- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4019
- نادىر
- 3
- يازما
- 237
ئۆسۈش
67.3%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر.
مەن خىزمەتنىڭ زىيادە ئالدىراشچىلىقى بىلەن بۇ ماقالىگە يىتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ بولالمىدىم، باشقا نۇرغۇن ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ يازىدىغان بولغاچقا، ۋاقىت قىسلىقى تۈپەيلى ئويلىغىنمدەك تىخىمۇ كەڭ مەزمۇنلۇق قىلىپ يازالمىدىم. ئۇيغۇر تىبابىتى دىسە بەزىلىرىمىزدە پەقەت شۇ قۇرۇتۇلغان پاقا، يىلان ۋە چايان دەيدىغان تومتاق چۈشىنىش بار ئىكەن. بەزىلىرىمىز ھەتتا ئۇيغۇر تىبابەتنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايمىز. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى بىر قىسىم قويمىچى ساختا تىۋىپلار سەۋەبىدىن بولىۋاتىدۇ. بىراق بىز بىر ناچار مۇسۇلماننى كۆرۈپ، ئىسلام دىنى ناچار دىمەيمىز ھەرگىز. ئۇنداق ئىكەن بىرنەچچە ناچار تىۋىپ سەۋەبىدىن تارىختىن بۇيان شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان تىبابىتىمىزنى كەمسىتىش پەقەت جاھىللىقتۇر. ئەمەلىيەتتە، بۇ تىبابەت ئىككى ئۈچ كۈندە توكلا قىلىپ پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس، 4000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سىتىسمىلىق پەلسەپە ۋە داۋالاش مىتۇتى تۇرغۇزغان بىر ساھە. 3000 يىللار بۇرۇن ئۇيغۇر ئاتا بۇۋىلىرىمىز يۈرەك، مىڭە ۋە كۆز ئوپىراتسىيىلىرىنى قىلغان ئىكەن. تارىختىكى ھىندى، تىبەت ۋە چىن ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ داۋالاش تىخنىكىلىرى شۇ مىللەت تىۋىپلىرىنىڭ ئەقىللىرىنى لال قىلىۋەتكەنلىكلىرى يىزىلغان ئىكەن. تارىختىكى شۇ مەرىپەتلىك ۋە ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىزغا لايىق ۋارىسلاردىن بولالمىدۇق. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇندىن ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ. بىراق، بۈگۈننىڭ ئۇيغۇرلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن تىبابىتىمىزگە يىڭىچە ئۈمىد ئىلىپ كەلدى دىسەك بولىدۇ. تىبابىتىمىزدىن يىتىشىپ چىققان دوكتۇرلىرىمىز بار، تۈرلۈك زاۋۇتلىرىمىز كۆپىيىۋاتىدۇ. بەزىبىر دورىلىرىمىز خەلقئارا بازارلارغا كىردى ھەم كىرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇغداي بار يەردە كىپىكىمۇ بولىدۇ. مۇكەممەل ئىش بولمايدۇ. نىسبىي تەرەققىيات بولسىلا شۇ بىزدىكى ئۇتۇق. تىبابىتىمىزنى ئاۋۋال ئۆزىمىز قوللىمىساق، قوغدىمىساق باشقىلار قوغدىمايدۇ. شۇڭا تىبابىتىمىزنى توغرا شەكىلدە قوللايلى !
بۇمەريەم قىرىندىشىم مەن تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىپسىز، سۆيۈندۇم. ئىيتقانلىرىڭىز ناھايىتى توغرا. ئىشلىرىڭىزگە ئامەت يار بولسۇن ! |
|