(مەرھۇم شائىر قۇربان بارات ۋاپاتى بىلەن)
****************
«نىمىشقا كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى؟»
نىمىشقا يۈرىگىم ئازاپقا چۆكتى؟
ھۆرمەتلىك شائىرىم-قۇربان باراتكا،
سىز ئۈچۈن شۇ تاپتا بىر ئەل ياش تۆكتى!!!
مەنمۇ ھەم ئوقۇغان ئاشۇ مەكتەپتە،
سىز بۈركۈت سىياقى قاناتلار كەرگەن.
سىز بەرگەن ئىلھامدىن كۈچ-ئوزۇق ئىلىپ،
بىر يىڭى ھاياتقا چەكسىز تەلپۈنگەن.
سىز قۇيغان قىشلاردا قالغان ئىزىڭىز،
سىز سوققان تاملارغا سىڭگەن مىھرىڭىز.
سىز مىنىڭ قەلبىمدە ھەقىقى شائىر،
ئىسىمدە، قەلبىمدە ھەر بىر شىېرىڭىز!
نىمىشقا جىسمىمدىن سوغۇق تەر چىقتى؟
نىمىشقا قوللىرىم تىترىدى يەنە؟
«گويا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك»
غەزەپتە سورىدىم «جاۋاپ بەرگىنە؟»
ئەي تەقدىر، بەرگىنە جاۋاپ بەرگىنە،
نىمىشقا شائىرنى ئايرىدىڭ بىزدىن؟
ئۇ بىزگە كۆرسەتكەن «يىشىل ھايات» نى،
گۈزەللىك سەزدۈرگەن تاغدىن، ئىتىزدىن.
مەن سىزگە ئۇزاقتىن ھۆرمەتتە ئىدىم.
سىز مىنىڭ قەلبىمدە بۈيۈك ئىدىڭىز،
مەن سىزگە شاگىرتلىق سالىمى بەرمەي،
ھەجەپمۇ تۇيۇقسىز كىتىپ قالدىڭىز.
مەن سەزگەن سىزدىكى گۈزەل ھىسلارنى،
مەن تۇيغان سىزدىكى غۇرۇر -ۋىجداننى.
سىز-بۈركۈت، مەڭگۈگە قانات قاقىسىز،
روھىڭىز يىتەكلەر مەندەك ئىنساننى!
|