- تىزىملاتقان
- 2016-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 57
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  19%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
مەن جۈرئەت نىزام بولىمەن ،بۇ ئىنكاسنى يېزىشتىكى مەقسىتىم كوپچىلىككە قىسقىغىنە چۈشەنچە بېرىش ،بىر تۇققان دىگەن شېرنى مەن 2010-يىلى بورتالا گېزىتىدە ئېلان قىلغان .
1.بۇ شېرنىڭ ئەسلى ئاپتورى جۈرئەت نىزام
2.بۇ شېرنى قايسى تور تاراتقۇسى خاتا ھالدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى نامىدا ئېلان قىلىپ تارقاتقانلىقىنى ئېنىقلاۋاتىمەن،بۇ خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بەزى قېرىنداشلىرىمىز پەرەز قىلغاندەك ئۇنداق چاكىنا مەقسەتتە ئۆزۈم بىلىپ تۇرۇپ ئېلان قىلدۇرغان ياكى سۈكۈت قىلغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس.(گەرچە بۇ شېر ئاددىي بولسىمۇ، بەزىلەر گە ياقمىغان بولسىمۇ ،مەن بىر ئاددىي ھەۋەسكار، ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى ، ئەڭ مۇھىمى بىر ئەقلىي ئىنسان بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن بۇنداق ئىشلاردىن يىراقمەن)
3.بۇ ئىشقا ئەسلى مۇشۇ خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تور تاراتقۇلىرى چۈشەنچە بېرىش ھەم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ خاتالىقنى تۈزۈتىشى كېرەك ئىدى.
4.مەن چوقۇم بۇ ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تور تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇنى يول بىلەن سۈرۈشتە قىلىپ ، ئۆزەمنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايمەن.
5.بەزىلەرنىڭ بىر ئىشقا سوغاق مۇئامىلىدە بولۇشىنى ،ئالداراپ ئاساسسىز ھۆكۈمدە بولماسلىقىنى،بىھۇدە باشقا بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
6.يەنە بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى چۈشنچىگە ئېرىشمەكچى بولغانلار مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىمۇ بولىدۇ،تېلفون:18935789974
ئۈندىدار:465376522
ئالاھىدە ئەسكەرتىش :بەزى ئىملا خاتالىق بولۇپ قالسا تۈزۈتۈپ ئوقارسىزلەر،بۇنىدىنمۇ ئەمدى بىر گەپ چىقىپ يۇرمىسۇن ! |
|