قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1980|ئىنكاس: 7

«تارىختىكى جۇڭگو» ئۈستىدىكى مۇھاكىمىلەرگە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

دوست

6209

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2106
توردىكى ۋاقتى: 358
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-16 21:51:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ «تارىختىكى جۇڭگو» ئۈستىدىكى مۇھاكىمىسىگە نەزەر





ئەخمەت مۆمىن تارىمى(نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى)، جەي يۈ(نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى،ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەرئاكادېمىيەسىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى)




    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يەنى 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە جۇڭگو ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئىزچىل ھالدا جۇڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى قانداق قىلغاندا توغرا شەرھىيلىگىلى بولىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ كەلدى ھەم ھەرخىل تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ 50 – 60 – يىللاردا ۋە 80 – 90– يىللاردا بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى مۇلاھىزە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. 21 – ئەسىر كىرگەندىن كېيىن، گەرچە بۇ خۇسۇستىكى مۇلاھىزىلەر سەل پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ، بۇھەقتىكى ماقالە - ئەسەرلەر ئارىلاپ ئېلان قىلىنىپ تۇردى. بۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىدا «تارىختىكى جۇڭگو» تېمىسىنى چۆرىدىگەن نۇرغۇن مۇھىم نەزەرىيەۋى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
    «تارىختىكى جۇڭگو» مەسىلىسى «تۈپ ماھىيەتلىك بىر مەسىلە» بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئەڭ كۆپ مۇھاكىمە قىلىنغان تارماق مەسىلىلەر «جۇڭگو» دېگەن ئۇقۇمغا، جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىگە، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە، جۇڭگونىڭ تارىختىكى زىمىنىغا قانداق قاراش مەسىلىسىدۇر.
   بىرىنچى، «جۇڭگو»دېگەن سۆزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۇقۇمى، مەدەنىيەت ئۇقۇمى ۋە سىياسىي مەنىسى ئۈستىدىكى قاراشلار
    ۋېڭ دۇجىيەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «جۇڭگو دېگەن بۇ سۆز ‹نەزمىنامە› (诗经)دىن تارتىپلا ئۇچرايدۇ. ئەمما، قەدىمدە جۇڭگو دېگەن ئاتالغۇ پەقەت جۇغراپىيەۋى مەنىدىكى، مەدەنىيەت مەنىسىدىكى ئۇقۇم ياكى بىرخىل شۆھرەتلىك نام بولغان»(1). جاڭ شۈەنرۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «جۇڭگو دېگەن بۇ ئۇقۇم تارىختا مەلۇم بىر رايوننىڭ نامىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ نامىنى كۆرسەتمىگەن. ئۇنىڭ دۆلەت ئۇقۇمىنى بىلدۈرۈشى يېقىنقى زاماندىكى ئىش. ئىلگىرى بەزى ئىلىم ئەھلىلىرى ئۇنى دۆلەت نامى دەپ قاراپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنى جۇڭگونىڭ دائىرىسى قىلغان بولۇپ، بۇ خاتا»(2). چېن لىيەنكەي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە،غەربىي جۇۋ سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن «جۇڭگو» دېگەن ئۇقۇم كۆپ خىل مەنىگە ئىگە بولۇپ، بىرىنچىدىن، ئۇ «پادىشاھ تۇرىدىغان شەھەر»، يەنى« پايتەخت»نى كۆرسەتكەن؛ ئىككىنچىدىن، ئۇ جۇۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى فېڭخاۋ، لويىنى مەركەز قىلغان خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنى بويلىرىنى، يەنى كېيىنكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دەپ ئاتالغان رايونلارنى كۆرسەتكەن؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇ شيا (夏)،شاڭ(商) ،جۇۋ(周)ئۈچ قۇۋم قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولغان مىللەتنى، جۈملىدىن شيا قۇۋمىنىڭ نامىنى ئۆز نامى قىلغان،  شيا قوۋمىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان مىللەتنى كۆرسەتكەن(3).
    «جۇڭگو»نىڭ يەنە«ئوتتۇرىدىكى ئەل»، «مەركىزى ئەل» دېگەن مەنىلىرىمۇ بولۇپ، مى يىجى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «جۇڭگو دېگەن بۇ نام تارىختا پەقەت بىر رايوننىڭ ئاتالغۇسى بولغان ،ئۇنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ تۇرغان. چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى زامانلاردا ئۇ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايوندا قۇرۇلغان ئەلنى كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەر بولسا شەرقتىكى يىلار(东夷)،جەنۇبتىكى مەنلەر(南蛮) ، غەربتىكى رۇڭلار(西戎)،شىمالدىكى دىلار (北狄)دەپ ئاتالغان. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو دېگەن بۇ ئاتالغۇ بىر دۆلەت ئۇقۇمىنى بىلدۈرمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دائىرىسىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر دۆلەتنىڭ دائىرىسىگە تەڭ ئەمەس ئىدى»(4). دۇ رۇڭكۈن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ «جۇڭگو» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپتىكى« پايتەخت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشتىن كېيىنچە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى، يەنى «ئوتتۇرىدىكى ئەل»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولغان. تارىختا «جۇڭگو» دېگەن بۇ ئاتالغۇ جۇغراپىيەلىك مەنىدىن، مەدەنىيەت مەنىسىدىن ھەم سىياسىي ئورۇن مەنىسىدىن باشقا ئۇقۇملاردىن پەرقلەنگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ پۈتكۈل تارىخىي جەرياندىكى زىمىن دائىرىسى ۋە سىياسىي ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنى بىلدۈرىدىغان ئۇقۇم، شۇنداقلا دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ رەسمى نامى بولمىغان(5).  
    لى دالۇڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «جۇڭگو» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىققاندىلا چوڭقۇر سىياسىي مەنىگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇ پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنىڭ بەلگىسى بولۇپلا قالماي، قەدىمقىلەرنىڭ «جاھان» قارىشىدىكى ھوقۇق  مەركىزىنىڭ باشقىچە ئاتالمىسى بولغان. چۈنكى«جۇڭگو» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپتە پايتەختنى كۆرسەتكەن بولۇپ، پەقەت ھوقۇق مەركىزىلا پايتەخت بولالايدىغان بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇ تەبىئىيلا سىياسىي مەنىگە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «جۇڭگو» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئوتتۇرىغا چىققاندىلا مەنىسى كېڭىيىشكە باشلىغان. جۈملىدىن ئۇ جۇۋ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دائىرىسىنى، شۇنداقلا ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋىرلىرىدىكى شيالىقلارنىڭ ھەرقايسى ھاكىمىيەتلىرىنى كۆرسەتكەن(6).
    بەزى تەتقىقاتچىلار «تارىختىكى ‹جۇڭگو›نىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقى»نى ئېتىراپ قىلغان. دۇ رۇڭكۈن، بەي سۈيچىن ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە، ئېلىمىز تارىخىدىكى ‹دۆلەت›، ‹جۇڭگو› دېگەن ئۇقۇملار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرغان بولۇپ، ھازىرقى دۆلەت ئۇقۇمى ئارقىلىق تارىختىكى ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر قۇرغان ھاكىمىيەتلەرنى چۈشىنىشكىمۇ، شۇنداقلا ئېلىمىز تارىخىدىكى كۆپىنچە مەلۇم رايون نامى ياكى مۇئەييەن مەدەنىيەت تىپى، سىياسىي ئۇرۇننى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ‹جۇڭگو› دېگەن نام ئارقىلىق تارىختا ئەمەلىي مەۋجۇت بولغان،كۆپ مىللەتتىن تەركىپلەنگەن جۇڭگونى چۈشىنىشكىمۇ بولمايدۇ(7) . چېن ليەنكەي، تيەن جىجۇۋ  ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە، پەقەت شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن «بەش چوڭ مىللەت بىرلەشكەن» جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىك قىلغان يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاپ غەلىبە قىلىپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىلا، ئاندىن«جۇڭگو» دېگەن نام ئاخىرى يېقىنقى زاماندىكى دۆلەت ئۇقۇمىغا ئىگە بولغان رەسمىي نامغا ئايلانغان(8) .
     ئىككىنچى، جۇڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ــــ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈستىدىكى قاراشلار
     لى يىماڭ، چېن يۇڭلىڭ ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغاندا چوقۇم ئەنئەنىۋى چوڭ خەنزۇچىلىق ئىدىيەسىنى قايرىۋېتىپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يات مىللەت، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى يات ئەل ياكى يات دۆلەت دەپ قارىماسلىق لازىم. ئەگەر بۇنداق بولمىسا، ئۇ چاغدا جۇڭخۇا مىللىتى قەدىمدىن بويان ياشاپ، ئاۋۇپ كەلگەن رايونلار تارىختا بەزىدە جۇڭگونىڭ زىمىنى بولغان بولىدۇ، بەزىدە جۇڭگونىڭ زىمىنى بولماي قالىدۇ.  بۇ تولىمۇ بىمەنە ھەم كۈلكىلىك(9).
     فەن ۋېنلەن، لۈ جېنيۈ،سېن جياۋۇ، ۋېڭ دۇجىيەن ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو قەدىمدىن بويان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، بۇ قاراش ناھايىتى توغرا. بۇنىڭدىكى «قەدىم» ئاساسىي جەھەتتىن چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش ئارقىلىق، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئېلىمىزنىڭ زېمىنى ۋە مىللەتلىرى ئاساسەن مۇقىملاشقان. مۇشۇ 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئېلىمىز جۇڭگودا بىرلىك ــــ ئاساسىي ئېقىم،بۆلۈنۈش ــــ  قوشۇمچە ئېقىم بولغان(10).
     گۇ باۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «جۇڭگو قەدىمدىن بويان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» دېگەن بۇ قاراش تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن، چۈنكى جۇڭگونىڭ تارىخىدا گەرچە بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرلىككە كېلىش باشتىن – ئاخىر ئاساسىي ئېقىم بولغان. ئۇنىڭ بۇ قارىشى ۋېڭ دۇجىيەن، فەن ۋېنلەن ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىغا ئوخشايدۇ(11).
     «جۇڭگو قەدىمدىن بويان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» دېگەن بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىدىغان تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى سۈن زومىن ئەپەندى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قاراش ئۆتمۈشتىكى تارىخ بىلەن ھازىرقى رېئاللىقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن، «تارىختىكى» زېمىن ۋە مىللەتلەرنى «ھازىرقى» رامكىغا چۈشۈرۈۋېلىپ، ئېلىمىزنىڭ تارىختىكى زىمىن دائىرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئايرىلىش ھەم  بىرلىككە كېلىش، ئاسسىملاتسىيە بولۇش ۋە قوشۇلۇشتەك تارىخى پاكىتنى ئىنكار قىلغان. ئۇ شۇنداق قارىغانكى، خەنزۇلار ياكى خەنزۇلار قۇرغان پادىشاھلىقلارنىلا جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلدۇرۇش مۇۋاپىق بولۇپ قالماي، بەلكى بۇ ئوبيېكتىپ تارىخنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر. تارىختىكى خەنزۇ پادىشاھلىقلىرى بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ئۇلارنى يات ئەل ياكى يات دۆلەت دەپ ئاتاشقا بولىدىغان –بولمايدىغانلىقىنى پەقەتلا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسلىنىپ بېكىتىش كېرەككى، خەنزۇلارغا ياكى خەنزۇ پادىشاھلىقلىرىغا قوشۇلۇپ كەتكەنلەر دەل جۇڭگو ئىچىدىكىلەر، ئەكسىچە بولسا جۇڭگونىڭ سىرتىدىكىلەردۇر(12) .  
    ۋەھالەنكى، ساۋ يۇڭنىيەن، جوۋ زېڭيى ئەپەندىلەر سۈن زومىن ئەپەندىنىڭ «خەنزۇ پادىشاھلىقلىرى ـــــ جۇڭگودۇر» دېگەن قارىشىغا قارشى چىققان بولۇپ، ئۇلار مۇنداق قارىغان: بۇ قاراش خەنزۇ ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ قارىشىدۇر. جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا ئەمەلىيەتتە بىر نەچچە تارىخىي دەۋردە خەنزۇ پادىشاھلىقلىرى مەۋجۇت بولمىغان. شۇڭا ئېلىمىز تارىخىدىكى ھەرقايسى پادىشاھلىقلاردا ـــــ مەيلى ئۇ قايسى مىللەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولسۇن ـــــ ئوخشاشلا نۇرغۇن مىللەتلەر ياشىغان. سۈن زومىننىڭ قارىشىدا  نۇرغۇن تېنىشلار بار بولۇپ، بىرىنچىدىن، ئۇ مۇڭغۇللار قۇرغان يۈەن سۇلالىسى ۋە مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھېچقايسىسىدا «خەنزۇلارغا سىڭىپ كېتىش ياكى خەنزۇ پادىشاھلىقلىرىنىڭ زىمىنىغا قوشۇلۇپ كېتىش» مەۋجۇت بولمىغان، شۇڭا بۇلار يات ئەل ياكى يات دۆلەتدۇر، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەمما ئۇ يەنە يۈەن سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ جۇڭگونىڭ تارىخى مۇساپىسىدىكى ئىككى مۇھىم باسقۇچ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، بۇ ئۆز – ئۆزىدىن زىددىيەتلىك بولۇپ قالغان؛ ئىككىنچىدىن،ئۇنىڭ «تارىختىكى ھەرقايسى پادىشاھلىقلار» بىلەن «خەنزۇ پادىشاھلىقلىرى»نى ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىشى خاتا بولۇپ، ئەمەلىيەتتە «تارىختىكى ھەرقايسى پادىشاھلىقلار» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى، جۈملىدىن بۇ ئۇقۇم خەنزۇلاردىن باشقا مىللەتلەر قۇرغان خېلى نۇرغۇن پادىشاھلىقلار ياكى ھاكىمىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈن زومىن يەنە «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى» بىلەن «خەنزۇ پادىشاھلىقلىرى»نى تەڭداش مەنىدە قوللانغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە خەنزۇلار قۇرغان نۇرغۇن پادىشاھلىقلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ دائىرىسىدە بولمىغان(13).
     جيەن بوزەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچىمۇ، خەنزۇ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دائىرىسىنى جۇڭگوغا تەڭ دېيىش نامۇۋاپىق بولۇپ، مەيلى بۆلۈنگەندە بولسۇن ياكى بىرلىككە كەلگەندە بولسۇن ھەرقايسى مىللەتلەر كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ بىر ئەزاسى بولغان. ئۇلار مەيلى خەنزۇ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىگە كىرگەن بولسۇن ياكى كىرمىگەن بولسۇن، ئۇلارنى ئوخشاشلا جۇڭگولۇق دەپ قاراش كېرەك(14).
     جۇ چيەنيىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەنزۇلاردىن باشقا مىللەتلەر قۇرغان ھاكىمىيەتلەر ئەلۋەتتە يات ئەل ياكى يات دۆلەتلەردۇر. ئەمما بۇ مىللەتلەر جۇڭگونىڭ ئىچىدىكى مىللەتلەردۇر. يات ئەل ياكى يات دۆلەت دېگەن بۇ سۆز مۇئەييەن تارىخىي مەزگىلگە قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، خەنزۇ پادىشاھلىقلىرى جۇڭگو دېيىلسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قارشىسىدىكى خەنزۇلاردىن باشقا مىللەتلەر قۇرغان ھاكىمىيەتلەر دەل يات ئەل ياكى يات دۆلەت بولىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى يات ئەل ياكى يات دۆلەتنىڭ يەنىلا مۇئەييەن چېكى بار. چۈنكى بۇ دۆلەتلەرنى قۇرغان خەنزۇلاردىن باشقا مىللەتلەر يەنىلا ھازىرقى جۇڭگو زېمىنىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىزچىل ھالدا ئېلىمىز زىمىنىنىڭ سىرتىدا ياشاپ دۆلەت قۇرغانلار  بىلەن پەرقى بار(15) .  
     ئۇنداقتا، «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى»، «مەركىزىي سۇلالىلەر» ۋە «بۆلۈنمە ھاكىمىيەت»، «يەرلىك ھاكىمىيەت» دېگەن ئۇقۇملارغا قانداق قاراش كېرەك؟ بۇ توغرىدا  جيەن بوزەن، ۋېڭ دۇجيەن، لى گۇيخەي ئەپەندىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئوتتۇراتۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەر ھاكىمىيەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە چۇقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەككى،  ئازسانلىق مىللەتلەر قۇرغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنىلا قارا-قۇيۇق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى ياكى بۆلۈنمە ھاكىمىيەت دېيىشكە قارشى تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدا ئوخشاشمىغان دەۋردىكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە قاراپ كۇنكىرىت تەھلىل – مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش لازىم. ئەگەر ئەسلىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كېيىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەن ئازسانلىق مىللەت ھاكىمىيىتى بولسا بۇنى بۆلۈنمە ھاكىمىيەت دېيىشكەبولىدۇ؛ ئەگەر ئەسلىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقى بىلەن ھېچقانداق قارام بولۇش مۇناسىۋىتى يوق ئازسانلىق مىللەت ھاكىمىيىتى بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ  ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقى بىلەن تەڭ قاتاردا تۇرىدىغان ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش لازىم (16).
     ئۇنداقتا،تارىختىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا، ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ جيەن بوزەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو تارىخىدا ئۇزاق مەزگىل ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تاجاۋۇز قىلىش ۋە تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراشتەك پاكىتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك. ئەمما، مەيلى خەنزۇلار بولسۇن ياكى ئازسانلىق مىللەتلەر بولسۇن، ھەمىشە بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشقان ئەمەس، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇشى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتەك ئىنقىلابىي خاراكتېرنىمۇ ئالغان (17) . جوۋ چيەنيىڭ، خې زىچۈەن،ۋاڭ يۈجې ئەپەندىلەر بەزى كونكىرىت مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق جيەن بوزەن ئەپەندىنىڭ قارىشىنى قوللىغان. ئەمما، فەن ۋېنلەن، جىن شى ئەپەندىلەر يۇقىرىقى قاراشقا قۇشۇلماي، مۇنداق كۆرسەتكەن: ھازىرقى نۇقتىدىن قارىغاندا تارىختىكى مىللەتلەر ياكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قېرىنداشلاردۇر، چىرىكلەشكەن –زەئىپلەشكەن مىللەتنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ قېرىندىشى تەرىپىدىن يۇقىتىلىشى ئورۇنلۇق –يوللۇقتۇر(18) . بۇ توغرىدا يەنە لۈ جېنيۈ ئەپەندىمۇ مۇنداق قارىغان: تاجاۋۇز قىلىش ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش پەقەتلا دۆلەتلەر ئارىسىدا بولىدۇ،بىر دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇشى، سىنپلارنىڭ ئۇرۇشىدا بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت بولمايدۇ، بەلكى بۇ زۇلۇم قىلىش ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى بولىدۇ (19). ھالبۇكى، سۇن زومىن ئەپەندى يۇقىرىقى قاراشلارغا قۇشۇلماي، مۇنداق دەپ قارىغان: ئۇمۇمەن دۈشمەنلەشكەن مىللىي دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلا بولسا ، بۇ مۇقەررەركى تاجاۋۇز قىلىش ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ (20) .
     بۇ توغرىدا ۋېڭ دۇجيەن ئەپەندى مۇنداق قارىغان : « دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ــــ دۆلىتىمىز بىلەن خوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئىپادىلىنىپلا قالماي، بەلكى دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئوخشاش بىر مىللەت ياكى ئوخشاشمىغان مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئوخشاشمىغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدىمۇ ئىپادىلەنگەن. بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ خاراكتېرىگە باققاندا، ئۇمۇمەن تاجاۋۇزچىلىققا، ئىگىلىۋېلىشقا، بېسىۋېلىشقا، تالان-تاراج قىلىشقا قارشى ھەرىكەتلا بولغان بولسا بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەكسىچە تىز پۈكۈپ تەسلىم بولۇشنى ئىستىگەن ھەرىكەتلا بولغان بولسا بۇ ۋەتەن ساتقۇچلۇقتۇر. ئۇمۇمەن كۆرۈنەرلىك ھالدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىدە ۋە ھەرىكىتىدە بولغانلارنى چۇقۇم مىللىي قەھرىمان دېيىش كېرەك. ھالبۇكى ، تارىخنامىلەرگە قارايدىغان بولساق، ۋەتەنپەرۋەر ئەزىمەتلەر ۋە مىللىي قەھرىمانلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇلار بولۇپ چىقىدۇكى، باشقا مىللەتلەردىن بۇنداق ئاتالغانلار ناھايىتى ئاز ياكى ئاساسەن يۇق. ئەجىبا، دۆلىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەردە  ۋەتەنپەرۋەر ئەزىمەتلەر ۋە مىللىي قەھرىمانلار يوقمۇ؟ ئۇلار مىللىي زۇلۇمغا قارشى تۇرمىغانمۇ؟  ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بەلكى ئۇلار تارىختا خاتىرىلەنمىگەن ياكى سەلبىي شەخس سۈپىتىدە خاتىرىلەنگەن. بىز چۇقۇم دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى تۇتقا قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى يۇرۇتۇشىمىز، دۆلىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي شەخسلىرىگە قايتىدىن باھا بېرىشىمىز لازىم»(21).
     ئۈچىنچى، جۇڭگونىڭ تارىختىكى زېمىنىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى قاراشلار
      جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا، گۇ جىگاڭ، شى نيەنخەي ئەپەندىلەر «جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى»دېگەن ئەسىرىدە (سودا نەشرىياتى 1938-يىلى نەشرى)، توڭ شۇيې ئەپەندى«جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە قىسقىچە بايان»دېگەن ئەسىرىدە (كەيمىڭ كىتابخانىسى 1946-يىلى نەشرى) تارىختىكى سۇلالىلەرنىڭ مەۋجۇت بولغان ۋاقتى ياكى زېمىنىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشىنى باسقۇچقا بۆلۈپ شەرھلىگەن. بۇنداق باسقۇچقا بۆلۈپ شەرھلەش ئۇسۇلى جۇڭگو ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بولۇپ ،كېيىنكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن، گې جيەنشيۇڭ ئەپەندى «جۇڭگونىڭ تارىختىن بۇيانقى زېمىنىنىڭ ئۆزگىرىشى»دېگەن ئەسىرىدە ، جۇڭگونىڭ زېمىنىنىڭ ئۆزگىرىشى چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى بىرلىككە كېلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن ئۇزاق تارىخىي مەزگىلنى، چىن-خەن سۇلالىلىرى  دەۋرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنى كېڭەيگەن ۋە مۇقىملاشقان مەزگىلنى، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىن جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگىچە بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك بۆلۈنۈش ۋە قىسقا مۇددەتلىك بىرلىككە كېلىش مەزگىلىنى، سۈي-تاڭ سۇلالىلىرى ۋە بەش پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ئۇلۇغ بىرلىككە كېلىش ۋە چوڭ بۆلۈنۈش مەزگىلىنى، سۇڭ، لياۋ، جىن ۋە يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى بۆلۈنۈش داۋاملاشقان ۋە ئاخىرلاشقان مەزگىلنى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنى تارايغان مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە بىرلىككە كەلگەن جۇڭگونىڭ زېمىنى ئاخىر شەكىللەنگەن ، بۇ تارىخىي مۇقەررەرلىكتۇر ، دەپ قارىغان(22).
     جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ جەھەتتىكى مۇھاكىمىلەر يەنىلا داۋاملاشقان. بەي شۇيى ئەپەندى 1951-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «نۇر گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «تارىختىكى ۋەتەن ــ دۆلەت زېمىنى مەسىلىسىنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىشى ھەققىدە» دېگەن ماقالىسىدە ، «تارىختىن بۇيانقى پادىشاھلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن دۆلەت زېمىنىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقتىن، جۈملىدىن تارايغانلىقتىن ياكى كېڭەيگەنلىكتىن»، «جۇڭگو  تارىخىدىكى پادىشاھلىقلارنىڭ زېمىنىنىلا جۇڭگونىڭ زېمىنى دەپ قارايدىغان ئەنئەنىۋى كۆزقاراش خاتادۇر » دەپ قاراپ، بۇنى تۈزىتىشنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىن دائىرىسى ئارقىلىق تارىختىكى دۆلەت زېمىنى مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش ـــ توغرا ئۇسۇلدۇر» دەپ قارىغان(23). خې زىچۈەن ئەپەندى1959-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنە شۇ «نۇر گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «جۇڭگو قەدىمقى زامان تارىخى ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە توغرىسىدا » دېگەن ماقالىسىدىمۇ  بەي شۇيى ئەپەندىنىڭ كۆزقارىشىنى پۈتۈنلەي قوللاش بىلەن بىللە، جۇڭگو تارىخىدىكى پادىشاھلىقلارنىڭ زېمىنىنىلا جۇڭگونىڭ زېمىنى دەپ قارايدىغان كۆز قاراشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگو تارىخىنىڭ دائىرىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تۇتۇقلۇقى سەۋەپ بولغان، جۈملىدىن ئۇلار كۆپىنچە بىلىپ-بىلمەيلا خەنزۇلارنىڭ تارىخىنى جۇڭگو تارىخىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ قويغان ، دەپ قارىغان(24).ھالبۇكى ، سۇن زومىن ئەپەندى بۇ توغرىدىكى ماقالىسىدە بۇنىڭغا قارشى چىقىپ،  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنى ئارقىلىق تارىختىكى جۇڭگونىڭ  زېمىنىنى بېكىتىشتەك بۇ ئۇسۇلدا دۆلەت زېمىنىنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا سەل قارالغان، چۈنكى «ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخى بولىدۇ، ئۇلار پەيدا بولۇش بىلەنلا مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ھالەتكە كېلىپ قالمايدۇ ھەم بۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس»، جۇڭگو تارىخىدىكى پادىشاھلىقلارنىڭ زېمىنىنى جۇڭگونىڭ دۆلەت زېمىنى دەپ تونۇش، ئېنىقىنى ئېيتقاندا «خەنزۇلارنى جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلدۇرۇش»لا ئوبيېكتىپ تارىخقا ماستۇر، دەپ قارىغان(25).
    ماداجېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى شەكىللىنىش، راۋاجلىنىش، ئاساس سېلىنىش، ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدىغان بولۇپ، چىن– خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى، سۈي– تاڭ سۇلالىلىرىدىن يۈەن سۇلالىسىگىچە بولغان دەۋردىكى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن جۇڭخۇا مىنگوغىچە بولغان دەۋردىكى جۇڭگونىڭ زېمىنى مۇشۇ تۆت باسقۇچقا ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تارىخىدىكى چېگرا رايونلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى چوڭ جەھەتتىن ئۈچ خىل  يۈزلىنىشكە يىغىنچاقلىغىلى بولىدىغان بولۇپ، بىرىنچىدىن، ئەسلىدە مەلۇم بىر سۇلالىنىڭ چېگرا رايونى بولغان زېمىن ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىش، ھەتتا قايتىلانما تەرەققىيات ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا ئىچكىرى رايونلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان؛ ئىككىنچىدىن، ئىلگىرى جۇڭگونىڭ سىرتىدا بولغان زېمىن ياكى چېگرا رايون ھېسابلانغان زېمىن ئوخشاشلا ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىش، ھەتتا قايتىلانما تەرەققىيات نەتىجىسىدە ھازىر جۇڭگونىڭ چېگرا رايونىغا ئايلانغان ياكى ھېلىھەم جۇڭگونىڭ چېگرا رايونى بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن ، تاشقى كۈچلەرنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىرى بىلەن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان رايون ئەمدىلىكتە جۇڭگونىڭ سىرتىدىكى جاي بولۇپ قالغان (26).
     جاۋ يۇڭچۈن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تارىختىكى زېمىنى ئۈستىدىكى قاراشلىرىنىڭ بىردەك بولماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا «كىم جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئورتاق تونۇشنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكى بولۇپ، بەزىلەر خەنزۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىغان بولسا،بەزىلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارىغان. جاۋ يۇڭچۈن ئەپەندى بولسا خۇاشيالار (خەنزۇلار) ۋە ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتلىرى ئورتاق ھالدا جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك، دەپ قارىغان (27).
      لى دالوڭ ئەپەندى «ئەنئەنىۋى ياتلار – خۇاشيالار قارىشى ۋە جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىشى» دېگەن ماقالىسىدە جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى خەنزۇلار ۋە چېگرا رايون مىللەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قوشقان تۆھپىسى نۇقتىسىدىن ئىككى چوڭ دەۋرگە ئايرىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىشىدە تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى خەنزۇلار ئاساسلىق رول ئوينىغان، يەنى خەن سۇلالىسى ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىككى قېتىم چوڭ بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا خەنزۇلار ئاساسىي كۈچ بولغان؛ تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن بولسا چېگرا رايون مىللەتلىرى ئاساسلىق رول ئوينىغان، يەنى يۈەن سۇلالىسى ۋە  چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىككى قېتىم چوڭ بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا چېگرا رايون مىللەتلىرى ئاساسىي كۈچ بولغان (28). شۇڭا، ئۇ: مەيلى قەدىمكى جۇڭگو بولسۇن ياكى ھازىرقى جۇڭگو بولسۇن ئۇ ھەرگىز خەنزۇلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەرقايسى مىللەتلەرگە ئورتاق مەنسۇپتۇر، دەپ قارىغان (29).
     جاڭ ۋېن ئەپەندىنىڭ  قارىشىچە، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامانىدا ھەقىقىي مەنىدىكى دۆلەت قارىشى بولمىغان،ھەرقايسى سۇلالىلەردە پەقەت «جاھان » قارىشىلا بولغان، يەنى ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئوتتۇرا  تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى جاھاندا بىز بىلەن تەڭ – باراۋەر تۇرىدىغان يەنە بىر دۆلەت يوق ، جاھاندا بىز پەقەت بىرلا، دەپ قارىغان. پەقەت چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە  كەلگەندىلا ، ئۇلار  چاررۇسىيەدىن ئىبارەت بۇ ئەزەلدىن ئۇچرىشىپ باقمىغان يېڭىچە مەدەنىيەتكە ئىگە كۈچلۈك رەقىبنىڭ خىرىسىغا  دۈچ كەلگەندە ئاندىن يېقىنقى زامان مەنىسىدىكى دۆلەت چېگرىسىنى ئاقىۋەت شەكىللەندۈرگەن(30) . لى دالوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچىمۇ، چىڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى جۇڭخۇا زېمىنىدا «جۇڭگو» دېيىلىدىغان بۇنداق بىر سىياسىي گەۋدە ، سىياسىي  ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولمىغان. ۋاھالەنكى، چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن گەرچە «جۇڭگو»دېگەن نامنى ئېنىق ھالدا دۆلەت نامى قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما «جۇڭگو» دېگەن سالاھىيەت بىلەن دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە قەد كۆتىرىپ تۇرغان، شۇنداقلا مۇشۇ  سالاھىيەتتە  خوشنا ئەللەر بىلەن شەرتنامە – كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان، مۇشۇ تۈپەيلىدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى ئاخىرقى ھېسابتا  شەكىللىنىپ چىققان. شۇڭا ، ئۇ : بىز مۇھاكىمە قىلىدىغان «جۇڭگونىڭ زېمىنى» دەل كاڭشى خان زامانىنىڭ 28-يىلى (مىلادىيە 1689-يىلى) «نىبچۇ شەرتنامىسى»ئىمزالانغاندىن 1840-يىلى ئەپيۇن ئۇرۇشى پارتىلىغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى  چىڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنى بولۇشى كېرەك، دەپ  قارىغان (31) .
     يۈ فېڭچۈن ئەپەندى جۇڭگونىڭ زېمىنىغا ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئاساس سېلىنغان مەزگىل ھەققىدە تېخىمۇ كونكىرىت قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ 1820-يىلى مەيدانغا كەلگەن  «جياچىڭ خان زامانىدا قايتا تۈزىتىلگەن بۈيۈك چىڭ ئېلىنىڭ بىرلىك تەزكىرىسى» ۋە «خانلىقنىڭ ئۇمۇمىي خەرىتىسى» نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، مانا مۇشۇ 1820-يىلىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىنى جۇڭگونىڭ زېمىن دائىرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكى قىلىش كېرەك، چۈنكى مۇشۇ چاغدا چىڭ سۇلالىسى دۆلەت چېگرىسى ھەققىدە ئېنىق تونۇشقا كېلىپ بولغان، شۇنداقلا چاررۇسىيە ۋە غەربىي ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىن ھۇقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان،دەپ قارىغان(32).
      يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە،  ئۇمۇمەن «تارىختىكى جۇڭگو» تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا نۇرغۇن مۇھىم نەزەرىيەۋى  مەسىلىلەر مەيلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن بولسۇن ياكى قۇرۇلغاندىن كېيىن بولسۇن ئىزچىل كەڭ دائىرىدە مۇھاكىمە قىلىنىپ كەلگەن ھەم مۇھاكىمە  قىلىنپ كېلىنىۋاتىدۇ. بىزنىڭچە، پەقەت توغرا يېتەكچى ئىدىيەدە  تۇرۇپ ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ، تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى يۇرۇتۇشقا تىرىشقاندىلا ، بۇ مەسىلىلەردىن بىر لىللا يەكۈن چىقىشى مۇمكىن.




    پايدىلانمىلار :
     (1) ۋېڭ دۇجيەن:«جۇڭگو مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي سۆھبەت يىغىنى يېپىلغاندا  قىلىنغان سۆز»، خەنزۇچە «مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»1981-يىللىق 4-سان.
     (2) جاڭ شۈەنرۇ:« مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخى ئۈستىدىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قاراشلىرىم»، ۋېڭ دۇجيەن باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «جۇڭگو مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخى تەتقىقاتى»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1984-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
     (3) فېي شياۋتوڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «جۇڭخۇانىڭ كۆپ مەنبەلىك، بىر گەۋدىلەشكەن قۇرۇلمىسى»،مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1999-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
      (4) مى يىجى: «جۇڭگو مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى بىرقانچە مەسىلىنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ مۇھاكىمە قىلىش كېرەك»، ۋېڭ دۇجيەن باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «جۇڭگو مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخى تەتقىقاتى»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1984-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
     (5) دۇ رۇڭكۈن :« ئېلىمىز تارىخىدىكى بىرلىك ۋە بۆلۈنۈش توغرىسىدا»، ۋېڭ دۇجيەن باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «جۇڭگو مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخى تەتقىقاتى»،  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1984-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
      (6) (29) لى دالۇڭ : « ‹جۇڭگو› ۋە ‹جاھان›نىڭ بىرىكىشى : قەدىمكى زاماندىكى جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تارىخىي يول ـــــ قەدىمكى زاماندىكى جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىش نەزەرىيىسى تەتقىقاتى (6)» ، خەنزۇچە«جۇڭگو چېگرا رايون تارىخ-جۇغراپىيىسى تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 3-سان.
     (7) دۇ رۇڭكۈن، بەي سۈيچىن :« قەدىمكى زاماندىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ھاكىمىيەتلىرى بىلەن ۋەتەننىڭ مۇناسىۋىتى تۇغرىسىدا»، خەنزۇچە«مىللەتلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى1979-يىللىق 1-سان.
     (8) چېن ليەنكەي: « جۇڭگو تارىخىدىكى زېمىن ۋە مىللەتلەر توغرىسىدا»، خەنزۇچە «مەركىزىي مىللەتلەرئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1981-يىللىق 4-سان؛ تيەن جىجۇۋ :«ئېلىمىز مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتىدىكى بىرقانچە مەسىلە»، خەنزۇچە«ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە»ژۇرنىلى1981-يىللىق 3-سان .
     (9) لى يىماڭ:«‹لياۋ سۇلالىسى تارىخى›نى ئوقۇغاندىن كېيىن»، خەنزۇچە «ئەدەبىيات-سەنئەت تەتقىقاتى» ژۇرنىلى1981-يىللىق 4-سان؛ چېن يوڭلىڭ  :«دۆلىتىمىز ــــ ھەرمىللەت خەلقى ئورتاق بەرپا قىلغان ، بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت»، خەنزۇچە«تارىخ ئوقۇتۇشى»ژۇرنىلى1979-يىللىق 4-سان؛ چېن يوڭلىڭ :«تىياتىرلاردىمۇ چۇقۇم تارىختىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى توغرا بىرتەرەپ قىلىنىشى لازىم»، خەنزۇچە«مەركىزىي مىللەتلەرئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1979-يىللىق 1-،2-قوشما سان.
     (10) فەن ۋېنلەن:«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى»، خەنزۇچە «ئۆگىنىش» مەجمۇئەسىنىڭ 3-توم 1-سانى؛ لۈ جېنيۈ :«ئېلىمىز تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا»، خەنزۇچە «ئىلىم ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ 1961-يىللىق 6-سانى؛ سېن جياۋۇ :«ئوقۇتۇشتا ۋەتىنىمىز تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك»، خەنزۇچە « تارىخ ئوقۇتۇشى» ژۇرنىلى 1962-يىللىق 9-سان؛  ۋېڭ دۇجىيەن :« مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخى تەتقىقاتىدىكى بىرقانچە مەسىلە»، خەنزۇچە «مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1981-يىللىق 4-سان.
     (11) گۇ باۋ:«تارىخ تەتقىقاتىدىكى مىللەتلەر مەسلىسىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى توغراھەل قىلىش ھەققىدە» ، خەنزۇچە« شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 1981-يىلىدىكى تۇنجى سانى.
     (12) سۇن زومىن:«جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخىدىكى ۋەتەن زېمىنى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرگە دائىر مەسىلىلەر»، « ۋېنخۇي گېزىتى»نىڭ 1961-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانى؛ « يەنە جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخىدىكى ۋەتەن زېمىنى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرگە دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا»، «ۋېنخۇي گېزىتى»نىڭ 1962-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى سانى؛«تارىختىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىرتەرەپ قىلىشتىكى بىرنەچچە مۇھىم پىرىنسىپ»، خەنزۇچە «تارىخ تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1980-يىللىق 5-سان؛ «تارىختىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى بىرقانچە مەسىلىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىش كېرەك»،خەنزۇچە «شىمال مەجمۇئەسى» 1982-يىللىق 4-سان.
      (13) ساۋ يۇڭنىيەن، جوۋ زېڭيى:«فېيشۈي ئۇرۇشىنىڭ خاراكتېرى ۋە تارىختىكى مىللەتلەر، زېمىن مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىشتىكى ‹پىرىنسىپ›»، خەنزۇچە «جۇڭگو تارىخى تەتقىقاتى»ژۇرنىلى 1982-يىللىق 2-سان.
     (14) جيەن بوزەن:« جۇڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدا»(1962-يىلى يېزىلغان)، خەنزۇچە «مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1979-يىللىق1-،2-قوشما سان.
     (15) جۇ چيەنيىڭ:« ئېلىمىز تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى بىرقانچە مەسىلە»، «تيەنجىن گېزىتى»نىڭ 1962-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى سانى.
     (16) جيەن بوزەن:« جۇڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدا»(1962-يىلى يېزىلغان)، خەنزۇچە «مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1979-يىللىق 1-،2-قوشما سان؛ ۋېڭ دۇجىيەن :« مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخى تەتقىقاتىدىكى بىرقانچە مەسىلە»، خەنزۇچە «مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1981-يىللىق 4-سان؛ لى گۇيخەي :«جۇڭگو تارىخىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر قۇرغان مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەرگە قانداق قاراش كېرەك»، خەنزۇچە «ئوتتۇرا جەنۇپ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1981-يىللىق 1-سان.
     (17) جيەن بوزەن:«تارىخىي شەخسلەرگە باھا بېرىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدا»، خەنزۇچە«يېڭى قۇرۇلۇش» ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 1952-يىلى 9-ئايدىكى سانى؛ «سۇلالە – پادىشاھلىق سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش مەسىلىسى توغرىسىدا»، «نۇر گېزىتى»نىڭ 1959-يىلى 3-ئاينىڭ28-كۈنىدىكى سانى.
     (18) فەن ۋېنلەن:«جۇڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى كۆرەش ۋە قۇشۇلۇش»(1962-يىلى يېزىلغان)، خەنزۇچە «تارىخ تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1980-يىللىق 1-سان؛ جىن شى:«بۇ ھەرگىزمۇ  تارىختىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىرتەرەپ قىلىشتىكى پىرىنسىپ ئەمەس»، خەنزۇچە«مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1981-يىللىق 2-سان.
     (19) لۈ  جېنيۈ:«جۇڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى بىرقانچە مەسىلە»، خەنزۇچە«ئىلىم ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ 1963-يىللىق1-سانى.
     (20) سۇن زومىن:«تارىختىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىرتەرەپ قىلىشتىكى بىرنەچچە مۇھىم پىرىنسىپ»، خەنزۇچە «تارىخ تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1980-يىللىق 5-سان.
      (21) ۋېڭ دۇجيەن  باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «جۇڭگو مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخى تېزىسى»، جۇڭگو  ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 2001-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
     (22) گې  جيەنشيۇڭ: «جۇڭگونىڭ تارىختىن بۇيانقى زېمىنىنىڭ ئۆزگىرىشى»، سودا نەشرىياتى1997-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
     (23) بەي شۇيى:«تارىختىكى ۋەتەن ـــ دۆلەت زېمىنى مەسىلىسىنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىشى ھەققىدە»، «نۇرگېزىتى»نىڭ 1951-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان، كېيىن «جۇڭگو  مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخىغا دائىر ماقالىلەر توپلىمى»(1-قىسىم) غا كىرگۈزۈلگەن،مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
      (24)  خې زىچۈەن: «جۇڭگو قەدىمقى زامان تارىخى ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە توغرىسىدا »، «نۇر گېزىتى»نىڭ 1959-يىلى7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان، كېيىن «جۇڭگو مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخىغا دائىر ماقالىلەر  توپلىمى»(1-قىسىم) غا كىرگۈزۈلگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
     (25) سۇن زومىن:«جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخىدىكى ۋەتەن زېمىنى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرگە دائىر مەسىلىلەر»، « ۋېنخۇي گېزىتى»نىڭ 1961-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان، كېيىن «جۇڭگو مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخىغا دائىر ماقالىلەر  توپلىمى»(1-قىسىم) غا كىرگۈزۈلگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
     (26) ما داجېڭ:«جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە  تەرەققىيقىلىشى»، خەنزۇچە «جۇڭگو چېگرا رايون تارىخ-جۇغراپىيىسى تەتقىقاتى» ژۇرنىلى2004-يىللىق 3-سان.
     (27) جاۋ يۇڭچۈن:« كۆپ ‹جۇڭگو›دىن بىر‹جۇڭگو› غىچە  ــــــ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك جۇڭگونىڭ ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا»، خەنزۇچە «جۇڭگو چېگرا رايون تارىخ-جۇغراپىيىسى تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 3-سان.
     (28) لى دالوڭ :«ئەنئەنىۋى ياتلار – خۇاشيالار قارىشى ۋە جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىشى ـــــ قەدىمكى زاماندىكى جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىش نەزەرىيىسى تەتقىقاتى (1)» ،خەنزۇچە «جۇڭگو چېگرا رايون تارىخ-جۇغراپىيىسى تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2004-يىللىق1-سان.
     (30) جاڭ ۋېن:« قەدىمكى جۇڭگودىكى دۆلەت قارىشى ۋە جاھان قارىشى ــــ پاسىل ۋە چېگرانىڭ شەكىللىنىشىدىكى تارىخىي بەلگە» ، خەنزۇچە« جۇڭگو چېگرا رايون تارىخ-جۇغراپىيىسى تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق3-سان.
     (31) لى دالوڭ:« جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى ھەم ئالاھىدىلىكى»، خەنزۇچە« جۇڭگو چېگرا رايون تارىخ-جۇغراپىيىسى تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 3-سان.
      (32) يۈ  فېڭچۈن:« جۇڭگو زېمىنىغا ئاخىرقى ھېسابتا ئاساس سېلىنىشنىڭ زامان – ماكان جەھەتتىكى بەلگىسى»، خەنزۇچە« جۇڭگو چېگرا رايون تارىخ-جۇغراپىيىسى تەتقىقاتى»ژۇرنىلى 2006-يىللىق 1-سان.


       ( ئەسكەرتىش : بۇ ماقالىنى ئاپتورلارنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور ياكى ئۈندىدار سالونلىرىدا تارقىتىشقا بولمايدۇ!)
uyghuray

12

تېما

2

دوست

5061

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1582
توردىكى ۋاقتى: 413
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 02:09:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللەت ۋە دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى توغرىسىدىكى قىممەتلىك ئۇچۇر تېزىسى ئىكەن. بۇنى رەتلەپ چىققۇچە كۆپ تەر ئاققۇزغانلىقى ئېنىق. بەزەن ئەپەندىلەرنىڭ قاراشلىرى بەك قورقۇنچلۇق- ھەددىدىن ئاشقان كېڭەيمىچىلىك ۋە ئىمپېرىيالىستىك ئىدىيىنى تەرغىپ قىلىدىكەن. خۇدا ساقلىسۇن. ھەممە بالايى ئاپەت ئاشۇنداقلارنىڭ شۇملىقىدىن كېلىدۇ.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

15

تېما

0

دوست

2455

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 106
تۆھپە : 702
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 14:00:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان مۆمىن تارىمى ئۇستازغا ئاپىرىن، ھارمىغايسىز.
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1248

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15208
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 16:52:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق بىر دولەت زىمنى تارىختا تۇراقلىق بولماستىن ،شۇ چاغدىكى دولەتلەر ئارا كۇچ تەڭپوڭلىغىغا قاراپ ئۆزگۇرۇپ تۇرغان ، دولەت زىمنى بىر قەدەر مۇقىملاشقان ھالەت پەقەت 20-ئەسىردىن كىيىنكى ئىشلار.لىكىن كىينكى ئىشلار قانداق بولدۇ بۇنىڭغا ھىچكىم مەيدىسگە ئۇرۇپ بىر نىمە دىيەلمەيدۇ.

9

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4675
توردىكى ۋاقتى: 951
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 21:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندىلەر تارىخىي رېئاللىققا خىلى ئادىل قاراش تۇرغۇزغاندەك قىلىدۇ. بىراق بەزىلىرنىڭ ناتوغرا پىچىمىنى قوبۇل قىلىش تەسرەك.
بۇنداق ھىساپلىغاندا جۇڭگۇدا ئەڭ كۆپ خانلىق قۇرغان ئازسانلىق مىللەت ئۇيغۇرلار بولۇپ چىقىدۇ.

1. تۇران ئىمپىريەسى ( تارىم ۋادىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا)
2.غەربىي ھون تەڭرىقۇتى (تارىم، ئورخۇن)
3. توققۇز ئوغۇز قاغانلىقى (ئورخون سېلېنگا)
4.ئۇيغۇر قاغانلىقى ( ئورخۇن،تارىم ۋادىسى)
5.ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى (تۇرپان )
6.گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ( گەنسۇ)
7.قاراخانلار خانلىقى (قەشقەر ئوتتۇرا ئاسيا)
8.سەئىدىيە خانلىقى (قەشقەر)  

0

تېما

2

دوست

880

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55129
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 21:54:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tarusiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-18 22:07  

ئۇخلاپ قالاي... سەيپۇڭ...  ئەخمەتجان تەرجىمانى ئەپەندىمۇ خېلىلا كۈچ سەرىپلىگەن ماقالىكەن. نۇرغۇن نوملارنى كۆرۈشكە توغرا كەپتۇ.

7

تېما

7

دوست

2007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22331
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-19 03:24:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە  جۇڭگو دىگەن سۆز يەر شارى دىگەن  ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )