- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17403
- نادىر
- 2
- يازما
- 1564
ئۆسۈش
  18.51%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-6 19:19
focus يوللىغان ۋاقتى 2016-3-6 17:15 
مەن ھازىر يەكەن ناھيىسىدە بىر يىللىق خىزمەت گورۇپپىىس ... مەن ھازىر يەكەن ناھيىسىدە بىر يىللىق خىزمەت گورۇپپىىسدا ئىشلەۋاتقان ئاپتونۇم رايۇندىن چۈشكەن كادىر، تېما ئىگىسىنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسەن قوشۇلىمەن، لېكىن ھورۇنلۇق دىسە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ھورۇنلۇق دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا نادانلىق دىگەن سۆزنى ئالماشتۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ. جەنۇبى شىنجاڭدىكى يەرلىك سىياسەتنى مېنىڭچە شۆھرەت زاكىر بىلەن ئەركىن ئىمىرباقىمۇ ئۆزگەرتىپ بولالمايدۇ، ئەگەر مەركەزنىڭ سىياسىتى بۇ يەردە ھەقىقى ئەمەلىيلىشىدىغان بولسا خەلقىمىز نامراتلىقتىن تەلتۆكۈس قۇتۇلىدۇ،نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئادەم نادانلىقتىنمۇ قۇتۇلىدۇ، مەن يەكەنگە كېلىپ باشقا بىر مەملىكەتكە كەپ قالغاندەك بوپقالدىم،خەلقىمىزنىڭ ھالىغا ۋە جاپاكەش ئاساسى قاتلام كادىرلىرىغا قاتتىق ئېچىندىم. ئەڭ مۇھىمى پەقەت ج ك پ نىڭ توغرا رەھبەرلىكىلا خەلقىمىزنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەندىم.
كىسەل ئاغرىق سەۋەبى،ئەمگەك كۈچى يوق سەۋەب بىلەن نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئەمگەك كۈچى بار تۇرۇپ قەتئىي ئىش قىلىشقا خوشياقمايدىغان كىشىلەرمۇ بار ئىكەن .ئاتمىش ياشتىن ئاشقان توخو بىقىپ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان يالغۇز مومايلارمۇ بار يەردە ، قوي ،توخو بىقىش ئىمكانىيتى ۋە باشقا ئىمكانىيەتلىرى بار تۇرۇپ تىرىشىشتىن ۋاز كىچىكىۋەتكەن ،ئۆزىنىڭ نەچچە مو يىرى بار تۇرۇپ تىرىغىلى خوشياقماي باشقىلارغا بىرىپ ئۆزى ھۆكىمەتكە ۋە تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىغا ئىسىلىۋالغان كىشىلەرنى مەن ھورونلوق دەپ قارىدىم ...
يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىكنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئوتتورغا قويغان تەدبىرلىرىنىڭ توغرىلىقىدا گەپ يوق ،ئەمما تۆۋەندە ئەمەلىيلىشىشىدە يەنە مەسىللەر يوق ئەمەس ،ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭمۇ جاپاسى ئىغىر،شۇڭا بۇ مەسىللەر مىنىڭچە ھەر تەرەپ ۋە ھەر كىشىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئىھىياجلىق ... |
|