- تىزىملاتقان
- 2016-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3946
- نادىر
- 0
- يازما
- 455
ئۆسۈش
64.87%
|
كۆزۈڭ يەنە كوچىلاردا ئەمەسمۇ ؟ مەن دىگەن قاش -كۆزىنى ئوينىتىپ تۇرىدىغىنىغا ئاشىق دېگىنە ؟ ئاتا ئاناڭنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايسەن ، دىنسىز دېمەي ، ئەخلاقسىز دېمەي ھېسسىياتقا بېرىلىسەن . ئاندىن كىيىن بىر نەچچە ئاي بولا بولمايلا مەھكىمىدە《ئاجرىشىمەن ، ئۆي تۇتۇشتىن زېرىكتىم .》دەپ قاخشايسەن . قىز بولساڭ رەستىلەردە لاپ ئاتىدىغان پوچىغا ، دادىسىغا مۇشت ، ئانىسىغا تەستەك ئاتىدىغان نوچىغا ، سۇ ئورنىغا ھاراق ئىچىدىغان لاۋزىغا ، نۆۋىتى كىلىپ قالسا سېنى دوغا تىكىدىغان چوڭچىغا ئاشىق بولىسەن . بۇنىڭ نەتىجىسى ھەممىمىزگە ئايان -يا ئۇمۇمنىڭ ئايالى ياكى بەتبەخت سەرگەردان . . . بىر قىسىم ئاتا ئانىلارمۇ زادى سىلەردىن قېلىشمايدۇ ، بەلكى دەيدۇكى 《ئوغلۇم ، پالانى بەك چىرايلىق ، شۇنى ئېلىپ بىرەيلى . قىزىم ، پالانى بەك باي ، شۇنىڭغا ياتلىق قىلايلى . . .》
دوستۇم ، جەمىئيەت بۇ خىلدىكى ئادەملەر بىلەن تولۇپ تاشقان ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ بىزمۇ بۇلارغا ئوخشاش بولمايلى ، ئۆزىمىزنى ھاۋايى -ھەۋەسكە ئۇرمايلى . پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرىكەت قىلايلى ، قارا ، پەيغەمبىرىمىز نېمە دەيدۇ :《ھەقىقەتەن ئايال بىلەن تۇرمۇشقا چىقىشتا ، ئايالنىڭ دىيانىتى ، مال -دۇنياسى ، چىراي -جامالى ، نەسەبى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ ، دىيانەتلىك ئايالنى تاللا ، ئىككىلا دۇنيادا بەخىتلىك بولىسەن . 》【بۇخارى رىۋايىتى】ئەزىز قېرىندىشىم ، كەل ، بىز بۇ مۇبارەك كۆرسەتمىدىن ئۆزىمىزنى دەڭسەپ باقايلى . . .
ھەقىقىي چىن تۇرمۇشتا سەمىمىي مۇھەببەت ، سۆيگۈ ۋە ھۇزۇر بولىدۇ . ساختا مۇھەببەت ئەلۋەتتە جەمىيەتكە بالا -قازا ئېلىپ كېلىدۇ . ئون يىل ، يىگىرمە يىل يولدىشىنى كۈتكەن ، ئۆزىنى نامەھرەمدىن ساقلىغان ، نومۇسىنى ئۆلسىمۇ ياتقا تەسلىم ئەتمىگەن ئاياللار بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ئىدى . ئەمما بۈگۈنكى كۈنىمىزدە خىيانەتلەر ئۈستىگە خىيانەت ، ئۆزئارا پۈتۈشۈشلەر ئۈستىگە پۈتۈشۈش كۆپىيىپ كەتتى . ساغلام ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ئائىلە كۈز پەسلىدىكى سارغايغان ياپراققا ئوخشايدۇ ، ئۇ ياپراقلارنىڭ ھامان تۆكۈلۈشى مۇقەررەر بولغاندەك ، بۇنداق ئائىلىلەرمۇ بۇزۇلماي قالمايدۇ .
قېرىندىشىم ! تۇرمۇش قۇرماقچى بولساڭ دىققەت قىل ، شۇ نۇقتىدىن ئايرىلما : دىيانەتلىكنى . ئىزدە ، سىنى دىندىن چىقارمىسۇن . نۇمۇسچاننى ئىزدە ، نومۇسىنى ساقلىسۇن . ئەخلاقى بارنى ئىزدە ، سېنى رەسۋا قىلمىسۇن . . . ھاياتتا ھۇزۇر ، ئائىلىدە خۇشاللىق ، قەبرىدە نۇرغا ئېرىشەي دېسەڭ بۇلارنى ئۇنۇتمىغىن .
|
|