچاق قىلىپ:ۋوي،چاقى بولمىسىمۇ ماڭىدىغان ۋەھشى چامادانكەن ھە !؟ دەپقويسام ماڭا بىرنى ئالىيىپ قارىغانتىڭىز،بەلكىم،شۇ چاغدا ئالايمىغان بولسىڭىزياخشى بوپتىكەن،قانداقتۇر شۇ ۋاقىتتا كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرنىپ قالغان ئوخشايسىز،شۇۋاقىتتىن باشلاپ سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالغان ئىدىم،سىزنىڭ ئۈگنىشىڭىزگە تەسىريەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ،ھەم كۈندە بىر سىنىپتا كۆرۈپ تۇرغانلىقىم ئۈچۈن مىنىڭمۇھەببىتىم يۈركىمنى بۇنداق بىئارامسىزلاندۇرمىغان ئىكەن،مانا ئۇشبۇ دەقىقىلەردەتۇيۇقسىز بىر بىئاراملىق يۈركىمنى ئىسكەنجىگە ئېلۋالدى،بۇرۇنقىدەك شوخلۇقلىرىم يوقبولدى،سىزگە يۈرەكلىك چاخچاقمۇ قىلامماس بوپ قالدىم.بەلكىم مۇھەببەت شۇنداقنازۇكلۇق،ئىھتىيات ئۈسىتگە قۇرۇلدىغان ئوخشايدۇ، مىنىڭ سىزگە بولغان تۆت يىللىقمۇھەببىتىمنى سىزلا ئەمەس پۈتۈن سىنىپتىكلەر،ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىلسە كىرەك،لىكىنسىزنى بىلىدۇ دەپ ئويلىغان بولساممۇ يەنىلا مۇھەببىتىمنى قايتىدىن رەسمى شەكىلدەئىپادىلەۋاتىمەن،بىلەمسىز،تۇنجى قېتىم قۇلۇمغا قەلەم ئېلىپ يۈرەكتىن چىققان مەۋھۇمئەمما قىممەتلىك،ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە مۇھەببەتنى يېزىۋاتقاچقا بەك تەستە مۇشۇنچىلىك يازدىم،سىزنىڭ چۈشنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.
-ھېكمەتدىن

يولغا چىقىشتىنبۇرۇن سەپەردىكى بىخەتەرلىك ،ئۇرۇنلاشتۇرۇش توغرىسدا سىنىپ يىغنى ئېچىلدىغانلىقئوختۇرۇش قىلىندى،بۇ ھېكمەت ئۈچۈن خەتنى گۈلشەنگە بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەتئىدى،شۇڭا ئۇ سىنىپقا خېلى بۇرۇنلا كىرگەن ئىدى،ئويلىمغاندىن گۈلشەنمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن سىنىپقا كىرىپ ئولتۇرغان ئىدى،ھېكمەت گۈلشەننى كۆرۈپ يۈركى ئەزەلدىن كۆرلىپباقمىغان ھالەتتە تىز سوقۇپ كىتۋاتاتتى،شۇنداقتىمۇ ئۇ غەيرەتكە كىلىپ خەتنىگۈلشەننىىڭ پارتىسى ئۈستىگە ئاستا قۇيۇپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى دە ئورنىغا بېرىپئولتۇردى، ھەم ھېكمەتنىڭ ئورنى گۈلشەننىڭ ئورنىنىڭ كەينىدە بولغاچقا ئىزچىلگۈلشەننىڭ خەتنى ئېچىپ ئۇقۇشىنى كۈتۈپ قاراپ ئولتۇردى.لىكىن گۈلشەن ھېكمەت بەرگەنخەتنى كۆرۈپلا نىمە خەت ئىكەنلىكىنى بىلدى بولغاي قەستەن ھېكمەتكە كۆرسىتىش ئۈچۈنئورنىدىن سۈرلۈپ تولمۇ ئىتبارسىز ھالدا خەتنى ئاچتى دە ئوقۇمايلا خەتنى پۇرلىۋەتتى، بۇنى كۆرگەن ھېكمەتنىڭ يۈركى خەت بىلەن تەڭ پۇرلىنىپ كەتتى،مۇجىلىپكەتتى، سىنىپ يىغىنىدا نىملەر سۆزلەنگەنلىكى،قانداق ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىھېكمەتكە قاراڭغۇ پېتى قالدى، باشقىلارنىڭ سىنىپتىن قايىتىۋاتقىننى كۆرگەندىلاياتاققا قاراپ ماڭدى.
ئەتە يولغاچىقىدىغان كۈن،ھەممە ئوقۇغۇچلار يۇرتىنى،ئاتا-ئانىسىنى قېرىنداشلىرىنى سېغىنغانئىدى،ھەممىسىنىڭ قەلبى شادلىقتا،ھاياجان ئىلكىدە ئىدى،بۈگۈن كىچە كۆزلەردە ئۇيقۇيوق ئىدى.
گۈلشەن خىيالىدىنبۈگۈنكى ئىش كەچتى،ئۇ بۇنداق بولشىنى بۇرۇندىنلا بىلگەن ئىدى،ئۇ ھېكمەتنى ياختۇرمايدۇ ئەمەس،ئۇنىڭ خۇشچاخچاق، يۇمىرىستىك، چىقىشقاق مىجەزى ئۇنىڭغا ياقاتتى،لىكىن گۈلشەن ئۇنى تولمۇ بىغەم ،كاللىسى ئاددى دەپلا ئويلايىتتى،بەلكىمقىزلانىڭ پىسخىكا يېشى قۇرداش ئوغۇللادىن چوڭ بولشى،كەلگۈسىگە بەكرەك ئەھمىيەتبىردىغان بۇ ئالاھىدىلكى رۇشەنگۈلدە ھېكمەتكە نىسبەتەن ئىشەنىچ بولمىغان ئىدى.شۇڭائۇ بۈگۈن شۇنداق قىلغان ئىدى.
ئۆيلەرگەقايتىشقان ساۋاقداشلار ئالى مەكتەپكە قۇبۇل قىلنىش ئۇختۇرشىنىڭ چىقىشى بىلەنبىر-بىرى بىلەن تىلفۇندا ئالاقىلشىپ ئۆز-ئارا تەبرىكلەشتى،ئالى مەكتەپتىكىپىلانلىرىنى سۆزلىشەتتى. ھېكمەت،گۈلشەن ئىككىلىسى يازغان ئارزۇسىغا ئۈتەلمەيھېكمەت شەرقى شىمالدىكى بىر ئۇنۋېرسىتىتقا، گۈلشەن جەنۇپتىكى بىر ئۇنۋېرىسىتىتقاقۇبۇل قىلىنغان ئىدى،قانداقتۇر ھېكمەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى ھېلھەم يېنىپتۇراتتى.
ئالى مەكتەپھاياتى باشلاندى،ھېكمەت ئوچۇق-يۇرۇق،خۇشچاخچاق مىجەزى،پائاليەتچانلىق ئالاھىدىلكىبىلەن ئىنىستوت،مەكتەپ بويىچە پائاليەتلەرگە قاتنىشىپ مەكتەپتە خېلى كۆزگەكۈرۈنگەن،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ئوقۇغۇچى بوپ قالغان ئىدى،ئاستا-ئاستا ئىنىستوت ۋە مەكتەپنىڭ بەزى پائاليەتلىرىنى ئۇتەشكىللەيدىغان بولدى ھەم خىزمەتنىمۇ ناھايتى ئەتراپلىق ياخشى ئىشلەپ ھەممىنى رازىقىلاتتى.بۇ يىگىت شۇنداق ئالدىراش بوسىمۇ ئاشىقنى ئەستىن چىقرىپ قويغىنى يوق ئىدى،شۇڭا ئۇ پات-پات گۈلشەنگە تىلفۇن قىلاتتى،لىكىن ئۇ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپتىلفۇننى تىزلا قۇيىۋېتەتتى،بەزىدە قەستەن تىلفۇننى ئالمايىتتى،ھېكمەت ئاخىرىبىرنەچچە قېتىم بارلىق يۈرەك سۆزلىرىنى تىزىپ خەتمۇ يازدى،لىكىن جاۋاپ كەلمىدى.

مانا مۇشۇنداق قىلىپ بىر يىلمۇ ئۈتۈپ كەتتى ،ھېكمەت پائاليەتلەردە ياخشى بۇلۇپمۇ قالماي كەسپىبىلىملەرنىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈگنىپ بىرىنجى يىللىقنى تاماملىدى.
ئىككىنجى يىلى ئونىنجى ئايدا ھېكمەت ئائىلسىدىكلەر ئەۋەتكەن ،ۋە مۇكاپات ئالغان ،سىرىتلارداۋاقىتلىق ئىشلەپ تىجەپ يىغقان پۇللىرىغا پويىز بېلتى ئېلىپ گۈلشەن ئوقۇيدىغانمەكتەپكە ئۇنى ئىزدەپ كەلدى،گۈلشەن گەرچە ئۇنىڭ كىلدىغانلىقىدىن خەۋرى بولسىمۇئالدىغا چىقمىغان ئىدى،پەقەت ھېكمەت مەكتەپ دەرۋازىسغا كىلىپ تىلفۇن قىلغاندائاندىن چىققان ئىدى،جەنۇپنىڭ ھاۋاسى ياققىندىنمۇ گۈلشەن ئاقىرىپ بۇرۇنقىدىنمۇگۈزەل بوپ كەتكەن ئىدى،ھېكمەت گۈلشەننى كۈرۈپ قىرىق نەچچە سائەت ئولتۇرغانپويىزنىڭ ھارغىنلىقلىرىنى ئۇنتۇغان ئىدى.بۇ ئىككى كۈندە گۈلشەن گەرچە ئىشىم باردەپ ھېكمەتنى بۇ ناتۇنۇش يەردە يالغۇز قويغان بولسىمۇ ھەر ھالدا ئىككى كۈندە ئۈچقېتىم بىللە تاماق يىدى،ھەتتا بىر قېتىملىق تاماقنىڭ پۇلىنى گۈلشەن تالشىپتۈلۋەتكەن ئىدى،بۇ ئىش ھېكمەتنى ئالەمچە خۇشال قىلغان بوسىمۇ ئۇنىڭ يەنىلائىزھارىنىڭ جاۋاپسىز قېلشى ھېكمەتنى تولمۇ بىئارام قىلدى،ھەم مۇشۇنداق بىئاراملىقئىچىدە مەكتىپگە قايىتتى.شۇنداق،ئۇقۇرمەن سىز ئويلىغاندەك ھېكمەت مەكتەپتىكىئۇتۇقلىرىنى گۈلشەنگە سۆزلەپ بەرگەن بولسا بەلكىم گۈلشەندە ئۆزگىرىش بولدىغانبولشى مومكىن ئىدى،لىكىن بۇ كەمتەر يىگىت پەقەت ئۈزىنىڭ چىن سۆيگۈسى بىلەنگۈلشەننىڭ مۇھەببىتگە ئىرشىشنى ئويلىغان ئىدى.
گۈلشەن بىلەن ھېكمەتنىڭ ئۆيلىرى باشقا -باشقا شەھەردە بولغاچقا تەتىللەردە كۆرشۈشكە پۇرسەت يوق ئىدى .
كۈنلەر ئۇزۇنيىللار قىسقا ئىدى، ھېكمەتنىڭ خەتلىرى،تىلفۇنلىرى ئەنە شۇنداق ئىتبارسىزئىدى،ھەممىدىن مۇھىمى مۇھەببىتى ئىتبارسىز قالغان ئىدى. ھەش-پەش دىگۈچە ئۈچىنجى يىللىقمۇ ئاخىرلاشقان ئىدى،مانا ئەمدى ھېكمەت مەكتەپنىڭ نۇرغۇن پائاليەتلىرىدە كەم بوسابولمايدىغان شەخىس بوپ قالغان ئىدى،ھەم بىر نەچچە كورژۇكلارنىڭ باشلىقلىقۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى،كۈنلەر شۇنداق ئالدىراش ئىدى،لىكىن ئۇ يەنىلائاشىقنى ئۇنۇتمىغان ئىدى، ئۇنى سېغناتتى، خەت يازاتتى، تىلفۇن قىلاتتى، لىكىن ئىتبارسىز ئىدى.
ئۇ ئۈچىنجى يىللىقنىڭ قەبرە سۈپرىش بايرىملىق ئارام ئېلىشتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر قېتىمگۈلشەننىڭ مەكتىپگە كەلدى،بۇ قېتىم كەلگنىگە پۇشايمان قىلدى،ھەسرەت چەكتى،چۈنكىگۈلشەن مەكتەپ دەرۋازىسغا بىر يىگىتنى قولتۇقلاپ چىققان ئىدى،يىگىت گۈلشەننىڭساۋاقدىشىم دەپ تۇنۇشتۇرشىدىن كىيىن ھېكمەت بىلەن قول ئېلشىپ كۈرشۈپ تاماققابارايلى دىيشىپ يېقىن ئەتراپتىكى تۇڭگاننىڭ ئاشخانىسغا كىلىشتى،ھېكمەت تاماق ئەمەسزەھەر يەۋاتاتتى،ھەربىر لوقما تائام ئاشقازىننى ئېچىشتۇرۇپ يۈركىنى مۇجىيتتى، بۇيەردىكى ئىككى كۈن ئۇنىڭغا ئىككى يىل،ياق ئىككى مىڭ يىلدەك بىلنىپ كەتتى.ئۇئۆزرىلەنى ئېيتىپ بۇرۇن قايتىمىسا بولمايدىغانلىقنى دەپ مەكتەپكە قايىتتى،پويىزداگۈلشەننىڭ يىگىتنىڭ سودىگەرلەر بىلەن قانداقتۇر قول ئېلشىپ ئىككى ناتۇنۇش،بىر-بىرىنىڭ تىللىرىنى بىلمەيدىغان سودىگەرلەرنى پۈتۈشتۈرۈپ قويغاندىكىن كىيىنكى ئۈزىنى ھېكمەتكە تۇنۇشتۇرغانچاغدىكى مۇغامبىرەنە كۈلكىسى كۆز ئالدىدىن كەچمەكتە ئىدى،شۇنداق ئۇ تۈرك تىلىبىلىدىغان بۇلۇپ بۇ شەھەردە تۈرك سودىگەرلىرى بىلەن خەنزۇ خوجايىنلىرى ئارسىداتەرجىمانلىق قىلىپ ئانچۇ -مۇنچە پۇل تاپاتتى، ئۇ روشەنگۈل بىلەن ئۈچىنجى يىللىققا چىققاندا تۇنۇشقان ھەم گۈلشەننىڭ كۆڭۈل ئىزھار قىلشى بىلەن ئىككىسى يۈرۋاتقانئىدى،ئۇ بەزىدە غەرىق مەس كىلەتتى، تاماكنى بولشىغا چىكىپ قۇياتتى، نىمە ئامال سودا-سېتىق،كىلىشتۈرۈش ئىشلىرىدا ئاتالمىش ھۆرمەت ئۈچۈن تاماكا تۇتۇشلار، ھاراق قۇيۇشلار بوپ تۇراتتى.

مانا كۈنلەر-كۈنلەرنى قوغلاپ ئالى مەكتەپ ھاياتىغا چىكىت قۇيۇلىغان ۋاقىت بولغانئىدى،گۈلشەن بىلەن يىگتى بىر يۇرىتلۇق بولۇپ يۇرتىغا خىزمەتكە چىقتى،ھېكمەتمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ شۇ يەردە ئۆز كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ بىر شىركەتنى قۇرۇپ ھازىربۇ شەھەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىس بوپ قاغان ئىدى.
گۈلشەننىڭ يىگتى تىل كەسپىدە ئوقۇغاچقا شۇ شەھەردىكى بىر نەشىرياتقا ئىشقا چۈشكەن ئىدى،كىيىنئىككىسى تويمۇ قىلدى،گەرچە ئىككى ياشنىڭ كۈنلىرىنى بەك بەخىتلىك دەپ كەتكىلى بولمىسمۇ خېلى يامان ئەمەس ئىدى،لىكىن گۈلشەننىڭ يىگتى بۇرۇن سورۇن كۈرۈپ كۈنۈپقالغاچقا ئايلىق مۇئاشلىرى بىرئايدىن -بىر ئايغا تەستە ئۇلىشاتتى. ھەش-پەش دىگۈچەبۇ ياشلارنىڭ جەميەتكە قەدەم قۇيۇپ بىر ئائىلنى قۇرغىنغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان ئىدى،لىكىن گۈلشەن ھازىرغىچە تۇغمىغان ئىدى،شۇڭا پات-پات چوڭلارنىڭ تاپا-تەنىسگە،دارتمىلاپ قىلغان قاتتىق گەپلىرىگە ئۇچرايدىغان بولدى،يولدىشىمۇ بۇرۇنقىدەكمۇئامىلە قىلمايىتتى،بەزى كىچە-كىچىلەپ ئۆيگە كەلمەيىتتى ياكى تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا قايتىپ كىلەتتتى،بەزى مەس كەلكىندە گۈلشەننى تۇغماس دەپ زىتىغاتىگەتتى،ھەتتاكى بىر نەچھە قېتىم سەن ئەينى ۋاقىتتا كەينىمگە كىرۋالمىغان بولساڭ……دەپ زىتىغا تىگەتتى.بۇنداق ۋاقىتتا گۈلشەننىڭ يۈركى ئىزىلەتتى، پۇچىلناتتى،ئېيىتقۇسىز بىر ئازاپ ئۇنى قىينايىتتى.

ئۇزۇن ئۆتمەيگۈلشەننىڭ ئېرى  يازغۇچىلارنىڭ قەلەمھەققىگە خىيانەت قىلىش قىلمىشى تۈپەيلى باشقا شەھەرگە يۆتكىۋېتىلدى، گۈلشەنخىزمەتتىن،ئاتا-ئانىسىدىن ، قېرىنداشلىرىدىن كېچىشكە توغرا كەلدى،ھېچ بولمىدىدىگەندە قېيىن ئاتا-قېيىن ئانىسىنىڭ تاپا تەنىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ بولساھەممىدىن ۋاز كەچتى،ئېرىگە ئەگىشىپ بۇ شەھەرگە كەلگەن ئىدى،بۇ دەل ھېكمەتنىڭ يۇرتىئىدى، گەرچە گۈلشەن ھېكمەتنىڭ بۇ يەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ئۇنى ئۇچىرتىپ قېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيىتتى، چۈنكە گۈلشەن بۇ شەھەرگە كەلگەندىن كىيىن تىپىك ئائىلە ئايالى بولغان ئىدى،ئادەتتە سىرىتقا جىق چىقىپ كەتمەيىتتى،چۈنكى ئېرىنىڭ تاپا-تەنىسىدىنقورقاتتى،ھەم بىرە تۇنۇشمۇ يوق  ئىدى،بۇيەرگە كەلگەندىن كىيىن ئېرىنىڭ ئازارلىرى ،تاپا-تەنىللىرى كۆپەيگىلى تۇردى،بەزىدەتىل-ھاقارەت ياغسا ،بەزىدە قوللارمۇ تىگەتتى،مانا مۇشۇ تەرىقىدە بۇ يەردە يەتتە يىلنى ئۆتكۈزدى،ئاشۇنداقتاياق،ھاقارەتكە چىدىمىغان ۋاقىتلاردا قاتتىق يىغلايىتتى، بەزىدە ھېكمەتنىمۇ ئويلاپقالاتتى،ئۇنىڭ ئاشۇ يۇمىرىستىك چاخچاقلىرىنى،تىلفۇندىكى قىزغىنسالاملىرىنى،خەتلىرىدىكى سەمىمىيتىنى ئويلاپ قالاتتى.

مانا تۈنۈگۈن ئاخشام يۈركى لەختە -لەختە بولغان ،يۈركى ئېرىدىن سوۋۇپ مۇز تۇتقان گۈلشەن ئېرىنىڭ تىل-ئاھانەتلىرىغا،تاياقلىرىغا چىدىماي يېرىم كىچىدە ئۆيدىن قېچىپ چىققان ئىدى.
تۇيۇقسىز بالنىسئىشكى ئېچىلدى ،گۈلزىبا ھېكمەتنىڭ تىلفۇنىنى ئالغاندىن كىيىن زادى نىمىش بولغىننىبىلەممەي تاماققىمۇ ساقلىماي ئۇچقۇنئاينى ئېلىپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا كەلگەن ئىدى.
دادوي، ئاپاش ئۇخلاپ قاپتۇ ،دىگەن تاتلىق ئاۋاز ئاڭلاندى، ئارقىدىن ،ئۇچقىنئاي، بوشراق گەپ قىلىڭ ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دىگەن ئىنتايىن يىقىملىق، مۇلايىم بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، شۇندىلا گۈلشەن ئۆرۈلۈپ ئۇلارغا قارىدى،گۈلزىبانىڭ چوپچوڭ قوي كۆزلىرى ئورغاقتەك ئەگىم قاپقارا قاشلىرىغا تولمۇ ياراشقان، تولمۇ چىرايلىق سىماسىغا قارىدى، ئۇچقۇنئاينىڭ شوخ، تىتىكلىكدىن ھېكمەتنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى ھالتىنى يەنە بىر قېتىم كۆردى، دەنۇرسىز كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياشلار تۈكۈلدى.

داۋامى داۋاملىق يازماشەكىلدە يوللىندۇ
uyghuray

0

تېما

0

دوست

69

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66049
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-30 14:57:29 |ئايرىم كۆرۈش
داۋامىنى يوللاڭ!

0

تېما

3

دوست

1092

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50782
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 352
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-1 02:45:21 |ئايرىم كۆرۈش
ساقلاۋاتىمەن مىز  تېزرەك بولۇڭ

0

تېما

20

دوست

121

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  65280
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-1 18:02:36 |ئايرىم كۆرۈش
ساقلاپ ھېرىپ كەتتۇققۇ
uyghuray

0

تېما

1

دوست

1779

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12833
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-4 12:02:13 |ئايرىم كۆرۈش
بەزى يەرلىرىدە روشەنگۈل دەپ ئېلىنىپتۇ ،بۇنىڭ بىرەر باشقا سەۋەبىمۇ بامۇ يە؟

11

تېما

0

دوست

593

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   18.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  65680
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-5 16:24:16 |ئايرىم كۆرۈش
orhun9 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-4 12:02
بەزى يەرلىرىدە روشەنگۈل دەپ ئېلىنىپتۇ ،بۇنىڭ بىرەر با ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئىھتىياتسىزلىقتىن گۈلشەن دىگەن ئىسىم رۈشەنگۈل دەپ تەھرىرلىنىپ قالغان،بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈر سورايمەن،مىنىڭ خاتالىقىم
رەھمەت

0

تېما

1

دوست

1779

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12833
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-8 18:30:19 |ئايرىم كۆرۈش

RE: ئېتبارغا ئېلىنمىغان سۆيگۈ

oxxak يوللىغان ۋاقتى  2016-5-5 16:24
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئىھتىياتسىزلىقتىن گۈلشەن دىگەن ئ ...

ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام،مەن تېخى بىرەر مەنىسى بارمىكىن دەپ قاپتىمە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )