- تىزىملاتقان
- 2016-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  4.33%
|
مېنىڭچە، بۇ ماقالىنىڭ ئەڭ بەك مۇھاكىمە قىلىنىشقا تېگىشلىك نۇقتىسى تۆۋەندىكى قۇرلاردا ئىكەن:
مەن يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ جايلاشقان تەڭرىتاغ رايونىدا كىشىلەرنىڭ كۆڭلى سۇ ئىچكۈدەك بىر قانچە ھەقسىز كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلۇشىنى، بۇ كۇتۇپخانىلارغا كىشىلەرنىڭ ئارا چاغلىرىدا كىملىكىنى كۆرسىتىپلا كىرىپ، جىمجىت ئىلىم تەھسىل قىلىپ، مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئىمكانىيەت يار بەرسە بۇ خىل كۇتۇپخانىلار دىيارىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇپ كەتسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، بۇنداق بولغاندا ئەتراپىمىزدا قويۇق ئۆگىنىش مۇھىتى شەكىللىنەتتى. «ئادەم مۇھىتنىڭ مەسئۇلى» دەيدىغان گەپ بار. قويۇق ئۆگىنىش مۇھىتى نۇرغۇن ئىلىم ئىگىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. مەسىلىنىڭ تۇغۇلغىنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى بەلگىلەيدۇ. ماتېرىياللاردىن كۆرۈشمچە، چەت ئەللەردىكى كۆپلىگەن بايلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆز نامىدا نۇرغۇن كۇتۇپخانىلارنى قۇرغانىكەن. ئەلۋەتتە، كۇتۇپخانا قۇرۇشمۇ مەكتەپ سالغانغا ئوخشاشلا ساۋابلىق ئىش بولۇپ، ساخاۋەتنىڭ كاتتىسىدۇر. ئەمدىكى مەسىلە دىيارىمىزدا قايسى خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاشۇ خىل قولايلىق كۇتۇپخانىلارنى بەرپا قىلىش. مېنىڭچە، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، مەرىپەتپەرۋەر بايلارنىڭ كۈچىشى، ئاممىنىڭ ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشى قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى دىيارىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدا كۇتۇپخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇرتىمىزنىڭ ئىلىم ھاۋاسىنى قويۇقلاشتۇرغۇسى! |
|