قومۇل شەھىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مۇقام ئۇستازى ،پىشقەدەم ئەلنەغمىچى ،تۆھپىكار ئۆمەر قارىنىڭ ئايالى مۇقامچى ئانىمىز مارىخان 25-يانۋار چۈشتىن كېيىن قومۇل شەھىرىدە تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى .
مەرھۇم مارىخان ئانىمىز ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ( يولدىشى ئۆمەر قارى بىلەن) قومۇل مۇقاملىرىنى ئورۇنلاش بىلەن ئۆتكۈزۈپ قومۇل كىشىلىرىگە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان . بۈگۈن بۇ پىشقەدەم مۇقامچى ئانىمىز بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى .
باغداش تور بېكىتىدىكى بارلىق ئەزالارغا ۋاكالىتەن مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز !
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت گۈلىستانىدا بولسۇن !
ئەسكەرتىش : مەرھۇمنىڭ نامىزى ئەتە چۈشتىن كېيىن چۈشۈرۈلمەكچى : ۋاقىپ بولغايسىلەر ! |