- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10653
- نادىر
- 0
- يازما
- 692
ئۆسۈش
  1.63%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-13 19:45
Kokkoz يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 18:46 
ئۇزەڭنىڭ تىلىغا ئۇزەڭ ھەزىل قىلىپ يۇرگىنىڭ قىززىق . ...
قارىسام سىز ئەرەبكە قارىتا ئەسەبى ئۆچمەنلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپسىز، ۋاقتىدا داۋالىنىش بىلەن بىرگە ئىنكاسىڭىزدىكى ھەزل،سالام-سائەت، غەيرى،مەسخىرە، مەخلۇق دېگەن ئەرەبچە سۆزلەرنى دەرھال تازىلىۋىتىڭ. بولسا ئەتىلا تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئىدارە نامىنى دەرھال ئۆزگەرتىش توغۇرلۇق ئىلتىماس سۇنۇڭ. چۈنكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى دېگەن ئىدارە نامىدىكى جامائەت، خەۋپ، ئىدارە دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەرەبچە بولۇپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ئىسىم ياساش قوشۇمچىسى ئۇلاپ ئىدارە نامى قىلىنغان، نامىغا مەھكىمە كەلگەن ئىدارىلەرنىڭ نامىنىمۇ دەرھال ئۆزگەرتىڭ. چۈنكى مەھكىمە دېگەنمۇ ئەرەبچە سۆز. بولسا رەئىسىمىز شى شۇجىغا ئىلتىماس سۇنۇپ دۆلىتىمىزنىڭ نامىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۆزگەرتىش توغۇرلۇق مەكتۇپ يوللاڭ، چۈنكى جۇڭخۇا خەلق جۈمھۈرىيتىدىكى خەلق، جۈمھۈرىيەت دېگەنلەرمۇ دەل ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆزلەر. ھەرگىز كېچىكتۈرمەڭ، دەرھال ئىش باشلاڭ. كېچىكىپ قېلىپ كېسىلىڭىز ئەدەپ كەتمىسۇن. |
|