بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kungun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-8 15:45
دۆلەت ئىچىدىكى تاھارەتسىز تەتقىقاتچىلار بۇ نۇقتىنى ھېلى بۇددىزمغا، ھېلى گىرىك پەلسەپىسىگە، ھېلى كۇڭزىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلگەن، ئەمما يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىر مۇسۇلمان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىشىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن ئەسەرنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنى بۇرمىلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەن. «قۇتادغۇ بىلىگ»نى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىسلام دىنى بىلەن پىششىق تونۇشۇش، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىتىنى چۈشىنىش كېرەك ئىدى. بىراق ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى ئەسەرنىڭ ئەسلى مۇھىتىنى قايرىپ قويغان ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئەسەرنى بەزى تەتقىقاتچىلار «شاھنامە»نىڭ تەقلىدى نۇسخىسى دېسە، يەنە بەزىلىرى فارابىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى»نىڭ تەقلىدى نۇسخىسى دېدى. ئىشىقىلىپ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بۇرمىلانغا ھالدا چۈشەندۈرۈلدى. شۇڭا بۇ ئەسەرنى ئىسلام دىنىنى تۇتقا قىلىپ تەتقىق قىلىش بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە دۆلىتىمىزدە نوپۇزغا چوقۇنۇش سەۋەبلىك كۆپ قىسىم قەدىمقى ئەسەرلەردە كۇڭزىنىڭ تەسىرى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئەمما كىتابنىڭ بېشىغا كۆچۈرگۈچى كاتىپ تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان بايانلاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئەسەرنى ئىسلام نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قايتىدىن تەتقىق قىلسا يېڭى نەتجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىزدە بۇ تېخى ئېچىلمىغان بوشلۇق، «قۇتادغۇ بىلىگ»نى ئوقۇغان ھەربىر ئادەم خۇددى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇغاندەك تەسىرىگە كېلىدۇ. |