- تىزىملاتقان
- 2014-2-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3361
- نادىر
- 0
- يازما
- 264
ئۆسۈش
  45.37%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xikayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-15 15:41
ئسسەلەمۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار !سىز ئوتتۇرغا قويغان مەسلىلەر ھازىرقى مىللى مائارىپتا ئىنتايىن گەۋدىلىك مەسىللەر بولۇپ ، بۇنى پەقەت بىر -ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە ھەل قىلغىلى ۋە ياكى بىرقانچە ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس ، ئالدى بىلەن يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ -مەمۇرى تارماقلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان كۆزقارىشىنى يەنى ھازىرقى مىللى مائارىپ دۇچ كەلگەن مەسللىلەرنىڭ نېگىزىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ چىقىشى زورۈر ، مەسىلەن تۆۋەندە ئوقۇتقۇچىلار ئۇچىرايدىغان ناھەقچىلىقنى ، ھەل قىلىشى كېرەك .مۇشۇ ئۇنۋان مەسىلىسىدە ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتەك ئەھۋاللار ناھىيىتى ئېغىر . ئەمدى مەن گەپنىڭ مېغىزىنى دىسەم 1.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۈتۈش مىتودى بىلەن ھازىرقى دەرسلىك ماتىريالى ئوتتۇرسىدا پەرق مەۋجۈت .2. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىكنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىق قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس . 3.گەرچە تور قاتارلىق ۋاستىدا دەرسلىك يېزىش ۋە دەرسلىك دېتالى تۈزەش ناھىيىتى نۇرغۇن قولاي شارائىتلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ .ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مەكتەپكە ماسلىشىپ بېرىشى ئىنتايىن سۇس . 4. دەرسلىكنىڭ قۇرۇلمىسى نىسبەتەن مۇرەككەپراق . 5. ھازىرقى بالىلار تاۋۇ نازۇك تەنقىد كۆتەرمەيدۇ ، سىز بىر تەنقىدلىدىڭىزما سىزنىڭ دەرسىڭىنى ھەرگىز ئۆگەنمەيدۇ . 5. بىزنىڭ سىنىپلىرىمىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 60دىن ئېشىپ كەتكەن بۇ پىداگوگىكا قايدىسىگە ئەسلا ئۇيغۇن ئەمەس . مەن تەن جازاسى بېرىشنى قوللاپ كەتمەيمەن لېكىن ئاتا- ئانا بىلەن بولغان سۆھبەتنى تېىخىمۇ كۆپەيتىپ بالىلارنىڭ تونۇشىنى يۇقۇرى كۆتىرىشى كېرەك . |
|