- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 74449
- نادىر
- 7
- يازما
- 3330
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-5 00:32
1.ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ھاياتى كۇچى ئۇچۇن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان تەرجىمانلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئوقۇغۇم كەپ كىتىدۇ .گەرچە ئۇلارنىڭ تەرجىمە سەۋيىسى كەسپى تەرجىمانلاردەك ئۇ قەدەر پاساھەت دەرىجىسىگە تېخى يەتمىگەن بولسىمۇ ، ھامان ساندىن سۇپەت تۇغۇلىدىغانلىقى ماڭا ئايان .
2. شۇنداق جاپاكەش تەرجىمانلىرىمىز ھازىر خەنسوچىدىن تەرجىمە قىلىپلا قالماي يەنە ئېنگىلىزچىدىن ۋە باشقا تىللاردىن بىرىنچى قول تەرجىمىچىلىك بىلەنمۇ شوغۇللىنىۋاتقان بولۇپ بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتى كۇچىنى قوزغۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ .
3. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل مۇقەددەم دوستۇم قانۇنى يول يەنى دىليار ئوبۇلقاسىم ئەپەندىم ، بىيجىڭنىڭ تەرجىمە سەۋيىسىى توغۇرسىدا مۇنداق دەپ بەرگەن ئىدى .دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىكى ھەرقانداق كىتاپ نەشىردىن چىقىپ ئۇچ ئاي ئىچىدە خەنسوچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولۇدۇ . مەن شۇ چاغدا ئاجايىپ بىر قىزغىنىش ھىسياتىدا بولۇپ قالغان ئىدىم ، يەنە ئەلى قۇرباننىڭ بېيجىڭدا سۆزلىگەن قايناق مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولغان نۇتۇقىدىمۇ ياكى كىيىنكى مۇنازىرە نۇتۇقلىرىدىمۇ مۇنداق بىر گىپى ماڭا بەكمۇ ياراپ قالغان يەنى دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايدىكى ئەڭ يېڭى پسخىكىغا ئائىت كىتاپ چىقسا ئۇ كىتاپنى ئوقۇماقچى بولسام بىر ھەپتە ئىچىدىلا ئەكەلدۇرۇپ كۆرەلەيمەن . بۇ گەپ مەيلى راست بولسۇن مەيلى پو بولسۇن مەن يەنىلا ياقتۇردۇم . ئۇنىڭ يەنە ئايال دوكتۇر زېۋىدە خانىمغا قايتارما زەربە بەرگەندە دىگەن ئۇ زىۋىدە ھەدىمىز (بىر پسخۇلۇگىيە دوكتورى ) مەن ئوقۇغان كىتاپلارنى ئوقۇمىغان ئوخشايدۇ دىگەن يەنە بىر قىزقارلىق گىپى بار ،قارىماققا يالغاندەكلا تۇرغان بۇ راست بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان گەپكە باشقا بىرەر مەخسوس تىمىدا ئېغىز ئاچقىنىمىز ياخشى .
4. شۇنداق قىلىپ مەن يانكىتاپ تورىدىن بۇلارنىڭ نىمە دەپ يانكىتاپ تورى دەپ ئاتىۋالغانلىىقىنى چۇشەنمىدىم .بولمىسا يانكىتاپ ئۇندىدار سالۇنى دىسە تېخىمۇ توغرا بولاتتىمىكىن دەپ قالدىم ، چۇنكى مەن يانكىتاپ تورىنىڭ كىتاپلىرىنى ئۇندىدارىمنىڭ ئىچىدىن تېپىپ كۆرۋاتىمەنچۇ .
.شۇنداق مەن ئالدى بىلەن نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ 8760 سائەت دىگەن كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىلىكتىرۇنلۇق نۇسخىسىنى سېتىۋالدىم . بۇ كىتاپنىڭ خەنسوچىسىنى ئوقۇپ بولغان بولساممۇ ئانا تىلىمىزدىكى بۇ نۇسخىسىنىمۇ ناھايىتى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم . بۇنىڭدىن بۇرۇن مېنىڭ ئۇيغۇرچە ئېىلىكتىرۇنلۇق كىتاپ كۆرۇش تارىخىم بىر ئەگرى توقاي جاپالىق جەريان بولغان . ئۇ يىللاردا بۇنىڭدىن يەتتە سەككىز يىللار مۇقەددەم ئەقلىفۇنلار ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى . ھەتتا پ د ئېف كىتاپنى تونۇشىمۇ بىر مەسەلە ئىدى . بۇ چاغدا مەن بىر ئېم پ بەش تىن بىرنى ئالدىم بۇ ئېم پى بەشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى دەل پ دې ئېف كىتاپلارنى تونۇيتتى . ئاندىن توردىن يانفۇن ئېلكىتاپلارنى چۇشۇرۇپ كۆرۇشنى باشلىۋەتكەن ئىدىم ، يانكىتاپ بولسىلا قاچىلاپ كۆرەتتىم ، بۇ گەرچە ماڭا ئەينى يىللىىرى بىر خىل يېڭىلىق تۇيغۇسى بەرگەن بولسىمۇ ئۇ پ دى ئېف ئۇيغۇرچە يانفۇن كىتاپلىرى باشقىلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە تورغا چىقرىىلغان بولغاچقا تاللا ش ئەركىنلىكىدىن سۆز ئېچىش مۇشكۇل ئىدى . بىر زامانلاردىن كىيىن يۇلغۇن يۇمشاق دىتالىنى تېپىۋالدىم ، توردىكى ماقاللارنى پ د ئېف يانفۇن كىتاپ ھالىتگە كەلتۇرگىلى بولاتتى ئەمما لېكىن بۇ بىر سېپى ئۆزىدىن ئاۋارچىلىق بولاتتى . يەنى بەك قىزىقسام توردا تۇرغۇزۇپلا ئوقۇپ بولاتتىم ، ئۇنى قايتا يانفۇن پ ئېف كىتاپ قىلىپ كۆرۇشكە رەغدىم قالماي قالاتتى . ئىشقىلىپ بىر قانچە يىل ھەپىلىشىپ يانفۇندا كىتاپ كۆرۇش قىزغىنلىقىم كۇلنىڭ ئاستىدىكى چوغدەك يا ئۆچمەي يا كۆچمەي ساقلىنىپ قالغان بولدى
5.بۇدا يانكىتاپ تورىدىكى كىتاپلارنى سېتىۋالغاندىن كىيىن يانفۇننى قولۇمدىن چۇشۇرمەي كۆرۇشكە باشلىدىم . كىتاپلارنى مەن شىنخۇا كىتاپخانسىدىن تاپالمايدىغان كىتاپلار ئىدى .بۇ كىتاپلار ئېنگىلىزچىدىن ،ياپونچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ يېڭىلا تونۇردىن چىققان كىتاپلار ئىدى .بۇ كىتاپلار مەندەك ئاچكۆز ئوقۇرمەننىڭ يېڭىلىق تۇيغۇسى ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى سەۋيىسى ۋە سۇرئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىتاپلار ئىدى . ناۋادا مەن بۇنى تور دۇنياسىدىن ئۇيغۇر ئانا تىلىمدا ھازىرقىدەك بەھوزۇر بەھرىمان بولىمەن بىكاغا دىسەم ئەدەسسىز ساقلاشقا توغرا كىلەتتى ، يەتتە كوي خەجلەپلا بۇ قەدەر نەشىريات ئاتلىغان كىتاپخانلار بىلەن ئەڭ تىز سۇرئەتتە كۆرىشىدىغان كىتاپلار مېنىڭ يانفۇننى قولۇمدىن چۇشۇرمەيدىغان ھالغا كەلتۇردى ، قىزىل بولاقنىمۇ بىراقلا ئوينىماس بولدۇم . ئۇندىدارنىدىكى تەمى يوق پاراڭلارنىمۇ بايقۇت قىلىدىم ، سالۇنلاردىكى تاغدىن باغدىن پاراڭلارمۇ تېتىماس بولدى . مانا چوڭقۇرلۇق دىگەن تېلفۇنغا قارىساڭ موشۇنداق يانكىتاپ تورىدىكى كىتاپلارغا قارا . ئۇيغۇر تەرجىمچىلىكىگە ھەسسە قوشماقچى ۋە ھوزرۇلانماقچى بولساڭ مانا يانكىتاپ تورىىنى كۆر ، ئاشۇ كىتاپلاردىن بەھرە ئالغىن . بىز بۇلارنى قانچىكى قوللاپ كىتاپ كۆرۇپ بەرسەك بۇلار بىزنى دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى ئەڭ تىز سۇرئىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇرۇشىغا مەن ئىشەندىم . ئاللاھ مەدەتكارىڭلار بولسۇن ، ئۇيغۇر تەرجىمە ساھەسىدىكى تۇرشاۋۇل قوشۇن بولۇپ قالغايسىلەر تىرشىڭلار يىگىتلەر
6.مېنىڭ ۋاقىت قارىشم ، مانا شۇنداق ئۆزگەردى بەش مىنۇت ۋاقتىم بولسىلا يانكىتاپ تورىنى ئېچىۋېلىپ ،ئۆزەم قىزىقىپ سېتىۋالغان كىتاپلارنى كۆرۇشنى باشلىۋەتتىم ، گەرچە ھازىرچە خەتكۇچى تازا ئىشلەپ كەتمىسىمۇ ، ئىككى قېتىم ئېچىپ ئاندىن ئۆزەم خالىغان باپنى ئاچقان بولساممۇ بۇ تېخنىكىلىق مەسەللەرنىڭ ھامان ئوڭشىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل .
7. تۆنۆگۇن قومۇل كۇتۇپخانىسىغا بېرىپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر يېرىم مىتىرلىق يانفۇن شەكىللىك ئىكراندىكى خەنسوچە كىتاپلارنى ئوقۇۋاتقانلارنى كۆرۇپ ، شۇئان ئىسىمگە يانكىتاپ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاپلىرى كەلدى ، ۋە تۆتىنچى قەۋەتتىكى ئۇيغۇر چە بۆلۇمگە مەسئول خانىمغا تەكلىپ سۇندۇم ، بىزنىڭمۇ قانۇنلۇق ئۇيغۇرچە ئەڭ تىز ئەڭ يېڭى نەشىردىكى ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاپلىرىمىز بار ، قومۇل كۈتۈپخانىسى ئەلۋەتتە ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاپ ساھەسىدىمۇ ئۇيغۇرچە ئېلىكتىرونلۇق كىتاپلىرىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلماي كۇتۇپخانىمىزدىن ئورۇن بىرلىشىنى سەمىمى تەكلىپ بەردىم . ئادەتتىكى كىتاپقا ئوخشاش ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاپنىمۇ سېتۋېلىپ كەڭ كىتاپخانلار ئۇچۇن ئاشۇ بىر يېرىم مىتىرلىق تىلفۇنغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئىكراندا نەق مەيداندا بىكارلىق كۆرۇشكە ئېچىۋېتىش ، ئانا تىلىمىزنىڭ پەخرى ، يانكىتاپ تورىنىڭ ئېلانى ، كۈتاپخانىنىڭ شۆھرىتى بولۇپ قالغۇسى .
8.يانكىتاپ تورى مىنىڭ سېستىمىلىق ،چوڭقۇر،ئەڭ يېڭى دۇنياۋى سەۋيەدىكى كىتاپلارنى ئۆز يانفۇنۇمدا خالىغان ۋاقىتتا خالىغان جايدا كۆرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ، ھازىر مەن تېلفۇنىمنى زەرەتلەشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىغا قويىدىغان بولۇپ قالدىم .
،
|
|