- تىزىملاتقان
- 2013-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4494
- نادىر
- 0
- يازما
- 289
ئۆسۈش
  83.13%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nayip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-15 14:02
كوچا ئويۇنچىلىرىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇلار ئاۋۋال ئۆزى ۋە شاگىرتلىرى دۇمباق چېلىپ،خەتەرلىك، ئورۇندىماق ئىنتايىن تەس بولغان ھەركەتلەرنى ئىشلەپ ئەتراپىغا ئادەم يىغىدۇ،خىلمۇ خىل گۇمپىلىرىنى چىقىرىپ، ئەتراپتىكىلەرنى خوشال قىلىپ، ئازغىنا ھەق بېرىشنى ئۆتىنىدۇ. بۇ ھەق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئەلۋەتتە يەتمەيدۇ، ئاخىرىدا ئۇلار ئابىھايات دورىلىرىىنى چىقىرىپ ساتىدۇ.باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس. پايدا قىلىدۇ، پايدا قىلمىسىمۇ زىيان قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەمۇ-شە يۈرگەن كىرا پۇلىنى،ياتاق پۇلىنى، تاماق پۇلىنى ئاران غەملەپ، كېتىپ قالىدۇ.....ھالال تاپىدۇ......
ھازىرقى زاماندا يېڭىدىن پەيدا بولغان كوچا ئويۇنچىلىرىنىڭ پۇل تېپىش ۋاستىسى ئوخشاش، ئاۋۋال قانداقتۇر ئوقۇغانلا ئادەمنى ئالىملارنىڭ ئالىمى قىلىپ تەربىيلەيدىغان ھەيۋەتلىك مەكتەپلەرنىڭ دىپلومىنى ئالىدۇ.ياكى ئازراق ‹‹گۇمپا›› ئىگەللەيدۇ. خىجىل بولماي باشقا ئالىملارنىڭ ئەمگىگىنى دوراپ، ئۇلارنىڭ خاس قاراشلىرىنى ئۆزىنىڭ ‹‹ئىجادىيىتى›› قىلىۋېلىپ،ئارقىدىن جەمىيەتتە نىمىش قىلىپ جېنىنى بېقىشنى بىلەلمەي، تېڭىرقاپ قالغان ياشلار......نى ئۆزىنىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۇرەلەيدىغان قالتىس ئامالى بارلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. توختىماي ۋالاقشىپ سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنى يۇيىدۇ. ھەتتا ئۇلۇغلىرىمىز بىلەنمۇ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشتىن، ئۇلارغا تىل سېلىشتىن ئەيمەنمەيدۇ. ئارقىدىن مىكروسوفىتنىڭ دېسكىسىنىمۇ 5 يۈئەنگە بىمالال سېتىۋالغىلى بولىدىغان بۇ بازاردا، پوققىمۇ ئەسقاتمايدىغان ، ‹‹ھۆپۆپنى يۇڭدىماي يەيدىغان›› قۇرۇق پاراڭلىرىنى ئاشۇ تېڭىرقىغان ياشلىرىمىزغا نەچچە يۈز يۈئەندىن سېتىپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى تىيىنلىرىنى يانچۇقىغا سېلىپ، ئاتالمىش ‹‹مەشھۇر›› لۇق تونىنى كىيىپ ، نومۇس قىلماي غادىيىپ يۈرىشىدۇ. شۇنداقلارنىڭ دۇمبىقىنى چالىدىغان ئىتنىڭ كۈچۈكلىرىمۇ ھەممە يەردە(مۇنبەردىمۇ) تىمىسقىلاپ يۈرىدۇ.
مېنىڭچە بۇلارنىڭ ئازراق تاناۋىنى تارتىدىغان چاغ كېلىپ قالدى. |
|