- تىزىملاتقان
- 2016-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 874
- نادىر
- 0
- يازما
- 38
ئۆسۈش
74.8%
|
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى تۇرمۇشىمىزغا باشلاپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم. يېڭىلىققا يۈزلىنىش تەشەببۇس قىلىنۋاتقان ، پەن -تەخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشى بىلەن تور دۇنياسىدىكى بىلىملەردىن بەھىرلىنىش، تور ئالاقە ئىشلىرىدىكى ئاسايىشلىقلارغا يۈزلىنىش،شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى قاتارلىق يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلشىمىز ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا توغرا ئىش.لېكىن بىز ئۆرپە-ئادەت،قايدا-يوسۇنلىرىمىزغا،ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بۇلۇپ قېلىش تۇرمۇشىمىزنى نەرلەرگە باشلايدۇ ،بۇنى چوڭقۇر ئويلانماي بولمايدۇ.بىز بۇخىل زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە كۆز قاراشلار تۈپەيلى تۇرمىشىمىز ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ،ئەنئەنىۋى ئەخلاق سۈپىسىدىن ئايرىپ قالدى ،ئۈندىدار سالونلىرى،چ چ@ لار ، ۋېيشىن @ۋېيبولار@دىن پايدىللىنىش،كومپىيوتور كۆرۈش،تىلۋىزور كۆرۈشلەر كىتاپ-ئوقۇش،ماتىريال كۆرۈش،ئىلىم پەن بىلەن شوغۇللۇنۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ بولۇندى. دوسلار چەمبىرىكى،تۇققانداشلار توپى،خىزمەتداشلار توپى،ساۋاقداشلار توپى قاتارلىق توپلارغا قاتنىشىش مۇدا ئېقىمغا ئايلىنىپ بۇلدى ۋە يەنە ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن سالونلاردىن بىر قانچىنى قوشىۋېلىپ پايدىللىنىپ،زۇق ئالماق ئورتاق نىشانغا ئايلاندى.
دىمەك بىز تۇلپۇنلاردىن ،تور دۇنياسىدىن پايدىلانماي تۇپۇنلار تور دۇنياسى بىزدىن پايدىلىنىپ كەتتى بۇ مودا ئېقىمغا،قاغرولارچە ئەرىشىش بىزنى زەھەرلەپلا قالماي ئوقىغۇچىلارنى ھەتتا مەكتەپ يېشىغا توشمىغان ئۇماق باللىرىمىزنىمۇ زەھەرلەپ،سەبىلىرىمىزدىن نۇرغۇنلىرنى كۆزئەينەك تاقايدىغان،كاللىسى نورمال ئىشلىمەيدىغان قىلىپ،ئېغىر دەرىجىدىكى نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ھەتتا چۇڭ -كىچىك ھەممىمىز ئاق -قارىنى ئارماي تور دۇنياسىدىكى بەزى كۈلكە خۇرۇشلىرىغا،قىزىقارلىق فىلىم كۆرىنىشلىرىگە ھەم ئادەمنى بىزار قىلدىغان ئۇچۇرلارغا، سودا ئېلانلىرىغا ،تايىنى يوق تېتىقسىز سۆز ئويۇنلىرىغا قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى زايە قىلىپ كېتىۋاتىمىز. ھەتتا يوقىرىدا تىلغا ئالغان تۇققانلار، دوسلار، خىزمەتداشلار، ساۋاقداشلار بىلەنمۇ سالام-سائەت قىلىشالمايدىغان بۇلۇپ كەتتۇق ،ھەر قايسىمىزغا يوللىنىۋاتقان ياخشى مەزمۇندىكى كۆرىنىشلەرنى كۆرمەس،ياخشى مەزمۇندىكى يازمىلارنى ئوقىماس،ياخشى مەزمۇندىكى لىكسىيەلەرنى تىڭشىماس بولۇپ كەتتۇق،ھەتتا كۆرگەن،ئوقىغان،ئاڭلىغانلىرىمىزغا باھا بەرگىدەكمۇ ھالىمىز قالمىدى.
بىز پەقەت شۇ سېرىق مەزموندىكى كۆرىنىشلەرنى كۆرۈشكە ،تېتىقسىزئېلانلارنى ئاڭلاشقا ،تور دۇكانلىرىنىڭ سودىلىرنى قىلىپ بىرىشكە نېمانداق قىزىقىمىز،ئۆزىمىزنى ئسلاھ قىلىپ،قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى قەدىرلەپ،پايدىلىق ئامىللاردىن ھوزور ئېلىپ ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئۈمۈتلەر بىلەن قۇرۇلغان ئۈندىدار،خەت دىدار ئالاقىلىرىمىزدىن توغرا پايدىللىنىپ،ئىنسانچىلىقتىكى سالام -سائەتلىرىمىزنى ئۈزۈپ قويماي،ئۈرپە- ئادەت ،قايدە-يوسۇنلىرىمىزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىزىنى قوغلاپ،يىلتىزىمىزنى ئۇنۇتماي،يۇرت-ماكانىمىزنى گۈزەل ئەخلاق مىزانلىرى بىلەن جۇلالاندۇرساق بولمامدۇ؟
ئەخلاقى ،ئەقلىى جىسمانى جەھەتلەردە تەڭ يىتىلىپ ،تۈتتە گۈزەل ،بەش بۇلۇشتا چىڭ تۇرۇش،مىللى ئەنئەنىۋى ئۈرپە-ئادەت ،قايدە-يوسۇنلىرىمىزغا ھۈرمەت قىلىپ،تۇرمىشىمىزدا ئىقتىساسلىقلارغا،يۇرت چوڭلىرىغا ھۈرمەت قىلىش،پەرزەنىتلەرگە كۆيۈنۈش قاتارلىق ئارزو-ئىستەكلىرىمىز بىلەن يۇرت-ماكانىمىزنى باي-باياشات قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدەنسەك بولمامدۇ؟
يەنە كىلىپ شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلششى ،بىلىمخۇمار ياشلىرىمىز بىلەن،پۇلدار تىجارەتچىلىرىمىز،كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ۋە ئۇلارنى ئەرىشىپ،دۇراپ شەھەردە ماكانلىشىپ بىنادا ئولتۇرۋاتقان قيرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە قاراپ باقايلى ھەم چۈلدەرەشكە باشلىنۋاتقان سەھرالىرىمىزغا نەزەر سېلىپ باقايلى شەھەرلەشكەنلەرنىڭ بولسا ئاتا-ئانىلىرىدا ئۆرپە-ئادەت ،خولۇم-خوشنا،ئەل-يۇرتتىن ئايرىلىپ يىتىمسىراش ئەھۋاللىرى سادىر بۇلۇۋاتىدۇ، پەرزەنىتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بالىلىق شوخ ئويۇنلىرىغا قانماي ،تەبىئەت بىلەن ئۇچۇرشىش پۇرسىتى ئازلاپ،مەكتەپكە بارسا كىتاپ كۆرۈش،ئۆيگە كەلسە تىلپۇن ئويناش، ،كومپىيوتىر كۆرۈش،تېلۋىزور كۆرۈش بىلەن بۇلۇپ ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كىسىلىگە ئۇچۇرماقتا.
ئوغۇللىرىمىزدا ئەركەكەلەرگە خاس ئەدەپ-ئەخلاق،قايدە-يوسۇن،شوقلۇقلار يوقاپ بىر خىل خېنىم مۇجەزلىك،جىمىغۇرلۇقتىن ئىبارەت ئۆزىمىگە يات بۇ كىسەللىرنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئالامەتلىرى كۆپلەپ كەتتى.قىزلىرىمىزدا بولسا نازاكەت،ئىلمىلىك،شەرمى-ھايالىق سۇزلىشىپ جەمىيەتتە ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق كىلىپ چىقتى. ئەجىبا شەھەرلىرىمىزدىكى ھەشەمەتچىلىكلەر ،بىنا ئۆيلەردىكى ئاجايىپ -غارايىپ تۇرمۇشلار،كوچا-كويلاردىكى ناتونۇش كىشىلەرگە ،ياشانغان كىشىلىرىمىزگە سالام بەرمىسىمۇ بۇلىدىغان قىلىپ تەربىلىگەنمۇ؟ئەجىبا ئاتا-ئانىلرىزنىمۇ مىللى ئەنئەنىلىرىمىزدىن ياتلاشساق بۇلۇدۇ دەپ تىربىلەمدۇ؟ بىز ئاتا -ئانىلار ياشلارغا، ئۇماق پەرزەنىتلەرگە ئۈلگە بۇلۇپ ئۇلارنى مىللى ئەنئەنە بىلەن مىللى ئۆرپە-ئادەتلىرىمىزگە ،قايدە-يوسۇللىرىزغا دالالەت قىلساق بولمامدۇ؟ شەھەرلەردە سودا ئىشلىردىكى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىششى ،تور دۇنياسىنىڭ ئىنساللارنى ئۆزىگە رام قىلىۋېلىشلىرىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى مەدەنىيەتلەر بىزدىكى نۇرغۇن مىللى ئەنئەنىلىرىمىزنى يەپ كەتتى،ئىسلا قىلىپ بولدى،بىزدىكى ئەنئەنىلەر پەقەت يېزا قىشلاقلىرىمىزدىلا،مىللىلار توپ ئولتىراقلاشقان كەنىت مەلىلەردىلا ئاز ساندا ساخلىنىپ قالدى. شەھەرلەشكەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋەبەتلىرىدە مىللى ئەنئەنىلىرمىز سۈنئى ھالەتتە ساقلانماقتا. ئۇلار پەقەت تونۇشلار ئۇچۇراشسا ھالى يوق،ئۇچىراشمىسا كارى يوق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ،تونۇشمايدىغانلاردا بولسا ھېچقانداق سالام سائەت،بىرىش -كىلىش يوق. تونۇشلاردا بولسا ئاندا-ساندا بىرىش كىلىشلەر بۇلۇپ ياتلىشىش بەك ئېغىر بولماقتا،پەقەت مارىكىلەر بىلەن ئايىقى چىقماس ئولتىرىشلاردىلا سىردىشىپ تونىشىشلار كاتتا بۇلۇۋاتىدۇ،كوچا -كويلاردا بولسا سالام سائەتتىن ئەسىرمۇ يوق. شۇڭا شەھەرلىشىپ تۇرمىشىنى ھەشەمەتچىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقالاردىن شۇنى تەۋسىيە قىلمەنكى ئاتا-بۇۋىلىرمىزنىڭ ئەخلاق نىزانلىغا،ئاپا-مومىلىرىمىزنىڭ مېھرىبان شەرمى ھايالىقلىرىغا،ئۇماق پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ بالىلىق ئويۇنلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ مىللى ئەنئەنىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى،بىزدىكى زامانىۋىلىك ئەنئەنىلىرىمىزنى يەپ كەتمىسۇن. دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل.جەمىيەتنى ئەدەپ-ئەخلاق،مىللىچە ئەنئەنىلىرىمىز بىلەن جۇلالىنىپ مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققى قىلىدۇ.
ئىسھاق ياقۇپ
2016 -2 - 13 - كۈنى
|
|