- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7266
- نادىر
- 0
- يازما
- 515
ئۆسۈش
  45.32%
|
زامانىسىدىكى يەسسەۋىي دەرۋىشىدىن بىرىنىڭ «جەۋاھىرۇل ئەبرار مىن ئەمۋاجىل بىھار» كىتابىدا يەسسەۋىينىڭ باي سايرامدا تۇغۇلغانلىقى يېزىلغان ئىكەن، دوكتور مەھمەت فۇئاد كۆپرۈلۈ شۇنى ئاساس قىلىپ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەەتقىقات يەكۈنى قىلغان. ئەمدى تىل جەھەتىدىن ئېيتقاندىمۇ يەسسەۋىينىڭ قىفچاقچە ئەمەس بەلكى زامانىسىدىكى ئۇيغۇرچە «ھېكمەتى» ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقىنىڭ ئىسپاتى. يەنە مەرھۇم قەقىنۇس ئەپەندى ئۆزىنىڭ كاشغەر ۋە ئارتىشتىكى مازارلاردىن ئېرىشكەن شەيىخلەر قوليازمىسىدىكى مەلۇماتلاردىن يەسسەۋىينىڭ ئەجدادىنى ماھمۇد كاشغەرىيگە باغلىغانلىقىغا ھككۈم قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ماھمۇد كاشغەرىي جەمەتىگە يەسسەۋىي، جەمال قەرشىي، ئەلىشىر نەۋائىيلارنىڭ تۇتىشىدىغانلىقى ھەقىدە قىياسلار بارلىقىنىمۇ ئېيتقان، چۈنكى ئوردا نىزاسى تۈپەيلىدىن ئىبراھىم شەيىخ ۋە يەنە جەمال قەرشىي، نەۋائىينىڭ ئەجدادلىرى كاشغەردىن باش ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى قىياس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. |
|