«قۇتادغۇبىلىگ»تىكى جەڭچىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە بايان
2310
سوقۇشقاندا يولۋاس يۈرەكلىك كېرەك،
تۇتۇشقاندا يىلپىز بىلەكلىك كېرەك.
2311
توڭگۇز كەبى تەرسا، بۆرىدەك كۈچى، ئېيىقتەك ئېتىلغاق، قوتازدەك ئۆچى.
2312
ئۇ بولسۇن ھېلىگەر قىزىل تۈلكىدەك، ئاداۋەتچى بولسۇن بۇغرا تۆگىدەك.
2313
سېغىزخاندىن سەگەكرەك بولسۇن ئۆزى، كۆرسە قىيا قۇزغۇنىدەك يىراقنى كۆزى.
2314
قارا، بولسۇن ھىممەتتە ئۇ ئارسىلان، كېچىسى ھوقۇشتەك ئويغاق ھەرزامان.
2315
مۇشۇخىل سۈپەتتە ئۇ جەڭچى بولۇر، بولۇر جەڭچى ھەمدە يارامچى بولۇر.
2316
بۇ جەڭچى ياراغلىق كىشىدۇر داۋام، ئۇرۇپ ياۋنى تار-مار قىلىشقا تامام.
مەنبە: «قۇتادغۇبىلىگ»، 499-، 501-بەتلەر
|