نورۇز كۈنى ‹‹ ئىلى دىياركىتاپخۇمارلار›› گۇرپىسىدىكى ئەزالار مەرھۇم كۈرەش ئابىدىسى ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ئەتراپىغا كۆچەت تىكىپ نورۇزنى قۇتلۇقلىدى. پائاليەتكە گۇرپائەزالىرىدىن باشقا ئارا ئۆستەڭ يېزىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ۋە تونۇلغان كۈلدۈرگەئارتىسى خالمۇرات ئۆمەر، ئىلى ئوبلاستلىق فوتۇگرافچىلار جەمئىيىتىدىن ئادىل ئىسمائىل قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى. پائاليەت ئىشتىراكچىلىرى كۆچەتلەرنى قەبرە ئەتراپىدىكى بوش يەرلەرگە ئورەك كولاپ تىكتى. نورۇزلۇق پائاليەت قىزغىن كەيپىيات ۋە كۆتىرەڭگۈ روھ ئىچىدە داۋاملاشتى.
پائاليەتتىن بىر قىسىم سۈرەتلەر: 



كۆچەت تىكىش پائاليىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گۇرپائەزالىرى نورۇز بايرىمى ۋە نۇزۇكۇم قەبرىسىنىڭ تېپىلىشىنىڭ بۈگۈنكى ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. ئىپپەت ۋە ھايا ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندەنۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسىنىڭ تېپىلىشىنىڭ ياشلار ئۈچۈن قىممەتلىك بىر ئابىدە ئىكەنلىگى ،بۇ قەبرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئارا ئۆستەڭ يېزىسىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىگى سۆزلەپ ئۆتۈلدى. ئاخىرىداپائاليەت ئىشتىراكچىلىرى كوللىكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتېرە قالدۇردى.
|