- تىزىملاتقان
- 2011-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 30
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
  10%
|
كىچىك چېغىمىزدىكى كىنولارنى كۆرسە شۇ ۋاقىتلاردىكى سەبىيلىك ئەسلىمىللىرى كىشىنىڭ يادىغا كىلىپ قالىدىكەن .
تۈنۈگۈن كەچ مەن ئىشتىن يېنىپلا ئۆيۈمگە كىرىپ بىردەم دەم ئالغاندىن كىيىن كومپىيوتىرىمنى ئېچىپ خەنزۇچە تور بېكەتلەردىن كىنو كۆرەي دەپ نۇرغۇن تور بېكەتلەرنى ئاچقان بولساممۇ ياقتۇرغىدەك فىلىمنى تاپالمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلىنىش تورىغا قەدەم بېسىپ كىنو فىلىم دىگەن ئىستوندىن بىر كىنو تور بېكىتىنى ئېچىشىمغا < شەيتان بىلەن ساقچى > دىگەن تېمىنى كۆرۈپ قالدىم ، ئۆزۈممۇ بۇ كىنوغا ناھايتى ئامراق ئىدىم ، كىچىك ۋاقتىمدا بىر قېتىم كۆرۈپ غۇۋا ئىسىمدە بار ئىدى ، شۇنداق قىلىپ تىزىملىكنى بېسىپ كىرىپ كىنونى كۆرۈشكە باشلىۋەتتىم .
نىمىدىگەن تەبىئىي كۆرۈنۈشلەر ھە ! شۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ ئۇيغۇر كىنوچىلىقىمىزمۇ خېلى بىر سەۋىيىدە ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم .
تۇيۇقسىز كاللامغا بىر سوئال پەيدا بولۇپ قالدى ، بۇ كىنودىكى نۇرغۇن ئارتىسلىرىمىزنى ئېتوتلاردا ۋە باشقا كىنولاردا كۆپ كۆرۈپ تۇرىمىز ! لىكىن مۇشۇ شەيتاننىڭ رولىنى ئالغان ئارتىسنى ۋە دىلنارنىڭ رولىنى ئالغان قىز ئارتىسنى ھەر قانداق يەردىنمۇ ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدىكەن ، بىر كېچە ئولتۇرۇپ مانا تاڭ ئېتىپ كەتتى ، مەن بۇ ئىككى ئارتىسنى تور دۇنياسىدىن قەتئى تاپالمىدىم ! كىنونىڭ تەپسىلىلاتى ئىچىدە مەۋلان نىيازنىڭ بارلىقى كۆردۈم ، چۇقۇم شۇ بىلىشى مۇمكىن دەپمۇ ئويلىدىم ، لىكىن مەۋلان ئاكىمىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلمىگەچكە يەنە مۇشۇ بەغداش تورىغا تۈنجى قەدىممنى تاشلاپ بىلىدىغانلاردىن بىلىۋالاي دەپ مۇنۇ تېمىنى يازغان ئىدىم .
بىلمىدىم قايسىڭلار مۇشۇ ئىككى ئارتىسنىڭ تەپسىلى ئارخىپىنى بىلىسىلەر ؟ ئەجەبا بىزنىڭ ئۇيغۇر ئارتىسلىرىمىز مۇشۇنداق دىلىمىزدىن ۋە كۆز ئالدىمىزدىن يوقىسا بولامۇ ؟
ئاخىرىدا كەڭ تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ فىلىمنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . |
|