قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 5768|ئىنكاس: 23
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

م .ئوغۇز : مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇچۇش تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

7

دوست

4126

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 1380
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-22 22:25:24 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mustafaoguz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-23 08:36  

                       مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇچۇش تارىخى                                                                                                               
                                           مۇستافا ئوغۇز


2006-يىلى دوكتۇر رونالد جېكسۇننىڭ كىرىش سۆز يازمىسى ۋە پرۇففىسسۇر سەلىم ئەل ھەسەنى تەھرىرلىكى ئاستىدا 1001inventions: Muslim heritage in our world" (دۇنيارىمىزدىكى مۇسۇلمانلار مىراسى : 1001 كەشپىيات ) دىگەن كىتاب تۇنجى نەشىردىن چىقتى. بۇ كىتابتا ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ياراتقان ئىجادىيەتلىرى پاكىتلىق قىلىپ يىزىلغان. سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن، 3 قىتىم قايتا نەشىر قىلىندى. ئامىرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئاسيادىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ شەھەرلەردە " 1001 كەشپىيات" كۆرگەزمىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 4 يىل ئىچىدە 7 مىليۇندىن ئارتۇق كىشى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

   دەر ھەقىقەتكى، مۇسۇلمانلار تارىختىكى نەچچە ئەسىرلىك "ئالتۇن دەۋىر" لىرىدە بۈگۈنكى دۇنيا پەن-تىخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئۇلىنى تىكلىگەندۇر. بۇنى تارىخ بەتلىرىنى ئىنساپ بىلەن ۋاراقلىغان ھەرقانداق بىر كىشى ئېتىراپ قىلالايدۇ. زامانىسىدىكى ئۇ شانلىق ئەمگەك مىۋىلىرىدىن بۈگۈنكى مۇسۇلمانلىرىمىز ئىپتىخار بىلەن مەززە قىلىش ھەققى بار،ئەلۋەتتە. ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدىكى نۇرغۇن مۇسۇلمانلىرىمىز پەقەت قانداق مەززە قىلىشنى بىلىپ، قانداق مەززە قىلدۇرۇشنى بىلمەي كەلدى. ھىسلىرىنى ئۆتمۈشتە قالدۇرۇپ، بۈگۈنىدە نەپەس ئىلىپ ياشىدى، شۇ ھىسلار تۇيغۇسىدا پەپىلىنىپ كەلدى. ھەر قەۋم، ھەر مەدەنىيەت تارىخى ئىزچىل شانلىق ياكى شانسىز بولىۋەرمەيدۇ. بىزنى شەرەپلەندۇرگەن مىسلىسىز ئۆتمۈشىمىز بىلەن بىرگە، مۇسۇلمان دۇنياسىنى پىچىقى كەسمەيدىغان، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا جاھىل قالدۇرغان " ئۇياتلىق" تارىخلىرىمىزمۇ ھەم بولۇپ ئۆتكەن. قارايدىغان بولساق، بىر قىسىم مۇسۇلمانلار "ئالتۇن دەۋىر" تارىخىغا قاراپ، ئۆزىنى بەزلەش بىلەن ئۆتمەكتە. بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بولسا " ئۇياتلىق" تارىخقا تاقىلىۋىلىپ ھەم يىرگىنىپ، مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى يىرتماقتا ياكى ئۈمىدسىزلەنمەكتە. بۇ ئىككىسىلا بىزگە چۈشكەن توغرا يول ئەمەس. بىز ھەم شەرەپلىنىش، ھەم ئىبرەتلىنىشنى بىلىدىغان ئەۋلاد بولۇشىمىز كىرەك. ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت كۆچەتلىرىنى يىتىشتۇرۇپ دەرەخ قىلىشىمىز، نۆۋىتى كەلسە، ھارام شاخلىرىنى پۇتاپ تۇرۇشىمىز زۆرۈردۇر !


   ھەممىمىزگە ئايانكى، ئۇچۇش بولسا ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن بىرى قىزىققان، تەتقىق قىلغان، ھەتتا سىناق ئىلىپ بارغان بىر تۈرى. لىكىن، ئۇزاق ئۆتمۈشلەردە ئۇچۇش ئۈسكۈنلىرىنى ئەڭ دەسلەپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجاد قىلغانلىقىنى ھەمدە ئۇچۇپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىنى نۇرغۇنلىرىمىز بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن، ئۇنتۇلۇش گىردابىغا بارغان ئۇ تارىخلارنى قايتىدىن بىر ئەسلىتىش زۆرۈر دەپ ئويلىدىم. ئۇشبۇ ماقالەمنى شۇ مەقسەتتە تەييارلىدىم. ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر ئۇ شانلىق مىنۇتلارغا قايتىپ، بۈگۈنىمىز ئۈچۈن بىر ئەمەلىي خۇلاسە چېقىرالايدۇ دەپ قارايمەن.

image.jpg
ئابباس ئىبىن فىرناس (810-887) - ئۆزى ئەرەپ ئىرقىدىن بولۇپ، كوردوبا ئۇمەييەد خەلىپىلىكى دەۋرىدە، ئاندۇلۇسنىڭ ئىزن رەندئوندا (ھازىرقى ئىسپانىيە، روندا شەھىرى) شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۆز زامانىسىدا ماتىماتىك، فىزىك، ئىنژېنېر ۋە ئاندۇلۇس يەرلىك مۇزىكانت، شائىر، شۇنداقلا كەشپىياتچى بولۇپ تونۇلغان. ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن ئىجادىيەتلەرنى ياراتقان. مەسىلەن : رەڭسىز ئەينەك ئىشلىتىپ Al-Maqata دەپ ئاتىلىدىغان سۇ سائىتى لايىھىلىگەن. ھەرتۈرلۈك ئەينەكتىن يۇلتۇزلار تۈركۈمى خەرىتىسىنى ياسىغان، تاشقى پىلانت يۇلتۇزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى، شۇنداقلا بۇلۇت، چاقماق ۋە گۈلدۇرماما ئەھۋالىنى كۈزىتىش ئۈچۈن ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى لوپ ئەينەكلەرنى دۈگىلەك ھالقا شەكىلدە ياساپ، مەخسۇس بىر ئۆينى رەسەتخانا قىلىپ قۇرۇپ چىققان. ئۇ  ئۆز دەۋىردىكى قۇرام تاش كىرۇستاللارنى كىسىش تىخنىكىسىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، شۇنىڭ تۈرتكىسىدە مىسىردىن ئىسپانىيەگە كۋارتىس(石英) ئىمپۇرت قىلىنىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭ ھەتتا بەزى تۈر مېترۇنۇم (节拍器) ئىجاد قىلغانلىقىمۇ تارىخچىلار تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن. ئاندىن 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىنى، پەي ۋە يوپۇرماقلارنىڭ تۆكۈلۈشىنى تەتقىق قىلغان. شۇ جەرياندا ئۇچۇشقا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا بۇ قىزىقىشنى غايىغا ئايلاندۇرغان. فىرناس 60 ياشلىرىدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يىپەك رەخت، پەي ۋە تاختايلاردىن قانات ياساپ چىقىدۇ، بىر كۈنى ئۇ دوستلىرى بىلەن بىرگە، كوردوبانىڭ سىرتىدىكى بىر تۆپىلىككە چىقىپ ئۇچۇشنى سىناق قىلغان. ئاۋۋال پەسكە قاراپ يۈگۈرگەن، شامالنىڭ تەسىرىدە فىرناس ئاستا ئاستا كۆتۈرۈلۇپ، 10 مىنۇتتەك ھاۋا يۈزىدە ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بىراق، يەرگە قونماقچى بولغىنىدا، قونۇشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان قۇيرۇق قىسمىنىڭ لايىھىلىنىشى مۇكەممەل بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، يەرگە قاتتىق چۈشۈپ كەتكەن، ھەمدە پۇت-قول سۆڭەكلىرى سۇنۇپ ئېغىر يارىلانغان. كىيىنكى 10 نەچچە يىل ھاياتىنى شۇ ئاغرىقنىڭ ئازابى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. ئۆزىدىن 750 يىل كىيىن 17-ئەسىردە ياشىغان ماراكەشلىك تارىخچى ئەھمەت مۇھەممەت ئەل ماققارىنىڭ خاتىرىسىدە فىرناسنىڭ ئۇچۇشى توغۇرلۇق ئىنتايىن تەپسىلىي چۈشەندۇرۇش خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئارىدىن 700 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت پەرقى تۇرۇقلۇق بۇنداق ئىنچىكە مەزمۇنلۇق يىزىلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. فىرناس بىلەن قۇرداش دەۋىردە ئۆتكەن داڭلىق شائىر مۆئمىن بىن سەئىد ئۇنىڭ ئۇچۇشى توغۇرلۇق : سۇمرۇغدىن لەرزان ئۇچاتتى كۆكتە، ئۇ ياساپ قۇزغۇن پىيىدىن قانات. دىگەن مىسرالارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. دىمەك، دۇنيادا تۇنجى ئۇچقان ئادەم، ھەم مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئادەم ئابباس ئىبىن فىرناس ئىدى. ئۇنىڭ ئۇچۇشى ئاكا-ئۇكا رايتلاردىن تەخمىنەن 1030 يىل بۇرۇن بولغان. ئۇ دەقىقىلەرنى ھەقىقەتەن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى زور بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە ئاي شارىدىكى بىر يانار تاغ ئىغىزى "ئىبىن فىرناس" نامى بىلەن ئاتالدى. باغدادتىكى بىر ئايدۇرۇم ئىستانىسى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالدى. كوردوبادىكى گۋادالكىۋىر دەرياسىنىڭ بىر كۆۋرۈكىگىمۇ بۇ زاتنىڭ ئىسمى قويۇلدى. دۇنيا بۇ ئالىمنى ئېتىراپ قىلدى.

image.jpg
ئىمام ئىسمائىل جەۋھەرى (10~11-ئەسىرلەردە ياشىغان)- ئەسلى تولۇق ئىسمى ئەبۇ ناسىر ئىسمائىل ھۇمادۇل جەۋھەرى بولۇپ، غەزنەنىلەر دۆلىتىگە تەۋە ماۋەرانۇننەخىر تۈرك دۆلىتىنىڭ فارابى شەھىرىدە توغۇلغان. ئۆزى ئىلاھىيەت، ئەدەبىيات، تىبابەت ۋە فىزىكا، ماتىماتىكىلاردا يىتىشكەن تۈرك ئالىمى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ساياھەتكە ئامراق بولغاچقا، ئەرەپ تىلى بىلىمىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئىراق ۋە ھىجازغا بىرىپ ئەسلى ساپ ئەرەپ تىلىنى ئۆگەنگەن. كىيىن ئىران ۋە شاملارنىمۇ زىيارەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئەرەپ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ " كىتابۇس سىھاھ" دىگەن بۈيۈك ھەجىملىك لوغەت تۈزۈپ چىققان. ئاندىن كىيىن ئىلاھىيەت، فىزىكا، ماتىماتىكا ۋە تىبابەت پەنلىرىدە تىخىمۇ ۋايىغا يىتىش ئۈچۈن خوراساننىڭ نىشاپۇر شەھىرىگە كەلگەن. بۇ شەھەردە مۇدەررىسلىك قىلغان. ھەمدە بىر جامىدە ئىماملىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ پەن بىلىملىرى بىلەن مەشغۇل بولغاندىن تارتىپ ئۇچار قۇشلارنىڭ قانات قىقىپ ئۇچۇشلىرىنى ئۇزۇن-ئۇزۇن تاماشا قىلىدىغان بولدى، ھەمدە چۈشەنگىلى بولمايدىغان ماتىماتىكىلىق ھىساباتلارنى قىلىش ئارقىلىق يىپەك رەخت ۋە تاختايلاردىن نۇرغۇنلىغان قاناتلارنى ياساپ چىققان. ئاۋۋال ھويلىسىدا كىچىك سىناقلارنى ئىلىپ بارغان بولۇپ، 1002-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى نىشاپۇرنىڭ بۈيۈك جامىسىنىڭ  مۇنارى ئۈستىگە چىقىپ جامائەتنى چاقىردى ۋە : "ئەي خالايىق ! دۇنيادا ھىچ ئوخشىشى بولمىغان بىر نەرسە كەشىپ قىلدىم، كىلەچەك ئىنسانلار ئۈچۈن بىر ئىلىم تەسەۋۋۇرى بولۇپ قالغۇسى" بۇنى ئېشىتكەن جامائەت ئۇنى كاللىسىدىن كەتكەن دەپ ئويلىدى. جەۋھەرى بىلەكلىرىنى يىپ بىلەن باغلاپ، ئۆزىنىڭ ئۇچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئاندىن ئۆزىنى بوشلۇققا ئاتتى. بىرئاز ئايلىنىپ ئۇچقاندىن كىيىن پەسكە چۈشۈشكە تەمشەلدى، بىراق مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا قونالماي ۋاپات بولدى. شۇنىڭ بىلەن جەۋھەرى دۇنيادىكى ھاۋا ئۇچۇشىدا قازا قىلغان تۇنجى شېھىت ئۇچقۇچى بولۇپ قالغان.  

image.jpg image.jpg
ھەزارفان ئەھمەد چەلەبى (1609-1640) - ئوسمانىيە پادىشاھلىقىنىڭ مۇرات 4 تەختتە ئولتۇرىۋاتقان مەزگىلدە ياشىغان. ھەزارفان دىگەن ئۇنۋان بولۇپ، بۇ ئەسلى فىرانسۇزچە سۆز، " كۆپ بىلىملىك" دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن ئەھمەد چەلەبىنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى داڭلىق تۈرك ئالىمى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چەلەبى دىگەن سۆز ئوسمانىيە تىلىدا " كىلىشكەن كىشى، ئالىيجاناپ زات" دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ. ئۆز دەۋرىدە كىشىلەر تەرىپىدىن فامىلە قىلىپ قوللىنىلىپ كەلگەن.  ئەھمەد چەلەبىنىڭ ئۇچقانلىق توغرىسىدىكى مەلۇمات پەقەت دۇنياغا داڭلىق تۈرك سەيياھ ئەۋلىيا چەلەبى (1611-1682) نىڭ "ساياھەتنامە" دىگەن كىتابىدىلا خاتىرىلەنگەن. بىراق، ئۆز دەۋىردە ئىستانبۇلدىكى ئاۋسىتىرالىيە كونسۇلىنىڭ دۆلىتىگە بىر تۈركنىڭ ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى دوكلات قىلغان مەلۇمات بار. ئەھمەد چەلەبى ئىسمائىل جەۋھەرىدىن ئىلھام ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇچۇش تىخنىكىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلغان، ھەمدە قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىنى تىخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ، قاناتلارنى ياساپ چىققان. قايتا-قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق ئۆز زامانىسىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ئۇچۇش ئۈسكۈنىسى لايىھىلەپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا، 1632-يىلىغا كەلگەندە ئىستانبۇل ئوقمەيدانىدىكى گالاتا مۇنارىنىڭ چوققۇسى(دىڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 97 مېتىر)غا چىقىپ، پۇت-قوللىرىنى مەھكەم باغلاپ، ئۈسكۈداردىكى دوغانجىلار (دىڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 12 مېتىر) مەيدانىنى نىشان قىلىپ ئۇچىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىستانبۇل بوغۇزى بولۇپ، ئۇچۇش ئومۇمىي مۇساپىسى 3358 مېتىر. بۇ مەنزىرىنى ئۆز سارايىدا سۇلتان مۇرات خان تاماشا قىلغان، ئىنتايىن سۆيۈنگەن. ھەمدە ئەھمەد چەلەبىنى ھوزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ ئالتۇن بىلەن تارتۇقلىغان. بەزى مەلۇماتلارغا كۆرە، كىيىن سۇلتان مۇراتنىڭ: " بۇ كىشى قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى قىلىدىغان غەلىتە ئادەم ئىكەن، قولىدىن ھەر بالا كىلىشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەرنىڭ بۇ تۈر ئىشلارنى قىلىشى جائىز ئەمەس" دەپ جەزايىرغا سۈرگۈندە قىلغانلىقى، ھەمدە ئەھمەد چەلەبىنىڭ جەزايىردا ۋاپات بولغانلىقى قىسمەن مەنبەلەردە تىلغا ئىلىنىدۇ. بىراق سەيياھ ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ كىتابىدا تىلغا ئىلىنمايدۇ. دىمەك، كىيىنكى ھاياتى ئېنىق ئەمەس.

image.jpg image.jpg
لاگارى ھەسەن چەلەبى (17-ئەسىردە ياشىغان) - ئوسمانىيە پادىشاھلىقى مۇرات 4 تەختتە ئولتۇرىۋاتقان مەزگىلدە ياشىغان تۈرك سەنئەتكار. بۇ كىشى توغۇرلۇق مەلۇماتلارمۇ ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ "ساياھەتنامە" دىگەن ئەسىرىدە تىلغا ئىلىنىدۇ. 1632-1633-يىللىرىدا سۇلتان مۇرات قىزى كايا سۇلتاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر تۈركۈم سەنئەتكارلارنى تەكلىپ قىلىپ مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ. مەخسۇس مۇشۇ مۇراسىمغا ئالاھىدە بىر سوۋغات تەييارلاش ئۈچۈن سەنئەتكار ھەسەن چەلەبى 50 ئوققا ئوق دورا سىلىنغان يەتتە قوللۇق زەمبىرەك شەكىلدىكى بىر ئۈسكۈنە كەشىپ قىلغان، يەنى ھازىرقى راكىتالارنىڭ ئىپتىدائىي نۇسخىسىدۇر. ھەسەن چەلەبى ئۈسكۈنىنى سارايبۇرنىدىكى مۇراسىمدا پادىشاھ ئائىلىسى ۋە ۋەزىرلەر ھوزۇرىغا ئىلىپ چىققان. سۇلتان مۇراتقا قاراپ چاقچاق يۈسۈندا: " پادىشاھىم، سىزنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، ئەيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشمەك ئۈچۈن يولغا چىقىمەن" دەپ راكىتا ئىچىگە كىرىپ، ياردەمچىلىرىنىڭ راكىتاغا ئوت يىقىشىنى بۇيرىغان، ئاندىن ھاۋاغا يۈكسەلگەن راكىتا ئاستىدىن ئوت چىقىشىغا دىڭىز سۈيىنى يورىتىۋەتكەن. 300 مېتىردەك ئىگىزلىككە 20 سىكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئۇچۇپ راكىتانىڭ ئوق دورىسى تۈگەپ چۈشۈپ كىتەي دىيىشىگە قولىدىكى ئۆزى ياسىۋالغان قاناتلارنى ئىچىپ دىڭىزغا ئاستا ئۇچۇپ چۈشكەن. ئاندىن سۇدىن ئۈزۈپ چىقىپ، سۇلتان ھوزۇرىغا كەلگەن ۋە: " پادىشاھىم، ئەيسا ئەلەيھىسسالام سىزگە سالام ئىيتتى  " دەپ سورۇندىكىلەرنى كۈلدۈرگەن. سۇلتان ئۇنى تارتۇقلىغان. ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ كىتابىدا بىلدۇرىشىچە كىيىنكى ھاياتىدا قىرىمدىكى سالامەت گىرەي خاننىڭ يىنىغا كىتىپ شۇ يەردە ۋاپات ئەتكەن. بەزى مەنبەلەردە بولسا ئوردىدىكى بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن سۇلتان مۇرات ئۇنى قىرىمغا سۈرگۈندە قىلغان دەپ قەيت قىلىنغان.


بۇلاردىن سىرت، غەرپ ئەللىرىدىنمۇ بىر قىسىم ئىجادىيەتچىلەر ئۆتكەن. ئىتالىيىلىك داڭلىق رەسسام ھەم ئالىم رونالدۇ داۋىنچى (1452-1519)نىڭ ئىپتىدائىي نۇسخىدىكى پاراشۇت ۋە تىك ئۇچار كەشىپ قىلغانلىقى ھەقىقەتتۇر. ئۇنىڭدىن كىيىن، گىرمانىيىلىك كەشپىياتچى ئوتتو لىلىئەنتىل (1848-1896) ئۇچۇش ئۈسكۈنىسى كەشىپ قىلغان. 1896-يىلى بىر تۆپىلىكتىن سىناق ئۇچۇشتا كونترۇللىقنى يوقىتىپ 15 مېتىر ئىگىزلىكتىن چۈشۈپ كىتىپ بوينى قايرىلغان، ھەم ئەتىسى ۋاپات بولغان. گىرمانىيىلىك كارل جاسۇ ۋە ئامىرىكىلىق ئاكا-ئۇكا رايتلار ئارقىمۇ ئارقىدىن 1903-يىلى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى مۇكەممەللەشكەن، بۈگۈنكى ئۇچۇش تىخنىكىسىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئايرۇپىلاننى سىناق قىلىپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ، ۋە تىزدىن ئەنگىلىيە ۋە ئامىرىكا باشچىلىقىدا زور مەبلەغ بىلەن تەتقىقاتلار كۈچەيتىلىپ بىزنى بۈگۈنكى ئۇچۇش تەرەققىياتىغا ئىرىشتۇرىدۇ.


image.jpg
گىرمانىيە، ئوتتو لىلىئەنتىل ۋە ئۇچۇش ئۈسكۈنىسى

image.jpg
ئامىرىكا، ئاكا-ئۇكا رايتلارنىڭ ئايرۇپىلانى

خۇلاسە : ئەجداتلار ئىزى بىزنى ئىزىمىز ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ، روھىمىزنى سىنايدۇ. ئۇلاردىن كەلگەن شەرەپنى ئاكتىپ ئىنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇش، ئۇلاردىن كەلگەن نۇمۇسنى ساۋاققا ئايلاندۇرۇپ كىيىنكى قەدەملىرىمىزگە ئىبرەت قىلىش ساپاسى بولۇشىنى دەۋرىمىز بىزدىن تەلەپ قىلىدۇ. تۈنۈگىنىمىزنى ئۇنۇتماسلىق، بۈگۈنىمىزگە ساھىپ چىقىش، ئەتىمىزگە ئۈمىدلىك بېقىش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىمىز ۋە ئىنسانىيەت ئالدىدىكى بۇرچىمىز ھەم قەرزىمىز.   


2016-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى





uyghuray

1

تېما

0

دوست

1684

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52790
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-3
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-23 18:29:28 |ئايرىم كۆرۈش
مۇسۇلمان ئۇقۇمى بىلەن قالاق ئۇقۇمى تەڭلەشتۈرۈلۈپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان  بۇ زاماندا يۇقارقىلار رىۋايەتتەك تۇيىلىدىكەن.
لىكىن ئەۋەتكەنلىرىڭىز ھەققى بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلار ،تارىختا ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر جەھەتتە ئولۇغ گۈللىنىشى بولغان.

0

تېما

0

دوست

171

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  64566
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-23 18:34:22 |ئايرىم كۆرۈش
ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدىكى نۇرغۇن مۇسۇلمانلىرىمىز پەقەت قانداق مەززە قىلىشنى بىلىپ، قانداق مەززە قىلدۇرۇشنى بىلمەي كەلدى. ھىسلىرىنى ئۆتمۈشتە قالدۇرۇپ، بۈگۈنىدە نەپەس ئىلىپ ياشىدى، شۇ ھىسلار تۇيغۇسىدا پەپىلىنىپ كەلدى. ھەر قەۋم، ھەر مەدەنىيەت تارىخى ئىزچىل شانلىق ياكى شانسىز بولىۋەرمەيدۇ. بىزنى شەرەپلەندۇرگەن مىسلىسىز ئۆتمۈشىمىز بىلەن بىرگە، مۇسۇلمان دۇنياسىنى پىچىقى كەسمەيدىغان، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا جاھىل قالدۇرغان " ئۇياتلىق" تارىخلىرىمىزمۇ ھەم بولۇپ ئۆتكەن. قارايدىغان بولساق، بىر قىسىم مۇسۇلمانلار "ئالتۇن دەۋىر" تارىخىغا قاراپ، ئۆزىنى بەزلەش بىلەن ئۆتمەكتە. بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بولسا " ئۇياتلىق" تارىخقا تاقىلىۋىلىپ ھەم يىرگىنىپ، مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى يىرتماقتا ياكى ئۈمىدسىزلەنمەكتە. بۇ ئىككىسىلا بىزگە چۈشكەن توغرا يول ئەمەس. بىز ھەم شەرەپلىنىش، ھەم ئىبرەتلىنىشنى بىلىدىغان ئەۋلاد بولۇشىمىز كىرەك. ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت كۆچەتلىرىنى يىتىشتۇرۇپ دەرەخ قىلىشىمىز، نۆۋىتى كەلسە، ھارام شاخلىرىنى پۇتاپ تۇرۇشىمىز زۆرۈردۇر !
مانا بۇ قۇرلار ئاجايىپ پاساھەتلىككەن !

0

تېما

4

دوست

2174

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-3
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-23 18:50:11 |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر .


ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى مۇسۇلمان ئۇنداق-بۇنداق؛دەيدىغانلار .سىلەرمۇ نوچى بولساڭلار دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىۋاتقان تېخنىكىلارنى ئىگەللەڭلار ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئىجاد قىلىڭلار.ئۆزەڭلار مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا جان بېقىش كوچىسىغا كىرۋېلىپ تۇرۇپ مۇسۇلمان ئانداقەي،مانداقەي؛دەپ بىلجىرلىماڭلار.بەلكى مىللىتىمىزگە پايدىلىق نەسىھەتنى چىرايلىق قىلىڭلار.
uyghuray

9

تېما

13

دوست

6338

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  64971
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 2009
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-31
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-23 18:58:23 |ئايرىم كۆرۈش
ئەجداتلار ئىزى بىزنى ئىزىمىز ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ، روھىمىزنى سىنايدۇ. ئۇلاردىن كەلگەن شەرەپنى ئاكتىپ ئىنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇش، ئۇلاردىن كەلگەن نۇمۇسنى ساۋاققا ئايلاندۇرۇپ كىيىنكى قەدەملىرىمىزگە ئىبرەت قىلىش ساپاسى بولۇشىنى دەۋرىمىز بىزدىن تەلەپ قىلىدۇ. تۈنۈگىنىمىزنى ئۇنۇتماسلىق، بۈگۈنىمىزگە ساھىپ چىقىش، ئەتىمىزگە ئۈمىدلىك بېقىش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىمىز ۋە ئىنسانىيەت ئالدىدىكى بۇرچىمىز ھەم قەرزىمىز.   

كۆپ تەشەككۈر ،  ھارمىغايسىز  .

0

تېما

6

دوست

1605

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56316
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 471
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-3
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-23 19:20:50 |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە مول ئەجىر تىلەيمىز ! مۇشۇنداق مەنپەئەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالـمىغاي !
مۇسۇلـمانلارنىڭ دۇنيا تەرەققىيەتىغا قوشقان تۆھپىسى  ھەممە بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەقىقەت .
ئەپسۇسلار بولسۇنكى ، مۇسۇلـمانلارنىڭ ئېنىق نەس كەلتۈرۈلگەن موھكەم ئايەتلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئېسىلۋېلىشلىرى ، ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىنى تەۋىل قىلىشلىرى ۋە شۇ كەبى ئايىغى چىقماس جەڭگى جېدەللەرگە بېرىلىپ ئۆزلىرى ئىچىدىكى دەتالاشلاردىن قۇتۇلالـماي ،تەرەققىياتقا ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ رىئاللىقىغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك ھالىنىڭ يوقلۇقىمۇ ئاچچىق بولسا ھەم ھەقىقەتتۇر !...

0

تېما

1

دوست

2076

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55140
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-23 19:50:27 |ئايرىم كۆرۈش
كۆپتىن كۆپ رەھمەت

2

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3192
توردىكى ۋاقتى: 349
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-3
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-23 19:51:12 |ئايرىم كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر .

بۇ تىمىدىكى ئاجايىپ مەزمۇنلار مۇشۇ ئەسردىمۇ بىزگە يەتمىگىنىدىن قارىغاندا ، روھلىنىپ كىرىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، باشقىلارنىڭ ھېلىھەممۇ دەھشەت كۈچەۋاتقانلىقى مەلۇم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )