- تىزىملاتقان
- 2016-3-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 117
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
  39%
|
مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يېقىندا دىيارىمىزدا غەلىبىلىك ئاياغلىشىشى دۆلىتىمىز ئىچى–سىرتىدىكى تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا تېخىمۇ جەلپ قىلدى. مانا مۇشۇنداق ھەممە قىزغىن پەيتلەردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىلەرنى يارىتىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەمەتتۇرسۇن چوڭ قاتارلىق ئەزىمەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ماھارەتلىرىنى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە نامايان قىلىش ئۈچۈن تەييارلاندى.
بۇ قېتىمقى جۇڭگو (شىنجاڭ)، قازاقىستان، ئۆزبېكستان، قىرغىزىستان، تاجىكستان، مالايسىيا قاتارلىق ئەللەر ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان «ئەلرام لوڭقىسى» خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەركىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بوكس جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ باغداش ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتى (باغداش تورى)، قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەركىزى، شىنجاڭ تۇلپار بوكس كۇلۇبى قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن، شىنجاڭ ئەلرام خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىئالاھىدە قوللىغان.بۇ مۇسابىقە 26–مارت چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:00 تە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بېلەت باھاسى:
80 يۈەن، 180 يۈەن، 280 يۈەن، 480 يۈەن
بېلەت زاكاس قىلىش تېلىفۇن نومۇرى:
0991-5155117 / 18599199401
|
|