- تىزىملاتقان
- 2016-3-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 213
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
  71%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۇلتان1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-13 21:39
”سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە ئېلېكتىر ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى جەمئىي بىر مىليارد 611 مىليون 974 مىڭ دانە يانفۇن ئىشلەپچىقارغان، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى ساناپ كەلسەك ئاران بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسمى ساختا مال ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ ساختا ۋە سۈپەتسىز ماللىرىدۇر. ھازىر دۆلەتىمىز يانفۇن ساھەسىنىڭ سەلتەنىتى قىزىل دېڭىزغا كىردى، ئەمما مەھسۇلات ئىشلەپچىقرىش كۈچى ۋە ئىستېمال سەۋىيەسىنى تېخى ماسلاشتۇرالىغىنى يوق، مۆلچەرلىنىشىچە، 2016-يىل جۇڭگو يانفۇنلىرىنىڭ سېتىلىش سانى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلار شاللىنىپ كېتىدۇ.“ بۇ قانداق گەپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى نېمىشقا مۇشۇنداق ساختا ماللارنى، بىلىپ تۇرۇپ سۈپەتتىن ئۆتكۈزىدىغاندۇ، شۇنىڭغا قارىغاندا سۇنىڭ بېشى لاي ئوخشايدۇ، مېنىڭچە شۇلار شۇ ساختا ماللار نى سۈپەتتىن ئۆتكۈزمىسە جەمئىيەتتە ساختا ماللارمۇ ئاز قالغان بولاتتى، |
|