تىزىملاتقان 2014-7-10 ئاخىرقى قېتىم 2016-8-5 ھوقۇقى 1 جۇغلانما 6316 نادىر 0 يازما 661
ئۆسۈش
26.32%
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: 30184
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baturkarahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-8 22:53
سىز بۇ مۇنبەرنى بەك چوڭ بىلىپ كېتىپسىز. سىزگە دەيدىغىنىم.1-چىلانلىق بېغىڭلارنى ھۆددە ئالغان جاۋابكارمۇ مۇنبەردە ئۆزىنىڭ يەرنى نېمىشقا قايتۇرۋەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ دەۋا قىلىش سەۋەبى، دەۋا قىلىش جەريانىدا سىلەر تەرەپ بىلەن قانداق ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىش جەريانلىرى ۋە نەتىجىسىنى راستچىللىق بىلەن يوللىسۇن، ئۇنىڭ قانداق باناھ-سەۋەپلىرى بار شۇنىڭدىن مۇنبەر ئەھلى خەۋەردار بولسۇن. شۇنداق بولغاندا كىمنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچۇرىغانلىقى ، كىمنىڭ يوللۇق ئىكەنلكى ئاشكارىلىنىدۇ. دەۋا ئىشىدا پەقەت بىر تەرەپنىڭلا ئەرىز-شىكايىتىگە ئاساسەن توغرا خۇلاسە چىقارغىلى بولمايدۇ.چاۋاك ئىككى قولدىن تەڭ چىقىدۇ. دۇنيادا سەۋەپسىز نەتىجە بولمايدۇ. سىز مۇشۇ ئىشنى بىجىرەلىسىڭىز بەلكىم توغرا ھەسلىھەتكە ئىرىشەلەشىڭىز مۈمكىن.ھېسىداشلىق بىلەن ھېچ بىر مەسىلە ھەل بولمايدۇ.
2-سىز بۇ دەۋايىڭىزنى ئادۋۇكاتلار مۇنبەرلىرىگە يوللاپ، شۇ ئادۋۇكاتلاردىن مەسلىھەت سوراڭ.شۇ چاغدا توغرا مەسلىھەتكە ئىرىشىپ قېلقشقڭىز مۈمكىن،چۈنكى ھەممە ئىشنى ئۆزىنىڭ ئەھلى ئەڭ ياخىش بىلىدۇ. بىراق شۇنىڭدىمۇ ئىسات ۋە پاكىتلىرىڭىز تولۇق، ھەقىيقى بولىشى زۆرۈر. ئۇنسۇ ناھيىلىك سوت مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت ئەھكىمىسىنىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرىمۇ، 13000يۇەنگە ياللىۋالغان ئادۋۇكاتىڭىزنىڭ توپلىغان ماتىرىياللىرى،سوتقا سۇنغان ئەرزى ۋاھا كازالار تولۇق بولىشى كىرەك. بۇ ئەرىزنى بىچارە ھېسىياتىڭىز ئارقىلىق ئاقتۇرالمايسىز. چۈنكى قانۇن ۋىجدان ۋە ھېسىياتنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ.
3-ئادۋۇكات مۇنبەرلىرىگە يوللىغاندا مۇشۇ دەۋانى سورىغان باش سودىيلەرنىڭ ئىسمىنى ئەينەن يوللاڭ. چۈنكى بۇلار ئۆزىنىڭ چىقارغان ھۆكىمىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، جامائەت ئارىسىدا قانداق سېسىق نامغا قالغانلىقىنى بىلسە ، ئىشنىڭ يوغىناپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ دەۋايىڭىزنى قايتىدىن قاراپ چىقىپ ، سىزگە پايدىلىق نەتىجە چىقىپ قىلىشىمۇ ئىھتىمالدىن يىراق ئەمەس. چۈنكى ھازىر ھەرقانداق كادىر (ئەمەلدار، سودىيەمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) تور يۈزىدە، تاراتقۇلاردا يامان نامىنىڭ تارقىلىپ كېتىپ، ئۆزىنى سېستىۋىلىشتىن بەكلا قورقىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئالدىنقى شەرت شۇكى: سىز ئۇ سودىيەلەرگە تۆھمەت چاپلاش خاراكتىرىدكى سۆزلەرنى قىلماسلىقىڭىز ، راستىنى راست دەپ يوللىشىڭىز كىرەك ،ئەكسىچە بولغاندا باشقىلارغا توردا تۆھمەت قىلغان دېگەن توقىناق بالاغا ئۆزىڭىز قالىسىز.