- تىزىملاتقان
- 2016-2-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 785
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
  57%
|
بىزمۇ تەييارلىق قىلايلى
(ھېكايە)
شىرزات ئادىلجان ھۈكەر
ئەزىمەتنىڭ چىرايىغا تېپىپ تۇرغان ئەنسىزلىك ۋە خۇدۈكسىرەش ئۇنى سوغۇق تەرلىتىۋەتكەنىدى. نېمە ئۈچۈنكىن ئۇنىڭ توختىماي يەرنى تېپىپ، ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ، قولىدىكى سان-سېپىرلىرى يوغان-يوغان كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سائىتىغا پات-پات قاراپ قويۇشى بۈگۈن چىقىدىغان ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىقماي قېلىپ ئارزۇسىدەك مەكتەپنىڭ كەلمەسلىكىدىن بولغان ئەنسىرەش ئىدى. ئۇ بۇرۇندىن قىلىپ باقمىغان ئىلتىجالىرىنى ئىچىدە ئىگىسىدىن تىلەپ لەۋلىرىنى بوش-بوش مىدىرلىتىپ قويدى. ۋاقىت خۇددى بىر ئىزىدا توختاپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتقان ئەزىمەت يېنىك-يېنىك تىنىپ ھېچ ئىشقا رايى بارماي سائەتنىڭ تېزراق تۆت بولۇشىنى كۈتەتتى. «ئۇف! بىردەم ئولتۇرۋالايچۇ؟ باشقا پەنلەرنىغۇ ياخشى بەردىم، مۇشۇ ماتىماتىكا نەتىجەم كۆڭلۈمدىكىدەكلا چىقىپ بەرسە ھەممە ئىش مېنىڭ كۈتكىنىمدەك بولاتتى.» دەپ ھويلىسىدىكى قويۇپ قويۇلغان قىزىل رەڭلىك سۇلياۋ ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردى.
ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ ئىمتىھان نەتىجە چىقىدىغان تورنىڭ ئېچىلىشىغا يىگىرمە مىنۇت قالغاندا ئۇ ئورنىدىن تۇردى. «مەن ئۆيدە تەكشۈرسەم بولمايدۇ، نەتىجەم ياخشى چىقماي قالسا ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدۇ، شۇڭا تورخانىغا بېرىپ تەكشۈرەي ھېچكىم بىلمەيدۇ.» دەپ خىيالىغا كەلگەن بۇ ئەقىلدىن بىر خىل يېنىكلىگەندەك بولۇپ، ياتاق ئۆيىدىكى ئىمتىھان بېرىش كىنىشكا نومىرىنى يان تېلفۇنىدا سۈرئەتكە تارتىۋېلىپ كوچىغا چىقىپ كەتتى. ئۇ يول بويى ئۆزىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. «بۈگۈن نېمە بولدۇم مەن؟» دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايىتتى. دېمىسىمۇ بۇرۇندىنلا بىرەر ئىش ئالدىغا كېلىپ قالسا ئانچىكى قورقۇپ تاتىرىپ كەتمەيدىغان ئەزىمەتنىڭ، بۈگۈن خۇددى بىرسى جېنىنى يوشۇرۇپ قويغان تۇخۇمنى ئېلىۋېلىپ چېقىۋېتىمەن دېگەندە بارىلىق سۈر ھەيۋىسى يوقاپ قۇرۇق جىسمىلا قالغان دىۋىدەك بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ خارەكتىرىگە تازا ماس كەلمەي قالغانىدى. ئۇ قولىدىكى سائەتكە قاراپ ئىشەنمىگەندەك قىلىپ، يانچۇقىدىن تېلفۇنىنى چىقىرىپ سائىتىگە قارىدى. بايىدىن ياقى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ بىر مىنۇتنى بىر سائەتتەك ئۆتكۈزىۋاتقان ئەزىمەت ئەمدى ۋاقىتنىڭ قانداقلارچە توشۇپ ھەم ئۆتۈپ بولغانلىقىنىمۇ بىلەلمەي قالدى. ئۇنىڭ مېڭىشى يۈگۈرۈشكە ئالماشتى. ئۇ تورخانىغا كىرىپ بىر كومپىيۇتىرنى ئاچتى. باشقا چاغلاردا تورخانىغا كىرىپ قالسا ھېچ ئىش قىلماستىن ئەڭ ئاۋۋال كوت-كوت ۋە تور ئويۇنلىرىنى ئاچاتتى. بۈگۈن ئۇدۇللا ئېكراندا تۇرغان ئېنتىرنىتنىڭ بەلگىسىنى قوش چېكىپ، ئۆزى يادلىۋالغان مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسىنى باستى. سۈرەتكە تارتىۋالغان كىنىشكا نومۇرىنى بېسىپ، ئىچىدە مىڭ خەيرىيەتنى تىلەپ جەزىملەشتۈرۈشنى چەكتى...
— ئاپىسى بۈگۈن ئوخشىتىپ بىر تاماق ئەتكىن، ھە راست ئوغلىمىز ئامراق نارىن چۆپ قىلغىن، بۈگۈنكى خۇشاللىقىمغا ھېچنىمە يەتمەيدۇ. كۆرگەنسە ھەقىقەتەن ئېسىل بالا بولدى. ئۇ ئەمدى ئوقۇشلاردا ياخشى ئوقۇپ ياخشى بىرەر خىزمەتلەرنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالسا، بىر ئۆمۈر تېرە سېتىپ ئۆتسەممۇ مەن رازى. ھەقىقى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئەزىمەت بولدى بۇ. بىز كۈتكەن كۈن بىردەمدىلا كېلىدۇ، شۇڭا بىزمۇ تەييارلىق قىلايلى.- ئەزىمەت دادىسىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا قېتىلىپ كۈلۈپ ئولتۇراتتى. ئانىسىمۇ ئەزىمەتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئالەمچە بىر ئىشنى قىلىپ بەرگەندەك ئۇنىڭ پېشانىلىرىگە سۆيۈپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىسسىق كۆز يېشى قىلاتتى. ئەزىمەت ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم بۇنچىلىك خۇشال بولۇپ باققانلىقىنى كۆرگەندەك يۈرەكلىرى، پۈتۈن ئەزالىرى پەسكويغا چۈشۈپ كۆيۈشكە باشلىدى. پەقەت چىرايىدىن ھەرقانداق بىر جاننى ئىشەندۈرۈپ ئېرىۋېتەلەيدىغان خۇشاللىقنى يوقاتمىدى.
كۈنمۇ بىركۈن، ئىككى كۈندىن ئۆتۈپ ئايلارغا ئۇلاشتى. شۇنداق قىلىپ ھەش-پەش دېگۈچە ئوقۇش مەۋسۇمى يېقىنلاپ قالدى. ئەزىمەتنىڭ جىددىيچىلىكتە ئۆتكەن بۇ كۈنلىرى ئۇنى خېلىلا جىمىقتۇرىۋەتكەنىدى. «ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەندەك ياندىكى دوست-بۇرادەر، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇزۇن سەپەرنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ لازىملىق نەرسىلىرىنى ئېلىش ئالدىراشچىلىقىغا چۈشۈپ كەتكەندە، ئەزىمەتنىڭ دادىسى «بىزمۇ تەييارلىق قىلايلى!» دەپ ئۇنى ئالدىراتقىلى تۇردى. ئەزىمەتمۇ ھەرخىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ دادىسىدىن، ئانىسىدىن قاچاتتى. ھەر قېتىم دادىسىنىڭ مېھرىبانلىق مۇجەسسەملىنىپ قورۇقلار بېسىپ كەتكەن چىرايىدىن خۇشاللىق تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىكى «بىزمۇ تەييارلىق قىلايلى!» دېگەن سىيمانى كۆرگىنىدە مىڭ خىل ئوتلاردا پۇچىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مەكتەپكە ئۆتەلمىگەنلىكىنى بىلسىمۇ، بىرەر غايىپتىن كۈچ كېلىپ قانداقلىكى بولسا بىر مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋېلىشنى تىلەيىتتى.
|
|