- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-2
- ھوقۇقى
- 0
- جۇغلانما
- 21460
- نادىر
- 21
- يازما
- 953
ئۆسۈش
  100%
|
oylan2315 يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 16:49 
نۇر يىلى دىگەننى قانداق چۇشنىمىز
«نۇر-يىلى» دېگىنىمىز بىر ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، ئۇ نۇر بىر يىل ئىچىدە باسالايدىغان ئارىلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. نۇر ھەر بىر سېكۇنتتا 300000 كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ. بىر نۇر-يىلىنىڭ سانلىق قىممىتىنى يۇقىرىدىكى تەڭلىمە بويىچە ھېسابلىسىڭىز بولىدۇ. يەنى، نۇرنىڭ تېزلىكىگە 365 كۈن، 24 سائەت، 24 مىنۇت ۋە 60 سېكۇنتنى كۆپەيتسىڭىز، بۇر بىر يىلدا باسىدىغان ئارىلىق چىقىدۇ. بىز ئۆزىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 نۇر-يىلى كېلىدىغان بىر يۇلتۇزنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھازىرقىدىن 100 يىل بۇرۇنقى ھالىتىنى كۆرىمىز. سەۋەبى، ئاشۇ يۇلتۇزنىڭ نۇرى بىزنىڭ كۆزىمىزگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن 100 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.
ئاخشىمى ئاسمانغا قارىسىڭىز، تەخمىنەن 3000 يۇلتۇزنى كۆرەلەيسىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.37 نۇر-يىلى.
ھازىرغىچە نۇردىن تېز ماڭىدىغان نەرسە بايقالمىدى. بىزدىن 4.37 نۇر-يىلى يىراقتىكى يۇلتۇزنىڭ نۇرى بىزگە يېتىپ كېلىش ئۈچۈن 4.37 يىل ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، سىز قانداق تېلېسكوپ ئىشلىتىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ پەقەت 4.37 يىل ئىلگىرىكى ھالىتىنىلا كۆرەلەيسىز. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى قەتئىيلا كۆرەلمەيسىز. |
|