- تىزىملاتقان
- 2015-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2480
- نادىر
- 1
- يازما
- 165
ئۆسۈش
  16%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھۇما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-18 23:45
نەقىل:
چۈنكى بىز مېھمانلارنىڭ ئاتا مىراس بايلىقلىرىمىزنى ئېلىپ كېتىشىگە كۆز يۇمدۇق. ھەتتا بۇ مېھماندوستلۇق ئەمەس نادانلىق.) ھازىرغىچە يوقىماي كەپتۇ. بىزگە مېھمان بولغان ۋە بىز خۇش چىراي ئېچىپ كۈتۈۋالمىغان تۈركلەر، تاتارلار، قىرغىزلار، قازاقلار، ئۆزبېكلەر، تاجىكلار، گېرمانلار،رۇسلار، شىۋىتسىيەلىكلەر، مانجۇلار، خەنزۇلار، ھەتتا ئەرمەنىلەر قالماپتۇ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم Bumeryem خانىم، بەزى تەرمەچلىرىڭىز ئوقۇرمەننى خېلىلا ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ... ناۋائى ھەققىدە يازمىڭىز شۇ جۈملىدىن...
ئەمما، بەزى تەرمەچلەرنى يازدىم دەپلا قەلەم تەۋرىتىشنىڭ ۋەجى نىمە؟ ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق يىپەك يولى مەدەنىيىتى ئارقىلىق شەكىللەنگەن مېھمان دوستلىقى، دەل ئۇلارنىڭ مەشرىق ۋە مەغرىپ تامان بىمالال يۈرەلىشىنىڭ، سەيياھ سۈپەت جاھان كېزەلىشىنىڭ تارىخى ئاساسىي ئەمەسمۇ!؟ يىپەك يولى مەركىزىنىڭ بۇ دۇنياۋى قايناق بازىرىنىڭ تارىخى قىياپىتىنى مېھمان دوسلۇقسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس... «قۇرئان»دا ياراتقۇچى ئىنسانلارغا خىتاپ قىلىپ: «مەن سىلەرنى سىناش مەقسىدىدە كۆپ ئىممەت قىلىپ ياراتتىم، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراڭلار» دەيدۇ.
نەقىل ئورنىدا ئالغان يۇقارقى سۆزىڭىزدەك، ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ باشتىن- ئاخىر ئۇنچىلار ئادىل تارىخى لېنىيە بولىشى ناتايىن... ھېچ بولمىغاندا، بىز بۇ جەھەتتە قۇرئارننىڭ روھى بويىچە مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلدۇق...
قېرىنداشلار ئارا ھەمداستىخانلىق ھەركىمنىڭ تەقۋىدارلىق دەرىجىسى بويىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، ھازىرقى باياشاتلىقىمىز بويىچە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە داۋاملاشقۇسى...
چەتئەلگە چىقىۋېلىپ نىمە دېسەك يارىشىۋېرىدۇ دەپ قالمايلى. مەن نەقىل ئورنىدا ئالغان سۆزىڭىزنىڭ ياشلارغا قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ قويايلى...
|
|