- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3895
- نادىر
- 2
- يازما
- 177
ئۆسۈش
63.17%
|
ئۇرۇشنىڭ بولۇش-بولماسلىقى ئايرىم بىر مەسىلە. ئەگەر ئۇرۇش راستىنلا پارتلاپ قالسا، ئۇرۇشنىڭ جەريانى مۇنداق تەرەققىي قىلىشى مۈمكىن:
روسىيە بىلەن جۇڭگو شىمالىي كورىيەگە ھەربىي ياردەم قىلسا، شىمالىي كورىيە ئۇرۇشى ئۇزۇنغا سوزۇلىپ، خۇددى سۈرىيە كىرزىسىدەك، شەرقىي ئاسىيە كىرزىسىنى پەيدا قىلىشى مۈمكىن. ئەگەر روسىيە بىلەن جۇڭگو 50-يىللاردىكى خەلقئارا سىياسىي سىتراتېگىيە ئەندىزىسىدىن ۋاز كېچىپ، سۈكۈتتە تۇرسا، ئامېرىيكا شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى چاقماق تېزلىكىدە بىر تەرەپ قىلالىشى مۈمكىن. چۈنكى شىمالىي كورىيە ئارمىيىسى ئامېرىيكا ئارمىيەسىگە تېخنىيكا ۋە تاكتىيكا قاتلاملىرى جەھەتتە رەقىب بولالمايدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ يادىرو قورالىلا تەھدىد پەيدا قىلالايدۇ. گەرچە شىمالىي كوريە يادىرو قورالىغا ئىگە بولسىمۇ، يادىرو قورالىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى قانچىلىق سەۋيەدە، بۇ بىر مۇھىم مەسىلىدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ نىشانغا تېگىش توغرىلىقى، مۇساپىسى، قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيە ئۆتكىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش قاتارلىق بىر قاتار تېخنىيكىلىق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ. ئامېرىيكا مۇشۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ شىمالىي كورىيەنىڭ يادىرو قورالى ئەسلىھەلىرىنى كونتىرول قىلالىسا، ھەم روسىيە بىلەن جۇڭگو داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ تۇرالىسا، شۇ چاغقا بارغاندا، شىمالىي كورىيە ئۇرۇشى ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىلا بىر تەرەپ بولالىشىى مۈمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، شىمالىي كورىيەنىڭ يادىرو قورالىنىڭ سىيئولغا بولغان تەھدىتى يەنىلا زوردۇر. شىمالىي كورىيە ھاكىمىيەت قاتلىمىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك دۇنيا قارىشى- يادىرو قورالىنى ئىشلىتىش ۋە ئىشلەتمەسلىكنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئامىلدۇر.
ئامېرىيكىنىڭ دۈشمىنى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ خەلقى ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىدۇر. بىر مىللەت بولغان ئىككى كورىيەنىڭ بىرلىشىشى تارىيخىي مۇقەرەرلىكتۇر. ئىككى خىل ھاكىمىيەت ئىككى خىل ۋەزىيەتنى پەيدا قىلدى. ھەر ئىككى كورىيەدىكى پۇقرالار بىر مىللەت بولغانلىقتىن جەزمەنكى بىرلىشىپ، بىر دۆلەت بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ئىچكى-تاشقى زىددىيەت قانچىلىق دەرىجىدە يول قويىدۇ، بۇ تەرەپى يەنىلا مۇجىمەلدۇر.
ئەگەر، بۇ قېتىمقى توقۇنىشتا، شىمالىي كورىيە يوقىتىلىپ، جەنۇپ-شىمال بىرلىككە كېلەلىسە، روسىيە باشلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي ئاسىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيەدىكى سىياسىي ئورنى بىلەن تەسىرىگە دەز كېتىشى مۈمكىن.
|
|