- تىزىملاتقان
- 2014-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1923
- نادىر
- 1
- يازما
- 77
ئۆسۈش
  92.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا umutwar123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-28 19:53
ئەر كەلتۈرۈش
ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز دىيارىمىزدا ئاجرىشىش نىسبىتى شىددەت بىلەن ئېشىىپ بېرىۋاتىدۇ. قايتا ئۆيلىنىش داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ سۈرئەت بەك
ئاستا. ئاجراشقان ئەرلەردىن توي قىلمىغان قىزلار بىلەن تۇرمۇش قۇرىدىغانلارنىڭ سانىمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدىغان ۋە ئوغۇللارنىڭ ئاز تۇغۇلۇش، كۆپ ئۆلۈپ كىتىش دىگەندەك سەۋەپلەرمۇ بولغاچقا تەڭپۇڭلۇق كۆرسەتكۈچىدە ئاپتۇماتىك قىزىل رەقەم كۆرۈنۈپ ئادەمنى چۆچۈتمەكتە. ‹‹بالىسى بار، ئەردىن چىققان››دىگەندەك مەنتىقىسىز كۆز-قاراشلار تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئاچا-سىڭىللىرىمىز قايتا تۇرمۇشقا چىقىشتا تۇسالغۇغا ئۇچراپ پۇشايمان، خىجالەت، ئامالسىزلىق، ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
سانسىزلىغان كۆڭلى سۇنۇق سەبى بالىلار بەزەن ئۇ بۇلۇڭدا، بەزەن بۇ پۇشقاقتا پاناھلىنىپ، قېقىلىپ، سوقۇلۇپ. كىمدىن ئاغرىنىشنى، كىمگە دەرت تۈكۈشنى بىلەلمەي. تېڭىرقاش، چۈشكۈنلۈك، ئىچىدە ياشىماقتا.
ئاجراشقاندىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەر قايتا تۇرمۇش قۇرۇشتىن قاچىدىغان، بۇنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ياشلار تۇرمۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالماقتا. كېچىكىپ توي قىلىش، ئەركىن مۇھەببەت دىگەندەك ياۋرۇپالىقلارنىڭ مەينەت كىسەللىرىنى يۇقتۇرىۋېلىپ. دىنىمىزدا ئېغىر گۇناھ، مىللىتمىز ئارىسىدا شەرمەندىچىلىك، قانۇندا جىنايەت دەپ ھىساپلىنىدىغان ھەر تۈرلۈك ناچار قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ جەمىيىتىمىزنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتمەكتە.
بۇ قورقۇنۇچلۇق ھادىسە ئالدىمىزغا تۆۋەندىكىدەك سۇئاللارنى تاشلاپ ئىزدىنىشمىزنى كۈتمەكتە!
-- قانداق قىلغاندا ئاجرىشىشنىڭ نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولۇدۇ؟
--قانداق قىلغاندا ئاياللار ئەرلەرنى كەلتۈرۈپ قۇيۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇدۇ ؟
--قانداق قىلغاندا شۇ تىنەپ يۈرگەن بالىلارنى ئىسسىق ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگىلى بولۇدۇ؟
--قانداق قىلغاندا جەمىيىتىمىزنى بۇزۇلىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولۇدۇ؟
|
|