قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1841|ئىنكاس: 13
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇرچە‹‹ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى››غا ئومۇمى ئوبزور

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

139

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   46.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62608
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-8 10:35:06 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش



ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردىكى ‹‹ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى›› غا دائىر  ئىلمى ئەسەرلەرگە ئومۇمى ئوبزور ـــــ ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر بايانىدا


قۇربان مۇھەممەتتۇردى نىران
(شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ،  ئۈرۈمچى   830049 )


ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى : ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى توغرىسىدا مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرغا چىقتى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىتا بىر قىسىم ئوبزورلار ئېلان قىلىندى . مەزكۇر ماقالىدا نىمە ئۈچۈن مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئوتتۇرغا چىققانلىقى ، تەتقىقات مېتودى ۋە پىرىنسىپى ، تەتقىقات ئوبېكتى ۋە ئۇنىڭ تاللىنىشغا دائىر مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ‹‹ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ›› گە دائىر ماقالە ۋە كىتاپلاردىن ۋەكىل خاراكتېردىكىلىرى نوقتا قىلىنىپ، ئومۇمى ئوبزور دائىرىسىدە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە مەسىلىلەر ۋە بۇ ھەقتىكى باھا ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ .
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :  ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى   تەتقىقات ۋە باھا    ساقلانغان مەسىلىلەر

مۇقەددىمە

1 .مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى

    مۇقام-يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى تاپقان كىلاسسىك ناخشا-مۇزىكىچىلىقنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلى بۇلۇپ ،ئۇ مۇقامغا يانداش بارلىق مۇنتىزىم ئاھاڭ قۇرۇلمىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئورگانىك ھالدا باغلىنىپ،بىر-بىرىنى تۇلۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ،ئەسلى مىلودىيىنى دەۋىر قىلغان ھالدا بىر پۈتۈن مۇزىكىلىق مەزمۇننى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق قۇرۇلما سۈپىتىدە ئاسىيا،ئافرىقا قىتئەسى،ئوتتۇرا شەرىق رايۇنلىرىدىكى مۇقام تۈسىگە يانداش كىلاسسىك مۇزىكىغا ئىگە خەلىقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكا مەدىنىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ،غەربى ئاسىيا ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ سۇزۇلغان 10مىڭ كىلومىتىر دىن ئاشىدىغان زىمىندا ،جۇڭگودىكى شىنجاڭدىن شىمالى ئافرىقىدىكى تونىسقا قەدەر ئارىلىقتا ياشايدىغان مۇسۇلمان خەلىقلەر، جۈملىدىن ئاسوريىلىكلەر،ئەرەپلەر،كۈردلار،كابۇتلار،ئەزەربەيجانلىقلار،تاقىبىللار،ئۈزبەكلەر،ئۇيغۇرلار،ئىرانلىقلار مۇقام تۈرىدىكى ئورتاق مۇزىكىدىن بەھرىمان بۇلۇپ كەلدى.كۈي شەكلى ئالاھىدىلىكى ،ئىنتىرۋال تامامەن ئوخشىمايدىغان ،ئۈزىگە خاس رىتىم،قېلىپقا ئىگە بۇ مۇزىكىدا مەدىنىيەت ئۆلچىمى يېقىن ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدىغان چالغۇلار ئىشلىتىلدى.ئۇ ئۈزىنىڭ مەدىنىيەت كونتىكىسىدا 400 مىليۇندىن كوپرەك ئادەمنى كۈي سادالىرىدىن بەھرىمان قىلدى. مانا مۇشۇنداق كۆپلىگەن ئەل-خەلىقلەر مەدىنىيىتىدىكى مۇزىكىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە مۇقام سەنئىتى ئەشۇ  خەلىقلەرنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخى ،مەدىنىيىتى ،تىل ئىستىمالى،مۇزىكىلىق چۇشەنچىلىرىدە ئوخشاش بولمىغان مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئوخشاش بولمىغان مەناغا ئىگە بولدى.
     ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ئۇزاق ئەسىرلىك ئىجتىمائى ،مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى بۇلۇپ،مەلۇم بىر دەۋىردە ياكى مەلۇم بىر كونكىرت شەخىسنىڭ ئىجادىيىتى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن  ئەمەس . بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر لارنىڭ ئەنئەنىۋى كىلاسسىك مۇزىكىسى دەپ ئاتىلىۋاتقان مۇقام سەنىتى ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ئېتىقاد قىلغان ھەرخىل دىنلار ،مەدىنىيەت ۋە سودا ئالاقىسىدە ئۇچراشقان كۆپ خىل مەدىنىيەتنىڭ تەسىرىدە،ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى يەرلىك ،مىللى تۈسكە ئىگە خەلىق كۈيلىرى ئاساسىدا راۋاجلىنىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ بۇگۈنكى كۈنگە يىتىپ كەلگەن.
     ئۇيغۇر مۇقاملىرى جۇڭخۇا مەدىنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا ئەڭگۈشتەر سۈپىتىدە يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئىلىمىز ۋە چەت-ئەللەردىكى ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىدىن بولغان سەنئەتكارلار ،سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈكسەك ئىتىبارىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە.جۈملىدىن 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ،مەدىنىيەت ئورنى تەرىپىدىن "ئىنسانىيەتنىڭ غەيرى ماددى مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى"بۇلۇپ باھالىنىپ،ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتى نامايەن بولدى.ئەنە شۇنداق كاتتا شان-شۆھرەتكە ئىگەئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ دۇنيا ئەھلى تەرىپىدىن ئورتاق ئىتراپقا نائىل بۇلىشىدا ، ئۈزىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى مۇكەممەللىكى، ئاممىۋى ئاساسىنىڭ پۇختا ۋە چوڭقۇرلىقى ،تىپىك ئەل ئىچى مەدىنىيىتىگە تەۋە بۇلىشى قاتارلىقلار دىن باشقا ،بۇ ھەقتىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلەرنىڭ ۋە نەزەرىيەۋى يەكۈنلەرنىڭ  ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ناھايىتى ئىنىق.
      مەلۇمكى،ئۇيغۇر مۇقاملىرى ،جۈملىدىن ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى "ئون ئىككى مۇقام "نىڭ يىڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ، 1951-يىلىدىكى تۇنجى قېتىم سىمغا ئېلىنىپ تاللىنىشىدىن ھازىرغىچە  65 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەر ئىشلەند.(ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى "ئون ئىككى مۇقام"نىڭ ئازاتلىقتىن كىيىنكى رەتلىنىشى ،ئۈنگە ئېلىنىشى،نوتىلاشتۇرىلىشى،تۇلۇقلىنىشى،نەشىر قىلىنىشى توغرىسىدا تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىشنىڭ"ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى "ناملىق كىتابىنىڭ281-293-بەتلىرىگە قاراڭ). 1990-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدىكى تەتقىقات خىزمىتى ئاساسەن دىگۈدەك ئۈنگە ئېلىش،توپلاش، تۇلۇقلاش،قايتا-قايتا نەشىر قىلىشنى ئاساس قىلىپ ،نەزەرىيەۋى تەتقىقات نىسبەتەن ئارقىدا قېلىپ قالدى.بۇنىڭ سەۋەبى خۇددى مەركىزى مۇزىكا ئىنىستىتوتىنىڭ پىروففىسورى،ئېتىنومۇزىكولوگىيە ئالىمى تىيەن لىيەنتاۋ ئەپەندى ئېيتقاندەك:"ئىلىمىز نىڭ ئاز سانلىق مۇزىكىلىرىنى تەتقىق قىلىش  خىزمىتى كۆپ ھاللاردا ئاساسى خاراكتىرلىك ماتىرياللانى رەتلەش ۋە نەزىرىيە قۇرۇلىشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇپ كەلدى.قىسمەن ئىلمىي ئەسەرلەر بىر قەدەر چوڭقۇر نەزەرىيەۋى سەۋىيەگە يەتكەندىن سىرت ،كوپ ساندىكى خىزمەت نەتىجىلىرى مۇزىكا فورماتسىيىسىنىڭ يۈزەكى قاتلاملىرىنى تەسۋىرلەش خاراكتىرىگە تەئەللۇق بولدى. مىللى مۇزىكىلارنى تەتقىق  قىلىش چۇقۇم چوڭقۇرلىشىشقا قاراپ تەرەققى قىلىشى،تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش كىرەك.نۆۋەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇزىكىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ كۆپچىلىكى مول ئەمەلىي تەكشۈرۈش خىزمەت تەجىربىسىگە ،مىللى مۇزىكىغا دائىر مول ماتىريالغا ئىگە بولسىمۇ ،لىكىن بىلىم قۇرۇلمىسىدىكى چەكلىمىلىك ،مۇزىكا كەسپى ۋە گۇمانتارلىق جەھەتتىكى تەربىيلىنىشنىڭ يىتەرسىزلىكى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كوپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تەسىر كۆرسەتتى. ناۋادا ئۇلار خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۈزىنىڭ مۇزىكا تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرسە،نەزەرىيەۋى ساپاسىنىڭ يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرسە،ئېتنومۇزىكولوگىيە،مەدىنىيەت ئانتىروپولوگىيىسى ،فولىكلور،تىل،مىللەت تارىخى قاتارلىق ئىلىملەر ھەققىدىكى ئەسەرلەرنى ئۈگەنسە،ئىلىمىز ئىچى ۋەسىرتىدىكى  ئىلىمىز قۇرۇلىشىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەنسە ،ھەمدە ئەمىلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆلكە تەتبىق قىلسا ،تەتقىقات خىزمىتىنى پەيدىنپەي كەڭ ھەم چوڭقۇر سەۋىيەگە تەرەققى قىلدۇرسا،ئىشىنىمىزكى،چۇقۇم تېخىمۇ كوپ مۇنەۋۋەر ئىلمىي نەتىجىلەرگە ئىرىشەلەيدۇ"ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەھۋال خۇددى تىيەن لىيەنتاۋ ئەپەندىنىڭ دىگىنىدەك بولغان بولسا ،1990-يىللاردىن كىيىن نەشىر قىلىنغان كىتاپلار ، ئېلان ماقالىلاردىكى سان ۋە سۈپەتمۇ بۇ كىشىنىڭ يۇقارقى بايانىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ھەقىقى ھەقدارلىرى بولغان ئۇيغۇرلار مۇقاملارنى ئاڭلاپ ھۇزۇرلىنىشتا ،تىگى-تىگىدىن زوق- شوخ ۋە ئىشتىياق بىلەن بىرىلىدىغان بۇلۇپ ،بۇ جەھەتتە مەيلى ئىلمىلىك ۋە مەيلى ھەقدارلىق نوقتىسىدىن بولمىسۇن ، پەۋقۇلئاددە ئەۋزەللىك ۋە ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە.شۇ نوقتىدىن ئالغاندا ،ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مىللىيلىكى، مەدەنىيەت خاراكتىرى ،مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكى،مۇزىكىلىق خاراكتىرى تېكسىتولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى،ئۇنىڭدىكى ئستىتىك تۇيغۇ ۋە ھۇزۇرچانلىق،ئۇرۇنداش قاتارلىقلار ساھەلەر بويىچە بىر قەدەر توغرا،ئەتراپلىق تەتقىق قىلغاندا باشقا مىللەت تەتقىقاتچىىلىرىغا نىسبەتەن ئۈلگىلىك ، بايراقدار، يىتەكلەش خاراكتىرىدە ئىجابى رول ئوينايدۇ ، دەپ قارايمىز.ھازىرغىچە ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ماقالىلىرى 500 پارچىدىن ئاشىدىغان بۇلۇپ ،تەتقىقات سەۋىيەسى جەھەتتىن بەلگىلىك كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇقنىڭ  بارلىققا كىلىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.(سەھىپە ئىھتىياجى نوقتىسىدىن ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى قىسقارتتۇق).شۇنداقلا يەنە بۇ ساھە بويىچە نۇپۇزلىق تەتقىقات كىتاپلىرىمۇ نەشىر قىلىنغان بۇلۇپ، بۇلارنىڭ تىزىملىكى تۈۋەندىكىچە:
(1)ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتىمىن :"ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى(ئون ئىككى مۇقام) ھەققىدە"،مىللەتلەر نەشىرىياتى،1980-يىلى نەشرى.
(2)سەيپىدىن ئەزىزى:"ئۇيغۇر مۇقامى توغرىسىدا"،مىللەتلەر نەشىرىياتى.1992-يىلى نەشرى.
(3)ئەھمەتجان ئەھمىدى:"ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا"،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1992-يىلى نەشرى.
(4)"ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە"(مەجمۇئە)،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1994-يىلى نەشرى.
(5)مۇھەممەتجان ئەزىز:"دولان مۇقامى توغرىسىدا"،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1992-يىلى نەشرى.
(6)قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە((مەجمۇئە)،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1994-يىلى نەشرى.
   (7)ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەتقىقاتى(مەجمۇئە)،مىللەتلەر نەشىرىياتى.1995-يىلى نەشرى.
(8)نۇرمۇھەممەت سايىت:"ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ مىلودىيە ئالاھىدىلىگى"،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1995-يىلى نەشرى.
(9)سۇلايمان ئىمىن:"ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە"،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1995-يىلى نەشرى.
(10)تۇرغان شاۋدۇن:"مۇقام ھەققىدە مۇلاھىزە"،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1995-يىلى نەشرى.
(11)مەمتىمىن ھۇشۇر:"ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىلى ۋارىيانتىە"،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1995-يىلى نەشرى.
(12)ئابدۇكىرەم راخمان تۈزگەن:"مۇقام پىشۋالىرى"،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1995-يىلى نەشرى.
(13)مۇھەممەت ئوسمان:"دولان مەشرەپ  مۇقاملىرى "(1)،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1995-يىلى نەشرى.
(14)مۇتەللىپ سېيىت،مۇتەللىپ ئىسكەندەر،ئەھەت داۋۇت:"دولان مەشرەپ  مۇقاملىرى "(2)،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1995-يىلى نەشرى.
(15)مۇھەممەتئېلى زۇنۇن:"مۇقام يۇرتىنىڭ يىڭى باھارى" شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1995-يىلى نەشرى.
(16)مېھمانجان روزى،تۇرغان شاۋدۇن:"مۇقام تۆھپىكارلىرى"،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1995-يىلى نەشرى.
(17)ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتىمىن :"ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى"،شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى نەشىرىياتى،1997-يىلى نەشرى.
(18)" ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە مۇلاھىزە"(مەجمۇئە)،جۇڭگو قامۇسى نەشىرىياتى.1997-يىلى نەشرى.
(19)شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدىنىيەت نازارىتى تۈزگەن:"جۇڭگوشىنجاڭ ئۇيغۇرمۇقام سەنئىتى "،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.2006-يىلى نەشرى.
(20)تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش:"ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى"،شىنجاڭ پەن -تېخنىكا نەشىرىياتى،2011-يىلى نەشرى.
(21)يۇسۈپ غازى:"قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە تەتقىقات"،شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت فوتو-سۈرەت نەشىرىياتى.2014-يىلى نەشرى.
(22)"مۇقام ئۇستازى-تۇردى ئاخۇن ئاكا"(مەجمۇئە)، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى.2012-يىلى نەشرى.
      يۇقارقى كىتاپلار ئوخشاش بولمىغان ئاپتورلار تەرىپىدىن ئوخشاش بىر مەزمۇن ياكى ئوبىكىت ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان نوقتىدىن كۆپ قىرلىق،چوڭقۇر تەتقىقات سەۋىيەسىنى ھازىرلاپ،ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىنىڭ نەزەرىۋىلىشىشىگە ئاساس ھازىرلىدى.گەرچە ئۇيغۇرلاردا مۇقام سەنىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيەۋى تەتقىقات مەلۇم كۆلەمگە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولسىمۇ ،بىراق بۇ ئەھۋال بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە يۈكسەك پەللىگە يەتكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.مۇقام سەنئىىتى بويىچە تەتقىق قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ،شۇنداقلا مۈجمەل ھالەتتىكى مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس.بىز ئۈزىمىزنىڭ تەتقىقاتىمىزنى بۇ توغرىسىدىكى چەتئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتى، شۇنداقلا مۇقامى بار باشقا ئەللەرنىڭ شۇ توغرىسىدىكى نەزەرىيەۋى تەتقىقاتى بىلەن سېلىشتۇرغىنىمىزدا ،بىز ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنىڭ تۇلىمۇ تىيىز،يۇزەكى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلىمىز. يەنە بىرى ، ئۇيغۇرلاردىكى مۇقام تەتقىقاتى يېرىم ئەسىرگە ئۇلاشقان بۇگۈنكى كۈندە ،بۇ ھەقتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز ئۈستىدە ئەتراپلىق،سىستىمىلىق خۇلاسە چىقىرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلىمىز ،شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە دىيارىمىز شىنجاڭ ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى مۇقام تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مۇقام سەنئىتى توغرىسىدىكى بىر قىسىم قاراشلىرىغا تۇلۇقلىما بىرىش، يەنە بىر قىسىم نوقتانەزەرلىرىگە رەددىيە بىرىش، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدىكى يۈزەكى خۇلاسىلىرىگە مۇۋاپىق جاۋاپ قايتۇرۇش، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ھەقدارى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش قاتارلىقلار مۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئايرىم مەزمۇنلار بويىچە نەزەرىيەۋى خۇلاسە خاراكتىرلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىزنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.

2.مەزكۇر تىمىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئۇلارغا قىسقىچە باھا

     مەزكۇر تىمىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەڭ ئاۋال تەتقىقاتىمىزنىڭ  ئوبىكتى بويىچە ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا دائىر خۇلاسە خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كورسىتىدۇ. شۇ بويىچە ئالغاندا،يەنى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالالىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەردىن ، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ يېزىقىدا نەشىر قىلىنغانلىرىدىن تۈۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىپ ئۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ.
(1)خەنزۇچە ئېلان قىلىنغان ماقالىلار تۈۋەندىكىچە:
周菁葆:“十二世纪维吾尔木卡姆研究综述”新疆艺术学院学报2006年节3期
雷嘉彦:“新中国成立以来新疆维吾尔十二木卡姆研究的教案与总结”艺术百家,2011年节5期
付晓东,雷嘉彦:“网络媒体上的木卡姆研究综述新疆师范大学学报2013年节2期”
张欢:“周吉维吾尔木卡姆研究综述”中国音乐2009年节1期
陈怡:“木卡姆学的历史与现状”新疆师范大学硕士论文2004年4月
     ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى ئۈستىدە خۇلاسە خاراكتىرىنى ئالغان ماقالىلەر (خەنزۇچە ئېلان قىلىنغان)يۇقارقىلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ  ئازاتلىقتىن كىيىنكى توپلىنىشىدىن تارتىپ 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان توپلاش، ئۈنگە ئېلىش، رەتلەش، نەشىر قىلىش، تەتقىقات ئەھۋالى بىر قەدەر ئەتراپلىق ،ئىلمىي،سىسىتىمىلىق ھالدا خۇلاسىلەنگەن،بۇلۇپمۇ陈怡     نىڭ ماگىستىرلىق دىسىرتاتسىيەسىدە ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتىنىڭ ھەر قايسى قاتلام ۋە مەزمۇنلىرى تۈرلەر بويىچە خۇلاسىلەنگەن.
     مەلۇمكى،مەلۇم پەن ۋە تەتقىقات ساھەسى بويىچە ئىشلەنگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ئىلمىي يۇسۇندا خۇلاسىلەش ۋە نەزەرىيەۋى خۇلاسە چىقىرىش ئىلمىي تەتقىقاتتىكى مۇھىم ۋە زۆرۈر خىزمەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ شۇ ئارقىلىق شۇ ساھەنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ،قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي نەتىجىلەر ۋە ئۇلاردىكى يىڭى كۆز قاراشلار ،تەتقىقات سەۋىيەسى ۋە يۈنىلىشى،تەتقىقاتتىكى بوشلۇق ۋە يىتەرسىزلىكلەر دىن خەۋاردار بولغىلى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ساھىپلىرىنى بۇ توغرىسىدا بەلگىلىك ئۇچۇرغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. يۇقارقى ماقالىلارغا قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ بۇ پىكرىمىز نىسبەتەن تۇلۇق ھالدا دەلىللىككە ئىگە بولىدۇ.بىراق يۇقارقى ماقالىلارنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ،كەمچىلىكى ۋە غەيرى ئىلمىيلىكى شۇكى، يۇقارقى بىر قاتار ماقالىلار ئاساسەن دىگۈدەك خەنزۇچە ئىلان قىلىنغان ماقالە ،ئىلمىي كىتاپلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلەر ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىشنى مەخسەت قىلغان بۇلۇپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ھەقدارى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇقام ھەققىدىكى نەزەرىيەۋى ئەمگەكلىرىنى چەتكە قايرىپ قويغان. بەلكىم  ئاشۇ تەتقىقاتچىلار بىزنىڭ بۇ پىكرىمىز گە قارىتا "ئۇيغۇرچە مەتبۇاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالە ،كىتاپلارنى كۈرەلمەيمىز"دەپ جاۋاپ بىرىشى مۇمكىن،بىراق ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ تەتقىقات پىرىنسىپى ،مىتودى،ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە تەلىپى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ھەر قانداق بىر تەتقىقات ئوبىكتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى قايسى تىلدا بولمىسۇن،ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا تۇلۇق توپلاش،رەتلەش،مۇھىملىرىنى ئايرىپ ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىن ، مۇھىم ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بۇلۇش ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ ھىساپلىنىدۇ.يەنە كىلىپ  ئەشۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ شىنجاڭ دىيارىدا خىزمەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ياشاش،بىرگە خىزمەت قىلىش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىكى ،ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەرلەردىن پايدىلانماسلىقى شۇ ساھە بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەرقانداق بىر ئىلىم ئەھلىنى ئەپسۇسلاندۇرماي قالمايدۇ.يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان ماقالىلار بۇ خاتالىققا ئېغىر دەرىجىدە يول قويغان.مەسىلەن : ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىدا خەنزۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى خېلى ئەتراپلىق،تۇلۇق تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ،بىراق ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ1980-يىلى نەشىر قىلىنغان "ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە"ناملىق كىتابى،خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان مەجمۇئە"ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە"ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى خەنزۇچە ئېلان قىلىنغان مۇقامغا دائىر نەچچە پارچە ماقالىلارلا تىلغا ئېلىنغان .ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا ئىزدەنگەن ئىلىم ساھىپلىرىدىن رەئىچىل خاررىس،ناتان لايىت قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلىم ساھىپلىرىنىڭ ئىلىمى ئەمگەكلىرى ۋە نەتىجىلىرىمۇ يۇقارقى ماقالىلاردا نەزەردىن ساقىت قىلىنغان.بۇ ئەھۋاللار مەزكۇر تىمىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىكى مۇھىم سەۋەپنىڭ بىرى سۈپىتىدە ،نوقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ، ئۇيغۇر ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان ئۇيغۇر مۇقام سەنىئىتىگە دائىر ئىلمىي ئەسەرلەر ئۈستىدە تېخىمۇ كونكىرت،ئىلمىي،ئەتراپلىق،سىستىمىلىق خۇلاسە چىقىرىش  ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇقام تەتقىقاتىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ئەھلىلىرىنى خەۋەردار قىلىش، ئۇيغۇرلاردىكى  مۇقام تەتقىقاتىنىڭ سەۋىيىسى، يۈنىلىشى،تىما دائىرىسى، تەپەككۇر چوڭقۇرلىقى قاتارلىقلارنى كورسىتىپ بىرىش مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ھىساپلىنىدۇ.
(2)ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خۇلاسە خاراكتىرلىق ئىلمىي ئەسەرلەر
     تەتقىقاتىمىزنىڭ دەسلىپىدە ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ھازىرغىچە ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان ماقالىلىرى 500 پارچىدىن ئارتۇق،نەشىر قىلغان ئىلمىي كىتاپلار  20 پارچىدىن ئارتۇق بولسىمۇ، شۇلار توغرىسىدا يېزىلغان ،خۇلاسە خاراكتىرىنى ئالغان ماقالە ئاران ئىككى پارچە بۇلۇپ ،ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى مۇكەممەللىكى ،ئۇنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتى ،مۇقام توغرىسىدا يېزىلغان ماقالە، ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە نىسبەتلەشتۈرگەندە،ئۇيغۇرلاردىكى  مۇقام  تەتقىقاتى توغرىسىدا يېزىلغان ئاشۇ ئىككى پارچە ماقالە كىشىنى تۇلىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ،ئويلاندۇرىدۇ.
       مەدىنىيەت - تارىخ تەتقىقاتچىسى ئابلىز مۇھەممەت سايرامى "شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى  ئىلمىي ژۇرنىلى "نىڭ 2006-يىللىق 1-سانىدا "ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى"ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدا ئاۋال ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئەڭ قەدىمىي دەۋىرلەردىن مىلادىيە 1950-يىللارغىچە ،يەنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچە بولغان تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. ئاپتور بۇ قىسمىدا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئازاتلىققىچە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاساسەن دىگۈدەك ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ "ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى"ناملىق كىتابىدىن پايدىلىنىپ،بىر قىسىم مەزمۇنلارنى مۇناسىۋەتلىك باشقا كىتاپلاردىن ئوزلەشتۈرۈش ئاساسىدا بىزگە يەتكۈزىدۇ،مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ 1950-يىللاردىن بۇيانقى تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىغا قارىتىلغان بۇلۇپ ئاپتۇر بۇ بۈلەكتە ئاۋال  ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ 1950-يىللارنىڭ بېشىدىكى ئۈنگە ئېلىش،رەتلىنىش جەريانىنى بايان قىلىپ،20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كىيىن مۇقام سەنئىتىگە دائىر ئىشلەنگەن ئىلمىي ئەمگەكلەر قاتارىدا 1992-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان مەجمۇئە"ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە"ناملىق كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلارنى مىسال قىلىپ  ،ھەر بىر ماقالىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مۇھىم كۆز قاراشلارنى بىر -بىرلەپ كۆرسىتىپ بىرىدۇ،گەرچە بۇ  مەجمۇئەگە كىرگۈزۈلگەن ماقالىلارنىڭ سۈپىتى خېلىلا يۇقىرى بولسىمۇ  ،بىراق 1980-يىلىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىنىڭ ھەقىقى سەۋىيەسىگە ۋە ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلالماسلىقى ناھايىتى ئىنىق. شۇنىسى رۇشەنكى  ،ئاپتۇر بۇ ماقالىسىدا،ناھايىتى يەڭگىلتەكلىك بىلەن بىر-ئىككى پارچە كىتاپقىلا ئېسىلىۋېلىپ  ،ئەتراپلىق ماتىريال توپلىماي ۋە ئىزدەنمەي،ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى توغرىسىدا خۇلاسە چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتكەن.
      يازغۇچى، مەدىنىيەت تەتقىقاتچىسى سەمەت دۇگايلى "شىنجاڭ سەنئىتى "ژورنىلىنىڭ  2009 -يىللىق 5-،6-سانلىرىدا "مۇقام ھەققىدە" ناملىق سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى،ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدىكى ھەر قايسى ئاپتورلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلىرىنى خېلى تەپسىلىي،ئىلمىي، ئەتراپلىق ،قايىل قىلارلىق ھالدا خۇلاسىلەپ ، بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۆزگىچە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.ئاپتۇر مەزكۇر ماقالىسىدا ئاۋال مەسىلىنىڭ ئوتتۇرغا قۇيىلىشى ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بايان قىلىنغاندىن كىيىن ،ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ مەنبەسىگە دائىر مەسىلىلەر ،ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ غەرىپكە تەسىرى ۋە "مۇقام"سۆزىنىڭ ئىتمولوگىيەسى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر،ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ سانى مەسىلىسى،ئاماننىساخاننىڭ مۇقام رەتلىگەنلىكىگە دائىر مەسىلىلەر،مەشرەپ بىلەن مۇقاملارنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر مەسىلىلەر،مۇقام تىكسىتلىرىنىڭ ئىچكى قاتلام مەسىلىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا ھەر قايسى ئىلىم ساھىپلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ،ئۇلارنى ئۆز -ئارا سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا بىر قىسىم مۇھىم كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.مۇقام تەتقىقاتىدىكى بىر قىسىم چىگىش،مۈجمەل،ناتوغرا مەسىلىلەرگە ئىزاھات بىرىدۇ.ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىسى خېلى يۈكسەك ئىلمىي روھ ۋە پۇزىتسىيەدە يېزىلغان بۇلۇپ،مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ.بۇ ماقالە ئۈزىنىڭ ئەنە شۇنداق ئىلمىي قىممىتى بىلەن مەزكۇر تەتقىقاتىمىز ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتىريالى بولالايدۇ.

3.مەزكۇر تىمنىڭ تەتقىقات مىتودى،تەتقىقات ئوبىكتىغا قىسقىچە چۈشەنچە

     مەلۇمكى،مىتودولوگىيە -ئىنسانىيەت بىلىش تارىخىدا داۋاملىق راۋاجلىنىپ تۇرىدىغان يىڭىچە بىلىش،ئىزدىنىش،تەتقىق قىلىش يىتەكچى پىرىنسىپى بۇلۇپ،توغرا، ئىلمىي بولغان تەتقىقات مىتودىنىڭ ياردىمىسىز،ئىلمىي تەتقىقاتتا مەلۇم بىر مەسىلىنى كونكىرت، قايىل قىلارلىق،ئىلمىي قاراتمىلىق ھالدا تەتقىق قىلىش مەخسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
      ئۇيغۇر مۇقاملىرى غايەت زور مەھلىيا قىلىش كۈچىگە ئىگە سەنئەت بايلىقى بۇلۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ مەپتۇنكارلىقى ،تۈگىمەس خەزىنە بۇلەش سۈپىتى بىلەن،ھەر قايسى ئەل،مىللەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىغا ئايلاندى.ئىلمىيلىك يېقىدىن ئالغاندا،بىر قىسىم كىشلىەر ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ھاياتى قىممىتىنى قايتىدىن ياراتتى.يەنە بىر قىسىم كىشلىەر ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇنۋان،شان-شۆھرەتنىڭ تۈگىمەس كانى بولدى.ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۈزىنىڭ سېھىرلىك كۈيلىرى ئارقىلىق ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ مەركىزىدىن ئۇرۇن ئېلىپ،"مۇقامشۇناسلىق"نىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئاساس بولدى.ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتى ساھەسىدە  ھەر قايسى ئاپتورلارنىڭ كەسپى،مىللىي،جۇغراپىيەلىك بىلىش سەۋىيەسى ۋە بىلىم چوڭقۇرلۇقى جەھەتتىكى پەرق ۋە چەكلىمىلەر تۈپەيلى،ئوخشاش بىر تىما ياكى مەسىلە ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار ،ناتوغرا پىكىرلەر،غەيرى ئىلمىي پۇزىتسىيەلەر ۋە تەتقىقات مىتودى مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدى.بىز مەزكۇر تەتقىقاتتا ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا روياپقا چىققان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلىپ،تەتقىقات ساھەسىنى مەزمۇن- تۈرگە ئايرىپ ، ئوخشاش بىر مەزمۇن ياكى تىما ھەققىدە ھەر قايسى ئاپتورلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلىرىنى قىسقا ،مېغىزلىق ھالدا بىر-بىرلەپ ئوتتۇرغا قۇيۇپ،شۇ خىل پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرغا قۇيىلىشىدىكى مەنبە ياكى سەۋەپنى كۆرسىتىپ بىرىپ،بۇلار ئۈستىدە سېلىشتۇرما مۇلاھىزىنى ئوتتۇرغا قۇيىمىز،تەتقىقات تەلىپى ۋە ئىھتىياجى بويىچە،ھەر قايسى تىمىلار ،مەزمۇنلار بويىچە تەتقىقات ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ،شۇ مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بىرلىككە كىلىنگەن ياكى پەرىقلىنىدىغان پىكىرلەرنى سېلىشتۇرما ھالەتتە ئوتتۇرغا كۇيۇشنى ئاساس قىلىمىز.
       ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا روياپقا چىققان تەتقىقات نەتىجىلىرى سان جەھەتتىن بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ ، بىراق ھەممىسىنىڭ سۈپەتلىك ئەسەرلەر بۇلىشى ناتايىن.مەزكۇر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى ۋە ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان تەجىربىلىك تەتقىقاتچىلاردىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ،كۆپ قېتىم پىكىرلىشىش،تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ،مۇقام تەتقىقاتىدىكى ۋەكىل خاراكتىرلىك ،سەۋىيەلىك ئەسەرلەرنى توپلاپ،مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئىلمىي،ئەتراپلىق، قاراتمىلىق بۇلىشىغا  ئىمكانىيەت ھازىرلىدى.شۇڭلاشقا مەزكۇر تەتقىقات داۋامىدا،مۇشۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى،شۇنداقلا يىڭىچە پىكىرلەرگە باي،ئىلمىيلىكى چوڭقۇر،پۇختا بولغان ماقالىلار ئاساسلىق پايدىلىنىش ماتىريالى ۋە تەتقىقات ئوبىكتى قىلىندى.
      ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك مۇھىم  بىر نوختا شۇكى،ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇيغۇر مەدىنىيەت خەزىنىسىنىڭ گۈلتاجى سۈپىتىدە ،ھەرقايسى مۇقاملار بويىچە خاس تەتقىقاتلارنىڭ ئىشلەنگەنلىكى ھەممىگە ئايان.بىراق،مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات ئوبىكتى،شۇنداقلا تەتقىقاتقا كىرەكلىك ۋاقىت،شارائىت قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ، شۇنداقلا مەزكۇر تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا ،ئىلمىيلىككى،دەلىللىككە،سىستىمىلىققا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامى توغرىسىدا ئىشلەنگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسلىق تەتقىقات ئوبىكتى قىلىندى.مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە قارىتا ،يەرلىك مەشرەپ مۇقاملار توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى قۇشۇمچە ئوبىكىت سۈپىتىدە پايدىلىندى.
I ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا
      20-  ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ،ئۇيغۇر مۇقام سەنىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى سۈپىتىدە،دەسلەپكى مۇقام رەتلەشتىن مۇنتىزىم تەتقىقاتقا قاراپ چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى.ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ شان -شۆھرىتى ئىلىمىز ۋە خەلقئارادا تېخىمۇ زور داغدۇغا پەيدا قىلغان دىن كىيىن،ۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش قىزغىنلىكى باش كۆتۈردى.مۇتلەق كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار تارىخى ماتىريالىزىم نوقتىسىدىن مۇقام تەتقىقاتىنى تېخىمۇ ئىلمىلىككە يۈكسەلدۈرۈپ،ئەستايىدىللىق،ئىلمىلىك،پاكىتلىق يۇسۇنىدا مۇقام سەنىتىنىڭ ئىچكى قاتلىمى،تارىخىي فورماتسىيەسى ،مۇزىكىلىق ئالاھىدىلىكى قاتارلىق بىر مۇنچە نوقتىلاردىن نۇرغۇنلىغان ئىلغار پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنداق بولسىمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلىرىدىكى جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىسىدە جەمىيەتنىڭ ئاڭ فورماتسىيىسىگە سىڭىپ كەتكەن  دوگماتىزىمچىلىق پىكىر قىلىىش ئۇسۇلى ،مەسىلىنى سىنىپىي كۈرەش نوقتىسىدىن كۈزىتىش قاتارلىق ناتوغرا تەپەككۇرنىڭ تەسىرىدە،مۇقام تەتقىقاتىدىمۇ بىر قىسىم كۈلكىلىك،نادانلارچە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان پىكىرلەرمۇ باش كۈتىرىشكە باشلىدى.ئۇنىڭدىن باشقا ، بىر قىسىم تەتقىقاتلاردا تەكرارلىق،مۈجمەللىك مەسىلىسى ساقلىنىپ باردى.بۇ ئەھۋال مۇقام سەنىتى تەتقىقاتىدا بىر قىسىم ئالدىن كۈرەر تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ،مۇقام تەتقىقاتىنىڭ تېخىمۇ ساغلام ،ئىلمىي ھالدا چوڭقۇرلىشىش،مۇقام سەنىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈك نوقتىئىنەزىرى ئاساسىدا،ئالدىن ھەل قىلىشقا ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك ئاساسى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرغا قويىلىشى مۇقام تەتقىقاتىنىڭ تەلىۋى ۋە تەقەززاسى بۇلۇپ قالدى.بۇ توغرىسىدا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىن"شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" نىڭ 1993-يىللىق 1-سانىدا "ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىغا دائىر يىگىرمە تۆت مەسىلە"ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتىدا ئالدىن ھەل قىلىشقا، .ئىتىبار بىرىشكە تىگىشلىك يىگىرمە تۆت مەسىلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ،ھەر بىر مەسىلىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتى،ئىتنومۇزىكولوگىيە نوقتىسىدىن بىر قەدەر ئاممىباپ ۋە چوڭقۇر ھالدا شەرھلەپ بەردى.بۇ مەسىلىلەر تۈۋەندىكىچە:
بىرىنچى.مۇقاملارنىڭ مەدىنىيەت سىستىمىمىزدا تۇتقان ئورنى.
ئىككىنچى.ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ خاراكتىرى.
ئۈچىنچى.ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبەسى.
تۆتىنچى."ماخې-دۇلى"-يېزىققا ئېلىنغان چوڭ نەغمە.
بەشىنچى.شىمالى سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ئۈچ خىل"كۆسەن كۈيى"ۋە سۇجۇپنىڭ مۇزىكا نەزەرىيىسى.
ئالتىنچى.سۈي-تاڭ سۇلالىرىدىكى دەۋرىدىكى چوڭ نەغمىلەر.
يەتتىنچى.ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە فارابىنىڭ مۇزىكا نەزىرىيىسى سېستىمىسى.
سەككىزىنچى.ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ يەركەن خانلىقى دەۋرى.
توققۇزىنچى.ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ يىڭى تەرەققىيات دەۋرى.
ئونىنچى.ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مۇزىكىلىق خۇسۇسىيىتى.
ئونبىرىنچى.ئۇيغۇر مۇقاملىرىدا ئۇسسۇل ژانىرى.
ئونئىككىنچى.ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ناخشا تىكسىتى مەسىلىسى.
ئون ئۈچىنچى.ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ سىمانتىك قىممىتى.
ئون تۆتىنچى.ئۇيغۇر خىلق مۇقاملىرى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇقاملىرى.
ئون بەشىنچى.قۇمۇل خەلق مۇقامى -ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قەدىمقى گەۋدىلىرىدىن بىرى.
ئون ئالتىنچى.دولان مۇقاملىرى ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىكى قىممەتلىك  خەزىنە
ئون يەتتىنچى.ئۇيغۇر مۇقام تىپىدىكى كۈيلەرنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ئاسىياغا تەسىرى.
ئون سەككىزىنچى.مۇقاملارنىڭ ھازىرقى ناملىرى مەسىلىسى.
ئون توققۇزىنچى.ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مىراس گەۋدىسى ۋە ئۇنى يىتەرلىك جارى قىلدۇرۇش.
يىگىرمىنچى.ئۇيغۇر مۇقام مائارىپ مەسىلىسى.
يىگىرمە بىرىنچى.يەرلىك خەلىق مۇقاملىرىنى جانلاندۇرۇش.
يىگىرمە ئىككىنچى.كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئۇيۇن كۆرسىتىش قىممىتى،
يىگىرمە ئۈچىنچى.مۇقاملاردا مىللى چالغۇلارنىڭ ئەھمىيىتى.
يىگىرمە تۆتىنچى.ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتى مەسىلىلىرى.
      ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئوتتۇرغا قويغان يۇقارقى 24 مەسىلە ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىدا ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئاساسى مەسىلە بۇلۇپ،ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدىكى كىيىنكى تەتقىقات ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ سەھنە ئەمەلىيىتى جەريانىدا يۇقارقى مەسىلىلەر ئىلمىي نوقتىسىدىن  تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ باردى.
     ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپات بولغاندىن كىيىن نەشىردىن چىققان "ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى"ناملىق كىتابىدا يۇقارقى مەسىلىلەر كىتاپنىڭ ئايرىم باپ ،پاراگىرافلىرى سۈپىتىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ،ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلدى.ئاپتور يەنە مەزكۇر كىتابىدا ،يۇقارقى 24 مەسىلىدىن سىرت ،ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسىنى يۇرۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن يەنە تۈۋەندىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۈتىدۇ. ئۇلار  تۈۋەندىكىچە:
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئىتنولوگىيىلىك ۋە مۇزىكا مەدىنىيىتى بويىچە ئاساسلىرى.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ   يارىلىش مەنبەسى
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ راۋاجلىنىش قانۇنىيەتلىرى ۋە تارىخى فورماتسىيىسى.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ  تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى تاشقى مۇھىت كاتوگۇرىيىلىرى بىلەن ئىچكى ئىنتولوگىيىلىك ئەنەنىۋى ئامىللار.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ  تۈر ۋە ۋارىيانتلىرى.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىدا تاۋۇش قاتارى ۋە ئۇنىڭ كۈيشۇناسلىق ئالاھىدىلىكلىرى.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرى بىلەن "شەش مۇقام"ۋە ھەر قايسى مۇقام سىستىمىلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى.
~سوپسىتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا تەسىرى.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىدا چالغۇ ئەسۋاپلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات تارىخى تەتقىقاتى مەسىلىسىنىڭ تۇتقان ئورنى،
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىدا ھاپىز-ناخشىچىلارنىڭ ئەھمىيىتى،
~ئۇيغۇر مۇقاملىرى تىپى ۋە سىمفونىيە خاراكتېرى
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىدا ئۇسسۇل ژانىرى ۋە ئۇنىڭ ئىستىتىكىلىق،ئېتىكىلىق رۇلى.
~ئۇيغۇر مۇقام ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى يازما مەنبە ۋە شېئىرى،تەسۋىرى سەنئەت يادىكارلىقنىڭ تارىخىي قىممىتى.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىدا شېىرىيەت،شېىرى ۋەزىن ۋە تىكسىتولوگىيە مەسىلىلىرى.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىدا تىياتىرلىق بەدىىي ئامىللار.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەشرەپ سورۇنى ۋە سەھنە شەرتلىرى.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ يىپەك يولىدىكى تۆھپىسى.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرى تارىخىغا ئالاقىدار كۈيشۇناسلىق نەزىرىيىلىرى تەتقىقاتى.
~ئۇيغۇر مۇقاملىرى تارىخىغا دائىر مەشھۇر كۈيلەر ،ئەلنەغمىلەر ۋە" چوڭ نەغمىلەر" ھەققىدىكى ئىزدىنىش.
~ئۇيغۇرخەلق ۋە كىلاسسىك مۇقاملىرى بىلەن تارىختىكى مۇقام تىپىدىكى مەشھۇر كۈي نەغمىلەرنىڭ نوتا  مەسىلىسى.
~ئۇيغۇر مۇقامچىلىرى تەزكىرىسى.
~مۇقام تەتقىقات تارىخى ئۈستىدىكى تەتقىقات.
      ئالىمنىڭ ئوتتۇرغا قوتغان يۇقارقى مەسىلىلىرى تىزىس خاراكتىرلىك ياكى يىتەكچى خاراكتىرىدىكى تىمىلار سۈپىتىدە ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىنىڭ كىيىنكى راۋاجىغا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىجابى تەسىر كورسىتىپ ،تىلغا ئېلىنغان يۇقارقى مەسىلىلەرگە بىۋاستە ئالاقىدار بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرى كىيىنكى مەزگىللەردە ئوتتۇرغا چىقىپ،ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسىنڭ ئىلمىي ھالدا يۇرۇتىلىشىغا مۇناسىپ خىزمەت كۆرسەتتى.جۈملىدىن ،مەزكۇر تەتقىقاتمۇ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىن تىلغا ئالغان،"مۇقام تەتقىقات تارىخى ئۈستىدىكى تەتقىقات "نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ  شىنجاڭ دىيارىدىكى ھەر قايسى مەتبۇاتلاردا ئېلان قىلىنغان ۋەكىل خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۈستىدە خۇلاسە يۈرگۈزۇشنى مەخسەت قىلدى.
      ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىدىكى شۆھرەتلىك ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرمۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامغا دائىر بىر قانچە مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ،  ئۇيغۇرلاردىكى ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەرەپ مۇزىكىسى  بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىتا ئۈزىنىڭ  چوڭقۇر ،ئەتراپلىق كۆز قاراشلىرىنى  شەرىھلەپ ئۆتكەن.ئۇ "ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى "ناملىق مەجمۇئەگە كىرگۈزۈلگەن "ئون ئىككى مۇقامغا دائىر بەزى مەسىلىلىەر ھەققىدە مۇلاھىزىلەر"ناملىق ماقالىسىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نوقتىلىق ھالدا "ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەرەپلەردىن كەلگەن،ئۇ ئەرەپ مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ مەھسۇلى"دەيدىغان سەپسەتىلەرگە خاتىمە بىرىپ،ۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئۇيغۇر مەدىنىيەت تۇپرىقىدا بارلىققا كىلىپ،مۇكەممەللەشكەن سەنئەت مۆجىزىسى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي ھالدا ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئۇ بۇ كۆز قاراشنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇلاھىزە ئوبىكتىنى نوقتىلىق ھالدا ئەرەپ مۇزىكا مەدىنىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ،ئۇيغۇر مۇقام مەدىنىيىتىدە ئەرەپ مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ كۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى،ئەرەپ مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ۋە قانداق ھالەتتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ.ئاپتور ئەڭ ئاۋال مەسلىنى ئەرەپلەرنىڭ مۇزىكا مەدىنىيىتىدە چالغۇلارنىڭ مىلادى2-،3-ئەسىرلەر  ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى قەيت قىلىپ  "مىلادى2-،3-ئەسىرلەردىن ئىتىبارەن،سودا كارۋانلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ،كارۋان قۇشاقلىرى پەيدا بۇلۇشقا باشلىغانبەگلىك ياكى كىچىك-كىچىك خانلىقلارنىڭ پەيدا بۇلىشى بىلەن ئوردا سارايلاردا كەسپى سازەندە ۋە مۇغەنىيە(ئايال ناخشىچىلار)     بىلەن ناخشا ئېيتىدىغان ھاپىزلار مەيدانغا كىلىشكە باشلايدۇ.5-،6-ئەسىرلەر ئارلىقىدا قەسىدىغان شائىرلارمۇ پەيدا بولغان “ دەپ يازىدۇ
    مەلۇمكى،ئەرەپلەرنىڭ  مۇزىكا مەدىنىيىتىدە "باربۇد“چالغۇسى ئالاھىدە ئۇرۇن تۇتىدۇ،بىراق ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ماقالىسىدە ئەرەپ چالغۇلىرىنىڭ بىرى دەپ تۇنۇلغان باربۇد توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ،"باربۇد"نىڭ "مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىر نىڭ باشلىرىدا غەربى دىياردىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرىشكە باشلىغانلىقى ،سۈي-تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە (مىلادى4-ئەسىردە)كۈسەنلىكلەرنىڭ چالغۇسى باربەدنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە كەڭ تارقالغانلىقىنى خەنزۇچە ماتىرياللار ئاساسىدا ئوتتۇرغا قۇيۇپ ،باربۇد نىڭ ئەرەپلەرگە ھازىرقى شىنجاڭ ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
      ئۇنىڭدىن باشقا  ئاپتور ماقالىسىدا " باربۇد "نىڭ ئەرەپلەرگە پارىسلاردىن كىرگەنلىكىنى ،پارىسلارغا بولسا ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئارقىلىق ئۇمۇملاشقانلىقىنى پاكىتلار ئاساسىدا چۇشەندۈرىدۇ.
     ئاپتور ماقالىسىدا يەنە ئىسلام دىنىدا مۇزىكىغا قارىتا قانداق مۇئامىلىلەرنىڭ بۇلىۋاتقانلىقىنى تارىخى پاكىتلاردىن مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىسلام خەلىپىلىرىنى دىن بىلەن مۇزىكا سەنىتىنى بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى ئۇرۇنغا قويغانلىقىنى ،ئوردا -سارايلاردىكى ئەيىش-ئشرەت تەقەززاسىدىن بولغانلىقىدىن قەتىنەزەر ، ئۈزىنى دىننىڭ ھامىسى دەپ ئاتىغان خەلىپلەرنىڭ ئەينى چاغدا مۇزىكىنىڭمۇ ھامىسى بولغانلىقىنى،شۇنداق قىلىپ ئەمگەكچى خەلىقنىڭ ئىجادىيىتى بولغان مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ۋاستىچىلىكى بىلەن تېخىمۇ راۋاجلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
      ئەرەپ مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا مەدىنىيىتىگە ، جۈملىدىن ئون ئىككى مۇقامغا بولغان تەسىرى مەسىلىسىدە ئاپتور ئالدى بىلەن مەسىلىنى بۇ ئىككى خىل مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ تارىخى تەرەققىيات جەريانلىرىنى، مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرىدۇ.” ....شۇ نەرسە ئايانكى ،ئەرەپ مۇزىكىسى مىلادىيە 7-ئەسىرگىچئە بولغان مەزگىللەردە قۇشاقلارنى ئاددى ساز بىلەن ئۇرۇنلاش، يەنى ئىككى ئاۋاز سىستىمىسىدىكى ئىپتىداى ھالەتتە  ئىدى، ئۇلاردا تېخى مۇزىكا نەزىرىيىسى بارلىققا كەلگەن ئەمەس،ھالبۇكى بۇ مەزگىللەردە، ھازىرقى شىنجاڭ ئاللىقاچان "ناخشا-ئۇسۇل ماكانى"غا مۇناسىپ ھالغا يىتىپ،ئۆز شۆھرىتىنى ئەتراپقا يېيىشقا باشلىغان ئىدى، بۇنىڭ ئىنىق نامايەندىسى ئۇيغۇر ئەجدادلىرى تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن كۈسەن مەدىنىيىتى ۋە كۈسەن نەغمىسى بۇلۇپ،كۈسەن مۇزىكا سەنىتى مىلادى5-ئەسىردىن 7ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا دۇنيانىڭ ئىلار سەۋىيىسىگە يەتكەن ئىدى،" ئاپتور بۇ كۆز قارىشىنى مۇقام تەتقىقاتچىسى جۇجىڭباۋ ئەپەندىنىڭ "مۇقام ھەققىدە مۇلاھىزىلەر"ناملىق ماقالىسى (شىنجاڭ سەنىتى ژۇرنىلى"،(1982-يىل1-سان)دىكى تارىخى پاكىتلار ئارقىلىق ئىزاھلايدۇ.
     ئاپتۇر ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئەرەپ مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا  ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ مۇكەممەللىشىشكە  بولغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ،مىلادىيە 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئەرەپ مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ،  ئۇيغۇرلارنىڭ  مۇزىكا مەدىنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ، بۇ خىل تەسىرنىڭ ئاۋال ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئىستىمالىدا ئەرەپچە ئاتالغۇلارنىڭ سىڭىپ كىرىشكە باشلىغانلىقى،شۇ قاتاردا "مۇقام" ئىبارىسىنىڭمۇ كىيىنكى مەزگىللەردە ئەرەپ مەدىنىيىتىنىڭ يىپەك يۇلى بەلبىغىدىكى ئومۇمىي تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردا جەۋھەر مۇزىكىلارنى ئاتايدىغان ئىبارە سۈپىتىدە ئۇمۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۈتىدۇ.
      ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ماقالىسىدا ئەرەپ مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا بولغان تەسىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ:"يىغىپ ئېيتقاندا،كۆسەن(كۇچا)،سۇلى(قەشقەر)،ئۇدۇن)خوتەن)،ئىدىقۇت(تۇرپان)،ئىۋىرغول(قۇمۇل)مۇزىكا سەنىتى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر  مۇزىكا مەدىنىيىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.ئۇ مىلادىيئە 4-ئەسىردىن باشلاپ،"ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك (خەنزۇ)مۇزىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان ۋە يىپەك يولىنى بويلاپ  غەرپكە تارقىلىپ ،6-،7-،ئەسىرلەردىن باشلاپ پارس-ئەرەپ مۇزىكىسىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ چاغلاردا ئەرەپ مۇزىكىسى تېخى ئىپتىداى تەرەققىيات باسقۇچىدا ئىدى . ئىسلام دىنى ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىغا كىرگەندىن كىيىن،ئاراپ -ئىسلام مەدىنىيىتىمۇ بۇ رايۇنغا كىرىشكە باشلىدى.شۇنداق قىلىپ ،مەيلى مىللەتلەر ئارا مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش نوقتىسىدىن بولسۇن،مەيلى مۇزىكا مەدىنىيىتى تەرەققىياتى جەريانىدىكى كونكىرت ئەھۋاللار نوقتىسىدىن بولسۇن، ئۇيغۇر  ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەرەپ-پارس مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىمۇ بىر تارىخى پاكىت.شۇڭا ئون ئىككى مۇقام ئەرەپ-پارس مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ مەھسۇلى دىگەن قاراش خاتا بولغىنىدەك، ئەرەپ-پارس مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىنى ئىنكار قىلىشمۇ ئىلمىي پۇزىتسىيە ئەمەس.
     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى يۇقارقى  ماقالىسىدا بىر قىسم مۇقام تەتقىقاتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ گۈدەكلىك بىلەن ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەرەپ-ئىسلام مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ  ،دىگەندەك خاتا ئويلىرى ۋە سەپسەتىلىرىگە قارىتا ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئەرەپلەردىكى چالغۇلار ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى،زامان ئىتىبارىدىن ئۇيغۇرلاردىكى چالغۇلارنىڭ ملادىيە  6-،7-،ئەسرلەرگىچە ئەرەپلەردىن خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى ،ئەرەپلەر تېخى (ئىپتىداى)جاھالەت باسقۇچىدا تۇرۋاتقان مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا كۈي قانۇنىيىتىنىڭ پەيدا بۇلۇپ بولغانلىقىنى سېلىشتۇرما ھالدا ئىسپاتلاپ،ئۇيغۇرلاردا مۇقام سەنىتىنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنىڭ ئەرەپلەردىن بۇرۇن ھازىرلىنىپ بولغانلىقىنى كورسىتىپ ئۈتىدۇ، شۇنداقلا مەدىنىيەت تەرەققىياتىدىكى تەسىر قۇبۇل قىلىش نوقتىسىدىن ، ۇيغۇرلارنىڭ 10-ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنىڭ تەسىرىدە ئەرەپ مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، جۈملىدىن "مۇقام"نامىنىڭ ئەرەپچىدىن قۇبۇل قىلىنغانلىقىنى، مۇقام ناملىرى ،مۇقام شۆبە ناملىرىنىڭ ئەرەپچىدىن قۇبۇل قىلىنىپ،يىپەك يۇلى مەدىنىيەت بەلبېغىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلىقلەرنىڭ مۇزىكا مەدىنىيىتىدە كۈرۈلگەن ئورتاق ھادىسە سۈپىتىدە شۇ ناملارنىڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرىدا كۈرۈلگەنلىكىنى  ، بىراق "خاس"نام مەسىلىسى ئارقىلىق بىر مىللەت مۇزىكا مەدىنىيىتىنىڭ ئىمپورت قىلىنمايدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى مۇقامنىڭ ھەقدارلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەت خاسلىقى ،پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكى ،مۇزىكا گۈزەللىك چۇشەنچىسى ۋە ئەنئەنىسى ،مۇقام مۇزىكىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىچكى مۇزىكىلىق قاتلىمى ئارقىلىق مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش كىرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
     ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىنىڭ مىتودلىرى ۋە يۈنىلىشى ،مۇقام تەتقىقاتىدىكى نوقتىلىق مەسىلىلەر دە ئۈزىنىڭ ئىلغار ،يېڭىچە كۆز -قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان يەنە بىر تەتقىقاتچى ، پىروففىسور ئابدۇكىرەم راخمان ئەپەندى بۇلۇپ،ئۇ 'شىنجاڭ سەنەت ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى "نىڭ 2007-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلغان "ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىنىڭ يۈنىلىشى توغرىسىدا "ناملىق ماقالىسىدا ،نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى،ساھەسىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتقان بىر قىسىم مۇھىم ،مۈجمەل مەسىلىلەرنى تۈۋەندىكى ئۈچ نوقتىدىن شەرىھلەپ ئۈتىدۇ.
بىرىنچى."ئون ئىككى مۇقام "نىڭ ئىتنىك مەنبەسى مەسىلىسى
ئىككىنچى.ئون ئىككى مۇقامنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى.
ئۈچىنچى.ئون ئىككى مۇقام شەھەرلەشكەن مئەدەنىيەتنىڭ ئىنكاسى.
      يۇقارقى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى مەسىلە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە دائىر تەتقىقات تىمىلىرى،مەسىلىلەر قاتارىدا كوپلەپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ،بۇ ھەقتە يەنە تەپسىلى توختالمايمىز .پىروففىسور ئابدۇكىرەم راخماننىڭ مەزكۇر ماقالىسىدا مۇلاھىزە قىلىنغان ئۈچىنچى مەسىلە -"ئون ئىككى مۇقام شەھەرلەشكەن مەدەنىيەتنىڭ ئىنكاسى" 2007 -يىلىغىچە ئۇيغۇرلاردىكى مۇقام تەتقىقاتىدا ئوتتۇرغا چىقمىغان يىڭىچە پىكىر بۇلۇپ ،  ئاپتور ئون ئىككى مۇقامنىڭ شەھەرلەشكەن مەدىنىيەتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئاۋال ئون ئىككى مۇقامنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى بىلەن مۇقام تىكسىتلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان ھالدا چۈشەندۈرىدۇ.بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاپتۇر ماقالىسىدا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تارىخى قاتلىمى ۋە مەدىنىيەت باسقۇچلىرىنىڭ فونكىسىيەلىك خاراكتىرىگە مۇراجەت قىلىدۇ.
      ئاپتور ئون ئىككى مۇقام شەھەرلەشكەن مەدەنىيەتنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن،ئۇيغۇر تىلى تەۋە بولغان ئۇغۇز تىلى گۇرۇپپىسى بىلەن مۇقامى يوق قىپچاق تىلى گۇرۇپپىسىدىكى خەلىقلەرنىڭ ئەنەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش شەكلى، قۇشاق ۋە داستانچىلىق ئەنەنىسى ھەم ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ، ئىككى خىل تۈركۈمدىكى خەلىقلەرنىڭ سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش پىسخىكىسى ،ولتۇراقلىشىش ۋە ئىجتىماى ئالاقە ئالاھىدىلىكى،ئىككى خىل تۈركۈمدىكى خەلىقلەرنىڭ ئەنەنىۋى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات ئالاھىدىلىكى ،سەنئەتنىڭ كىلاسسىكلىشىش شەرتلىرى قاتارلىقلار نوقتىسىدىن ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ شەھەرلەشكەن مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىغا يىڭىچە بىر پىكىرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
      مۇقام تەتقىقاتىدىكى تارىخى مەسىلىلەر يەنىلا بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزىرىدىكى قىززىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ،ئەمەتجان ئەھمىدىنىڭ "شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى"ژۇرنىلىنىڭ 1991-يىللىق 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان "مۇقام تارىخىغا  دائىر تەتقىقاتتىكى بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا"ناملىق ماقالىسىدىمۇ ئوخشاشلا تىلغا ئېلىنىدۇ .
     ئاپتور مەزكۇر ماقالىسىدا مۇقام تارىخىغا  دائىر تەتقىقاتتىكى بىر نەچچە مەسىلىنى ئۈچ نوقتىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ.يەنى:
بىرىنچى،ئۇيغۇر مۇقامى بىلەن ئىسلام ئەللىرى مۇقامىنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسى.
ئىككىنچى. ئۇيغۇر مۇقامى بىلەن ئىسلام قەدىمكى كۈسەن مۇزىكىسىنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسى.
ئۈچىنچىدىن،ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تارىخى توغرىسىدا
      ئاپتور بۇ ماقالىسىدا ئۇيغۇر مۇقام تارىخىغا دائىر مەسىلىلەرنى ئانچە چوڭقۇر ،قايىل قىلارلىق كۈزەتمىگەن . مەسىلەن :بىرىنچى مەسىلىدە ئاپتور ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شۇ مەسىلە ھەققىدىكى پىكىرلىرىدىن ئۆزگە ، يىڭىچە پىكىرنى ئوتتۇرغا  قويمىغان بولسا ،ئىككىنچى مەسىلىدە ئۇيغۇر مۇقامى بىلەن قەدىمقى كۈسەن مۇزىكىسىنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسىنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىننىڭ "تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ناخشا -ئۇسۇل سەنىتى "ناملىق كىتابىدىكى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدىكى قەدىمكى ئۇسسۇللارغا دائىر خەنزۇچە مەنبەلەردىكى  بايانلار ئاساسىدا ئۆز كۆز قارىشىنى ئاددىلا بايان قىلىدۇ.ئۇيغۇر مۇقامى بىلەن كۈسەن مۇزىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنە چالغۇ ئەسۋاپلارنىڭ شەكلى ،مۇزىكا قۇرۇلمىسى،ئاھاڭ تۈزىلىشى،كۈي شەكلى نوقىتىسىدىن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلۈپ ئالاقىدار مەسىلىلىلەرنى ناھايىتى يۈزەكى ھالدا ئىزاھلىغان .
      ئۈچىنچى مەسىلە توغرىسىدا ئاپتور ئىككى بەتلىك مەزمۇن ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تارىخىنى بايان قىلىدۇ.ئۇمۇمەن،بۇ ماقالىنى باشقا تەتقىقاتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنچىلىك يۇقىرى سەۋىيەگە ،ئىلمىلىككە ئىگە ئەمەس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
(ئاپتور : شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى پەن - تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ، دوتسېنت ، دوكتور . )

ئەسكەرتمە : مەزكۇر ماقالە << شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى >> نىڭ 2015- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان .
uyghuray

10

تېما

2

دوست

4849

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1484
توردىكى ۋاقتى: 329
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-8 15:51:00 |ئايرىم كۆرۈش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن بىلىملەر  باركەن ،ياخشى  يىزىپسىز  .

0

تېما

7

دوست

1962

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   96.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37487
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-8 20:26:27 |ئايرىم كۆرۈش
بەك ئۇزۇن ماقالىكەن تىما ئىگىسى كوپ ئەجىر قىپتۇ رەھمەت

1

تېما

1

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61835
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-8 22:27:07 |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئېگسىگە رەھمەت
uyghuray

1

تېما

0

دوست

5247

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1544
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-9 01:03:15 |ئايرىم كۆرۈش
ھەممە ئادەم مۇقام داڭلىق دېگەن بىلەن ياشلارنىڭ مۇقام ئاڭلاشقا خۇشى يوق، پېقىرنىڭمۇ شۇنداق، لېكىن مۇقامنى قېرىلار كۆپراق ئاڭلايدۇ، كېيىنچە بىزمۇ قېرىساق مۇقام ئاڭلىشىمىز مۇمكىن.

0

تېما

5

دوست

1963

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   96.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59531
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 617
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-9 04:17:06 |ئايرىم كۆرۈش
ablimit007 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-9 01:03
ھەممە ئادەم مۇقام داڭلىق دېگەن بىلەن ياشلارنىڭ مۇقام ئ ...
ياشلارنىڭ مۇقام ئاڭلاشقا خۇشى يوق،
قېرىندىشىم ھازىرقى تەرەققىيات دەۋرىدە سىلەر  ياشلارنىڭ ئارسىدا  ياختۇرمايدىغانلارمۇ  بەلگىلىك نىسپەتتە بولۇشى تەبئى !يەنە  بەلگىلىك نىسپەتتە مۇقامنى ئاڭلايدىغان ،ئۈگۈندىغان ،ئوقۇيدىغان... بىر تۈركۈم ياش بالىلار بار ...! بۇ ھەقتە سىز ئالدىراپ مۇتلەق يەكۈن چىقىرىپسىز !.سىزمۇ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئاڭلاپ بېقىڭ، چۇقۇم تەبىئى ھالدا ياختۈرۈپ  قالسىز !ئۇيغۇر 12 مۇقامىدا بىرخىل قەدىمىيلىك پۇراق كۈچلۈك !مەن ئاڭلىغاندا ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ قۇرغان  بۆيۈك قارخانىلار سۇلالىسى  ۋە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سەلتەنەتلىك  تارىخى   كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ!

0

تېما

16

دوست

8570

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36733
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2774
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-10 02:33:42 |ئايرىم كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز رەھمەت

16

تېما

9

دوست

5308

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1574
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-11
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-15 19:15:00 |ئايرىم كۆرۈش
باغداشقا يوللانغان مۇشۇنداق قىممىتى يۇقىرى بولغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى كۆرگەندە ،ئايرىم بىر تەتقىقات تورىنىڭ قۇرۇلىشىنى ياكى باغداشقا ئايرىم بىر سەھىپە يوللىنىپ ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچھە ،ئىنگىلىزچە تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ توپلىنىشىنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن . ئەگەر مەزكۇر تۇر قۇرلىشى كۆپ مەنبەلىك ئىزدىنمە سۇپا بەيدۇ بىلەن بىۋاستە باغلانسا تولىمۇ ياخشى ئىش بولاتتى .ئۇندىن سىرت بارلىق مائارىپ ماتىرياللىرىنىڭ ئىلىكتۇرۇن نۇسخىسىنى ئىشلەپ مەخسۇس بىر تور بەت قۇرۇش ،نىمە لازىم بولسا شۇ بار بولۇش ،ھەر بىر ئوقۇتقۇچى پەقەت ئۆزى ئۈتىۋاتقان دەرىسنىڭ ھەرخىل ماتىرياللىرىنى توپلاپ ئامبارغا يىغىش ،شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ئامبىرى قۇرۇپ چىقىش مائارىپىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى تولىممۇ ياخشى نىشان ۋە سىتىراگىيە.ئەزىزلەر ئويلىشىپ باققاي !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )