- تىزىملاتقان
- 2011-1-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1650
- نادىر
- 0
- يازما
- 67
ئۆسۈش
  65%
|
مەرھۇم ئەمەت ئىسمايىل ھاجى قومۇل 12 مۇقامىنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئورۇنلىغۇچى،تەرەققى قىلدۇرغۇچى،ساقلاپ قالغۇچى،ھەم كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرغۇچى،مۇقامچى،داستانچى،قوشاقچى،تارىخچى ئىدى.دىنى جەھەتتىمۇ بىلىمى خېلى چوڭقۇر قارى ھەم ھاجى ئىدى.ئوچۇق-يورۇق چىقىشقاق،خۇش-پئېىل،كەمتەر بولۇپ يۇرتىمىزنىڭ مەدەنى-مائارىپ ئىشلىرىغا زور توھپىلەرنى قوشقان ئىدى. يۇرتىمىز خەلق ئىغىز ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋاسى ئىدى.مەرھۇم ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى شۇنداقلا مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى تارىخى ۋەقەلەرنى پىششىق بىلەتتى،ياخشى ئىشلارنى مەدھىيىلەپ يامان ئىشلارنى ئۆتكۇر تىللىرى بىلەن قامچىلايتتى.
مەن خىزمەت سەۋەبى بىلەن سىرتتا بولۇپ قالغانلىقىم ئۇچۇن مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن ۋاختىدا خەۋەر تاپالماي مەرھۇمنىڭ نامىزىغا قاتنىشالماي قالغانلىقىمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم.
مەن مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ ئاسان بولىشىنى ..ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بۇلىشىنى ئۇلۇغ اللاھدىن تىلەيمەن .. امىن... ! |
|