- تىزىملاتقان
- 2015-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3022
- نادىر
- 0
- يازما
- 275
ئۆسۈش
  34.07%
|
ئامېرىكىلىق داڭلىق رىياسەتچى لىنكلاتېر بىر قېتىم بىر كىچىك بالىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭدىن مۇنداق سوراپتۇ:
— سەن چوڭ بولغاندا نېمە بولاي دەيسەن؟
كىچىك بالا تولىمۇ ساددىلىق بىلەن:
— ئايرۇپىلان ھەيدەيدىغان ئۇچقۇچى بولىمەن، — دەپتۇ. لىنكلاتېر كەينىدىلا يەنە سوراپتۇ:
— ناۋادا سېنىڭ ئايرۇپىلانىڭ تىنچ ئوكيان ھاۋا تەۋەلىكىدە كېتىۋاتقىنىدا، موتورنىڭ تۇيۇقسىز ئوتى ئۆچۈپ قالسا قانداق قىلىسەن؟
بالا سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
— مەن ئالدى بىلەن يولوچىلارغا بىخەتەرلىك بەلبېغىنى چىڭ باغلىۋېلىڭلار دەيمەن، ئارقىدىنلا پاراشوت بىلەن پەسكە سەكرەيمەن، — دەپتۇ.
نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بالىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپ، ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ كېتىپتۇ. لىنكلاتېرمۇ بۇ بالىنى تازا يېتىم ئاقساقال بالا ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتۇ. بۇ چاغدا بالىنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ياشلار سىرغىپ چۈشۈشكە باشلاپتۇ.
لىنكلاتېر بالىدىن يەنە مۇنداق سوراپتۇ:
— سەن نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟
بالىنىڭ جاۋابى ئۇنىڭ ھەقىقىي خىيالىنى ئاشكارىلاپتۇ، بالا مۇنداق دەپتۇ:
— يېقىلغۇ ئېلىپلا قايتىپ كېلەتتىم.
*
بۇ كىچىككىنە ئىش بىزگە شۇنى سەمىمىمىزگە سالىدۇكى، گەپ ئاڭلاشمۇ بىر خىل سەنئەت، گەپ ئاڭلىغاندا يېرىم-يارتا ئاڭلاپ قالماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ كۆزقارىشىنى باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە يۈكلەپ قويماڭ. باشقىلارنىڭ گەپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن زەن قويۇپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
ئىككى ئادەم پاراڭلىشىۋاتقىنىدا، ئەمەلىيەتتە تۆتەيلەن پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقان بولىدۇ: بۇلار ھەقىقىي مەنىدىكى سىز، ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇ، سىز خاتا چۈشىنىپ قالغان ئۇ، ئۇ خاتا چۈشىنىپ قالغان سىز……
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
مانا قىرىنداشلار ئاخىرى تاپتىم |
|