بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Lucky-star تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-16 00:50
يىنىك ئاتلېتىكا مەركىزىنىڭ داڭلىق ئوزۇنغا يۈگۈرۈش ترېنېرى مەلۇم شەھەرگە يېڭى تەنھەرىكەتچىلەرنى تاللىغىلى بېرىپتۇ، ئۇ 10 ياشلىق ئوغۇل بالىنى يارىتىپ قېلىپ، ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن تېلفۇن قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ترېنېرنىڭ ئۆيىدىكى تېلېفۇن ئالتە قېتىم سايراپ توختاپتۇ، ئارقىدىن يەنە ئالتە قېتىم سايراپ توختاپتۇ... بەشىنچى قېتىم تېلېفۇن سايرىغان ھامان ترېنېر تېلېفۇننى ئېلىپتۇ، ئاڭلىشىغىلا ھەقىقەتەن ھېلىقى ئوغۇل بالا ئىكەن. ترېنېر ئۇنىڭدىن ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭ ئۇرغان-ئۇرمىغانلىقىنى سوراپتۇ، ئوغۇل بالا شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ترېنېر بۇ ئوغۇل بالىنى قوبۇل قىلماپتۇ. بىرى ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئۇنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى سوراپتۇ ، ئوغۇل بالىنىڭ سىناقتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى ئەمەسمىدى؟ ترېنېر ئۇ ئادەمگە ئېيتىپ بېرىپتۇ، ئوغۇل بالىغا تېلېفۇن ئۇرغۇزۇشمۇ سىناقنىڭ بىر تۈرى ئىكەن، ئەمما ئۇ ئوغۇل بالا ئۆتەلمەپتۇ. ئۇ:«ئەگەر تېلېفۇن ئېلىنمىسا 15 قېتىم سايراپ ئاندىن ئاپتۇماتىك ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، بىراق بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ھەر قېتىم ئۇرغان تېلېفۇنى يېرىمىدىلا ئۈزۈلۈپ قالدى، ئاندىن يەنە قايتىلاپ ئۇردى، سەۋرچانلىقى يوقكەن. ھالبۇكى سەۋرچانلىق بولسا بىر ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسىدە بولمىسا ياكى كەم بولسا بولمايدىغان تەبىئىي خىسلەت»دەپتۇ.
|