- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12229
- نادىر
- 0
- يازما
- 1256
ئۆسۈش
  5.57%
|
ئىسلام ۋە دىموگىراتىيەنى سىلىشتۇرۇش ۋە بىر -بىرىگە باغلاشنىڭ ھىچقانداق ئەقلى ۋە لوگىكلىق باغلىنىشى يوق .ئەگەر مەجبۇرى باغلاشقا ئۇرۇندىغان كىشى پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھى سالامنىڭ دەۋرىدىكى ئىسللامىي گۈللىنىشتىن ،يەنە تارىخنىڭ بىر كىچىككىنە بۆلىكىدىن چىقالمايدىغان خىيالىزىمچى دەپ قاراشقا بولىدۇ .يەنە بىر جەھەتتىن بولسا ،بىر دۆلەت مېللەتنىڭ ئاڭ -ئىدولوگىيەسىنى ئوتتۇرا ئەسىر قۇلچىلىق ئىدىيەسىگە ئەكىرىشنى ،دىننى سىياسىينىڭ ئورنىغا قويۇشنى ئويلايدىغان ئاشقۇن كىشىلەر دەپ قاراشقا بولىدۇ .
ھەرقانداق دىموگىراتىيە ئاساسىي قانۇن چەككىلىگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ .دىموگىراتىك ئىشلارنىڭ قانۇن ھەرىكەت چىكى بولىدۇ .بۇنداق بولمىغان كىشىلەرنىڭ نەزىدىكى دىموگىراتىيە بىلەن شۇ دۆلەت شەكىللەندۈرمەكچى بولغان دىموگىراتىيە ئوتتۇرىسدا زىدىيەت پەيدا بولۇپ ،دىموگىراتىيە كىشىنىڭ شەخسى خايىشىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ .بۇنىڭ نەتىجىسى كىشىلەر دىموگىراتىيە داۋاسىغا چۈشمەيدۇ بەلكى ئىجدىمائى خەۋپسىزلىكى بۇزۇلغان جەمىئەتنى شەكىللەندۈرىدۇ .
ئىسلامىيەتنىڭ دىموگىراتىيە بىلەن باغلىنىشى يوق .چۈنكى ،دىن ئادەم ھەرىكەت ۋە ئىدىيە ئەركىنلىكى بىلەن شەكىللىنىشى كىرەك .دىموگىراتىيە بىر ئىجدىمائى جەمىئەتنىڭ ھەربىر ئەزاسى ئورتاق ھىس قىلىدىغان ۋە بەھىرلىنەلەيدىغان ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىدۇر .ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىغا قارىساق دەل بۇنىڭ ئەكسىچە شۇڭا ،ئىسلام ۋە دىموگىراتىيە توغرىسىدا يازما ئىگىسى قوغدۇغۇدەك ئىش يوق . |
|