- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 15842
- نادىر
- 1
- يازما
- 1750
ئۆسۈش
  14.61%
|
روسيەنىڭ مىللەت ياساش تاكتىكىسى بىرمۇنچە قېرىنداش خەلقلەرنى بىر بىردىن ئايرىۋەتكەن.
تاتار قېرىنداشلار ، ساددا يايلاق خەلىقلىرىدىن «مىللەت»ياسايدىغان روس سوتسىيولوگلىرىنىڭ دامىغا چۈشمىگەن. چۇنكى تاتارلار ناھايىتى مەرىپەتلىك خەلق.ئۇلارنىڭ بىلىملىك كىشىلىرى ناھايىتى كۆپ.
باشقا يايلاق خەلقلىرى تىخىچە روس سۈيقەستىنىڭ ئاستىدىن قوپالماي بىر بىرى بىلەن تالاش تارتىش قىلىپ جاڭجاللىشىپ يۈرىيدۇ.بىراق تاتارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۇنكى ئۇلاردا ئۇرۇقبازلىق،تەرەپبازلىق،يۇرتبازلىق ئېڭى يوق. ئۇيغۇرلاردىن ھىچنەرسە تالىشىپ باقمىغان كۆزى توق خەلق.
مىنىڭ قېرىنداش تاتار خەلقىگە ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار. ئۇيغۇر يىڭى زامان مائارىپىنىڭ ئاساسىنى تاتارلار سالغان. ھازىر ئەدەبىي تىلىمىزدىكى «نەشىريات»«مۇشتەرى»«تىرناق»«پەش»«كۆنۈكمە»..قاتارلىق ئاساسلىق سۆزلۈكلەر تاتارچىدىن كەلگەن. تاتارلار ئۆزى قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم قىلىپ نادانلىقتا قانغان خەلقنىڭ ئاغزىغا ئىلىم سالغان. بۇ ئالەمشۇمۇل ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك. |
|