خوتۇن-بالىنى ئۇرۇش ئەمدى قانۇنغا خىلاپ تۇنجى «ئائىلەزوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلىدۇ
«جوڭخۇاخەلىق جۇمھۇريىتىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2015-يىلى12-ئاينىڭ 27-كۈنى 12-قىتىملىق مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمى دائىمىي ئىشلاركومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىلغان بولۇپ، 2016-يىلى 3-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ ئەمىلىيلىشىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئائىلە زوراۋانلىقىغاقارشى تۇرۇش قانۇنى .
ئائىلەزوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى كۆپلىگەن ئورگانلار ھەمكارلىشىدىغان زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش تۈزىمى . مەزكۇر قانۇندا ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشىتۇرۇشنىڭ دۆلەت، جەمئيەت ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇليىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ،ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، ئەدىلىيە ئورگانلىرى، خەلىق تەشكىلاتلىرى،ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئاھالىلەر كومىتېتى، داۋالاش ئورگانلىرى، مائارىپ ئورۇنلىرى، تاراتقۇلار، كارخانا كەسپى ئىشتاتلار، ئىجتىمائىي ئورگان قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى كونكرېت مەسئۇليىتى كۆرسىتىپ بېرىلدى .
قانۇن ئېڭىدا تۇرۇپ، بىر قىسىم «ئۇرسام ئۆزۈمنىڭ خوتۇنىنى ئۇردۇم، باشقىلارئارلىشالمايدۇ»، «بالا ئۆزۈمنىڭ، ئۇرسام ھەقلىق» دەيدىغان خاتا ئىدىيەلەر چىقىرىپ تاشلاندى، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئائىلە ئىشى بولماستىن، بەلكى قانۇنى ئاساسقائىگە جىنايى قىلمىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى .
شىنجاڭ تىلىۋېزىيە 2 يۈرۈش قانىلى تورىدىن ئىلىندى
كومپىيوتىردا ئۇرغۇچى : ئابدۇرەھىم ئىسمايىل
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
|