قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 687|ئىنكاس: 4

نەزەرجان ياقۇپ: كەپتەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

431

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54442
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 12:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەپتەر


(ھېكايە )


نەزەرجان ياقۇپ (   جانباز )


   ئۇكىچىك چاغلىرىدىلا كەپتەر بېقىشقا ھىرىسمەن ئىدى .كەپتەرلەرنىڭ كۆك قەرىدەئەركىن ،بىمالال موللاق ئېتىشلىرى ،پەغەزگە قونۇۋېلىپ بوقۇلداپ سايراشلىرى،قۇيرۇغىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە باغلاپ قويغان غوڭ قاپاقنىڭ ئۇچقان چاغدا ئاجايىپ مۇڭلۇق ئاۋاز چىقىرىشلىرى دائىم ئۇنىڭ چۈشلىرىگە كىرىپ قالاتتى. بىراق دادىسى ئۇنىڭ كەپتەر بېقىشىغا قارشى ئىدى .
     ئۇنىڭ دادىسى ئىنتايىن تەقۋادار كىشى ئىدى.شۇڭا ،ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىغىدا ئوقۇۋاتقان چاغدىلا بىر باھانىلەربىلەن ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ موللامغا تۇتۇپ بەردى. ئۇ، بۇ چاغدا كىچىك بولغاچقا ھىچقانداق قارشىلىق بىلدۈرمىدى .
ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندەئۇستازىدىن ساۋاق ئالغىلى باراتتى. ساۋىغىنى ئېلىپ بولۇپلا ماللىرىنى ھەيدەپ جاڭگالغا باراتتى-دە ،بىر ھازاغىچە ھەپتىيەك يادلايتى .ساۋىغىنى يادلاپ بولۇپلا ،دائىم يانچۇغىغا سېلىپ يۈرۈيدىغان ،ئۆزى سىمدا ياسىۋالغان قىسماقنى ئېلىپ بىرەر كونا خاماننىڭ ئىزىغا ئۇنى قۇرۇپ قوياتتى .دىگەندەك ئانچەئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر توپ كەپتەرلەر ئۇدۇل كېلىپلا خامانغا چۈشەتتى .ئۇ بولسا بىرەريۇلغۇننىڭ ياكى بولمىسا بىرەر قىرنىڭ دالدىسىدا تۇرۇپ ،قايسى كەپتەر چۈشەركىن دەپ ماراپ تۇراتتى. كەپتەرلەر بىردەم دانلىغاندىن كېيىن ،ئارىدىن بىرسى قىسماقا چۈشۈشى بىلەن تەڭلا باشقىللىرى گۈررىدە ئۇچۇپ كېتىشەتتى. ئۇ بولسا مۆكۈۋالغان يېرىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ قىسماققا چۈشكەن كەپتەرنى ئاستا ئاۋايلاپ قىسماقتىن بوشىتىپ ئېلىپ،ئۇنىڭ باش-كۆزلىرىنى سىلايتتى. ئاغزىغا سۇ ئېلىپ تەڭلىسە ،كەپتەر ئۇنىڭ ئاغزىغاتۇمشۇغىنى تىقىپ غۇرتىلدىتىپ ئىچەتتى.
    ئۇ ،ھەر كۈنى بىر كەپتەر تۇتۇۋالاتتى. كەچتەيەنە قويۇۋىتەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى خېلى ئۇزۇن داۋام قىلغاندىن كېيىن ،ئاخىرى ئىككى كۆك كەپتەرنىڭ باچكىسىنى تېپىپ ،دادىسىغا ئۇقتۇرماي ئېغىلنىڭ ئىچكىرسىگە بىر كوۋۇك ياساپ باقتى. بىراق، باچكىلار ئۇچۇرما بولاي دىگەندە دادىسى بىلىپ قېلىپ ئۇنى تىللىدى ،ئۇردى. ھەتتا شۇ كۈنى بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئۇستازىغىمۇ دەپ قويدى .
    ئۇ، ئەتىسى ئەتىگەندە ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن موللامنىڭ ئۆيىگە باردى. موللام  ساۋاق بىرىپ بولغاندىن كېيىن ،ئۇنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ تەربىيە قىلىشقا باشلىدى.
  -ئوغلۇم، ئاڭلىسام سەن كەپتەر بېقىپسەن.كەپتەرغۇ ياخشى نەرسە، بولۇپمۇ كۆك كەپتەرنىڭ گۆشى ناھايىتى قىممەتلىك دورا.لېكىن بىز بۇ دۇنيالىقنى ئەمەس، ئۇ دۇنيالىقنى ئويلىمىساق بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇدۇنيادا پىلسىرات كۆۋرۈكى دەيدىغان بىر كۆۋرۈك بار .ئۇ، قىلدىن ئىنچىكە، قىلىچتىن ئىتتىك كۆۋرۈك. ھەر قانداق بەندە بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتمەي تۇرۇپ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ،بولۇپمۇ كەپتەرۋازلار ..........
    ئۇ، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ ،موللامدىن سورىدى.
-نىمىشقا كەپتەرۋازلارجەننەتكە كىرەلمەيدۇ؟.
-چۈنكى پىلسىرات كۆۋرۈكىنىڭ قارشى تەرىپى جەننەت، ئاستى تەرىپى دوزاخ .كەپتەرۋازلار پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئۇلارنىڭ باش ئۈستىدە كەپتەر سايراپ كېتەرمىش ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەپتەرگە قارايمەن دەپ بېشىنى كۆتۈرۈشى بىلەن پۇتى قېيىپ كىتىپ،دوزاققا چۈشۈپ كېتەرمىش.....
-كەپتەر باققان ئادەملەرلا پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتەلمەمدۇ؟..
-يەنە زىناخورلار،ھاراقكەشلەر، ھارامدىن مال-دۇنيا يىققانلار، يىتىم-يىسىرلارنىڭ رىسقىغا قول سوزغانلار ،ئۇنىڭدىن باشقا ،گۇناھى چېكىدىن ئاشقانلار ئۆتەلمەيدۇ.
-قانداق قىلسا  جەننەتكە كىرەلەيدۇ؟..
-ئاللا يولىدا مېڭىپ بەش ۋاخ نامازنى تەرك ئەتمىگەنلەر، رامىزاننى تولۇق تۇتقانلار، غېرىپ-غۇرۋانىڭ بېشىنى سىلىغانلار، ھىچ قانداق يامان ئىش قىلمىغانلار جەننەتكە كىرەلەيدۇ.
  ئۇ، ئەتىسىلا ھىلىقى ئىككى باچكىنى سېتىپ،پۇلىنى سەدىقە قىلىۋەتتى.
ئارىدىن خېلى يىللارئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئۇستازىنىڭ ھىلىقى چاغدا قىلغان گەپلىرىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ،ھاراق ئىچمىدى. تاماكا چەكمىدى. مۇشۇ يېشىغىچە ئايال زاتىغا تىكىلىپمۇ قارىمىدى.ھىچ قانداق يامان ئىش قىلمىدى. ئەمما، كەپتەرگە بولغان ھىرىسمەنلىگى كۈندىن –كۈنگەكۈچەيسە كۈچەيدىكى ،ھەرگىز بېسىقىپ قالمىدى. دادىسى بولسا ئوغلىنىڭ شۇنچە ياخشى چوڭ بولغانلىغىدىن سۆيۈنەتتى. ھەر ۋاخلىق نامىزىدا ئوغلىغا ئۇزۇندىن –ئۇزۇن دۇئا قىلاتتى.
    بىر كۈنى ئۇ ،دادىسىدىن ئۆزىنىڭ كەپتەربېقىشىغا قوشۇلۇشىنى ئۆتۈندى .دادىسى ھىچ قانداق قارشىلىق بىلدۈرمەي قوشۇلدى.چۈنكى ،ئۇ ھازىرغىچە دادىسىدىن ھىچنىمە تەلەپ قىلىپ باقمىغاچقا ،دادىسى بۇ قېتىم ئۇنىڭ رايىغا باقتى.
   شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇھەر كۈنى ئىشتىن بىكار بولۇپلا كەپتەرلەر بىلەن بىرگە بولاتتى. كەپتەرلەرگە دان بىرەتتى. سۇ بىرەتتى. ئۇچۇرۇپ موللاق ئېتىشلىرىنى تاماششا قىلاتتى. غوڭ قاپاقتىن چىققان مۇڭلۇق، سىھىرلىك كۈيدىن ھوزۇرلىناتتى. ئۇ، مۇشۇ كۈنلەردە ناھايىتى خوشال ئىدى. ئارزۇ-ئارمىنى ئەمەلگە ئاشقاچقىمۇ چىرايلىرى نۇرلىنىپ كۈندىن-كۈنگە چىرايلىقلىشىپ كېتىۋاتاتتى. يۈزلىرى دائىم مايلاپ قويغاندەك پاقىراپ تۇراتتى.كىشىلەر ،[بۇ بالا ھەر قانداق يامان ئىشتىن خالى ،ئىمانى پاك بالا بولدى ،شۇڭائىماننىڭ نۇرى بىلەن كۈندىن –كۈنگە چىرايلىقلىشىپ كىتىۋاتىدۇ ]،دىيىشەتتى.
بىر كۈنى كېچىسى ،ئۇ كەپتەر لىرىنى مۈشۈك يەپ كېتىپ چۈش كۆردى... كۆپ چۈش كۆرۈپ چارچاپ كەتكەنمۇ-قانداق،نامازغا ۋاختىدا تۇرالماي ،شۇ كۈنلۈك نامىزى قازا بولۇپ كەتتى. لىكىن ئۇ،نامىزىنىڭ قازا بولۇپ كەتكەنلىگى بىلەن ھىسا پلىشىپ  ئولتۇرمايلا ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئۇدۇللاكەپتەرخانىغا كىرىپ كەپتەرلىرىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىقتى. كەپتەرلەر ساق ئىدى.ئۇ،خوشاللىغىدا ئەتىگەندىلا بىر دەم كەپتەرلەردىن ھوزۇرلانماقچى بولۇپ ،كەپتەرلىرىنى ئۆگزىگە چىقىرىپ ئازراق دان چېچىپ بىرىپلا ئۇچۇردى. كەپتەرلەر باشتاتەرەپ-تەرەپلەگە ئۇچۇپ كېتىپ ،كېيىن توپلىشىپ ئۇچۇشقا باشلىدى. كۆك كەپتەرگە ئېسىپ قويۇلغان غوڭ قاپاق سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدا ئاجايىپ مۇڭلۇق، لىرىك كۈي  چىقىراتتى. بۇ لىرىك كۈي ھەر قانداق ئادەمنى ئۆزىگەمەپتۇن قىلاتتى. ئىككى موللاقچى كەپتەر ئەركىن ھالدا ئىككى قانىتىنى جۈپلەپ پەسكەقاراپ بىر-ئىككىنى موللاق ئېتىپ يەنە سەپكە قوشۇلۇۋالاتتى.
كەپتەرلەر مەلۇم دائىرەئىچىدىلا ئۇچاتتى. ئۇ، كەپتەرلەر قايانغا ئۇچسا شۇ تەرەپكە قارايتتى. كەپتەرلەرقانداق چۆرگىلىسە ئۇمۇ شۇنداق چۆرگىلەيتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىسى-يادى كەپتەرلەربىلەن بولۇپ كەتكەن، ئاجايىپ بىرخىل مەپتۇنكار لەززەت ئۇنى مەست قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ،ئۆزىنىڭ چۆرگىلەۋېرىپ تامنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغانلىغىنىمۇ سەزمەيتتى. .........
..................
  ئۇ، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر،دىيانەتلىك موللىلار، يەتتە قىز پەرزەنت چوڭ قىلغان ئانىلار سېپىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغاكېلىپ تىزىلدى. (رىياسەتچى شۇنداق تىزدى. )بۇ يەردە ئادەملەر رەت-رېتى بىلەن بىلەن تىزىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چىرايىدىن بىر خىل قورقۇنچ ،ۋەھىمە چىقىپتۇراتتى. ئۇ، ئادەملەرگە بىر قۇر سەپسېلىپ چىقتى. ھەممىسىنىڭ پىشانىسىدە خەت باربولۇپ ،بىرىنجى رەتتىكى ئادەملەرنىڭ پىشانىسىگە  [زىناخورلار ]دەپ يېزىلغان ئىدى .ئىككىنجى رەتتىكىلەرنىڭ پىشانىسىگە[ھاراقكەشلەر] ،ئۈچىنچى رەتتىكىلەرنىڭ پىشانىسىگە [باشقىلارنىڭ رىسقىغا قول سوزغانلار]دەپ يېزىلغان ،قالغان رەتتىكىلەرنىڭمۇ قىلغان-ئەتكىنلىرى پىشانىسىگەيېزىقلىق ئىدى. ئۇ تۇرغان رەت ھەممىنىڭ ئاخىرىدا بولۇپ ،بۇ رەتتىكى كىشىلەرنىڭ پىشانىسىگە [ئاللانىڭ پاك بەندىللىرى ]دىگەن خەت ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلغان ئىدى.
    _قېنى، ئەمدى ئۆتۈ شكە  باشلايمىز، بىرىنجى رەتتىكىلەر مېڭىڭلار!. –دېدى رى ياسەتچى.
ئۇ، شۇ چاغدا ئالدى تەرەپكە سەپسالدى. ئالدى تەرەپتەھەر قانداق ئادەمنىڭ تېنى شۈركەنگىدەك بىر ھاڭ تۇراتتى. ھاڭنىڭ ئىچىدە گۈرۈلدەپ ئوت كۆيۈۋاتاتتى. ھاڭنىڭ قارشى تەرىپىدە ئوخشاش كىيىم، ئوخشاش چىراي كىشىلەر كىشىلەر بىمالال سەيلى قىلىشىپ يۈرۈشەتتى. ھاڭنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئادەمنىڭ چېچىدىنمۇ ئىنچىكە بىر تال يىپ تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى.
بىرىنجى رەتتىكىلەرئالدىرىماي ئۆتۈشكە باشلىدى. مانا ،بىر... ئىككى...
بىرىنجى رەتتىكى بىرىنجى ئادەم ئىككى قەدەم ئېلىپلا گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا تىك موللاق چۈشتى.ئىككىنچىسىمۇ ئىككى قەدەم ئېلىپلا موللاق ئاتتى. ئۇ، شۇ چاغدىلا بۇ يەرنىڭ پىلسىرات كۆۋرۈكى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ تېنى شۈركۈنۈپ كەتتى.
پىلسىراتتىن ئۆتۈش ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملاشتى .ئەمما بىرمۇ ئادەم قارشى قىرغاققا ئۆتەلمەي ،ھەممىسى كۆيۈۋاتقان ئوتقا يەم بولدى.
    ئەڭ ئاخىرىدا، نۆۋەت ئۇ تۇرغان رەتكە كەلدى.
ئۇنىڭ رېتىدىكى ئادەملەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. لېكىن ،بۇ رەتتىكى كىشىلەر باشقا رەتتىكى ئادەملەردەك ئوتقا موللاق ئاتماي، خۇددى تۈپتۈز يولدا ماڭغاندەك بىخارامان ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. نۆۋەت بارا-بارا ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. نۆۋەت قانچە يېقىنلاپ كەلگەنسىرى ،ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز دۆپۈلدەيتتى .كاللىسىغا ئەينى چاغدا ئۇستازىنىڭ،  [پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكىچە كەپتەرسايراپ كېتەرمىش ،كەپتەرگە قارايمەن دەپ پۇتى قېيىپ كېتىپ ،دوزاققا چۈشۈپ كېتەرمىش]  دىگەن گەپلىرى كىرىۋېلىپ ئۇنى تېخىمۇئەندىشىگە سالاتتى .
ئۇ، ئەنە شۇنداق ھودۇقۇش، خىيال ئىچىدە ئەتراپقا سەپسالدى. ئەتراپتا ئۆزىدىن باشقا ھىچ كىم قالمىغاچقا، قورقۇپ تىترەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ قورقۇنىچتىن چىرايىدا قان قالمىغان،رەڭگى قەغەزدەك ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى.
    _
سەن نىمىشقا ئۆتمەي قاراپ تۇرىسەن؟!. –دەپ ۋاقىرىدى رىياسەتچى ئۇنىڭغا قاراپ.
    ئۇ، قورقۇنچ ئىچىدە  [بىسسىمىللا ] دەپ كۆۋرۈككە قەدەم باستى.كۆۋرۈك ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئانچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ئىدى. ئۇمۇ خۇددى چوڭ يولداماڭغاندەك ئەركىن، بىمالال مېڭىشقا باشلىدى .ئۇ، كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرسىغا كېلىپ كۆڭلى بىر ئاز ئارامىغا چۈشۈپ ،بىر دەم ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن يەنە مېڭىشقا باشلىدى.دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ باش ئۈستىدە ،كۆك كەپتەرنىڭ بۇقۇلداپ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى......


       2016-يىل 2-ئينىڭ 2-كۈنى .
                  پەيزاۋات باش مەيدان .

uyghuray

1

تېما

4

دوست

2375

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10177
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 298
تۆھپە : 542
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 18:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۆچەكمۇ يا.... بولمىسا

0

تېما

5

دوست

2468

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 752
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 19:18:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنى قىززىقتۇرمەن دەپ غەيبىي ئالەمنى ئۆزىڭىزچە تەسەۋۋۇر قىپ كېتىپسىز.   بىلمەسلىكىڭىز مومكىن شەرىئەتتە بىرەر  مۇتەۋاتىر نەس ( راسلىقىغا جەزمىيەت قىلىشقا تىگىشلىك نەقلى دەلىل) سىز غەيىبتىن سۆز ئېچىش ھارام(ئېغىر جىنايى قىلمىش).

0

تېما

0

دوست

839

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54655
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 20:05:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنى قىززىقتۇرمەن دەپ غەيبىي ئالەمنى ئۆزىڭىزچە تەسەۋۋۇر قىپ كېتىپسىز.   بىلمەسلىكىڭىز مومكىن شەرىئەتتە بىرەر  مۇتەۋاتىر نەس ( راسلىقىغا جەزمىيەت قىلىشقا تىگىشلىك نەقلى دەلىل) سىز غەيىبتىن سۆز ئېچىش ھارام(ئېغىر جىنايى قىلمىش).

ھېكايە دىگەن ئىزاھاتنى كۆرگەنىسىز-ھە!  ئەدەبى ئەسەرلەرنىمۇ بۇنداق باھالاپ چۈشۈپ كەتمەيلى ئەمدى...

ئەسەرلىرىڭىز ئېسىل چىقىۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ يېزىڭ، نۆۋەت ئۆمىلىگۈچىلەردىن ئۆتۈپ ئۇچار قۇشلارغا كەپتۇ-دە
uyghuray

0

تېما

0

دوست

223

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   74.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56794
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 22:19:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە يازساق يازايلى ئاخىرەت ياكي دۇنيالىقىمىزغا زەرەر كەلتۇرىدىغان نەرسىلەرنى يىزىشتىن ئھتىيات قىلايلى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )