قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 4402|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«قۇتادغۇ بىلىگ»دە ئودغۇرمىشنىڭ كىشىلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

31

تېما

0

دوست

2500

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33071
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 82
تۆھپە : 868
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-17
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 11:24:09 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
«قۇتادغۇ بىلىگ»دە ئودغۇرمىشنىڭ كىشىلىكى
سائادەت چاغاتاي(تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى يۈسۈپجان ياسىن


بۇ ماقالىنى يۈسۈف خاس ھاجىب تۇغۇمىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلايمىز
   دىيالوگنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى تۆت پىرسۇناژنى ئۇلارنىڭ رولىغا قاراپ بىر ـ بىرىدىن ئايرىش قىيىن. چۈنكى بۇنىڭدا يېڭى ئەدەبىي ئەسەرلەردە مەۋجۇت پىسىخولوگىيەلىك تىپ پەرقى يوق، پەقەت نام ۋە مەرتىۋە پەرقى بار.  ئەمما، بۇ تىپلار بەزى بابلار ئارقىلىق بىر ــ بىرىدىن ئايرىلغان. مەسىلەن، 13 ~ 20- بابلاردا كۈنتۇغدى بىلەن ۋەزىر ئايتولدىنىڭ دىيالوگىدا دۆلەت ۋە ئادالەتنىڭ ئاساسلىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلۈپ، بىر ھۆكۈمدارنىڭ قانداق ۋەزىپىلىرىنىڭ بارلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تېمىلاردا دۆلەتچىلىك ھەققىدىكى قاراشلار 38-بابقا قەدەر داۋام قىلىدۇ ۋە دۆلەت ئەركانلىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزىلىدۇ. بۇ يەردە ئايتولدىنىڭ ئۆلۈمى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار تېمىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەنىلا دۆلەت تېمىلىرى ھەققىدە سۆھبەت بولىدۇ. بەگلىككە لايىق بىر بەگنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى، ۋەزىرنىڭ، قومانداننىڭ، ئۇلۇغ ھاجىبنىڭ، ئىشىك ئاغىسىنىڭ، ئەلچىنىڭ، پۈتۈكچى(كاتىپ) نىڭ، خەزىدارنىڭ، باش ئاشپەزنىڭ، ئىچىملىك بېشىنىڭ ۋە ئاخىرىدا خىزمەتچىلەرنىڭمۇ بەگلەر ئۈستىدە قانداق ھەقلىرىنىڭ بارلىقى قايتا ــ قايتا ساناپ ئۆتۈلىدۇ ۋە بۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ تېمىلاردىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئەسەرنىڭ يېرىمىغىچە كۈنتۇغدى، ئايتولدى ۋە ئۆگدۈلمىش دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە دۆلەت خادىملىرى ھەققىدە سۆز قىلىدۇ، بۇ ئۈچ كىشى ھاكىمىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەسەرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا سۆھبەتكە ئودغۇرمىشمۇ قېتىلىدۇ. ماۋزۇلاردىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ بۆلەكتە خەلق تەبىقىسى ۋە ھەر خىل كەسپىي گۇرۇھلاردىن سۆز ئېچىلىدۇ. ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشقا خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرىدۇ، يەنى ئاۋام  بىلەن، پەيغەمبەر ئەۋلاتلىرى بىلەن، ئالىملار، تېۋىپلار، ئەپسۇنچىلار، تەبىرچىلەر(چۈش ئۆرۈگىچىلەر)، مۇنەججىملەر، شائىرلار، سودىگەرلەر، چارۋىچىلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە پىقىرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا مەنسۇپ تېمىلارمۇ قولغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۆيلىنىشنىڭ قانداق بولۇشى، پەرزەرنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش، خىزمەتچىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە دەرس بېرىلىدۇ. ئۆگدۈلمىش ئالدىنقى تېمىلاردىمۇ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلغىنىدەك، بۇ قىسىمدىمۇ دۆلەتنىڭ خەلق تەبىقىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ماۋزۇلارمۇ يۇقىرىقى مەزمۇننىڭ تەركىۋىگە مەنسۇپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى قىسىمدا ئەسلىدە بىز توختالماقچى بولغان ئودغۇرمىش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەسەردىكى ۋەقىلىكلەر ۋە بۇ يەرگىچە بولغان تېمىلار ئومۇمەن چۈشىنىشلىك بىر ھالەتتىدۇر. ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدىمۇ سۆزلەنگىنىدەك، تىپلارغا ئايرىش جەھەتتە ھۆكۈمدار كۈنتۇغدى ئادالەتكە، ۋەزىر ئايتولدى دۆلەت ۋە سائادەتكە، ئۇنىڭ ۋارىسى ۋەزىر ئۆگدۈلمىش ئەقىل ــ پاراسەتكە، ئودغۇرمىش قانائەتكە سىمۋول قىلىنغان. ر. ر. ئارات بولسا ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئودغۇرمىشنىڭ ئاقىۋەتكە ۋەكىللىك قىلغانلىقىنى ئالغا سۈرگەن ۋە بۆ سۆزنىڭ خاتا ئوقۇۋېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان①. ئاقىۋەت ھەققىدە «قۇتادغۇ بىلىگ»دە مۇنداق دېيىلىدۇ :
   3087    كەچەر دۇنيا قودغېل تىلە ئۇقبىنى[  بۇ ماقالىدىكى شېئىرنىڭ مەتنى «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ر. ر. ئارات نەشرگە تەييارلىغان نۇسخىسىغا ئاساسەن ئېلىنغان بولغاچقا، ئۇيغۇرچىدىمۇ ئۇنى ئەينەن شەكلى بىلەن ئالدۇق، بۇنىڭغا قىزىققۇچىلار بۇ نۇقتىلارنى ئەسەرنىڭ 1984- يىلى بېيجىڭدا نەشر قىلىنغان نۇسخىدىكى مەتىن بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسە بولىدۇ. ـــ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن. ]
قودۇ بىرمەسە دۈنيا قودقاي سىنى
  (ئۆتكۈنچى دۇنيانى قوي، ئاخىرەتنى تىلە، بۇ دۇنيانى سەن تاشلىمىساك، ئۇ سېنى تاشلايدۇ.)

   3340     بۇ دۇنيا ئىشىڭە قاتېلمىش كىشى
          قېلۇماز تاپۇغ بىرلە ئۇقبى ئىشى
(بۇ دۇنيا ئىشىغا ئارىلاشقان كىشى، ئىبادەت بىلەن ئاخىرەت ئىشىنى قىلالمايدۇ.)

   3976     ئۆزۈڭ ئۇقبى قولسا ئاي زاھىد بۇلۇر
          مۇيان ئەدگۈ مۇندېن ئىلەتسە بولۇر
(ئەي زاھىد سەن ئاخىرەتلىكنى  ئارزۇ قىلساك، ئۇنىڭغىمۇ ئېرىشىسەن،  ئۇ يەردىمۇ نىمەت ۋە ساۋابقا نائىل بولىسەن.)

   3657      بايات بىردى قۇلقا ئىكى كۆز قۇلاق
           بىرى دۇنيا باقسا بىرى ئۇقبى باق
(خۇدا بەندىسىگە ئىككى كۆز، ئىككى قۇلاق بەردى، بىرى بىلەن دۇنياغا باقساك، بىرى بىلەن ئاخىرەتكە باق.)

   3658      ئەلىگ بىردى ئىكى سۇنۇپ تۇتغۇقا
           بىرى دۈنياقا تۇت بىرى ئۇقبىقا
(ئۇزۇتۇپ تۇتۇش ئۈچۈن ئىككى قول بەردى، بىرى بىلەن بۇ دۇنيانى تۇت، يەنە بىرى بىلەن ئاخىرەتنى.)

   ئەمما، ئودغۇرمىشنىڭ بارلىق سۆھبەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولساق بۇ ئىپادىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى باشقا بىرمۇنچە سۆزلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئەگەر بۇ ئىپادە ھەققىدە تىڭىرقاپ قالساق، قانائەت ياكى ئاقىۋەتنى بىر ــ بىرىگە ئۇلىشىپ ماڭغان ھايات ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى دەپ چۈشىنىشكە، ھەر ئىككىلىسىنى ئاساسەن توغرا شەرھىيلەنگەن دەپ قارىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. «ئۇقب»، «ئاقىۋەت»(ئاقىبەت)، «قانائەت»، پەلسەپىۋىي ياكى ھاياتىي مەنىدە ئىزاھلانغان ئەمەس. بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتقان نۇقتا ئودغۇرمىشنىڭ باشقا ئۈچ خىل تىپتىكى شەخس بىلەن بىرلىكتە «قانائەت» ياكى «ئاقىۋەت»كە سىمۋول قىلىنغانلىقىدىن نېمىنى چۈشىنىشنىڭ لازىملىقى،  شۇنىڭدەك نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلۈمى يۈز بېرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تۆت شەخستىن ئىككىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئالتە مىڭدىن ئارتۇق بېيىت يازغان بىر شائىر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرمايدىغان بېيىتلەرنى يېزىشمۇ قېيىن ئەمەس ئىدىغۇ، دېگەندەك چۈشەنچىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر.

ئودغۇرمىش ھەققىدە ئېنىق بىلگەنلىرىمىز شۇلاردىن ئىبارەت:
A . ئۇنىڭ بىر زاھىدقا ئايلىنىپ تەركىي دۇنيا بولۇپ ياشاشنى قارار قىلغانلىقى؛
B . ھۆكۈمدارنىڭ ئۇنى ئۈچ قېتىم تەكلىپ قىلسىمۇ، ئۇنىڭ باشقا ئۈچ خىل تىپنىڭ زىممىسىدە تۇرغان دۆلەت ئىشلىرىدىن ۋە ھاياتتىن قەتئىي يىراقتا تۇرغانلىقى؛
C . ئۆگدۈلمىش ئۇنىڭ يېنىدا قېلىشقا چىڭ تۇرسىمۇ، بۇنى رەت قىلىپ، زاھىتلىق ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى.
   بۇلاردىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئودغۇرمىش بىر دىندار بولۇپ، ئۇ دۇنيادىن ۋە ئۇنىڭ مۇشكۈلات ۋە  مەسئۇلىيەتلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان بىر شەخس. بۇنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، يەنى ئودغۇرمىش دىندار سۈپىتىدە قايسى دىنگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
  «قۇتادغۇ بىلىگ» تۇنجى ئىسلامىي ئەسەر سۈپىتىدە بىلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ باش قىسمىدىكى، يەنى 1~3- بابلاردىكى مەزمۇنلار بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئودغۇرمىشنىڭ ئاغزىدىنمۇ ئىسلامىيەتكە دائىر بەزى جۈملىلەر سۆزلەتكۈزىلىدۇ. ئۇ ئۆزىمۇ كېچە ــ كۈندۈز ئىبادەت(تاپۇغ) بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. قېرىندىشى ئۆگدۈلمىش يېنىغا كەلگەن چاغدىمۇ ئىبادىتىنى توختىتپ(3290،5682) قوپۇپ ئىشىكنى ئاچىدۇ. لېكىن بۇ ئىبادەتنىڭ قايسى دىنگە دائىر ئىبادەت ئىكەنلىكى بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنمايدۇ. تەرەت ئېلىپ ناماز ئوقۇش ئىشى(4962) بىر قانچە قېتىم ئۆگدۈلمىش تەرىپىدىن قىلىنىدۇ. ھۆكۈمدار كۈنتۇغدىنىڭ ئۇ توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىدە ئۇنىڭ ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتقانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ، يەنى «سېنىڭ ئۇ يەردىكى ئىبادىتىڭنىڭ بىرى ــ نامازدۇر، يەنە بىرى روزا تۇتارسەن ئەي ئوغۇل»(3227) دېيىلىدۇ. 3982- بېيىتتە ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشقا خىتاب قىلىپ : «تىلىكىڭ ھەج بولسا بۇنىڭغىمۇ مال ــ تاۋار كېرەك...» دەيدۇ. 3719-، 3721- بېيىتلەردە تەڭرىنىڭ بىرلىكى ھەققىدىكى ئىسلامىي پىكىرلەر يەنە ئودغۇرمىشنىڭ ئاغزىدىن سۆزلىتىلىدۇ : «ئۇ يەككە يىگانە بىر ئىگەمدۇر...  ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭغا خاستۇر، بۈيۈكلۈكمۇ ئۇنىڭغا خاس. ئۇ ھەممىگە قادىر ۋە ھەممىگە ھاكىمدۇر». 3753- بېيىتتىكى «قورسىقى ئاچىدىغان ۋە تويىدىغان كىشىگە قۇللۇق قىلما، قۇللۇق قىلىش ئۈچۈن نېمىشقا بىر بۇت ئىزدەيسەن»  دېگەنگە ئوخشاش بىر جۈملە ئۇنىڭ بۇددىزمغا قارشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغاندەك قىلىدۇ.
   مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ئىسلامىي ھۆكۈملەر بولسىمۇ، ئودغۇرمىشنىڭ سۆزلىرى تەرتىپ بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈلسە، ئۇنىڭ بۇددىزم بىلەن ناھايىتى يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەتتا بۇددىزمنىڭ  نېگىزلىك تەلىماتلىرىدىن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ يەردە بۇ پىكىرلەرنى رەتكە تېزىپ باقايلى :

1. بۇ دۇنيا بىر ئازاپتۇر.
6153     بۇ دۇنيا كىشىنى تەڭرىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلغۇزمايدۇ، قىلىشقا يول قويمايدۇ.
6152    راھەت، ئارزۇ، نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاشلىغاندا، بۇ ۋاپاسىز دۇنيا ماڭا بۇ ئىشىكلەرنى ياپتى.  
6154    بۇنىڭدىن قورققانلىقى ئۈچۈن دانالار دۇنيانى تاشلاپ، مۇشەققەت چېكىپ جاھاننى كېزىپ تۇرىدۇ.   
6155      بىرى تاغدا يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ، غارنى ماكان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېگىنى ئوت ــ چۆپ، ئىچكىنى يامغۇر سۈيىدۇر.  
6156      بىرى تەڭرىدىن قورقۇپ، ھەسرەت چېكىدۇ، ھارغىن ھالدا چۆل ــ دەشتىلەردە يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ.  
6157      بىرى جەندە كىيگەن، مۈكچەيگەن، بىرى كۆزلىرى ياشلىق جاھان كېزىدۇ.
6158      بىرى تاماق يېمەي، ئۆزىنى جۇدىتىدۇ، بىرى كېچىدە ياتماي تىك تۇرىدۇ.
6159      ئارىف كىشىلەر ئەنە شۇنداق ياشايدۇ، غاپىللارنىڭ غاپىلى بولغان بىزلەر بولساق غەپلەتكە پاتقانمىز.  

2. بۇ دۇنيا دۈشمەندۇر.
3589     بۇ دۇنيا بىر دۈشمەن،  ۋۇجۇد(تەن) بولسا يەنە بىر دۈشمەن. بۇ ئىككى دۈشمەننىڭ توزىقى ھەر يەرگە قۇرۇلغان.
5322     بۇ دۇنيا بىر دۈشمەن، نەپسىڭ بولسا يەنە بىر دۈشمەن. بۇ ئىككى دۈشمەننىڭ ھەر يەردە توزاقلىرى قۇرۇقلۇقتۇر
5311    دىن دالى بىلەن دۇنيا دالى بىر ــ بىرىگە قارمۇ قارشىدۇر. ئىككىسى بىر ــ بىرىگە يېقىنلاشمايدۇ،  بۇلارنىڭ يولى بىر ــ بىرىنى كېسىدۇ.
5313     بىرى يېقىنلاشسا ، يەنە بىرى قاچىدۇ. ئىككىسىنى تەڭ تۇتماقچى بولغان كىشى يولدىن ئازىدۇ.  
5317    دۇنيا توقلۇقىنىڭ ھەممىسى ئاچلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ راھەتى، شادلىقىمۇ ھەم ئازاپتۇر.   
4799     بۇ دۇنيادىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاخىرەتلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
4808   تەڭرىنىڭ ھەقىقى سۆيگۈسىگە كىرىش ئۈچۈن، ئىنسان دۇنيانىڭ بارلىق ئارزۇلىرىنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتىش كېرەك.
4758     ئەي ئوغۇل بۇ دۇنيا بىر بورانغا ئوخشايدۇ. ئو ھېچ يەردە قارار تاپمايدىغان بىر كۆلەڭگىدۇر.
4761     ماڭا بۇنداق بىر دۇنيانىڭ لازىمى يوق. بەزگەككە ئوخشايدىغان بۇ سائادەت  نۆۋىتىنىمۇ خالىمايمەن، ئەي قەھرىمان يىگىت!
4765    ماڭا كىيىم ئۈچۈن قوي يۇڭى، يېمەك ئۈچۈن ئارپا ئېشى بولسا كۇپايە. ئەي قېرىنداش بۇ دۇنيادىن باشقا بىر نەرسە كۈتمەيمەن.
4766-4767     غارلاردا ياشايدىغان رەھىمدىل ۋە تەقۋا كىشى نېمە دەيدۇ ئاڭلا! دۇنيادىن ئۆزۈمگە تېگىشلىكنى ئالدىم، كېپەك تامىقى بىلەن، قوي يۇڭىدىن تىكىلگەن كىيىم ماڭا كۇپايە.
4768     كېپەك تامىقى ماڭا شېكەردىن تاتلىقتۇر، بۇ ئاق ماتا تون يېپەك تونغا تەڭدۇر.
5338     بۇ دۇنيانى بىر تەييار داستىخان دەپ ھېسابلا، ئىنسانلار ئۆمرىدە بۇنىڭدىكى نېمەتلەردىن قانچىلىك يېيەلىسۇن.
6383    ئەقىللىك كىشى ئۈچۈن بۇ دۇنيا تېكەنگە تولغان، ئاياغ باسقان يەردىلا تىكەن سانجىلىدۇ، ساقلىنىش كېرەك.
6382     بىلىمسىز ئۈچۈن بۇ دۇنيا بىر جەننەتتۇر، راھەت ئىچىدە شاد ياشاپ، مۇھتاج بولمايدۇ.    6431    قولغا كەلگەن بۇ پۇرسەتنى بېھۇدە ئۆتكۈزمەي ئىبادەت قىل، ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىن ئېرىشىدىغان مەنپەئەتى پەقەت مۇشۇ.

3. نەپس ۋە ھەۋەس
3337-3338   دىنىمنىڭ ئېسەنلىكىنى ۋە ئۆز مەنپەئەتىمنى (قېرىنداش ۋە تۇغقانلاردىن ئايرىلغاندا) كۆردۈم.
3339     شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كەلدىم، ئۆزۈم يالغۇز تەڭرىگە ئىبادەت قىلاي دېدىم.   3342    ئىنسان ئىبادەتتىن زوق ــ لەززەت ئېلىش ئۈچۈن، نەپسىنىڭ بوينىنى قاتتىق سىقىشى كېرەك.
3343     نەپسىگە بېرىلگەن كىشى دىن ئىشىنى تولۇق ئادا قىلالمايدۇ.
3344     ھەۋەس بىلەن نەپس دىننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر، بۇ ئىككىسى ئىبادەت قىلمايدىغان قۇلنى يولدىن ئازدۇرىدۇ.
3345     نەپسىگە بېرىلگەن كىشى، ئۇنىڭغا تۇتقۇن بولىدۇ، تەننىڭ ئارزۇسىغا يول قويسام، ئۇ مېنى قۇل قىلىدۇ.
3346    ھەۋەسكە بېرىلمە، ئەقىل بىلەن قارار چىقار، تەن ئىسيان كۆتۈرسە بىلىم بىلەن  تىزگىنلە.
3347     مەن تەڭرىنىڭ  يولىنى  تۇتتۇم، ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىمەن، بۇ پۈتۈن خەلق ماڭىدىغان يولدۇر.

4. لەززەت ۋە ھوزۇر
4771     لەززەت ــ ھوزۇر سۈرمە، لەززەتنىڭ جازاسى ناھايىتى ئېغىردۇر.
4773     ئىنسانلار يىپەك، زەر كىيىم ــ كېچەكلەرنى كىيىشىدۇ، سەن پەقەت بەدىنىڭنى ياپقىدەك بىر نەرسە بولسىلا كۇپايە قىل!
6118     ھاۋايى ــ ھەۋەس ۋە ئارزۇ ــ ئىستەكنىڭ كويىدا يۈرمە، نەپسىڭنى تىزگىنلە...
6120     ھاۋايى ــ ھەۋەس ۋە ئارزۇ ــ ئېستەكنىڭ كويىدا يۈرۈش ناھايىتى  لەززەتلىكتۇر. لېكىن بۇ لەززەت ئۈچۈن ئەتە قاتتىق ھېساب بېرىسەن.
4727     بۇ چوڭ يولدا پەقەت ئارام ئېلىش ئۈچۈن بىراز تۇرغان كىشى ئۆي ــ ماكان تۇتمايدۇ.
4728     مەن ئىچىدىمكى پۈتۈن ئارزۇ ــ ھەۋەسلەرنى يوق قىلدىم، مېنى قويىۋەت، تەڭرىم ماڭا يار ــ يۆلەكتۇر.
4729     كىشىنى قۇل قىلىدىغىنى بۇ ئىشتىياقتۇر، مەن ئىشتىياقتىن ۋاز كەچتىم، ئەمدى كۆزۈم توق.

5.  پەرزەتسىزلىك، بالا دۈشمەن ۋە ئەۋلاد قالدۇرماسلىق مەسىلىسى
3380     بالا ــ چاقا ئىنسانغا دۈشمەندۇر، دۈشمەننىڭ نېمە كېرىكى بار. دۈشمەنسىز ياشاش تېخىمۇ ياخشىدۇر.  
3386      ئۆيلەنگەن كىشىنى بىر كېمىگە چۈشتى دەپ پەرەز قىل، كېمىگە چۈشكۈچى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىدۇ.
3387      ئوغۇل ــ قىز دۇنياغا كەلسە كېمىسى سۇنىدۇ، كېمە سۇنسا سۇ ئىچىدە كىم تىرىك قالىدۇ؟
3388      ئوغۇل ــ قىزغا ئاتا بولغۇچىنى ئەيىپكە بۇيرىما، ئاتا بولغۇچىنىڭ يىگىنى زەھەردۇر.

6.  ۋۇجۇد
6359      بۇ ۋۇجۇد چاپا سالغۇچى ۋە ھاياسىزدۇر، جاپا سالغۇچىغا جاپا قىلىپ، ئۆزۈڭنى تىزگىنلە.
6360     بىر كىشى ۋۇجۇدىنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈپ، قانچىلىك ياخشىلىق قىلسا، ئۇمۇ ئۇنىڭغا شۈنچىلىك جاپا سېلىپ، يامانلىق قىلىدۇ.
6367      ۋۇجۇد تويسا، قانسا،  بۇغرا تۆگىدەك بولىدۇ....
6369    ۋۇجۇدۇڭ بۇغرا تۆگىدەك بوينىنى ئېگىز كۆتۈرسە، سېنى ئوتقا ئىتتىرىپ نادامەت چەكتۈرىدۇ.
3589     بۇ دۇنيا بىر دۈشمەن،  ۋۇجۇد بولسا يەنە بىر دۈشمەن. بۇ ئىككى دۈشمەننىڭ توزىقى ھەر يەرگە قۇرۇلغان.
3591     ....ئەڭ ياۋۇز ۋە ئەڭ يامان دۈشمەن ۋۇجۇدتۇر. كۆپ ماجرانى ئۇ پەيدا قىلىدۇ.
3595     ۋۇجۇدۇم مېنى غەم ــ قايغۇ ۋە ئەلەمگە قويىدۇ.   
3598     مەن بۇ ۋۇجۇدنى يېڭىپ ئۇنى باشقۇرالمىسام، مېھرىبان ئىگەم سەن ئۆزۈڭ ئوڭشىغايسەن!
3601     نەزەر سال، ۋۇجۇد دەل ئوۋ ئىتىغا ئوخشايدۇ. سەمىرىسە ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئۇنتۇيدۇ.

7. مېھرىبان بول
6089     بارچە جانلىققا مېھرىبان بول.
6102     .... خەلقنىڭ نەزىرىدىكى ئىناۋەتلىك كېشى مېھرىبان كىشىدۇر.

8.  سېخى بول
6103     كىشىلىك نامىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىككى نەرسە كېرەك. بۇنىڭ بىرى مېھرىبان بولۇش، يەنە بىرى سېخى بولۇپ، مال تارقىتىش.
6105    سېخى دېيىشىدۇ، سېخى كىم؟ سېخى جېنىنى پېدا قىلىپ كىشىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغۇچىدۇر.
6106     سېخىلىق خەلققە كۆمۈش ئۈلەشتۈرۈش ئەمەس، سېخى جېنىنى خەلققە پېدا قىلىدۇ.

9. مال ئۈلەشتۈر، مال توپلىما
5290     خەزىنەڭگە كۆپ كۆپ ئالتۇن ــ كۆمۈش توپلىما! نېمە بولسا بەرگىن، كۆپ ئۈلەشتۈر!
5296     ئەي باي ۋە خەلقنىڭ سەرخىلى! بۇ بايلىقنى تارقات! كۆپ ساۋاب ئال!
5300     نىھايەت ئۆلۈم يېقىنلاشقان چاغدا بۇ مال ــ دۇنيانىڭ پايدىسى يوق، مال ــ دۇنيالىرىڭ قالىدۇ، ئەمدى ئۇنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمەيسەن.

10. ئۆلۈمسىز ھايات
3756مەن ئۆلۈمسىز ھاياتنى خالايمەن، قېرىماي يىگىتلىكتە ئۆتۈشنى تىلەيمەن.
5571كىشى ئۆلگەندىن كېيىن خەيىرلىك دۇئا بىلەن يادلانسا، ئۇ يېڭىدىن تۇغۇلۇپ قايتا ھايات باشلىغاندەك بولىدۇ.
   مانا بۇ نۇقتىلارغا يەنە «قۇتادغۇ بىلىگ»دە قوللىنىلغان بەزى سۆزلۈكلەرنى ئىلاۋە قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، «ئاللاھ» ياكى «تەڭرى» ئۈچۈن ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان سۆزلۈك «بايات»تۇر. ئۇنىڭدىن قالسا «ئىدى»، «ئوغان» بەزىدە ئانچە ــ مۇنچە «تەڭرى» سۆزى قوللىنىلغان. بايات ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن «قەدىمىي» «داۋاملىق»، «ئەزەلدىن بېرى مەلۇم بولغان» دېگەن مەنىلەر بۇددىزمدا قوللىنىلغان «ئۆدسۈز»(ۋاقىتسىز، ۋاقىت  بىلەن چەكلەنمەيدىغان) دېگەن سۆزلۈكنىڭ تەڭدىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن. «تەڭرى» ۋە «ئىدى» بۇددىزم تېكىستلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. «بايات ئاتې بىرلە» دېگەن مىسرالارمۇ «بىسمىللاھىر راھمانىررەھىم»نىڭ تولۇق تەرجىمىسى ئەمەس.  «قۇتادغۇ بىلىگ»مۇ مەكتۇپنىڭ باش تەرىپىدە ئۇچرايدىغان «بايات ئاتې بىرلە»(3715، 3188، 3897) دېگەنگە ئوخشاش،   شۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى جۈملە ۋە ماۋزۇلاردا قوللىنىلغان «بىسمىللاھىرراھمانىرراھىم» دېگەن ئىپادە فورمىلىنىڭ تەڭدىشى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش، 1152-بېيىتتىكى ئاللاھا بولغان مىننەتدارلىق سۈپىتىدە قوللىنىلغان «تۆرۈتتىڭ ئىگىدتىڭ بەدۈتتۈڭ مىنى»(ياراتتىڭ، يېتىشتۈردىڭ، ئۆستۈردىڭ مېنى) ، 3741- بېيىتتىكى «باياتقا سېغېندېم ئۆزۈگ بەكلەدىم»(ئاللاغا سېغىندىم، نەپسىمنى يىغدىم) دېگەن جۈملىلەرمۇ ئىسلامىيەتتىن بەكرەك بۇددىزم فورمىلاسىغا ئوخشايدۇ.
   ئودغۇرمىشنىڭ ئىسمىمۇ ئويلاندۇرىدۇ. «قۇتادغۇ بىلىگ»دە «ئود-ئۇغ» سۆزى «ئويغاق» دېگەن مەنىدە پات ــ پات ئۇچرايدۇ. ئاشۇ سۆز يىلتىزىدىن ياسالغان «ئود-غۇر» پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسىدۇر. ئېنىقكى بۇ «ئويغان» دېگەن سۆز يىلتىزىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن بىر مەنىدە «ئويغىتىلغان» ، «ناھايىتى سەگەك» دېگەنلىك بولىدۇ. ھۆكۈمدار كۈنتۇغدى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ھۆكۈمدار ئودغۇرمىشنى چىرايلىق ۋە كۆركەملىك بىر كىشى سۈپىتىدە كۆرگەنلىكتىن، ئىسمىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى ماس كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ (5102-، 5104- بېيىتلەرگىمۇ قاراڭ). «بۇددا»، «گۇئاتاما» دېگەندەك بۇت(بۇددا-ئۇ) لەقەملىرى «ئويغاق»، «بىلىملىك»، «ئويغىتىلغان» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى. ئودغۇرمىشنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان،  ئەسەردە  پەقەت بىر قانچە قېتىم كۆرۈنگەن كىشىنىڭ ئىسمى قۇمارۇ ئىدى. ئودغۇرمىشنىڭ ئۆلۈمىنى تۇغقىنى ئۆگدۈلمىشكە ئۇ خەۋەر قىلىدۇ. ئەجىبا بۇ ئىسىم تاسادىپىي قويۇلغان بىر ئىسىممىدۇر؟   بۇددا ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان، بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئۇنىڭ جىيەنى، ياش مۇرىتى ۋە شاگىرتىنىڭ ئىسمى ھىندىچە «ئاناندا» دەپ ئاتىلاتتى، لېكىن بۇ تىبەتىچىدە «كۇن گاخۋو»(kun gah vo) دېيىلەتتى②. تىبەت بۇددىزم ئېتىقاتىدىكى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قوشنىسىدۇر . ئۇيغۇر ئىلىگە بۇددىزىمنىڭ تارقىلىشىدا شەك ــ شۆبھىسىزكى تىبەتنىڭمۇ ھەسسىسى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئەلگە «ئاناندا» دېگەن ئىسىم مەلۇم بولغىنىدەك، «كۇنگاخۋو» دېگەن ئىسىمنىڭ مەلۇم بولۇشىمۇ تەبىئىي ئىدى. بۇ سۆزلۈكتىكى ñ(ڭ) تاۋۇشىنىڭ m غا ئايلىنىشىدا ئۇنىڭ دىماغ تاۋۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ñ ‹ n › m  شەكلىدە ئۆزگىرىشى قىيىن ئەمەس③.  قىيىن بولغان نۇقتا  v تاۋۇشىنىڭ r  غا ئۆزگىرىشى بولۇپ④، يات تىلدىكى سۆزلۈكلەردە  بوشلۇق ــ ئارىلىق قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.
  يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرچىدا ⑤ قۇمارى (سانسكرىتچە كۇمارا) «شەخس ئىسمى» ، «شاھزادە» «ئوغۇل»  دېگەنلىكتۇر. «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»دا بولسا بۇ شەرقىي ھىندىستاندىكى كامارۇپا  ئۆلكىسىنىڭ (براھماپۇترا ئەتراپىدىقى نالاندا دېگەن ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي شىمالىغا توغرا كېلىدۇ) پادىشاھىنىڭ ئىسمىدۇر. تېكىستتىن بۇ پادىشاھنىڭ بۇددىزىمنىڭ سادىق مۇرىتلىرىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم.  بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىسىم ھېسابلانغان قۇمار ــ ئارسلان يەنە بىر شەخسنىڭ ئىسمى ئىدى⑥.  شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىسىم ئارقىلىق ئودغۇرمىش بىلەن بۇددانىڭ خىزمەتچىسى سىمۋوللۇق ھالدا بىر ــ بىرىگە ئوخشتىلغان بولسا كېرەك.
  ئودغۇرمىش ھۆكۈمدارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كېچە ۋاقتىنى تاللايدۇ، ئۇنىڭغا كېچىدە نەسىھەت قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش بۇددامۇ كېچىدە سىرتتا كېزىپ يۈرەتتى. ئۇ ئاخشاملىرى ئۆيدىن قېچىپ چىقاتتى. بۇددانىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى بىر تەقلىتچىسى بولغان ئىبراھىم ئەدھەم ۋە ئۇنىڭ رىۋايىتىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بۇ رىۋايەتتە دېيىلىشىچە، خوراساننىڭ شانۇ ــ شەۋكەتلىك ھۆكۈمدارى ئىبراھىم ئەھدەم كېچىلىرى  يىراقتىن كېلىۋاتقان ئاۋازلارنى ئاڭلايدىكەن . بىر سادا ئۇنى تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاشقا چاقىرىدىكەن. نىھايەت ئۇ چىداپ تۇرالماي كېچىسى تاجۇ ــ تەھتىنى تاشلاپ زاھىدلىق يولىغا ماڭىدىكەن.
   ئاخىرىدا ئودغۇرمىشنىڭ چۈشىدە كۆرگەن كۆككە ئۇچۇشىمۇ(6036-، 6046-،6066) بۇددانىڭ ئۇچىشىنى ئەسلىتىدۇ.  بۇنىڭغا ئوخشاش 208- بېيىتتە بىلىم بىلەن كۆككە يول ئېچىلىدۇ، دېيىلگىنىدەك، چۈشكە ئىككى خىل تەبىرنىڭ بېرىلىشىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. بىرىنى ئۆگدۈلمىش، يەنە بىرىنى ئوغدۇرمىش ئۆز نۇقتىسىدىن يېشىدۇ. بەلكىم بۇ ئىش بۇ يەردە ساكىراتقا چۈشكەن بىرىسىگە بېرىلگەن تەسەللى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن پىكىرلەر بىر ــ بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئېنىقكى، بۇمۇ ئىككى خىل دىنىي قاراشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
   قىسقىسى، ئودغۇرمىشنىڭ كىشىلىكى باشقا ئۈچ خىل تىپقا قارىغاندا بۇددىزمنى ياكى ھېچبولمىغاندا مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، مەخپىي ھالدا بۇرۇنقى دىنىگە، يەنى بۇددىزم تەرەپدارلىرىغا ۋەكىللىك قىلغانلىقىنى، بۇ دەۋردىكى ئىسلام زاھىدلىرىنىڭ بۇددىزمدىن تولۇق قول ئۈزمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  دىققەتكە سازاۋەر بىر خۇسۇس  شۇكى، ئودغۇرمىشتىن مىراس سۈپىتىدە پەقەت بىر ھاسا بىلەن بىر ئىۋرىقنىڭ قالغانلىقىدۇر(6325،6326).  بۇ  ھاسىنى ھۆكۈمدار ئالىدۇ، ئىۋرىق بولسا قېرىندىشى ئۆگدۈلمىشكە قالىدۇ.
   «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ پىكىر جەھەتتىن يېڭى بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلغان ئالاھىدە بىر بۆلۈمى ھۆكۈمدارنىڭ ئودغۇرمىشقا يازغان تۇنجى مەكتۇبىدۇر. 11- ئەسىردە يېزىلغان بۇ ئەسەردىن بۆگۈنكى كۈننىڭ، يەنى 20- ئەسىرنىڭ پەلسەپىسىگە لايىق بولغان دۇنياغا يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى مۇكەممەل پىكىرلىرى ئارقىلىق شۇ دەۋردىن باشلاپ بۇددىزمنىڭ كونا، پارازىت ھايات چۈشەنچىسىگە قارشى قانداق كۆرەش قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھۆكۈمدار بۇلارغا قارشى كەسكىنلىك بىلەن ئودغۇرمىشقا خىتابەن ئاچچىق گەپلەرنى قىلىدۇ.  ھۆكۈمدار بۇ يەردە  ئويغانغان ۋە ئېتىبارلىق بىر كىشى ھېسابلانغان ئودغۇرمىشنى ئىسلامىيەتكە خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئەينى شەكىلدە(3439-3441) ئۆگدۈلمىشمۇ (بۇ يەردە ھۆكۈمدارغا خىتابەن) زاھىدلىققا قارشى گەپ قىلىدۇ :  «مەملىكەتنى رەتكە سال، بۇددىزمغا قارشى كۆرەش قىل، كافىرلارنى يەنجىپ تاشلا، بۇرقانلىرىنى چاق، بۇنىڭ ئۈچۈن مەيخانىلارنى كۆزدىن يوقىتىپ ، يامان يەرلەرنى تازلا، بۇنىڭ ئورنىغا مەسچىت سېلىپ، جامائەتنى توپلا(5470-5498)؛ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىنى قىل(3503)؛ كىشى باشقىلارغا پايدا كەلتۈرۈشى كېرەك(3369) ؛  مۇختەسىپلەر مەسچىتنى جامائەتكە توشقۇزسۇن»(5555-5556)  دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار جۈملىلەر ئارقىلىق بەلكىم ئوغدۇرمىشقا خىتابەن دەيدىغانلىرىنى ھۆكۈمدارغا ئېيتقان بولۇشى ياكى ئودغۇرمىش ياشىغان مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇر مەملىكىتىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش پىكرىنى سىڭدۇرغان بولۇشى مۇمكىن. بۇلار ناھايىتى دىققەتنى تارتىدىغان مىسرالاردۇر.
   بۇددىزم بىلەن كۆرەش قىلىش ئۈچۈن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر شۇ دەۋردىكى ئەمدىلا بېسىققان قالايمىقانچىلىقنى ياكى ئىسلامىيەتنىڭ تېخىچە بۇددىزىمغا تولۇق قارشى تۇرالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان خۇسۇسلار بولسا كېرەك. مۇختەسىپلەر ھەققىدە يېزىلغان مىسرالاردىكى «مەسچىتلەرنى جامائەتكە توشقۇزسۇن»(5556) دېگەن جۈملىمۇ ناھايىتى مەنىلىكتۇر. ۋامبېري بۇخارادا دىن تارقاتقۇچى ئەرەبلەرنىڭ بۇتپەرەس ئاھالىنى پۇل بېرىپ مەسچىكەتكە كىرگۈزگەنلىكىنى تۈرلۈك مەنبەلەرنى كۆرسىتىپ بايان قىلغانىدى⑦. تەبىئىيكى، بۇ ئەھۋال بۇددىستلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولغان. بۇ دەۋردە خەلىپىلىكنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامىيەتنى تارقىتىش ئۈچۈن چوڭ ئۇرۇشلار ئارقىلىق بۇددىزمغا قارشى تۇرغانلىقىنى تارىختىن بىلىمىز. يەنە بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار ئىككى دۆلەت، ئىككى خىل ئىجتىمائىي قۇرۇلما ھالىتىدە، بىر تەرەپتە مۇسۇلمان بولغان قاراخانىيلارنىڭ  باشقۇرىشىدا، يەنە بىر تەرەپتە بولسا بۇددىزمغا  ئىشىنىدىغان  مۇستەقىل  بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەۋەسىدە، دىن سەۋەبىدىن بىر ــ بىرىگە دۈشمەن بولۇپ بىرگە ياشىغانىدى. مەھمۇد كاشغەرىي «ئۇيغۇريۇنۇ كافىرۇن» شەكلىدە بۇلاردىن سۆز ئاچقانىدى.  بۇ ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ھەۋەس قىلغۇدەك دەرىجىدە مەدەنىيەتلىك ۋە تەشكىللىك ئىدى. بۇ گۇرۇھ قەدىمكى دەۋرنى تېخى ئۇنۇتمىغان بۇرۇنقى بۇددىزم مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتتاتى . 3526- بېيىتتىكى « ‹خۇدا مەن› دېگەن ئىنسان دۇنياغا ھۆكۈمران بولماقچى بولدى ۋە ئىتتەك ئۆلدى» دېگەن جۈملىلەر بۇ دەۋرنىڭ يالغان پەيغەمبىرى بولغان مۇكاننانى كۆرسەتسە كېرەك⑧. ئەمما بۇ جۈملىلەر يەنە مۇسۇلمان بولغان تۈركلەر ئۈچۈن بۇددانىمۇ كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
    ئەقلىمىزگە كەلگەن يەنە بىر خۇسۇس بار. بۇ، ئەجىبا ئودغۇرمىش ئايرىم بىر ھاكىمىيەت ئاستىدا باشقىچە بىر تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان بۇددىست ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدۇر. چۈنكى، مەلۇم بولغان تارىخىي ۋەقەلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىش، ئۇلار بىلەن بىرلىشىشنى ئارزۇ قىلىش، ئۆزلىرىگە يەنى قاراخانىيلارغا ئوخشاش ئۇلارنىمۇ ئىسلامىيەتكە جەلپ قىلىش ئىستىكى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. لېكىن، بۇ تىرىشچانلىقنىڭ ھەممىسى يوققا چىقتى. ئۇيغۇرلار بۇددىزمغا سادىق بولغان ھالدا مۇستەقىللىقىنى چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنى ئۇلارنى بۇلاڭ ــ تالاڭ قىلىپ دۆلىتىنىمۇ يوقاتقان ۋاقىتقا قەدەر داۋاملاشتۇردى. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ يېزىلغان ۋاقتى بۇلارنىڭ مۇستەقىل ياشاۋاتقان دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ شائىرى يۈسۈفمۇ ئودغۇرمىشنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بۇ بۇددىست تۈركلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن تۈگىشەپ يوقۇلىشىنى ئارزۇ قىلغاندەك كۆرىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىر مۇنچە ھەرىكەت ۋە جەڭلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، مۇسۇلمان تۈركلەر بىلەن تىنچلىق ئورنىتىپ بىرلىشىش ئىمكانىيىتىگە (گەرچە ئۆزلىرى خالىغان تەقدىردىمۇ) ئېرىشەلمىگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھايات قارىشى ۋە تۇرمۇش شارائىتى باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىنەتتى.
   ئىككى ئۆلۈم مەسىلىسىمۇ ئىككى خىل ھايات قارىشىنى بىر ــ بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن بولسا كېرەك. ئايتولدى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەر كىم ئۆزى ئۈچۈن ئارزۇ ۋە ھەۋەس قىلىدىغان ئۆلۈمى بىلەن سەلتەنەت ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ھەر تۈرلۈك داۋالاش(1045-1066)، بالىسىغا بولغان شەپقەت(1158، 1345، 1499-1500) ۋە  ئۇنىڭ كەلگۈسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتەك ئائىلىۋىي ھاياتنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلاش(1482-1491)، يەنى بۇددىزمدا بولمىغان ئەۋلات يېتىشتۈرۈش تېمىسىنىڭمۇ قولغا ئېلىنىشى ئىسلامىيەتنى نامايان قىلىدۇ⑨. بالىسىزلىقنى دۇنيانىڭ بىر ئازابىدىن قۇتۇلۇشتەك كۆرىدىغان، دۇنيا ۋە ھاياتلىقتىكى ھەر خىل غەمخورلۇقلارنى رەت قىلغان ئودغۇرمىشنىڭ يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆلۈشى بىر ــ بىرىگە زىت بولغان ئىككى خىل ھايات قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئودغۇرمىش دۇنيا نېمەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن بىر بۇددا راھىپىدۇر. ھۆكۈمدارغا يازغان مەكتۇپتا(3753) «قۇللۇق ئۈچۈن نېمىشقا بىر بۇت ئىزدەيسەن» دېگەن جۈملىنىڭ كىرگۈزۈلىشى ، يەنە بۇدداغا قارشى ئۇنىڭ ئاغزىدىن سۆزلىتىشتەك ئۇسۇللار كىمنىڭ نېمىگە ۋەككىللىك قىلغانلىقىنى ئايرىشتا كىشىنى گاڭگىرىتپ قويىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئودغۇرمىشنىڭ ئاغزىدىن سۆزلىتىلگەن سۆزلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇنىڭغا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن،  بىز بۇنى يا شۇ زاماننىڭ بىر سىياسىتى ياكى بەزى سەھىپە ــ مىسرالار ئالمىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمنكىن دەپ چۈشىنىمىز. يۇقىرىدىمۇ دېيىلگىنىدەك، تېخىمۇ توغرىسى تىپلار ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگدا تېمىنى بىر ــ بىرىدىن  ئايرىۋېتىلمىگەن ھالەتتە كۆرۈشمۇ تەسەۋۋۇردىن يىراق ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ خىل  جۈملىلەرنىڭ (بىزنى ھەيران قالدۇرۇشتىن بەكرەك) ئىككى خىل دىن، ئىككى خىل ھايات قارىشىغا خاس تەپەككۇر شەكلى ئۆزئارا ئېلىشىۋاتقان چاغدا بىر ــ بىرىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن «مەن بۇددانىڭ تەرەپدارى ئەمەسمەن، تەڭرىگە بولغان ئىبادەتنى مۇشۇ يول ئارقىلىق تېۋىنىپ ئورۇندايمەن» دېگەنگە ئوخشاش يېرىم مۇسۇلمان بولغان زاھىدلارنىڭ بۇددىزم ھايات قارىشىدا مەۋجۇت قاراشلىرىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتىشىمىز كېرەك.  
قىسقىسى، ئودغۇرمىش ئىسلامىيەتكە ئەمەس، بۇددىزمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئىزاھلار :
① ر. ر. ئارات : «قۇتادغۇ بىلىگ»،( Ⅰ، مەتىن)، 30- بەت.
② س. ف. كۆپپېن : «بۇددا دىنى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى»(بۇددىزمنىڭ شەكىللىنىشى)، 107- بەت، 5- ئىزاھات،
③ بۇنىڭغا يەنە تۆۋەندىكى سۆزلۈكلەرنىمۇ مىسال قىلىشقا بولىدۇ : domuz  ‹ uzñ to (توڭگۇز)؛ چاغاتاي تىلىدىكى sümük  ‹ sömek ‹ük ñ sü؛gömlek  ‹ lekñ köقاتارلىقلار.
④ «ئوغۇز قاغان داستانى»، 8- بەت، 1 ئىزاتقا قاراڭ : yar ›ya ؛ v   يېرىم سوزۇق تاۋۇش سۈپىتىدە y  غا  ئۆزگىرىدۇ. vä ›v ö  ‹  yö.   ävät  › ätöy ›  tögä  › tüyö  › tüö   قاتارلىق.
⑤ «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»، 20 - بەت، 12. ئىزاھات.
⑥ ف. ۋ. ك. مۈللېر : «تۇرپاندا بايقالغان ئىككى تۈۋرۈك ئابىدىسى» ، 28-، 38- بەتلەر.
⑦ «بۇخارا تارىخى»نىڭ 27-بېتىدە بۇتخانىلارنى بۇلاڭ ــ تالاڭ قىلىپ قولغا چۈشۈرۈلگەن ئۇنچە ــ مەرۋايىتلارنىڭ قىممىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. 32-،33- بەتلىرىدە يېزىلىشىچە، ئاھالىلەر ئىشغالىيەتچىلەر پەيدا قىلغان ئۇرۇش ۋەھىمىسى ۋە دەششەتلىك قورقۇنچ سەۋەبىدىن ئۇلار مەجبۇرلىغان  ئىسلامىيەتكە قارشى كۆرەشمۇ قىلغانىدى . ئۇلار جىتجىت ۋە قاراڭغۇ كېچىدە يوشۇرۇن ھالدا قەدىمكى دىنىنىڭ ئىبادىتى ئورۇندىغان. بۇ ئاتاشپەرەسلىك ئىبادىتىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇخارا ئەتراپىدا بىر يەر ئاستى مەسچىتى(موگان مەسچىتى) بار. بۇ يەردە ئاھالىلەر ئوتقا چوقۇنغانىدى. بۇنى بايقاپ قالغان ئەرەبلەر بۇخارالىقلارنى ئۆيىنىڭ يېرىمىنى ئەرەبلەرگە ئاجرىتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. بۇلار يېڭىلا ئىسلامىيەتكە كىرگەن ئاھالىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە نازارەت قىلىدىغان جاسۇسلار ئىدى. بۇلار ناماز ئوقۇشنىمۇ ئۆگىتەتتى ۋە قارشى چىققانلارنى مەلۇم قىلاتتى. بۇخارادىكى (مىلادىيە 712- يىلى قۇرۇلغان) قۇتەيبە مەسچىتىگە جۈمە نامىزىغا كىرگەنلەرگە ئىككى دىرھەم پۇل بېرىلەتتى. دەسلەپكى چاغلاردىكى ناماز ھەرىكەتلىرى(رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىش قاتارلىقلار) ئىماننىڭ قوماندانلىقى بىلەن ئۆگىتىلگەنىدى.  
⑧ ۋامبېرينىڭ «بۇخارا تارىخى»(ستۇتگارت، 1872)  دېگەن كىتابىنىڭ 46-، 47- بەتلىرىدە يېزىلىشىچە، «767- يىلى ئوتتۇرىغا چىققان يالغان پەيغەمبەر مۇكاننا(ھاشىم بىن  ھەكىم) ‹مەن سىلەرنى ياراتقان ئاللاھمەن، مەن بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ  ئىلاھىمەن، مەن ئۆزۈمنى قانداق ئاتاشنى خالىسام شۇنداق ئاتايمەن» دېگەنىدى.
⑨ ئەۋلادسىزلىقنى يامان كۆرگەن خەلق پەلسەپىسى، «بالىسى بارنىڭ بىر دۇنياسى قارا، بالىسى يوقنىڭ ئىككى دۇنياسى قارا» دېگەنگە ئوخشاش چۆچەكلەردە ئۇچرايدىغان سۆزلەرمۇ ئائىلىۋىي ھاياتنى ياقتۇرمايدىغان بۇددىزمغا قارشى كۆرەش بىلەن باشلانغان ئائىلە تەرەپدارلىقىنى مەدھىيلەشتىن كېلىپ چىققان بولسا كېرەك.

مەنبەلەر :
ر. ر. ئارات : «قۇتادغۇ بىلىگ»، Ⅰ ، ئىستانبۇل، 1947- يىلى، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى.
ر. ر. ئارات : «قۇتادغۇ بىلىگ»،Ⅱ، ئەنقەرە، 1959- يىلى ، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
ب. ئاتالاي : « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› تەرجىمىسى»، Ⅰ،Ⅱ،Ⅲ، ئەنقەرە، 1939-1940 -يىللىرى.
«شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»، بېرلىن، 1935- يىلى.
س. ف. كۆپپېن : «بۇددا دىنى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى»(بۇددىزمنىڭ شەكىللىنىشى)، بېرلىن، 1857- يىلى
ف. ۋ. ك. مۈللېر : «تۇرپاندا بايقالغان ئىككى تۈۋرۈك ئابىدىسى»، بېرلىن، 1915- يىلى.
م. راسانېن : «تۈرك تىللىرىنىڭ فونېتىكا تارىخى ھەققىدە»، خېلسېنكى، 1949- يىلى، «شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلى.
ھ. ۋامبېري : «بۇخارا تارىخى»، 1872- يىلى، ستۇتگارت.
bagdax

20

تېما

2

دوست

5288

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 292
تۆھپە : 1486
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-11
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 17:08:48 |ئايرىم كۆرۈش
قىسقىسى، ئودغۇرمىش ئىسلامىيەتكە ئەمەس، بۇددىزمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

0

تېما

19

دوست

9676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   93.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3120
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 18:15:17 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SANHON تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 18:27  

DSCN2617.JPG DSCN2621.JPG
‹‹قۇتادغۇبىلىك ›› نىڭ تۈنجى قول يازمىسى سۈرتى :


20121113034626920.jpg 001w7vnGty6G0MPkmVSec&690.jpg 4870924472078038050.jpg 5786844046194843280.jpg 5786844046194843281.jpg 5786844046194843289.jpg 5786844046194843300.jpg 5786844046194843297.jpg 5786844046194843292.jpg 5786844046194843291.jpg de1417e92cf12966b90e2d29.jpg 5786844046194843327.jpg 5786844046194843325.jpg 5786844046194843307.jpg tengis_mode_2.jpg DSCN2597.JPG 00e04c4d14c50d7313e51d.jpg u=3569424766,2087312771&fm=21&gp=0.jpg u=364984035,1971218389&fm=21&gp=0.jpg DSCN2621.JPG u=2858347825,274494129&fm=21&gp=0.jpg 019387d4693fea5f8d.gif 3667618946540511921.jpg u=4197157798,346360531&fm=21&gp=0.jpg u=3690074690,1683861006&fm=21&gp=0.jpg 3672685496121480005.jpg

89b05ced87d0838db21cb165.jpg (180.24 KB, چۈشۈرۈش سانى: 71)

89b05ced87d0838db21cb165.jpg

5786844046194843281.jpg (82.15 KB, چۈشۈرۈش سانى: 59)

5786844046194843281.jpg

DSCN2617.JPG (115.4 KB, چۈشۈرۈش سانى: 64)

DSCN2617.JPG

fxwd-71-5.jpg (25.35 KB, چۈشۈرۈش سانى: 69)

fxwd-71-5.jpg

0

تېما

19

دوست

9617

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   92.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36733
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3116
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-7
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 00:23:39 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   burkut222 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-12 00:29  
SANHON يوللىغان ۋاقتى  2016-3-11 18:15
‹‹قۇتادغۇبىلىك ›› نىڭ تۈنجى قول يازمىسى سۈرتى :

بۇ رەسىملەرگە قىرغىز تورداشلار چۈمگەك قۇشتەك ئىپادە بۇلدۇرمەپتىغۇ ؟
bagdax

7

تېما

3

دوست

2661

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12484
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-9
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 13:05:27 |ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتنىڭ ئالدىدا بىر نېمە دېمەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس، بۇ قىرغىر يولداشلار «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تارىختىن بۇرۇنقى ئارخىپى: يوقالغان قۇرۇقلۇق مۇ »نى ئوقۇپ باقسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈمەن يىللىق تارىخى ئالدىدا نېمە دەيدىكىن قېنى.

0

تېما

5

دوست

7983

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   59.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46746
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2628
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25

تۆھپىكار ئەزا

6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 15:36:31 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YALMAWUZ-aR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-12 20:21  
kungun يوللىغان ۋاقتى  2016-3-12 13:05
ھەقىقەتنىڭ ئالدىدا بىر نېمە دېمەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس،  ...

شۇنداق قېرىندىشىم !11-ئەسىردە بالاساغۇندىكى مۇتلەق ئۈستۈنلىكتىكى  ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى  قەۋىم دەل قارلۇقلار قەبىلىسىدۇر!!! قارلۇقلار ھازىرغىچە ئۆز نامىنى ساقلاپ قالغان ۋە 1923-يىلدىكى سىتالىننىڭ  ئوتتۇرائاسىيادا مىللەت نامىنى ئىلان قىلغىچە مەۋجۇت بۇلغان ۋە قارلۇقىستان بولۇپ قۇرۇلغان بولسا يۈسۈپ خاس ھاجىپقا  قارلۇق ئالىمى  بەخشەندە قىلناتتى !
قۇتادغۇ بىلىك تىلىنىڭ ‹‹خاقانىيە تۈركچىسى ››,  يېزىقىنىڭ ‹‹قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ›› ۋە ئەرەپ يېزىقىنى پاراللىل يازغانلىىقىنى مىلادى 1890-يىلى ۋىنگىريە(ھونگىريە)لىك  تۈرك تىل تەتقىقاتچى ئالىمى : ۋامبىرى ،    ‹‹دۇنياتۈركولوگى ›› نىڭ ئاتىسى : رادولوف ,    تۇركىي تىل ئالىمى : پىرىتساك   قاتارلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئالىملار   قۇتادغۇ بىلىكتىكى يېزىق ۋە تىلنى --ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرى ،تۇرپان تىكىسىتلىرىنى ۋە   تارىم ،كاشىغەر ،پەرغانە، ئىسسىقكۆل ۋادىللىرىدا ياشاۋاتقان خەلىقنىڭ تىل-شىۋىللىرى تارىخي ماتىرياللارنى 10نەچچە يىللاپ سېلىشتۇرۇپ ......تەتقىق قىلىغاندىن  كىيىن ,  ئاخىرى
قۇتادغۇ بىلىكتىكى يېزىق : ‹‹ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەپچە يېزىق !››,
  تىلى:   قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى بولغان  كاشىغەر -پەرغانە خەلىقلىرى ئىشىلتىۋاتقان  ‹‹خاقانىيە  تۈرۈكىچىسىدۇر›› !   
    قىپچاقچە تىل ۋە ئوغۇز تىلى  ۋاريانتىدىن كەسكىن پەرىقلەنگەن ھالدا   ،   ئۇيغۇر -قارلۇق تىل گورۇپپىسىغا كىرىدۇ !!!!يۈسۈپخاس ھاجىپ قەدىمقى ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى 19 قەىبلىنىڭ بىرسى قارلۇق قەبىلىسىدىن   شۇڭا  ئۇيغۇر  بولىدۇ !دەپ 1910-يىلى دۇنياغا   جاكارلىغان !

ئۇ ئالىملار بۇ خەۋەرنى دۇنياغا جاكالاۋاتقان شۇ 1910-يىل پەيىىتلىرىدە تېخى لېنىن  سوۋېتلەر ئىتتىپاقنى قۇرمىغان ! , 15-ئەسىردىن باشلاپ  كىشىلەر تەرپىدىن ئۇنتۇلغان ‹‹ئۇيغۇر مىللەت نامى ››   سىتالىن تەرپىدىن  تېخى دۇنياغا جاكارلانمىغان (1921-يىلى قايتىدىن جاكالاندى )!!!  ، ھەتتا سىتالىن ،شىڭشىسەي ‹‹ئۇيغۇر ››نامىنى  رۇسچە ۋە خەنزۇچە يېزىش تەلىپى ...››نى تېخى چىقارمىغان ......،  ‹‹1955-يىلدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۈنى ››تېخى قۇرۇلمىغان ...!ھەتتا  ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇريىتى  ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ  قۇرۇلمىغان !!!!، بەلكى   بۆيۈك ئوسمان ئىمپىريىسى  ۋە روس چارپادىشاھ  ھۆكۈم سۈرۋاتقان ....ئىدى !  تۈرك  ياكى ئۇيغۇر ئاتالىش ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن زامانلار ئىدى !

خۇلاسىلغاندا :
يۈسۈپ خاس ھاجىپنى  ئۆزىمىز  ئۇيغۇرتى دەپ داۋا قىلمىغان !
بەلكى تۇركىي تىل ئالىمى ۋامبىرى ، ‹‹دۇنياتۈركولوگىنىڭ ئاتىسى ››   رادولوف ،تۇركىي تىل ئالىمى پىرىتساك قاتارلىق دۇنياۋى مەشھۇر  ئالىملار  ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك ››تىكى يېزىق ۋە تىل :--   ئۇيغۇر -قارلۇق تىل گورۇپپىسىغا كىرىدۇ !!!!يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر دەپ دۇنياغا جاكارلىغان !
ئەينى دەۋىردىكى 1910-يىلى يۇسۇپ بوۋامنى ئۆزبىك , قىرغىز ياكى تۈركمەن  دەپ دۇنياغا جاكالىغان بولسىمۇ بىز بۈگۈنكى دەۋىردە باشقىلاردەك ئۇششۇغلۇق قىلىپ ئالىم تالىشىپ يۈرمەيتۇق !بىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخىمىزدىكى4000يىل بۇرۇنقى ‹‹كىرورەن مەلىكىسى ››دىن  باشلاپ --- 2500 يىل بۇرۇنقى ھونلارنىڭ خاقانى ئالىپ ئەرتۇڭا(ئەفراسىياپ )---، 2400يىل بۇرۇنقى بۆيۈك  ئەجدادىمىز ئوغۇزخان بوۋىمىز----  بۈگۈنكى ‹‹ئامرىكا ئالەم قاتناش مەركىزىدىكى ››    فىزىكا ئالىمى ئەركىن سىدىققىچە................ بولغان 4000يىلدىن ئارتۇق  سەلتەنەتلىك -شانلىق تارىخمىزدىن بۇيان ,  ئۇيغۇردىن  خۇددى بۇلاقتىن چىققان ئەزىم دەريا ئۇلۇق(ئۇلۇغ ئەمەس !ئۇ ئاللاھقا خاستۇر ) ئوكياننى شەكىللەندۈرگەندەك !!!! ، شانۇ -شەۋكەتلىك سۇلتانلار, سەلتەنەتلىك  مەشھۇر خاقانلار ، ۋەزىرلەر ،  مەشھۇر  ئالىملار ،دىنىي مۇتەپپەكۇر ئەللامە -ئالىملار  ، داڭلىق موللا -ئۆلىما ئاخۇنۇملار , سەركەردە -سانغۇنلار ،قۇماندانلار ،دۆلەت ئەربابى ،يازغۇچىلار ،تارىخچىلار ، ئۇيغۇر مىللى تىبابەتچى  تىۋپلار ، مەشھۇر مۇقامشۇناسلار.......,
         سادىر پالۋان ,  رەھمۇتىللاھ بەگ ،7 قىزلىرىم   , تۆمۈرخەلپە ,غوجىنىياز  ،غېنى باتۇر ، گىنرال سوپاخۇن , رىزۋانگۇل،ھىندىستانغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەت.......تەك  باھادىر پالۋان ---ئۆلۈمدىن قورۇقماس قەيسەر جەڭچى -ئەزىمەتلەر , مەشھۇر خەلىقپەرۋەر بەگلەر  شۇ نداقلا   بېيجىڭ  , شاڭخەي ، ئۈرۈمچى قەشقەر،خوتەن ،غۇلجا ،قارماي ،تۇرپان ،قۇمۇل....!!!  سەئۇدى ئەرەبىستان (مەككە - مەدىنە ),  ئامرىكا (نىيويۇرۇك -ۋاشىڭگىتون )،تۈركىيە(ئىستانبۇل ),  ئاۋىستىرالىيە ،گىرمانىيە ....دۇبەي ، يىۋۇ, ئالمۇتا قاتارلىق دۆلەت ۋە شەھەرلەردە (ئىچكىردە يامان نامىمىزمۇ بار ...لىكىن بۇ ئىنتايىن ئاز ساندا) 30،40 قەۋەتلىك ئىگىز بىنا سالدۇرغان ،گوروھ -كارخانا ،شىركەت- زاۋۇتلارنى قۇرغان ........ كارخانچى ،مىليادىر - مىليۇنىر داڭلىق بايلار ،  داڭلىق سودىگەرلە..................................قاتارلىق مەشھۇرلىرىمىزنى ساناپ كەلسە  3000دىن ئاشىدۇ !

بىز  ئۇ چاغلاردا ‹‹يۇسۇپ خاس ھاجىپ ››ئۇيغۇرتى دەپ قاقشاپ -يالۋۇرمىغان ،بۇ قارارنى شۇ خەلقارادىكى ئالىملار  يۇز يىللار بۇرۇن دۇنياغا جاكارلىغان شۇ كۈنى بەلكىم بىرەر ئۇيغۇر ئاڭلىمىغان بولغىيتى ....يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۇيغۇر نىڭ ئالىمى دىيىشنى بىز تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك تۇيۇقسىز -ئاساسسىز دىۋالمىغان !!!!بەلكى،تۇركىي تىل ئالىمىملىرى  ۋامبىرى ،   رادولوف  پىرىتساك قاتارلىق دۇنياۋى مەشھۇر  ئالىملار دۇنياغا جاكارلىغان !

      شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپنى  ئۆزىمىز دەلىل -ئىسپاتسى ھالدا  ئۇيغۇرتى دەپ داۋا قىلمىغان !بەلكى دۇنياۋېي ئالىملارنىڭ  دەلىل -پاكىتلىق ،ئىلمىي ئادىل -ھەققانى ،  ھۆكىمى خالاس !

0

تېما

10

دوست

8018

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   60.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59531
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2619
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-5 17:49:36 |ئايرىم كۆرۈش
SANHON يوللىغان ۋاقتى  2016-3-11 18:15
‹‹قۇتادغۇبىلىك ›› نىڭ تۈنجى قول يازمىسى سۈرتى :

پولاتتەك دەللىل -ئىسپاتقا ماۋۇ مالچىلار ئىنكاس يېزىپ  مۇنازىرە قىلالماپتۇ !

0

تېما

5

دوست

7983

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   59.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46746
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2628
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25

تۆھپىكار ئەزا

8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-5 21:44:34 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆكتەم يوللىغان ۋاقتى  2016-4-5 17:49
پولاتتەك دەللىل -ئىسپاتقا ماۋۇ مالچىلار ئىنكاس يېزىپ  ...

ئەلۋەتتە ئىنكاس قايتۇرالمايدۇ !!!يۇقارقىدەك پولاتتەك دەلىل -پاكىت ،تاغدەك ئىسپاتلار تولۇق تۇرسا !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )