- تىزىملاتقان
- 2015-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1064
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
6.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 970223 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-27 16:41
قەشقەردە نۇرغۇن تۇرمۇشتا ئاجىز قىرىنداشلىرىمنى كۆردۇم ، يىڭى بازاردا بىر بوۋام سۇپەت كىشىنىڭ قىلىن ئاق جىلتكىگە يەڭنى ياماپ قويغان بىر چاپاننى كىيىپ ئولتۇرۇپ بىردىن بىر پۇلغا يارىغۇدەك نەچچە توخۇلىرىنى ساتقىنى ئەكەلگىنىنى كۆرۇپ ئىچىم ھەقىقەتەن سىيرىلدى، كىچىلىك بازار ، تاختا كۆۋرۈك ئەتراپىدا بىردىن بىر تىرىكچىلىك قۇرالى بولغان ئۇچ چاقلىق ھارۋىلىرىنى ئالامماي چارىسىز قالغان قىرىنداشلىرىمنى كۆرۇپ ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىدى .،خىلى ياشقا بىرىپ قالسىمۇ جۇمە يەكشەنبە بازارلاردا چىلانلىرىنى ، زاغرىلىرىنى سىتىش ئۈچۈن سوغۇقتا مەزمۇت تۇرغان بۇۋا مومىلىرىمنى كۆرۈپ ئىچىم ھەقىقەتەن ..ئاچچىق بولدى.... قەھرىتاندا خۇددى قۇياشنى ئىتەك بىلەن توسقىلى ، ياپقىلى بولمىغاندەك ، يوقسۇللۇقنىمۇ ياپقىلى بولمايدىكەن. ئىچىمدە ئۇيغۇر يوقسۇل قىرىنداشلىرىمىز ئەسلى قىشتا بىلىنىدىكەن دەپ ئويلىدىم دە ، بۇ ئويۇمنى ئانامغا ئىيتسام ئانام يوقسۇللۇق دىگەن ھەر ۋاقىت ھەر جايدا بىلىنىدۇ دىدى.
ئاللاھ ھەق تائاللا بايلارنى ياراتتى ، كەمبەغەل ئاجىز يوقسۇلنى ياراتتى ، بايلارنىڭ بايلىقىدا يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى قىلدى ، زاكات مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى باي كەمبەغەللىك پەرقىنى ئوڭشايدىغان قۇرال ئىدى ، ھەزىرتى ئەلى قەيەردە كەمبەغەل يوقسۇل كىشىلەرنى كۆرسەڭ ، شۇ يەرنىڭ بايلىرى ، تورمۇشى ياخشى كىشىلەرنىڭ زاكاتنى بەرمىگەنلىكىنى بىلسەڭ بولىدۇ دىگەنىكەن ، مۇسۇلمانلار ھەم قۇرئان كەرىمدە قايتا قايتا تىلغا ئىلىنغان مال مۆلكىنى ئاللاھ رىزاسىنى ئىزدەپ سەرپ قىلىش دىگەن ئايىتىنى بەجانىدىل ئىجرا قىلمايدىكەن ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا پاراۋانلىق مەڭگۇ ھەم مەڭگۇ روياپقا چىقمايدۇ،.ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش مۇئمىن مۇئمىنگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن بىنانىڭ قىشلىرىغا ئوخشايدۇ ، ئۇلار بىر بىرىنى چىڭداپ مۇستەھكەملەپ تۇرىدۇ ، مۇسۇلمانلار ھەقىقەتەن بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ ، بىر ئەزا ئاغرىسا قالغان ئەزالارمۇ بىئارامسىزلىنىدۇ ، بۇ يەردە شۇنداق بىر قانۇنىيەت تەكىتلىنىدۇكى بىر مۇسۇلمان ئاچ قالسا يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ ئىغىزىدىن ھەرگىز غىزا ئۆتمەيدۇ ، بىر مۇسۇلماننىڭ قىشتا كىيىدىغان قىلىن كىيىنى بولمىسا يەنە بىر مۇسۇلمان كۆندە بىردىن كىيىم ئالماشتۇرۇپ يۇرمەيدۇ ، ناۋادا ئۇ بىر قىرىندىشىنىڭ يوقسۇل ھالىتىنى كۆرۇپ تۇرۇپ ھىچقانداق ھىسداشلىق ، شۇنىڭغا شاپائەت قىلىش ياخشىلىق قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولمايدىكەن ، ئۇ ھەقىقەتەن بىنانىڭ قىشى ،بولالمايدۇ، نەبىگە ئۇممەت ھەم بولالمايدۇ. شۇنداقلا بىز ھەرگىزمۇ ئۆز خوشنىمىزنىڭ ، ئۆز مەھەللىمىزدىكى بىر تونۇشىمىزنى يوقسۇللۇق ، خىراجەتسىزلىك سەۋەبلىك شىرىن چۇشتە كۆرىشىمىز قاملاشمايدۇ ، بۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش بىزدىكى باشتارتىپ بولالمايدىغان موسۇلمانچىلىق، ھەممىنى قولى ئوچۇق كارخانىچى قىرىنداشلىرىمىزغا ئىتتىرىپ قويىۋەرسەك بۇمۇ قاملاشماس.
ھەقىقەتەن يوقسۇلغا بەرگىدەك ئىشىنغان خىراجىتىمىز بولمىسا چىرايلىق كۆلۈمسىرەش ، ۋە ياكى بىر ياخشى سۆزمۇ ئۇنىڭغا قىلغان ياردىمىمىز بولىدۇ ، رەسۇلىمىز مۇئممىنگە چىرايلىق كۆلۈمسىرەشمۇ سەدىقە ئورنىدا دىگەن ، قىلغان ياخشى سۆزلىرىڭلارمۇ سەدىقە دىگەن ، ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز بۇغداي نىنىڭ بولمىسا ، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى دىگەن ئەمەسمىدى، بەلكىم بىزنىڭ قىلغان ئازغىنە ياردىمىمىز بىلەن بىر يوقسۇل نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقى مومكىن ، يەنى ھىچ تىلغا ئالغىدەك ئىش قىلمىغان بولىشىمىز مومكىن لىكىن بىزنىڭ ئىرىشىدىغىنىمىز ئاشۇ يوقسۇلنىڭ خەيىرلىك دۇئاسى، ئاللاھنىڭ سىلە رەھىمنى ئۆزۈپ قويماڭلار ، بىر بىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار ، شاپائەت قىلىڭلار دىگەن چاقىرقىغا ئاۋاز قوشۇپ رەببىمىز بىرىدىغان ئەجىر ، رەسۇلۇلاھنىڭ بىر مۇسۇلماننىڭ ئىغىرچىلىقىنى كۆتۈرۋەتكەن كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا ئىنسان ئىنسانغا ياردەم قىلالمايدىغان كۆندە بىر ئىغىرچىلىقىنى كۆتۇرۋىتىدۇ دىگەن ھەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئىگە بولىدىغان كاتتا ساۋاپ ئەمەسمۇ؟ بەلكىم ھەر بىرىمىزنىڭ قىلغان زەررىچە ياخشىلىقىمىزغا ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن بەرىكىتىنى چۇشۇرسە ، بىر ئۈزۈمنى قىرىق ئادەم يىگەندەك ، ئاشۇ ئۇيغۇر يوقسۇل قىرىندىشىمىز يوقسۇللۇقنىڭ تۆمۇر كىشىنىنى سىلكىنىپ چېقىپ تاشلىسا بۇ ئالەمچە خۇشاللىق ئەمەسمۇ؟ ياخشىلىق چوڭ كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ ، ھەممىمىز قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىپ ئەتراپىمىزدىكى ، مەھەللىمىزدىكى ، ئارقىدىن جەمئىيىتىمىزدىكى يوقسۇل قىرىنداشلارنى ئاشۇ زىيادە نامراتلىق كۆچىسىغا كىرىپ قىلىشىدىن ساقلايلى، ھەمدە ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى ، ئۆز قىرىندىشىمىزدىن، ئاللاھنىڭ ئاجىز يوقسۇل بەندىسىدىن ياردەمنى ئايىغىنىمىز ،ئاللاھنىڭ بىزدىن ياردەمنى ئايىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالمىسۇن، رەسۇلىمىز ئاخىرەتتە ھەم قولىمىزدىن تۇتۇپ تارتىپ چىقىرىشنى خالىماي قالمىسۇن.
|
|